خۇدانىڭ مېھمىنى
ئادىل تۇنىياز
ئۆگزىدىكى سەھەر بوۋاينىڭ
چاقناپ تۇرغان ساقاللىرىنى
ئوينار ئىدىم تاراپ ھەر كۈنى.
سەھەر غايىپ بولۇپ كەتكەندەك
كېتىپ قاپتۇ ئەۋلىيا ئەزەم
ئشىكى يوق كوچىلار بىلەن.
يۈزلىرى ھۆل ئەي ئاقساقاللار
پاك، چىرايلىق ئېتىقاد بىلەن
تەڭرىگە خاس قايغۇنى ئېلىپ
ئاراڭلارغا كىردىم قىستىلىپ.
يەرگە قونغان تاڭ نۇرى سىمان
ئۈستۈڭلارنى كۆمگەن توپا-چاڭ.
باغرىم ئېزىك سىلەرگە ئوخشاش
تارقالغاندا يىراق ئاۋازدا
ئۆلۈپ كەتكەن شۇ مۇڭلۇق ئاھاڭ.
قاغىلىق
قوللىرىنى سوزۇپ بەك كىچىك
ياتقىنىدا ئاي نۇرى ئېمىپ،
پەيدا بولۇپ ھاجىم مېھراپتا
ياڭرار ئىدى ئەزان ئاۋازى.
غىچىرلىشىپ داۋزىلار شۇئان
جىمىرلايتتى مەسچىت ئۈستىدە
پەرىشتە ۋە يۇلتۇز پەرۋازى.
ئۇ كۈنى
جىنازىغا قاراپ
بېشىنى چاڭگاللاپ
يىغلاپ سالدى ئەزرائىل ئۆزى.
بىر قەلئەدۇركى ئۇ تامسىز
شۇ قەلئەدە بولماقتا مېھمان
خۇدا باشلاپ كەلگەن بىر ئىنسان.
ئادىل تۇنىيازنىڭ:«بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.
چۈمبەلدىكى كۆز
ئادىل تۇنىياز
ھىندى ئۇستام كىيىم پىچتى،
قارا رەخىتتىن
ئابايى تىكتى
ياغاچقا،
مەرمەرگە،
يالقۇنغا.
كۆز بەردى بىرجۇپ
خۇدا ئۇنىڭغا.
بىر جۇپ كۆز رەخىتتە
سۆزلەيدۇ ئەرەپچە
قۇرئاننىڭ تىلى.
گاسمۇ ئاڭلايدۇ
گاچىمۇ ئاڭقايدۇ.
ئۇستۇمدىكى كۆك كۆزلۇك ئاسمان،
سىرلارغا ئۈن - تىنسىز بولىمەن رام.
دېڭىزدىكى كوچىدىن
ئادىل تۇنىياز
ئۇيغۇر
بۇبىر يېشىل قەۋىمنىڭ ئسمى،
سۇبىلەن قۇم
ئارىسىدىكى.
كىلىپ قالار ئۆمىلەپ قۇملۇق
بۇسۇغىسىغا مەلىنىڭ بەزەن.
ئاق تېرەكلەر ئىگىز ۋەروھلۇق
مەسچىتلەردىن ياڭرايدۇ ئەزەن.
ئسمىمىزنى چاقىردى بىرسى،
بېشىمىزنى كۆتەرسەك
ھىچكىم يوق
ئاسماندىن بۆلەك.
قۇياش ئۈزۈپ ئاسماندا،
ئالتۇن قاسىراق تۆكمەكتە،
ۋالىلدىغان بىرسۆز ئالقاندا.
ئاستا -ئاستا چۆكمەكتە
ئسمى ئەمەس،
بىرتال چېچكى.
بىز ھەممىمىز نىمجان بېلىقتەك
كۈرۈنگەندە ۋاقىتنىڭ تىگى.
سۇنغان ئەينىكىدە ۋاقىتنىڭ
بىر ئادەم ۋەسان ساناقسىز يۈز،
بىز تۇغۇلۇپ تەكرا ئۈلۈمىز.
قۇتراپ تۇرغان ياۋايى كۈچنى
ساقلاپ بىركۈن ئەينەك شىشىدە
ئاندىن ئۇنى ئاچتىم كېچىدە،
ماناشۇنداق تۇغۇلدى شېئر.
چىرايلىق يىغلاش
ئادىل تۇنىياز
ۋاقىت دۇنيا،قاناتلىق بىر قىز
ئۇچۇپ كەتتى قاۋاقخانىغا.
سۇنۇق كاسام سۇنغان سەنمۇ،مەن؟
شاراپ قېنى،مەن ئىچتىممۇ ،سەن؟
ئاخشام باھار بولغان ئەمەسمۇ،
كۈتكۈچى قىز چېچەكلىمەمسەن؟!
ناخشا ماراپ تۇرغان ئاغزىمدىن
چۈشۈپ قالدى يانتو بىر ھەرىپ.
مايماق دەسسەپ كەتتى ئورمانغا،
چىغىر يوللار بوپ قاپتۇ كەيپ.
نېمە بولدى كۆلەڭگەم ساڭا،
تۇرىسەنغۇ ھىجىيىپ ماڭا؟
خۇمارلىشىپ قاپتۇ يۇلتۇزلار،
كېچە ئۇخلار مەستخۇش مۇلايىم.
سەن ئېسىمگە كېلىسەن نىچۈن،
ئۇنتۇپ كەتمەك بولسام ھەر دائىم،
مەن زادىلا يىغلاپ باقمىغان،
ئېھ،قانداقراق چىقار ئاۋازىم؟
ئاي شولىسى كەلمەكتە ئاستا...
ساق ۋاقتىمدا بارالمىغاچقا،
مەن ئالدىڭغا كەلدىم مەست بولۇپ.
كەچۈر مېنى قەدىردان ئەسكى،
تۇرالمىدىم ئالدىڭدا دەسسەپ،
دەرەخلەردەك قالدىم لەپپەڭلەپ.
ئاي شولىسى كەلمەكتە ئاستا...
ساڭا سوغا ئېپ كېلەلمىدىم،
ئېھ،بۇ نامرات كۆڭلۈمدىن باشقا.
بەختىممۇ يوق ساڭا بەرگىدەك،
ئېپ كەلگىنىم بىر دەستە سۈكۈت.
تىلىمەيمەن سەندىن بەختىمنى،
دىيەلمەيمەن بىر مىنۇتلا كۈت.
تېمىپ چۈشتى يۇلتۇزنىڭ يېشى،
بۇ ئاخىرقى كېلىشىم مېنىڭ،
كەچۈر مېنى سۈيۈملۈك قىزچاق
ئېپ كەلگۈدەك نەرسەم بولمىغاچ
سوغات قىلدىم ساڭا شاپىلاق.
سەن قايەردە ئەي پۇچۇق كاسام،
يۈر كېتەيلى قاۋاقخانىغا.
ئىككىمىزمۇ سىردىشالمايمىز،
مەستلىكىدىن يېشىلسە دۇنيا.
يۈر كېتەيلى قاۋاقخانىغا.
1991-يىل5-ئاي
ئاياللار دۆلىتى
ئادىل تۇنىياز
نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە
مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى
قوللۇرۇمدا سېنىڭ پەيلىرىڭ
قوۋۇرغامدا سېنىڭ كۆلەڭگەڭ
ھالقىپ كەتتىڭ تەپەككۈرۈمدىن.
مەن كۈلمەكچى بولسام ھاياتقا
ئېسەدەيدۇ يۈرىكىم ئاستا.
ئاياللارغا مۆھتاجلىقىمدىن
ئاياللارغا ئوخشايدۇ دۇنيا.
دەرەخلىرىم،چىغىر يوللىرىم
دەرەخلىرىم،ئاق قۇشقاچلىرىم
مېنى بۇنداق قويماڭلار تەنھا.
كۆزلىرىمنى يۇمىۋالساممۇ
ئايال مېڭىپ يۈرەر ئەتىراپتا.
ماشىنىلار چاقناپ ئۆمىددەك
تۇرىشىدۇ رەت-رىتى بىلەن.
كېتەر مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ
يول چىرىقى يېنىش بىلەن تەڭ.
مەنىسىزلىك
ھەمرا بولدى ماڭا بەك ئۇزۇن.
ئۆلۈپ قالماي غېرىپلىقتا دەپ
مېڭىۋەردىم بىر يولنى تەكرار.
ئۆيگە كىرىپ
كارۋىتىمغا قاراش بىلەن تەڭ
غايىپ بولۇپ كەتتى ئاياللار.
ئايال
سەن ناتونۇش يىراق پىلانت
مەن بولىمەن ئالەم كېمىسى.
نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە
مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى.
1991-يىلى 10-ئاي
ئۆز شەھرىدىكى ئۇيغۇر
ئادىل تۇنىياز
بارغانسېرى كۈپىيىپ كەتكەن....
كۆنۇكمەن،
يامغۇر مەنزىرسى،غېرىبلىق
دائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.
ئۇچىرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،
ساقچى،قەلەندەر يىڭى بىنا
قىستاڭچىلىق،تۇز ۋە باشقا نەرسىلەر.
بىردىنلا پەيدا بولغان ئارتۇق ئادەمسەن،
كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلەپ
جىمجىت كىسىشكەندە
ئەڭ ئىگىز راۋاقنىڭ ئۇچى بىلەن،
ياكى
ئىسمىڭ سەۋەبىدىنلا مەۋجۇتسەن.
سىقىلغان كېچە،
ئاياللارنىڭ نۇر چەمبىرىكى
توپلانماقتا ھاياجان.
ئەر مىللىەت
ئەردۇر ھامان.
غەم كىلىدۇ ئاققۇنلاردەك
غەم قارا ھەم نامەلوم رەڭدە.
مىنى تىرىلدۇردى بۇقىدەك
پاچاقلېرىڭ ئارسىدا
ئىچىلىپ قالغان
بىر تال چوڭقۇر گۈل.