تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 7

ئاياللار ئىستىلاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2405
يازما
145
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4957
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-23 22:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىردىن ھېنىپىدىن

           ئاياللار ئىستىلاسى


               (داستان)

                   1
يالغان سۆزدىن ساقلا ئىلاھىم ،
يالغانچىلىق ئەشەددى گۇناھ .
راستچىل ئادەم ئۇلۇغدۇر ئۇلۇغ ،
ئىككى ئالەم تەڭرى باشپاناھ .
كۆرگىنىم راست قاباھەتلىك چۈش ،
چىرمىۋالدى خىيال تاڭغىچە .
باياۋاندا يالغۇز قالغاندەك ،
كاللام قۇرۇق خېلى ۋاققىچە .
بىر چاغدىكى بەخىتلىك ئەجداد،
ئەۋلادلىرى ياتار بىخۇد  _ مەس .
سەپراس بولغان لەكمىڭ ئاياللار ،
قەدەملىرى جەسۇر  زەپەردەس .
چاپچىپ تۇرار ئۇچقۇر ئاتلىرى ،
تاشقىن كەبى كېلەر باستۇرۇپ ،
قورقۇپ كەتكەن بىغەم ئەرلىرى ،
تىزلىنىپتۇ يەرگە باش ئۇرۇپ .
نۇر چاقنايدۇ  قېلىچلىرىدىن ،
شاۋقۇن سېلىپ توۋلايدۇ ئالغا !
قاڭقىپ چۈشەر باشسىز  گەۋدىلەر،
قان چاچىرتىپ زېمىن باغرىغا .
تەييارلىقسىز ،ياراغسىز  ئەرلەر  ،
مەغلۇپ بولۇپ تەزدى ماكاندىن .
ئاقساق _ چۇلاق، يۆلەنچۈكسىزلەر ،
ۋاقىتسزلا  كېتەر دۇنيادىن .
ھەر تەرەپتىن كېلەر قان ھىدى ،
كىيدى زېمىن شەپەق تونىنى .
يوپۇرماقتەك  تىتىرگەن  ئەرلەر
گۇناھكاردەك سېزىپ ئۆزىنى .
                 2
قېچىپ يۈرۈپ ھالسىرىغان ئەر ،
كۆرۈپ قالدى مەغرۇر ئايالنى .
تىترەپ غال _ غال  جەسەتلەر ئارا ،
خىيال قۇشى كەزدى ئۆتمۈشنى .
توۋا ! دېدى چىشلىدى ياقا ،
نۇمۇس خورلۇق ئۆرتەپ دىلىنى .
ھەم زارلاندى تەقدىر _ قىسمەتتىن ،
يالغان ئۆلۈپ يۇمدى كۆزىنى .
شۇمۇ مېنىڭ تۇنجى مۇلايىم _
ئىتائەتمەن ئۇبدان خوتۇنۇم ؟
ۋايسىمىغان نامرات تۇرمۇشتىن ،
قانائەتچان ئىشچان خوتۇنۇم .
نەدىن كەلگەن بۇنداق جاسارەت ،
ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ كۈچ  _ قۇۋۋەت .
مۇھەببەتلىك بۇلاق كۆزلەردىن ،
ئەمدى ياغار مۆلدۈردەك نەپرەت .
بولدى بەربات ئەرنىڭ خىيالى ،
كىشنىگەندە قېشىدا تۇلپار ،
تۇرۇپ كېتىپ دىۋەڭ ئادەمدەك ،
ئېغىز ئاچتى ئۆتۈنۈپ زار _  زار .
_ جېنىم خوتۇن كېچىپ قېنىمدىن ،
بەرگىن پۇرسەت ئۆتۈنەي سەندىن ،
توۋا قىلدىم قىلغانلىرىمغا ،
دۇرۇس ئادەم بولاي قايتىدىن .
_ ئىپلاس ! دېدى ئايال غەزەپتىن ،
ئويلىمىغان بولغىيتىڭ مېنى ،
جەڭگاھلاردا ئۇچىرتارمەن دەپ ،
ئەمدى ئامان قويماسمەن سېنى .
يۇلقۇنىدۇ ئارغىماق كىشنەپ ،
كەلدى ئايال قېلىچنى تەڭلەپ ،
ۋۇجۇدىنى سوغۇق تەر  بېسىپ ،
كېكەچلىدى ئەر غال _ غال تىتىرەپ .
_ رەنجىمىگىن ،  كەچۈرگىن جېنىم ،
مەن ۋاپاسىز ئازغۇن ئېرىڭنى .
تاپا قىلغان ساڭا بىر زامان ،
كېسىپ تاشلاپ مۇشۇ تىلىمنى .
رەھىم قىلغىن مۇشۇ بىر نۆۋەت ،
بالىلارنىڭ قىلىپ يۈزىنى .
ئۆمۈر بويى بولاي مەن سادىق ،
قەدىرلەپ چىن سۆيگۈ كۈيىنى .
ئەقىدەڭگە تۇز كورلۇق قىلىپ ،
پېتىپ كېتىپ ئىشرەت قوينىغا ،
ئەسلى سىرتماق سالغان ئىكەنمەن ،
ھېچ تۇيماستىن ئۆزۈم بوينىغا .
ئەسقاتمىدى گۈزەل رەنالار ،
شۇندىن بېرى كۈنۈم خارلىقتا ،
ئىزدەپ كەلگەن ئەسلى سىلەرنى ،
كۆپ قىينالدىم ۋىجدان سوراقتا .
تۈفى ! دېدى غادىيىپ ئايال ،
ۋاپاسىزلىق قىلغان ئېرىگە .
تىۋالغا ساپ نەشتەر قامچىسى ،
ئوت چاچىرتىپ تەگدى يۈزىگە .
- ئەلەم بىلەن ئۆتتى كۈنلىرىم ،
كۈلپەت سالدىڭ ،  قىلمىدىڭ ۋاپا .
ئۆلۈم سېنىڭ ئەپتىڭگە قاراش ،
يالغۇزلۇقتا تارتساممۇ جاپا .
چىقار ئەمەس ئاچچىقى پەقەت ،
ئېلىپ قاچار ئەرلەر ئۆزىنى ،
بىراق ئەردىن جاق تويغان ئايال ،
قوغلاپ ئۇرۇپ يىقىتار ئەرنى .
تىمتاسلىققا چۆمدى كائىنات ،
تىزىغىچە كېچەر ئاتلار قان .
تۈزەشتۈرۈپ چۇۋۇق چېچىنى ،
ئېغىر تىنىپ قويىدۇ جۇۋان .
              3
ئەسىر چۈشۈپ ھايات قالغانلار ،
پەرمانبەردار ھەممە بۇيرۇققا .
ساقلاپ قالماق بولۇپ جېنىنى ،
ئېسىلىدۇ نازۇك پاچاققا .
باغرى قاتقان دەرتمەن ئاياللار ،
پەرۋا قىلماس زارلىنىشلارغا .
ئەينى چاغدا تارتقان ئازابى ،
مەدەت بولۇپ ئاجىز جىسمىغا .
دار ياساپتۇ ئون مىڭ  كىشىلىك ،
ئىككىلەنمەي ئاسارمىش مىڭدىن ،
دۈۋلەنگەن تاغدەك جەسەتلەر ،
تاز قاقىرلار چوقار كۆزىدىن .
ئاڭلىنىدۇ گۇگۇمدا ئەنسىز ،
ھۇۋقۇشلارنىڭ خۇنۈك ئاۋازى ،
تۈن نىسبىدە قەدەھ  كۆتەرگەن ،
ئاياللارنىڭ غەلبە ساداسى .
مەسىت ئاياللار يالىڭاچلىنىپ ،
بەس _ بەس بىلەن چۈشكەن ئۇسسۇلغا ،
نۇمۇس قىلىپ ئاسماندىكى ئاي ،
مۆكۈنۈپتۇ بۇلۇت قۇينىغا .
سۆرەپ كېلەر خالغان ئايال ،
باغلاقتىكى تۇتقۇن ئەرلەرنى .
ياساپ قويۇپ خۇددى ئايالدەك ،
مازاق قىلىپ كۈلەر ئۇلارنى .
ئوخشاپ قالغان بۇرۇتلۇق ئەرلەر ،
زاۋالدىكى بىر توپ ئەرۋاھقا ،
غۇلاچ تاشلاپ ئوينايدۇ ئۇسسۇل ،
دەسسىۋالغان كەبى قۇقاسقا .
يالاتقۇزۇپ بارماقلىرىنى ،
چوقان سېلىپ كۈلەر قاقاھلاپ .
پۇشايماندا  ، خورلۇقتا ئەرلەر ،
ئۆرتىنىدۇ  كۆزىنى ياشلاپ .
                 4
ئۇشتۇمتۇتلا ھاۋا بۇزۇلۇپ ،
قويۇلۇپتۇ يامغۇر چىلەكلەپ .
ھازداردەك پۈتكۈل كائىنات ،
كۈللى جانلىق  كېتىپتۇ شۇكلەپ .
كەپتۇ بىردىن غايىپتىن ئاۋاز ،
قۇلاقلارنى پاڭ قىلىپ شۇئان ،
دېڭىزلارمۇ كەپتۇ لەرزىگە ،
تىتىرەپ دىر _  دىر پۈتكۈل يەر _  جاھان .
دۈم چۈشۈپتۇ چوڭ _ كىچىك بارى ،
ئاچقۇزماپتۇ كۆزلەرنى بوران ،
يەر يۈزىنى قاپلاپ ۋەھىمە ،
مۇمكىن ئەمەس سۈرمەككە زۇۋان .
كۆرۈنۈپتۇ كۆك بۆرە ھەيۋەت ،
ئۇپۇق تامان تۇتاشقان بېشى .
ئۆتكۈر كۆزى چاقناپ چاقماقتەك ،
ئاقار ئىكەن مۆلدۈردەك يېشى .
شۇنداق نەرە تارتىپتۇ بۆرە ،
ھوۋلىشىدىن تىتىرەپ يەر _  جاھان ،
ئوت كېتىپتۇ غەزەپ سۈرىدىن ،
دوزاق كەبى بولۇپ بۇ ماكان .
قىيا _ چىيا  ،نالە _ پەرياتلار ،
تىلاۋەتلەر ئاپتۇ پەلەكنى .
غەم _ غۇسىسدىن خالىي ئىنسانلار ،
يوقىتىپتۇ ئىسى _ يادىنى .
تەڭرى ئاتا قىلغان ئەرلىككە ،
ئاسىي بولۇپ ، يەكسان قىلغان كىم ؟
مەپتۇن بولۇپ ئىشرەت ، نەپسىگە ،
نابۇت قىلغان گۈلزارىنى كىم ؟
تۇنجى بولۇپ يارالغان ئەركەك ،
پەرۋىشكارى ئەسلى زېمىننىڭ !
ئۇنتۇغاچقا ئۇشبۇ بۇرچىنى ،
تولۇپ تاشتى قەھرى تەڭرىنىڭ .
تۇرۇپ كەتتىم چۆچۈپ ئويغىنىپ ،
توۋا ! دېدىم بۇ نە ئالامەت ؟
بولدىمۇ يا زامان ئاخىرى ،
بەردىمۇ يا تەڭرىم بېشارەت .
ئۇخلاپ قالغان بۇغما يىلاندەك ،
كەچلىك چايدىن قايتقان ئايالىم .
ئۇنتۇپ ياتار دۇنيانى تامام ،
ئۇرغۇپ تاشتى پىكرۇ پىغانىم .
قاتار چايدىن باشلانغان يارا ،
ئېغىز ئالدى شەھەر _ قىشلاقتىن .
قەلبى كېسەل ناشۈكۈر ئايال ،
ئەيمەنمەيدۇ گۇناھ ئارتىشتىن .
ئۆتەڭلەردە جىلۋىگەر قىزلار ،
كۆز قىسىدۇ تىنماي باققىچە .
ئىرادىسىز قۇترغان كارۋان ،
كۆڭۈل خۇشى قىلار تاڭغىچە .
چۇل _ چۇل بولغان جانان چىنىلەر ،
ئايلىنىپتۇ ساپال تاۋاققا ،
ئۆيدىن بىزار بولغان ئاياللار ،
كۈنۈۋاپتۇ ئەمدى قاۋاققا .
يېتىرقىماس ئەمدى ئاياللار ،
تاپتىن چىققان ئەرنىڭ كۆزىدىن .
تاشنالىقتا كۈتمەيدۇ ئەمدى ،
يىرگىنىدۇ ھەر بىر سۆزىدىن .
قورقۇپ قالماس ئۆي بۇزۇشتىنمۇ ،
ئارمان قىلار ئەركىن ياشاشنى .
ھۇزۇرلىنىپ ھورداقخانىدا ،
ئاچچىق يۇتار ئەسلەپ ئۆتمۈشنى .
زورايماقتا ئايالنىڭ كۈچى ،
چۈشكۈنلەشكەن ئەرلەر ئېلىدە .
تۇمان باسقان مەۋھۇم كېلەچەك ،
ئاشكارىدۇ ئاقىل كۆزىدە .
تۈزۈپ بولدى بەلكىم ئاياللار ،
بىز بىلمىگەن يېڭى پىلاننى .
مەزموت قورغان ، پاسىل تام سوقۇپ،
روھى تۇتقۇن قىلار ئەرلەرنى .
خورماقتا بىزدىكى ئەرلىك ،
بۇزۇلماقتا تۇرمۇش رېتىمى .
مۇزلۇماقتا ئۇتلۇق يۈرەكلەر ،
ئۆرۈلمەكتا ساداقەت تېمى .
تەكچىلەردە يىرتىلغان ئېلان ،
زەئىپ ئەرنىڭ بۆرەك دورىسى .
تېتىمايدۇ ئۆيدىكى تائام ،
ئۇچۇر قىلغان كوچىدىكىسى .
مەسلىكىدىن يېشىلمىگەن ئەر ،
بەزمىگاھتا ئۇنتار ھەممىنى .
تۆشەكتىكى ۋاپادار خوتۇن ،
زارقىشتا كۆتمەكتە ئۇنى .
ئاسمان كۆز ياش قىلار ئەركەك دەپ ،
زېمىن تەۋرەپ چىللار ئەركەك دەپ .
دېڭىز دولقۇن ياسار ئەركەك دەپ ،
شائىر داستان يازار ئەركەك دەپ .
يەر شارىنىڭ ىىلۋەت چېتىدە ،
ئوخشار ھايات قايناق قازانغا .
مۇشاققەتتە ئۈمىدۋار ئىنسان ،
ئېرىشىدۇ يېڭى ھاياتقا .
پارچىلانسا ئائىلە قەۋىم ،
ۋارىسلىرى ئۆتەر تەمتىرەپ .
تىز پۈكمىگەن بۈيۈك رۇھلارغا ،
تەلپۈنىدۇ تاڭلاردىن ئىزلەپ .
كۆيۈك تاغدەك كۆيۈك يۈرىكىم ،
سىقىلىدۇ جاراھەتسىزلا .
ھەقىقەتنى كۈيلىگەن شائىر ،
كېتەر شۇنداق يۈرىكىدىنلا ...

2009يىل 6-ئايدا كۆيۈك تاغ نېفتلىگىدە يېزىلدى .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2247
يازما
726
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 20:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ داستانغا ھېچكىم باھا بەرمەپتىغۇ؟كۈيۈش،سۈيۈش،ھېجران،ئاشىق،مەشۇق ...تۇغرىسىدا يېزىلغان بولسا مۇنبەردىكى قۇشاقچىلار بەس-بەس بىلەن ئىنكاس يېزىپ كىتەر بۇلغىيتتى؟
باھاسىز قالغان ئىسىل بىر پارچە داستان؟

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

تىرىشچان ئەزا

مەن ھەربىر ئادەم

UID
2119
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
640
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 21:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا شۇنداق بىر كىتاب ئوقىغان ئىدىم.
بۇ داستاننى ئوقۇپ نېمە دىيىشنى بىلمەي قالدىم.
كىم ئىدى ئۇ ئۆزىدىن ئىزدەشنى ئۇنتۇغان، كىم ئىدى ئۇ ئايال كىشىگە قانداق بولۇشنى ئۆگەتكەن.
ئانام دەيدۇ.
ئوغلۇم ئايالىڭنى قانداق كۆندۈرۈش قانداق ھۆرمەتلىگۈزۈش ئۆزۈڭدىن دەپ.
دادام دەيدۇ.
قىزىم، يولدۇشۇڭ سېنى ھۆرمەتلىسە، سەن چوقۇم ئۇنىڭغا باش قوي دەپ...

كۆيۈمچان ئەزا

نىمىشقا بار كۈچى

UID
3441
يازما
106
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3637
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 21:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز !مەنغۇ بىر يېزىقچىلىقتىن خەۋىرىم يوق ئادەم ، ئەسەرلەرگە باھا بېرىشنى بىلمەيمەن ! لېكىن مېنىڭچە بەك ياخشى داستانكەن ،ھەممىسى ئەمىليەتتىكى ئىشلار ...

UID
2405
يازما
145
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4957
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 22:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر نىمىشكە مۇنبەرگە يۇللانمىدى ؟ياكى تەستىقتىن ئوتمىدىمۇ ؟ بىز ئەدىبى ئەسەرگە باھا بەرگەندە پەقەت ئۇنى بىر ئەسەر نۇقتىسدا كۆرۇپ ئادىل باھابىرەيلى ،ھەققانى مۇھەرىرلەر بىزدە تۇگەپ كەتمىگەندۇ ؟‹‹ ھەققانى مۇھەرىر مەڭگۇ دەۋىرنىڭ قايمىقى›› ،ھۇرمەتلىك ئەدىبىيات شەيدالىرى، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزنىڭ تەراقىياتى ئۇچۇن بولسىمۇ ئىنكاس يىزىشنى ئۇنىتماڭلار، بۇ ئەسەر مىنىڭ ئىجادىيىتىم. ئەسەرنى ئوبدان ئوقۇپ يا ،مىنى تىللاڭلار ،ياماختاڭلا ر ئىشقىلىپ بىرنەرسە دەڭلەر  .مەن سىلەرنىڭ ئادىل باھارىڭلارغا مۇھتاجمەن !...  

UID
2724
يازما
335
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10988
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-31 23:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشكە باھا بەرمىگەندۇ ؟ شۇنداق ياخشى يىزىلىپتىغۇ..؟

UID
2405
يازما
145
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4957
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-1 11:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! سىلەرنىڭ بەرگەن ئادىل باھارىڭلار ،ماڭا چەكسىز ئىلھام ۋەمەدەت ئاتا قىلىدۇ .

UID
2405
يازما
145
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4957
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 15:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش