- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 19
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19
- تىزىملاتقان
- 2013-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-28
- UID
- 53240
- يازما
- 19
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19
- تىزىملاتقان
- 2013-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-28
- توردا
- 8 سائەت
|
بىر كۈنى چۈشلۇك دەم ئېلشتىن پايدىلىنپ خەلىقئارا چوڭ بازاغا سىڭلىم بىلەن تاماق يىيىش ئۈچۈن كىتۋاتاتتىم،بىكەتتە ئادەم كۆپ ئىدى، 61-يول ئاپتۇبۇسنى 15مىنۇتىچە ساقلىغاندىن كىيىن ئاخىرى كەلدى،ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتقانلار گۇررىدە ئاپتۇبۇسقا ئۇلاشتى،بىر-بىرنى ئتتىرىپ دىگۇدەك ئاپتۇبۇسقا چىقشقا ئالدىرايتى، قارسام 50 ياشلاردىكى بىر پۇتى مىيىپ قۇلتۇق ھاسسى تۇتقان بىرئادەممۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىش ئۇچۇن تەمشلىۋاتاتتى ، ئۇنى باشقىلار كۆرمىگەن بولسا كىرەك ئۇنىڭ ئالدىدىكى 40 ياشلار ئەتراپدا ئىككى ئايال(خىلى مۇدا كىيىنگەن بۇلۇپ كادىر ئاياللاردەك قىلاتتى) ئالدى-كەينى بۇلۇپ بىر-بىرنى يۇلەپ دىگىدەك ئاپتۇبۇسقا چقىتى، ئۇنىڭىغىچە ئۇ مىيىپ كىشى بىر چەتكە چىقىپ قالدى، مەنمۇ كۆڭلۇمىدە ئالدىرغانلار ئاۋال چىقۋالسۇن دەپ چەتتە تۇرۇپ تۇردۇم ،چىقىدىغانلار بىردەمدە چىقىپ بولۇپ بىرنەچچە ئادەم قالغاندا ئاپتۇبۇسمۇ تۇشۇپ قالغاندەك قىلاتتى، لىكن شۇپۇر ئاپتۇبۇسقا چىققانلارنى ھە-دەپ ئىچىگە مىڭشقا بۇيريىتى،ئۇنىڭغىچە ھىلىقى ئادەممۇ تەسلىكتە ئاپتۇبۇسقا چىقتى،(مەن ئۇنىڭ ئاپتۇبۇسقا چىقىشىغا ياردەم بەردىم)، ئارقىدىن مەنمۇ چىقىپ كارتامىنى سۇركىدىم ،ئۇ كىشى يانچۇقىدىن پۇل ئالماقچى بۇلۇپ تەمشەلگەندە شۇپۇر قۇپاللىق بىلەن ئۇنىمۇ ئىچىگە مىڭىشقا بۇيرىدى(شۇپۇر ئۇيغۇر ئىدى)، مەن ئۇ كىشىنىڭ بىرەر ئۇرۇن تېىپپ ئۇلتۇرۇۋېلىشىنى ئۇمۇت قىلىپ ئەتراپىقا كۆز يۇگۇرۇتتۇم، لىكىن بىرەرى ئۇرۇن بىردىغاندەك ئەمەس ئىدى، مەنمۇ تەسلىكتە شۇپۇرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇرۇندۇقنىڭ تۇتقىچىنى تۇتۇپ تۇردۇم، بۇ ئۇرۇندا بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ ئولتۇرغان بىر خەنزۇ ئايال ئۇ كىشىگە بىرنەچچە قېتىم قارغاندىن كىيىن ماڭا ئۇ بۇيەردە ئولتۇرسۇن دىدى (ئۇ كىيىنىكى بىكەتتە چۇشمەكىچى ئىكەن)، مەن ئۇنىڭغا دەخمەت دىگەندىن كىيىن ئۇنى چاقىرىپ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ دىدىم، ئۇ تەبەسسۇم بىلەن كۇلۈمسىرەپ بۇ ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ،‹‹ئۇھ ››دەپ ئغىر بىر تىندى ، بىز بىر بىكەت ماڭغاندىن كىيىن ئۇ بىكەتتىنمۇ نۇرغۇن ئادەم چىقتى، مىنڭ ئالدىدا تۇرىۋىرشكە ئىمكانىيتىم قالمىدى،ئارقىغا قاراپ ماڭدىم ،ئارقا ئىشىك تەرەپتىن بىر تۇتۇشقا ئەپلىكرەك يەرنى تۇتۇپ تۇردۇم ،قارسام بايقى ئىككى ئايال بىر-بىرى بىلەن پاراڭلىشۋېىتىپتۇ،ئۇلارنىڭ پارڭى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى،ئۇلارنىڭ بىر دوستنىڭ تۇغۇت چىيىمۇ ياكى خەتنە توي چېيىمۇ ئشقىلىپ بىرداستىخان چايىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا بەك ئاددى چققانلىقىنى قاخشاپ دىيشىتى،ئۇ ئاياللاردىن بىرسى مەن داستىخان چىيدا شۇنداق جىق تەييارلىقلارنى قىلغان، يەنە تىخى ھەربىر مىھمانلارغا بىر جۇپتىن ياستۇق قېپى ئالغان، قىممتىدىن ئالغان تىخى 30 نەچچە كويىلاردىن ئالغانتىم، ئۇلار داستىخاننىمۇ بەكلا ئاددى قىلدى، شۇ بىر نەچچە خىل سەي قورۇپ،قورداق قىلىپ يەنە سىرتتىن داپەنجى ئەكىرىپلا قىلدى ، تىخى بىزگە 10 نەچچە كويلۇق تەلەڭڭە قۇيۇپ قۇيدى ،ئاچچىقىم كىلىپ 100كويلا قۇيۇپ قويدۇم، ئەسلى بىر گاڭسەرنى قۇشۇپ ئېلىپ بارغان ئۇنى قۇيمىدم، يەنە ئۇ(ئۆي ئىگىسىنى دىمەكچى) يېقىندا ئۆي كۆچىدىكەن،ئەسلى بۇ ئىجارە ئۆيگە چاقىرماي شۇ يېڭى ئۆيگىلا چاقىرايلى دەپتىكەن ، تۇنۇش-بىلشلەر ئۆزلىكىدىن يىغىلىپ بىرىپتۇق، شۇڭا مەنمۇ يېڭى ئۆيگە چاقىرسا يەنە بارارمەن دەپ پۇلنىلا قۇيۇپ قۇيدۇم دىدى، يەنە بىر ئايال سىنىڭكىگە نىمە ئاپرىپتىكەن دەپ سوردى، ئۇ مىنىڭكىگىمۇ يۇز يۇۋەن پۇل بىلەن يەنە بىر نىمە ئېىلىپ كەلگەنتى ، ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ دىدى، يەنە بىر ئايال بۇپتۇ،ئۇنىڭمۇ ئېىلىپ كەلگەىنى تايىنلىق ئىكەنغۇ دىدى، ئۇنىڭغىچە بىز بىر نەچچە بىكەت مېىڭىپمۇ بولدۇق ، ھەربىر بىكەتتە شوپۇر يۇلۇچىلارغا ۋارقىراپ ئارقىغا مىڭشقا بۇيرىيتى، كۆپچىلىكتە يەنە ئارقىغا مېڭىش ئىمانىيتى يۇق ئىدى،ئالدىمدىكى ئىككى ئايالنىڭمۇ گىپى ئۈزۇلۇپ، شۇپۇرغا قاغشاشقا ئۆتتى،پاتمىغاندىكىن ماڭسا بولمامدۇ، كەينىدىكى ئاپتۇبۇسمۇ كىلىپ بولغاندۇ بۇچاققا،ئادەمنى قستاپ دىيىشتى، باشقا يۇلۇچىلاردىنىمۇ مىدىرلىغىلى بۇلمدى ئۇستام ماڭمايلىمۇ دىگەنلەر بۇلدى، بىردەمدە ماشىنا قۇزغالدى بىر بىكەت ماڭا ماڭمايلا ماشىنا جىىدى تۇرمۇز بىلەن تۇختىدى، دىرىزىدىن قارسام بىز چىققان بۇ ئاپتۇبۇس قىزىل رەڭلىل بىر ماشىنا بىلەن سۇركۇلۇشۇپ تۇرۇپتۇ،شۇپۇر پەسكە چۇشۇپ ئككى ماشىنغا قاراپ بىردەم تۇردى. مەنمۇ ئىچىمدە خوپ بۇپتۇ ئادەمىنى قاچىلاۋەرگەندىن دەپ ئويلىدىم، شۇپۇر ئاپتۇبۇستىكىلەرنى ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ ئارقىدىكى ماشىنىغا چىقىشقا بۇيرىدى،بىز تىزلىكتە چۇشۇپ يەنە بىر61-يول ماشىنسغا چقتۇق ،بۇ ماشىندا بىرنەچچە يۇلۇچى بۇلغاچقا بۇ ئاپتۇبۇسقا ھەمىمىز قىسلىپ يەنە پھتىپ كەتتۇق،بىر نەچچە بىكەت مېڭىپ مەنمۇ مەنىزلگە يىتىپ كىلىپ ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ قالدىم.
مەنبە : مىھمان (ئۆزۇم)
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-31 16:19):
مەن يېڭى كىرگەن (مىھمان) ئىملارىمدا خاتالىق بۇلسا كەچۇرۇڭلار !
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-1 16:44):
tvmvr يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 10:40
ئاخىرى قانداق بولدى؟ چالا قالغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟
ئاخىرى : مەن ئۇ ئاياللارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھازىر ئۆزىمىزنىڭ بەك كاتتىلىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىدىم ، داستىخان دىگەننى قانداق سالسا رازى بولدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم ، يەنە باشقىلار بىزگە نىمە قىلسا شۇنى ياكى ئۇنڭىدىن ئاشۇرۇپ قىلشىمىز كىرەكمۇ ؟ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، لىكىن بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك ھەممە ئادەمىنڭ ئىقتىسادى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا باشقىلارنىمۇ تۇغىرا چۇشۇنىشىمىز كىرەكتە، بەلكىم ئۇلارنىڭ دوستىنىڭ ئىقتسادى يار بەرمىگەندۇ(ئۇلار يېقىندا يىڭى ئۆيگە كۆچىدىگەن‹مەنمۇ يېقىندا ئۆي كۆچگەن› ) ياكى ئۇ ئايالمۇ ئۆزنىڭ قىلغانلىرىنى خىلى ياخشى قىلدىم دەپ ئويلايدىغاندۇ ۋە ياكى كىلەركى قىتىمدا ياخشىراق قىلارمەن دىگەندۇ.
مەن ئويلاپ قالىدىم ، بۇ جەمئىتىمىزدە بىر-بىرمىنىڭ قىلغىننى ياراتماي، مەن ئۇنىڭدىن قالامتىم ، دوستلۇرۇم ئارقامدىن غەيۋەت قىلىپ قالمىسۇن دەپ ھازىرقىدەك ھەشەمەتچىلكنى چىقرۋاتىمىز ، مۇشۇ ئۇرۇمىچىدە بەك ئېغىر ، شۇنداقلارنى جەنۇپتىكى نامرات يىزدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىغا بىر كۇن ئاپىرىپ قۇيسا ئوڭشىلارمۇ؟؟؟؟؟؟؟
|
|