- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 118
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 118
- تىزىملاتقان
- 2014-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 61368
- يازما
- 118
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 118
- تىزىملاتقان
- 2014-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 68 سائەت
|
1.مەن ئېسىمنى بىلسەملا دادام ئىنتايىن قاپىقى يامان،سۈرلۈك ئادەم ئىكەن، بالىلىقىمدا ئۇنىڭ بىزنى بىرەر قېتىم ئەركىلەتكىنىنى بىلمەيتىم، شۇڭىمۇ دادام بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلايتىم، بىر كۈنى قوشنىمىزنىڭ ئويىدە ئويناۋاتاتتۇق، دادام بىر ئىش بىلەن قوشنىمىزنىڭ ئويىگە چىقىپتۇ، ئۇنىڭدىن بەك قورققاچقا خاتىرجەم ئوينىيالمايتۇق، شۇڭا دادام قايتقاندا مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم، قوشنىمىزنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ نەچچە قەدەم مېڭىشىمىزغىلا قوشنىمىزنىڭ ئۈسكەك بىر كالىسى بولىدىغان، مۈڭگۈزىنى دىۋەيلەپلا كېلىۋاتمامدۇ، شۇچاغدا نەچچە قەدەم ئالدىمدا كېتىۋاتقان دادام شۈنچىلىك چاققانلىق بىلەن كەينىگە يېنىپ كالىنىڭ ئالدىنى توسىدىكى ھەيران قالدىم، ئۇ قانداق كۆرگەندۇ؟
2. كىچىك ۋاقتىمىزدا ھازىرقىدەك يەيدىغان نەرسىلەر كۆپ ئەمەس ئىدى، ئانام تولا ھالۋا ئېتىپ بېرەتتى، مەن ھالۋىنى كۆيدۈرۈپ ئەتسە دەپ تىلەيتىم ، چۈنكى قازاننىڭ تېگى تۇتىۋالغان ھالۋىنىڭ قىسمىقىنى قىرىپ يىيىشكە ئامراقتىم، بىر كۈنى چۈشتە مەكتەپتىن كەلسەم ئانام ھالۋا ئەتكىلى تۇرۇپتۇ، ھالۋا دىگەننى ئەتىگەندە يەيتۇققۇ دەپ ئويلىدىميۇ لېكىن ھالۋىنىڭ قىسمىقىنى يىيەلەيدىغان بولدۇم دەپ بەك خوش بولدۇم، قازان بېشىغا بارسام ئانام دىگەندەك ھالۋىنى قەستەن قازاننىڭ تېگىگە سۇۋاپ كۆيدۈرۈپ قىسماق قىلغىلى تۇرۇپتۇ، ۋاھ مېنىڭ ئامراقلىقىمنى بىلىسىز ھە ئانۇي دەپ ئەركىلەپ، قازاندىكى ھالۋا قىسمىقىنىڭ ھەممىسىنى يەپ پۇخادىن چىقتىم، ئانام ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ گەپ قىلمىدى، كېيىن بىلسەم ئانام شۇ چاغدا ئىنىمغا ھامىلدار ئىكەن، سېزىكلىكتە بىر نەرسە يىگىسى كېلىپ ھالۋىنىڭ قىسمىقىنى يىگىسى كەپ قاپتىكەن، لېكىن مەن ئاچكۆز ھەممىنى يەۋاپتىمەن.
بۇلار تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن ئاددى ئىشلار، ئىلگىرىكى قاپىقى يامان ،سۈرلۈك دادام ھازىر ئاق ساقاللىق مۇلايىم بوۋايغا ئايلاندى، ھازىر نىمە يەيمەن دىسە ئېپ يىيەلىگىدەك زامانغا يەتكەندە،ئانامنىڭ قان بېسىمى يۇقىرىلاپ، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېسەلچان بولۇپ قالدى، كىچىكىمىزدىن دادام-ئانامنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ئىنتايىن كۆپ، بەلكىم بىز بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمىز، لېكىن نىمىشقىدۇ مۇشۇ ئىككى ئىشنى دائىم ئەسلەيمەن، ھەر بىر ئەسلىسەم كۆزلىرىمدىن بىر قېتىم ياش قۇيۇلىدۇ. نىمىشقا ؟ چۈنكى مانا بۇ ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتى! |
|