- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2010-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-7-31
- UID
- 3633
- يازما
- 17
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 240
- تىزىملاتقان
- 2010-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-7-31
- توردا
- 0 سائەت
|
بىر ساقچى ماشىنىنىڭ سۈرىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن بىر شوپۇرنى يولنىڭ چېتىدە توختىتىپ، توۋەندىكىدەك تەكشۈرۈش، سوراق ئېلىپ بېرىپتۇ. ساقچى؛ مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ مېنىڭ پىراۋام يوق، چۈنكى مەن 5- قېتىملىق ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە، پىراۋامنى ئەتكەس قىلىۋەتكەن.ساقچى؛ مەن ماشىنىڭىزنىڭ رەسمىيىتىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ بۇ مېنىڭ ماشنام ئەمەس، ئوغۇرلىغان ماشىنا.
ساقچى؛ ئوغۇرلاپ كېلىنگەن ماشىنا؟
شوپۇر؛ توغرا. مەن ئويلاپ باقاي.... ئېسىمگە كەلدى، ماشىنا ئىگىسىنىڭ رەسمىيىتنى.... ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقتا. مەن تاپانچىنى كىچىك ساندۇققا قويۇپ قويغىچە، ماشىنا رەسمىيىتىنى كورگەن.
ساقچى؛ ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقتا تاپانچا بارما؟
شوپۇر؛ شۇنداڭ ئەپەندىم. مەن بۇ ماشىنىنىڭ ئايال خوجايىنىنى ئۇلتۈرۈپ، ئۇنى ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىغا تىقىپ قويدۇم. تاپانچامنى ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇققا سېلىپ قويدۇم.
ساقچى؛ ماشىىنىنىڭ كەينى ساندۇقىدە بىر ئايال جەسەت باما؟ شوپۇر؛ شۇنداق ئەپەندىم. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساقچى، قاتتىق چوچۈپ كېتىپ، دەرھال ساقچى ئىدارىسىدىن ياردەم سوراپتۇ. ناھايىتى تېزلام، بىر توپ ساقچى ماشىنىنى قورشاۋغا ئاپتۇ. بىر ساقچى ئەمەلدارى شوپۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بۇ جىددى ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلماقچى بوپتۇ.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ ئەلۋەتتە بولىدۇ، مانا.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ماشىنا كىمنىڭ؟ شوپۇر؛ مېنىڭ، ساقچى ئەمەلدارى ئەپەندىم، مانا رەسمىيەت مېنىڭكى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقنى ئېچىپ باقامسىز ،مەن ئىچىدىكى تاپانچىنى كۆرۈپ باقاي؟ شوپۇر؛ كىچىك ساندۇقنى ئاچسام بولىدۇ، لېكىن ئىچىدە تاپانچا يوق، ساقچى ئەمەلدارى.
كىچىك ساندۇق ئېچىلدى، ئىچىدە راسلا تاپانچا يوق ئىدى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ مەن سىز نىڭ ماشىنىڭىزنىڭ كەينى ساندۇقىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى باركەن دەپ دىلو تاپشۇرۋالدىم، ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىنى ئېچىپ باقامسىز؟
شوپۇر؛ چاتاق يوق. ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقى ئېچىلدى، لېكىن جەسەت بايقالمىدى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ بۇ قانداق ئىش ھېچ چۈشنەلمىدىم. سىزنى تەكشۇرگەن ساقچى، سىزنىڭ پىراۋىڭىزنىڭ يوقلىقى، ماشىنىنى ئوغىرلىغانلىقىڭىز، كىچىك ساندۇقتا يەنە بىر تاپانچىنىڭ بارلىقىنى، ماشىنا كەينى ساندۇقىدا يەنە بىر ئايال جەسەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، بىزنىڭ ساقچى يالغان دىلو مەلۇم قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
شوپۇر؛ چوقۇم شۇنداق بولىشى مۈمكىن، ئۇ ساقچى تېخى مېنى سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىدىڭ دەپ يالغاندىن بەتنام چاپلاۋاتىدۇ.... |
|