- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 88
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2876
- تىزىملاتقان
- 2008-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-11
- UID
- 6
- يازما
- 88
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2876
- تىزىملاتقان
- 2008-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-11
- توردا
- 21 سائەت
|
ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ستۇدېنتلار مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلار يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى مۇشۇ داۋالغۇش مەزگىلىدىن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا پسىخىك ساغلاملىق جەھەتتە مەسلىھەت بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى ۋاڭ جيەن مۇنداق تەكلىپ بەردى:
بىرىنچىدىن، ستۇدېنتلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن خوشلىشىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىدۇ، بۇ جەرياندا دىلىغۇللۇقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق دىلىغۇللۇقتىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلىگەندە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بىر قارارغا كېلەلەيدۇ. ستۇدېنتلار مەكتەپ پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن يېقىنلىرىغا دەردىنى تۆكۈش ياكى خالىي جايغا بېرىپ يىغلىۋېلىشمۇ ئىچ – قارنىنى بوشۇتۇۋېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل.
ئىككىنچىدىن، يېقىنلىرىغا خوش دەپ قويۇش، پۇرسەت تېپىپ ساۋاقداشلار بىلەن يىغىلىش قىلىش، مەكتەپنىڭ ھەممە جايلىرىنى يالغۇز ئايلىنىش.
ئۈچىنچىدىن، بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش، كۆڭلى خالايدىغان، دائىم ئارام ئالىدىغان جايلارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش، سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىش، ئارخىپ شەكلىدە خاتىرە قالدۇرۇش، بىر نەچچە يوپۇرماق، كىتاب، ساۋاقداشلار بېغىشلىمىسى، ئۆزلىرى چىقارغان ژۇرنال، چاچ قىسقۇچ، سومكا قاتارلىق نەرسىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا مەكتەپنى بىللە ئېلىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كەتكىلى بولىدۇ. |
|