كۆرۈش: 5871|ئىنكاس: 15

بۇ ھېكايە ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3605
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
459
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 16:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەڭ ئاخىرقى دەرس

دائۇدېت (فرانسىيە)

بۇ ھېكايە 1873 - يىلى يېزىلغان. 1871 - يىلى پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. پرۇسىيە قوشۇنلىرى فرانسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئىلزاس، لوتارىنگىيە قاتارلىق فرانسىيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. فرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېت (1840 _ 1897) بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەم بۇ ھېكايىنى يازغان. ھېكايىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىلزاس رايونىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە فرانسۇز تىلى ئوقۇتۇشنى چەكلەپ ، نېمىس تىلىنى ئوقۇتۇشىنى جاكارلىغانلىقى تېما قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى ئوقۇتۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، فرانسىيە خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، باسقۇنچىلارغا بولغان نەپرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
...............................................................................................
ئاشۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەكتەپكە ناھايىتى كېچىكىپ باردىم، كۆڭلۈمدە خەنمەير ئەپەندى تىللايدىغان بولدى، دەپ ناھايىتى قورقتۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىزدىن پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، لېكىن مەن ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيتتىم. شۇڭا مەكتەپكە بارماي، دالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەيچۇ، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
ھاۋا شۇ قەدەر ئىللىق، شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدى!بۇلبۇللار ئورمان چېتىدە يېقىملىق، چاك- چاك سايرايتتى؛ تاختاي تىلىش زاۋۇتىنىڭ كەينىدىكى چىملىقتا پرۇسىيە ئەسكەرلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرىلەر پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا خېلىلا قىزىقارلىق ئىدى؛ لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇپ، شۇ ھامان مەكتەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
بازار مەھكىمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئېلان تاختىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت، سېلىنغان ئالۋان- ھاشارلار، قوماندانلىق شتابىنىڭ ھەر خىل بۇيرۇقلىرى قاتارلىق يامان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردىن تارقىلاتتى. مەن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: «يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ئويلىدىم.
تۆمۈرچى خۇاشىتمۇ شاگىرتى بىلەن بىللە كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئېلاننى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ مەيداندا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا ۋارقىرىدى:
 ئۇنچىۋالا تېز يۈگۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق ئوغلۇم، سەن مەكتەپكە بەرىبىر ھامان ناھايىتى بالدۇر بارىسەن!
مەن، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ھاسىرىغىنىمچە يۈگۈرۈپ خەنمەير ئەپەندىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدىم.
ئادەتتىكى كۈنلەردە، مەكتەپتە دەرس باشلاش ۋاقتىدا ھامان بىر پەس ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولاتتى، بۇ كوچىغىمۇ ئاڭلىناتتى. پارتىنى ئاچقان ۋە ياپقان ئاۋازلار، ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ۋارقىراپ دەرس يادلاشلىرى... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنىڭ قولىغا تۆمۈر پالاقنى ئېلىپ، پارتىغا تاقىلدىتىپ ئۇرۇپ: «تىنچ ئولتۇرۇڭلار، پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇڭلار...» دەپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
مەن ئاشۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىمغا غىپپىدە ئۆتۈۋالارمەن، دەپ خىيال قىلغانىدىم؛ لېكىن ئاشۇ كۈنى ھەممە يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكىدەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. مەن ئوچۇق دېرىزىدىن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم؛ خەنمەير ئەپەندى بولسا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، قولتۇقىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھېلىقى تۆمۈر پالاق بار ئىدى. مەن نائىلاج ئىشىكنى ئېچىپ، ھەممەيلەننىڭ كۆزىچىلا جىمجىتلىققا چۆككەن سىنىپقا كىردىم. سىلەر شۇ چاغدا مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك دۈپۈلدەپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار مۇمكىن!
لېكىن ھېچقانداق ئىش بولمىدى. خەنمەير ئەپەندى مېنى كۆرۈپ، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
 تېز جايىڭغا ئولتۇر شاكىچىك فرانس، دەرسنى باشلايمىز، سېنى كۈتمىدۇق،- دېدى.
مەن ئورۇندۇقنى ئاتلاپلا جايىمغا ئولتۇردۇم. يۈرىكىم بىرئاز جايىغا چۈشۈپ تىنچلانغاندىن كېيىنلا، مۇئەللىمىمىزنىڭ بۈگۈن ھېلىقى ناھايىتى چىرايلىق بايراملىق مايسىرەڭ كىيىمىنى كىيىپ، بوينىغا گىرۋەك چىقىرىلغان گالستۇك تاقاپ، بېشىغا چۆرىسى كەشتىلەنگەن كىچىككىنە قارا يىپەك شىلەپە كىيىۋالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ بۇ كىيىملىرىنى مۇپەتتىش مەكتەپكە كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەن ياكى مۇكاپات تارقاتقان كۈنلەردىلا كىيەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن پۈتكۈل سىنىپنى ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ جىددىيلىك قاپلىغانىدى. مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، ئارقا تەرەپتىكى ھامان بوش تۇرىدىغان بىر نەچچە قاتار ئورۇندۇقلاردا بازاردىكى بىر مۇنچە ئادەملەر ئولتۇراتتى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش سۈكۈتكە چۆككەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ قىرلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان خاۋسۇ بوۋاي، ئىلگىرىكى بازار باشلىقى، ئىلگىرىكى پوچتىكەش يەنە بەزى باشقا ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن غەم – قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. خاۋسۇ بوۋاي بولسا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر ئوقۇش كىتابىنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇ كىتابنى ئېچىپ تىزىغا قويۇۋالغان، كىتابنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ چوڭ كۆزەينىكى توغرىسىغا ياتاتتى.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغىنىمدا خەنمەير ئەپەندى ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، بايا ماڭا سۆزلىگەندىكىدەك، مۇلايىملىق ۋە جىددىيلىك بىلەن بىزگە سۆزلەشكە باشلىدى:
 بالىلىرىم، بۇ سىلەرگە ئۆتۈۋاتقان ئاخىرقى دەرسىم. بېرلىندىن ئىلزاس ۋە لوتارنگىيىدىكى مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ئۆتۈشكىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. يېڭى ئوقۇتقۇچى ئەتە يېتىپ كېلىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىنى ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ئاھ، ھېلىقى ئەبلەخلەرنىڭ بازا مەھكىمىسىنىڭ ئېلان تاختىسىغا چاپلىغىنى مۇشۇ گەپ ئىكەن- دە!
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن! ئەمدى مېنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن- دە! بۇنىڭغا بوپتىلا دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بۇرۇن ئوبدان ئۆگەنمەي، دەرستىن قېچىپ قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن، سائار دەرياسىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەنىدىم... مۇشۇلارنى ئەسلەپ، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! مەن تېخى ھېلىلا گرامماتىكا، تارىخ قاتارلىق دەرسلىكلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىزار بولغانىدىم. ئەمدىلىكتە، بۇلار خۇددى قەدىناس دوستلىرىمدەك بۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، خەنمەير ئەپەندىگىمۇ شۇنداق. ئۇ كېتىدىغان بولدى، ئۇنى يەنە قايتا كۆرەلمەيمەن! مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جازالىرىنى، پالاقتا يېگەن تاياقلىرىمنى ئۇنتۇدۇم.
بىچارە  بايقۇش!
ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى دەرسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بايراملىق چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپتىكەن! بازاردىكى بوۋايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سىنىپقا كېلىپ ئولتۇرغانلىقىنى مانا ئەمدى چۈشەندىم. بۇ ماڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپكە پات - پات كېلىپ تۇرمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندەك بولدى. ئۇلار گويا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مۇئەللىمىمىزنىڭ سەمىمىي - ساداقەتلىك بىلەن 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىۋاتقاندەك، قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان زېمىنىمىزغا بولغان ئىززەت- ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى.
مۇشۇلار خىيالىمدىن كېچىۋاتقاندا بىردىنلا مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ قالدى. يادلاش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى. ئاھ خۇدا، ئەگەر قىيىنلىقتا داڭق چىقارغان پېئىلنىڭ تۈرلىنىشىنىڭ قوللىنىلىشىنى جاراڭلىق، ئېنىق ۋە قىلچە توغرىسىز ھالدا باشتىن - ئاخىر ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولسام، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر قانداق نەرسىنى قۇربان بېرەتتىم، لېكىن باشتىلا بىر نەچچە سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ گاڭگىراپ قالدىم، مەن نائىلاج ئۇياقتىن - بۇياققا ئىرغاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇپ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمىدىم. خەنمەير ئەپەندىنىڭ ماڭا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:
 مەن سېنىمۇ ئەيىبلىمەيمەن، شاكىچىك فرانس، ئۆزۈڭمىغۇ خېلىلا بىئارام بولۇۋاتىسەن، شۇمۇ كۇپايە. ھەممەيلەن ھەر كۈنى: «ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگەنسەممۇ كەچ ئەمەس» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمدى نەتىجىمىزگە قاراپ باقايلىچۇ. ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى. ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: «قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل-  يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر! ...» دېسە، ھەقلىق. بىراق، بىچارە شاكىچىك فرانىس، بۇ سېنىڭلا سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بىز ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلىرىمىز بار.
 سىلەرنىڭ ئاتا - ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابىڭلارنى تاشلاپ، ئېتىزغا، ئېگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات - پاتلا دەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغىرىشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟...
ئارقىدىن، خەنمەير ئەپەندى ئۇ ئىش - بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، فرانسۇز تىلى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل؛ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېيتتى: بىز ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ، كىتابىنى ئېچىپ گرامماتىكىنى ئۆتتى. ئاجايىپ ئىش، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرى ناھايىتى ئاسان، بەكمۇ ئاساندەك تۇيۇلدى. مەن ئۆزۈمنى دەرسنى ھېچقاچان مۇنچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىغاندەك، ئۇمۇ ھېچقاچان مۇنچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمىگەندەك ھېس قىلدىم. بۇ بىچارە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىزگە ئۆگىتىپ قويغۇسى، مېڭىمىزگە بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى كېلەتتى.
گرامماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە خەت يېزىش مەشىقى دەرسىمۇ ئۆتۈلدى، شۇ كۈنى، خەنمەير ئەپەندى بىزگە يېڭى خۇش خەت ئۈلگىسى تارقىتىپ بەردى، ئۈلگىدە «فرانسىيە»، «ئىلزاس» دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خەتلەر بار ئىدى. بۇ خەت ئۈلگىلىرى پارتىمىزنىڭ تۆمۈر دەستىسىگە ئېسىلغان بولۇپ، خۇددى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىچىك بايراقلىرى سىنىپتا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممەيلەن شۇنچىلىك دىققەت بىلەن بېرىلىپ خەت مەشىقى قىلاتتى، سىنىپ ئاجايىپ جىمجىتلىققا چۆككەن! قەلەمنىڭ قەغەز ئۈستىدە شىتىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئالتۇن قوڭغۇزلار ئۇچۇپ كىرسىمۇ، ئۇلارغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى، ئەڭ كىچىك بالىلارمۇ دىققىتىنى بۇزمايتتى، ئۇلار تاياق سىزىقلارنىمۇ خۇددى بۇلار فرانسۇز خېتى ھېسابلىنىدىغاندەك ئىخلاس بىلەن زېھىن قويۇپ سىزاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەر گۇ - گۇلاپ پەس ئاۋازدا سايرايتتى. «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
مەن ھەر قېتىم بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا، خەنمەير ئەپەندىنىڭ ھامان ئورۇندۇقتا قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، بۇ كىچىككىنە سىنىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆزى قىيماي، ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈسى كېلىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىغا كۆزۈم چۈشەتتى. 40 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مەشەدە ياشىدى، دېرىزە سىرتىدا ئۇنىڭ كىچىككىنە ھويلىسى، كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئۇزۇن يىللار ئىشلىتىلگەن پارتا - ئورۇندۇقلار سۈركىلىپ پارقىراپ ۋە ئۇپراپ كەتكەن؛ ھويلىدىكى ياڭاق دەرىخى ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن پېچەك گۈلى بۈگۈنكى كۈندە دېرىزىنى ئايلىنىپ ئۆگزىگىچە ياماشقانىدى. بىچارە ئادەم مانا مۇشۇلارنى ئويلىغاندا، ئەمدى مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا قانداقمۇ ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈك - تاقىلارنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى! ئۇلار ئەتە بۇ يەردىن مەڭگۈگە ئايرىلاتتى.
لېكىن، ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرسلەرنى ئاخىرىغىچە ئۆتۈپ بولۇشقا چىدايدىغان غەيرىتى بار ئىدى. خەت مەشىقى دەرسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر سائەت تارىخ ئۆتتى. ئارقىدىن باشلانغۇچ سىنىپلارغا «با، بې، بى، بو، بۇ» بوغۇملىرىنى قوشۇپ ئوقۇشنىمۇ ئۆگەتتى. سىنىپنىڭ ئارقا قاتارىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان خاۋسۇ بوۋاي كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئىككى قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش كىتابىنى تۇتۇپ، بۇ ھەرپلەرنى ئۇلارغا ئەگىشىپ قوشۇپ ئوقۇيتتى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقتىن ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقاتتى. ئۇنىڭ غەلىتە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھەم كۈلگىمىز كېلەتتى، ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. ئاھ! بۇ ئاخىرقى دەرسنى مەن ھەقىقەتەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن!
بىردىنلا چېركاۋنىڭ سائىتى 12 قېتىم سوقتى، ئىبادەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ جاراڭلىدى. تاشقىرىدىن پىرۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى  ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەنىدى. خەنمەير ئەپەندى ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، ئۇ ماڭا ھېچقاچان مۇنداق بەستلىك- گىگانت كۆرۈنمىگەنىدى.
 مېنىڭ دوستلىرىم،- دېدى ئۇ،- مەن... مەن... ، - لېكىن ئۇ دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قارا تاختىغا قاراپ، قولىغا بور ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ - چوڭ قىلىپ:
 ياشىسۇن فرانسىيە!  دېگەن خەتلەرنى يازدى.شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېشىنى تامغا يۆلەپ، شۇ جايىدا تۇرۇپ قالدى، لام - جىم دېمەي، بىزگە قول ئىشارىسىلا قىلدى:
 دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار!
«چوغدىل»دىن

بۇ ھېكايىگە يېزىلغان ئوبزۇر


ئۆلمەس ئوبراز، مەڭگۈلۈك ناخشا
(«ئەڭ ئاخىرقى دەرس» تىكى خەنمەيرئەپەندى ئوبرازى ھەققىدە)

مەمتىلى ھېلىم

كىشى قەلبىدە ئۆلمەس بىر ئوبرازنى تۇرغۇزۇپ، بىر ئەبەدىيلىك ناخشىسىنى ياڭرىتىپ تۇرىدىغان، ھەزم قىلغانسېرى تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدىغان ھېكايە - «ئەڭ ئاخىرقى دەرس»(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە)تىكى خەنمەير ئەپەندى ئوبرازى بەكمۇ سۆيۈملۈك ئوبراز بولۇپ، ئۇنىڭ روھىنىڭ شۇنچە جەلبكار بولۇشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس، ئۇنىڭدىكى يىمىرىلمەس روھ بوغۇلۇۋاتقان ئەركىنلىكى ئىچىدىن بىخلىنىپ چىققان، ئۇ شىددەتلىك قاينام ئېغىزىدىن پىداكارانە ئۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئېتىقاد مارشىنى ياڭراتقان ئۇلۇغۋار ئوبرازدۇر. چۈنكى، بەخت دېمەك -ئېتىقاد كۆرىشى دېمەكتۇر.
1781 -يىلى پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، پرۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى تىنچ -خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان فرانسىيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. ئىشغالىيەت قارا تۇمانلىرى يېيىلىپ، سوغۇق جۇت يېغىپ تۇرغان ئىلزاس رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە فرانسۇز تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ چەكلىنىپ، نېمىس تىلىنى ئوقۇتۇشنىڭ جاكارلانغانلىقى ئانا تىل ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىنى ھازىرلىغان خەنمەير ئەپەندى ۋۇجۇدىدا زېمىنغا، ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببەتنى تېخىمۇ باراقسانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ روھىدا پەيدىنپەي يۈكسىلىپ بېرىۋاتقان «ئانا تىل»«ۋەتەن»ئۇقۇملىرى ئىشغالىيەتچىلەر دەستىدىن دەپسەندە بولۇۋاتقاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ بۈيۈك نەرسىلىرى ئۈچۈن خۇددى ئوتتا پۇچىلانغاندەك بولىدۇ.
ۋەتىنى ئىچىدە ۋەتەنسىزلىك ئازابىنى چېكىپ، ئانا تىل ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان خەنمەير ئەپەندى«ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ئارقىلىق ئانا تىل، ۋەتەن ئەركىنلىكىنى ھارماي كۈيلەش روھىنى تەنتەنىلىك نامايىش قىلىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ئېتىقادى بىلەن«يوقالماس فرانسىيە»نىڭ گىگانت ئوبرازىنى تىكلەپ، تاجاۋۇزچىلارغا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن نەپرەت بىلدۈرىدۇ. فرانسىيە بىلەن خەنمەير ئەپەندى بىر − بىرىگە سىڭىشىپ، ئۆلمەس ئوبرازنىڭ مەڭگۈلۈك ناخشىسىنى ياڭرىتىدۇ. ئۇنىڭ كۆرەشچان روھى، سۇنماس ئېتىقادى تاشقى قىياپىتىدىمۇ قۇياشتەك چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىۋېلىشلىرىمۇ بۇنىڭ دەلىلى، ئۆچمەس خاتىرىنىڭ (ئۆز روھىنىڭ) پارلاق نامايەندىسى!
قەتئىي روھ ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان خەنمەير ئەپەندى ھەر كىم ئۆز قەلبىدە ئانا تىلىنى مەھكەم ساقلىسىلا، ئۆزلىرىنى كۈچلۈك سانايدىغان مۇستەبىتچىلەر چاڭگىلىدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ، يورۇق بىر تاڭنىڭ سۈزۈلۈپ كېلىشىگە چەكسىز ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ:«دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ قۇل قىلىنغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى يادىدا چىڭ ساقلىسىلا، تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغاندەك بولىدۇ»دېگەن پەلسەپىۋى ھېكمىتىنى جاراڭلىتىدۇ. تىل-بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەنمەير ئەپەندى بۇ نۇقتىنى بەكمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن، شۇڭا ئۇ ئۆز قىسمىتىدىن چوڭقۇر ئازابلىنىدۇ.
ۋەتەنسىزلىك غېرىبچىلىقىغا، ئانا تىلىدىن ئايرىلىش ئازابىغا قايسىبىر بىر ئازاب دال بولالىسۇن؟!…
بىر مىللەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەتەن ئۇقۇمىنى ھازىرلاپ تۇرغان ئانا تىلىدىن ئايرىلىشى خەنمەير ئەپەندىنى: «فرانسۇز تىلى ھەممىدىن چۈشىنىشلىك، ھەممىدىن توغرا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق تىل»«ئۇنى قەلبىمىزدە ساقلىشىمىز، مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم»دەپ مەدھىيىلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. 
ۋەتەن ئوبرازىنى ئۆزىدە چاقنىتىۋاتقان خەنمەير ئەپەندى ئەڭ ئاخىرقى دەرس ئارقىلىق ئانا تىلىنىڭ ئۈزۈلمەس كۈيىنى، ۋەتەن ھۆرلىكىنى ئازاب قاينىمىدا تەنتەنىلىك نامايىش قىلىدۇ. ئۇ ئۆزلىرىگە دېۋەيلەپ كېلىۋاتقان قارا تەقدىردىن ئۆكۈنىدۇ، ياتلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشتىن ۋەھىمە يەيدۇ. «… ھەي، ئۆگىنىشنى ئەتىگە قالدۇرۇش-ئىلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى، ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە: ‹قانداق؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسۇز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل − يېزىقىنىمۇ ئۇقمايسىلەر›دېسە ھەقلىق» خەنمەير ئەپەندى شۇنداق دەپ، ئىلزاسلىقلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىگە ھەسرەتلىنىدۇ.
خەنمەير ئەپەندى باشقىلارنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىشقا دادىل: «سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار ئۆگىنىشىڭلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى كىتابلارنى تاشلاپ ئېتىزغا، ئىگىرىش فابرىكىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. مەنچۇ؟ مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جايلىرىم يوقمۇ؟ مەن سىلەرنى پات-پات دەرسىڭلارنى تاشلاپ گۈللىرىمنى سۇغۇرۇشقا سالمىدىممۇ؟ مەن بېلىق تۇتۇشقا چىققان چاغدا، سىلەرنى بىراقلا بىر كۈن قويۇۋەتمىدىممۇ؟»
بىر مىللەتنى ئۇلۇغلۇق كۆكىگە كۆتۈرۈۋاتقان، ئۆزىنى تونۇشقا يۈزلەندۈرۈۋاتقان خەنمەير ئەپەندى شۇ سۆزىنى ئېيتىپ، ھەسرەتلىك پۇشايماندا لېۋىنى چىشلەپ بەكمۇ ئازابلىنىدۇ.
ئىنسان زىددىيەت -توقۇنۇشلار تۇپرىقىدا ئۆزىنىڭ ئادەملىكى ياكى پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. پرۇسىيە ئەسكەرلىرى سىرتتا مەشىق قىلىۋاتقان، ئىلزاس ئىشغالىيەت ئاستىدا تىپىرلاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خەنمەير ئەپەندى ۋەتەن ئالدىدىكى ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نۇرانە ئوبراز بولۇپ چاقنايدۇ. بۇ خىل چاقناش نۇرلىرى قاينىمىدا خەنمەير ئەپەندى بارغانسېرى يۈكسىلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ھەسرىتى ئەڭ سۆيۈملۈك ھەسرەت! ئۇنىڭ ئازابى ئەڭ سۆيۈملۈك ئازاب!
ئۇ كەسكىن تىپىرلاشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە، «ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئايرىلىشتىن ئىلگىرى»بۇ يەردىكىلەرگە«ئۆگىتىپ قويغۇسى»، مېڭىسىگە«بىراقلا قۇيۇپ قويغۇسى»كېلەتتى. ئۇ يەنە ۋەتەنداشلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئىز قالدۇرۇش، شۇ خىل ئېتىقاد ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھىنى ھازىرلاش ئۈچۈن،«فرانسىيە»«ئىلزاس» دېگەن چىرايلىق دۈگىلەك شەكىللىك خۇشخەت ئۈلگىلىرىنى ئولتۇرغانلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ خەت ئۈلگىلىرى كىچىك بايراقلاردەك لەپىلدەپ، ئۆلمەس «فرانسىيە»نىڭ يارقىن ئوبرازىنى جەۋلان قىلدۇرىدۇ.
بىچارە خەنمەير ئەپەندى(ئوقۇغۇچىسى شاكىچىك فرانىسنىڭ نەزەرىدە شۇنداق)گە 40يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئىسسىق ماكاندىن ئايرىلىش ئېغىر كېلىدۇ. بۇ خىل ئېغىر جۇدالىققا سېلىۋاتقان كۈچ زادى قايسى؟…
چېركاۋ سائىتى 12 قېتىم سوقىدۇ. ئىبادەت ۋاقتىنىڭ قوڭغۇرىقىمۇ چېلىنىدۇ. تاشقىرىدىن پرۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كاناي ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ (ئۇلار مەشىقتىن چۈشكەن ئىدى) بۇ چاغدا خەنمەير ئەپەندىنىڭ چىرايى تاتىرىپ، دېمى سىقىلىپ سۆزلىيەلمەي قالىدۇ. ئېچىنىشلىق تراگېدىيە بارغانچە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى، زېمىن يېرىلاتتى، ئاسماندىن مۆلدۈر يېغىپ، فرانسىيىنى دەھشەتلىك جۇدۇن − چاپقۇنلار باساتتى. خەنمەير ئەپەندى ئاچچىق يۈتكەن ھالدا دوسكىغا:«ياشىسۇن فرانسىيە!»دېگەن خەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چوڭ-چوڭ قىلىپ يازىدۇ-دە، ئىچ-ئىچىدىن قايناۋاتقان، ئۆزىنى ھالسىرىتىۋاتقان ئانا تىل، ۋەتەن قايغۇسى ئىچىدە، ئۆز ۋەتەنداشلىرىغا قىيمىغان، ئۇلارنىڭ مىسكىن چىرايلىرىنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا لام − جىم دېمەي قول ئىشارىتى قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ:«دەرس تۈگىدى، سىلەر قايتىڭلار»دېگىنى ئىدى.(دەرسلىكتە بۇ يەر خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان)
چەكسىز ئازابلارغا ئەسىر بولۇپ، ۋەتەن ئوتىدا كۆيۈۋاتقان خەنمەير ئەپەندى شاكىچىك فرانسنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ. ۋەتەننى، ئانا تىلىنى تەنتەنىلىك نامايىش قىلىپ، كۆرەش مارشىنى جۇدالىق ئىچىدە ياڭرىتىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى دەش ئۇنى ئۆزىنى تونۇشقا يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب -يەنىلا خەنمەير ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغۋار ئوبرازىدۇر. شۇ خىل ئۆچمەس ئوبراز، ئۈزۈلمەس ۋەتەن كۈيى شاكىچىك فرانىسنىڭ بۇرۇقتۇم قەلبى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ ئەقىدە تۇپرىقىدا ئېتىقاد ئابىدىسىنى تىكلەيدۇ. شاكىچىك فرانىس ئۆزگىچە روھتا خەنمەير ئەپەندىگە چوڭقۇر ھۆرمەتتە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ يەنە: «ئۇلار بۇ كەپتەرلەرنىمۇ نېمىس تىلىدا سايراشقا مەجبۇرلىماس»دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويغىنىش روھى ۋە تاجاۋۇزچىلارغا بولغان چوڭقۇر نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
دېمەك، خەنمەير ئەپەندى پۈتكۈل فرانسىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنگە، ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى!
ھېكايىدە خەنمەير ئەپەندىنىڭ بۇ خىل ئوبرازى تراگېدىيە بىلەن باشلىنىپ، يەنە تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان سىمفونىيىدەك، چېقىلىش -تەنتەنە -يەنە چېقىلىش ئىچىدە يارىتىلغان. فرانسىيە دېمەك، خەنمەير ئەپەندى دېمەكتۇر. فرانسىيىنىڭ ئازابى- خەنمەير ئەپەندىنىڭ ئازابىدۇر. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى دەرس ئارقىلىق ئۆلمەس فرانسىيىنىڭ ئۈزۈلمەس ئەركىنلىك ناخشىسىنى ياڭراتتى.
(« شىنجاڭ مائارىپى »2000-يىلى 11-ساندىن ئېلىندى )


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

نىمىشقا بار كۈچى

UID
3441
يازما
107
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3637
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 13:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىسمىدە بار ... بۇ ھېكايىنى ئوقۇغانلا ئادەم ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ ...

ئۈمىدلىك ئەزا

يا باھار كەل يا&am

UID
3446
يازما
24
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
250
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 14:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەت مانا بۈگۈن موزاينىڭ بېشىدا چۆگىلەپ يۈرىدۇ.
بۇ ھىكايىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن .سۈكۈت ئىچىدىكى ئېغىر تىنىقلىرىمىز بۇ ھىكايىنى، تېخىمۇ كۆپ ھىكايىلەرنى توختىماي سۆزلەيدۇ .

ئۆزەڭنى بىل ، ئۆزگىنى چۈشەن !

UID
3348
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 15:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە بىزنىڭ بۇ قىتىملىق ئمتىھانغىمۇ چىقىپتىكەن..

ئاجايىپ بۇ جاھاننىڭ ئىشى، خاتىرجەم ئەمەستۇر كىشىدىن كىشى.

UID
2484
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
690
تىزىملاتقان
2010-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 16:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ....بۇ بىزنىڭ ئەدەبىيات دەرىسىمىزدە بار.....

UID
3439
يازما
150
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1670
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 21:24:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكاينىڭ ئىدىيۋىلىكى ئىنتايىن كۇچلۇك.ئۆز ۋەتىنىگە. ئۆز يۇرتىغا. مىللىتىگە. ئانا تىلغا بولغان چەكسىز مۇھاببەت بار. دەرىسلىك  كىتابىدىكى ئەڭ ياخشى تېكىست ئەڭ ياخشى ھىكايە. بۇ ھىكايە دۇنياغا مەشھۇر.

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ بىر ياخشى ئىش!

UID
2449
يازما
59
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2230
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 00:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات دەرىسلىك كىتاپتا بار.

UID
3847
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2010-7-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەڭ ئاخىرقى بىرسائەتلىك دەرىس شۇمۇ!~!~~
مېنىڭمۇ ئېسىمدە بار!~!~

پەقەت سىز ئۈچۈن !~!~

UID
2301
يازما
71
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2412
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلاردىن سوراپ باقسام ، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ئۆتىلەمدۇ؟

قىلغان ياخشى ئىشىم كۆپمۇ يامان ئىشىممۇ؟

UID
3504
يازما
551
تېما
25
نادىر
0
جۇغلانما
18915
تىزىملاتقان
2010-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-29 11:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ئىسىڭىزدە بارمۇ؟

تۆۋە ،،،ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپلا دەرھال مۇشۇ ھېكايە ئېسىمگە كەلگەن ئىدى،،، تېمىنى ئېچىپ قارىسام دەل مۇشۇ ھېكايىكەن،  مېنىڭ بەكلا ئېسىمدە بۇ ھېكايە،  بىز ئوبدان ئوقۇپ ياخشى مۇلاھىزە يۇرگۈزىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى زادى....
   ئانا تىلىمدا دەرس ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمنى تولىمۇ سېغىنىمەن @!

ئۇيغۇرۇم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش