كۆرۈش: 1202|ئىنكاس: 9

قىزىم،مەن سىزدىن ئۈمىد كۈتەتتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
29113
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 16:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزىم مەن سىن ئۈمىد كۈتەتتىم
قىزىم:
مەن ئەڭ ياخشىسى سىزنى قىزىم دەي. چۈنكى مەن سىنىپىمىزدىكى بالىلارنى ئۆز بالامدەك ھېس قىلىمەن. سىز سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئوماق، شوخ، گەرچە دەرىستە بەك ياخشى بولمىسىڭىزمۇ، مېنىڭ ئامراق ئوقۇغۇچۇم سىز. مەن سىز بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشقان . سىز كىچىكىڭىزدىن خەنزۇچە ئوقۇغانلىقىڭىزنى، شۇڭا قوش تىل سىنىپىدىكى بالىلارغا كۈنەلمەيۋاتقانىلىقىڭىزنى، ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىپ ھاممىىڭىزنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇغانلىقىڭىزنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىپ ياتاقلىشىپ تۇرىۋاتقانىلىقىڭىزنى، ھەرقېتىم دەرۋازا ئالدىدا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلسە مېنىڭ دادام ياكى ئانام كېلىپ قالغاندىمۇ، دەپ قاراپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقاندا كۆزلىرىڭىزدىن تۆكۈلگەن ياشلارغا قاراپ مەنمۇ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالغان ئىدىم. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىغۇلارچە ياخشى مەكتەپ قوغلىشىپ بالىلارنى قانچىلىك رھى بېسىملارغا سالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولدۇم. سىز ئاشۇ گەپلەرنى دەپ يىغلىغاندا يۈرىكىم پارا-پارە بولغاندەك، مېنىڭ قىزىم دەرۋازىنىڭ تۇۋىدە بويىنىنى قىسىپ قاراپ تۇرغاندەك ھېسياتقا كەلگەن ئىدىم.  شۇندىن باشلاپ سىزگە نىېمىشقىدۇر ئامراق بولۇپ قالدىم. سىزنىڭ كىچىكىڭىزدىن ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىپ سىزنى ياخشى ئوقۇتىمەن دەپ قارىغۇلارچە كۈچىغان شۇ ئاتا-ئانىڭىزغا ئاچچىغىم كەلدى. ئۇلارغىمۇ بۇ گەپلەرنى دېگىنىمدە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى دەپ ئانىڭىزمۇ بەك يىغلاپ كەتتى. مەن سىزگە باشقا بالىلاردىن پەرىقلىقلا مۇئامىلە قىلدىم. چۈنكى سىزنىڭ ئاشۇ يىغىللىرىڭىز، كۆزلىرىڭىزدىن مارجاندەك تۆكۈلگەن ياش كۆز ئالدىمدىن پەقەت كەتمىدى.
بۇ مەكتىپىمىزدە ئانا تىلدىن باشقا پەنلەردە خەنزۇچە ئۆتۈلگەچكە مەن سىزنى ئانا تىلدا تەربىيلىسەملا باشقا پەنلەردە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ سىزنىڭ ساۋادىڭىزنى چىقىرىشقا كۆپ كۈچ قوشتۇم. دېەەندەك مەن سىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭىز بولغاچقىمۇ ئاناتىل دەرىسىدە ھەر-ھالدا خېلى ياخشى ئىلگىرلىدىڭىز. بىراق، باشقا پەنلەردە بولۇپمۇ تەئىي پەنلەردە نەتىجىڭىز تۆۋەن چىقىۋەردى. سىز بىلەن پاراڭلىشىپ «نېمىشقا تىرىشمىدىڭىز،سىزدە تىل تۇسالغۇ بولمىسا، ئازراق تىرىشچانلىق بولسىلا بولمىدىمۇ» دېسەم «مەنمۇ تىرىشىۋاتىمەن مۇئەللىم »دېدىڭىز يەرگە قاراپ. مەن سىزنى چۇقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايدۇ دەپ قارايتىم. مەن سىزگە سىز شۇ يىغلىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا «قىزىم، ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇلارمۇ سىزنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولسىكەن، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگىدەك قابىلىيەت بولسىكەن، دەپ شۇنداق قىلغان گەپ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن بولسىمۇ كەيىپىياتىڭىزنى تەڭشەپ ياخشى ئۆگىنىڭ. ئاتا- ئانىڭىزمۇ، مەنمۇ سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن» دەپ بەك ياىشى نەسھەتلەرنى قىلغان ئىدىم.ئەمما بىرقانچە ئىشلىرىڭىز مېنى غەمگە سېلىپ قويدى.
ئادەتتە مەكتەپ بەلگىلىمىسىدە ھەرخىل MP3 ،تىلفۇن قاتارلىق بىر نەرسىلەرنى ئەكىرىشكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىپ يۈرۈشىگەبولمايتتى. سىنىپتىكى بىرقانچە ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ يىغىۋالغان ئىدۇق. بىراق، سىز بۇ «تور»دىن چۈشۈپ قاپسىز. مەندىن يۈشۈرۈن تىلاۇن ئىشلىتىپ يۈرۈپسىز، ئاتا-ئانىڭىز بىز بىلەن كۆرۈشكەندە ئىشلىتىڭ، دەپ ئېلىپ بىرىپتۇ. بۇلارنى بىلمىسەم مەيلى ئىدى. بىراق، يەنە بىر ئىشىڭىز كوڭلىمىنى بەك يېرىم قىلدى. ماۋسۇم ئاخىرىدا سىزنىڭ نەتىجىڭىز يەنىلا ئاخىرىقى قاتاردا چىقتى. خەنزۇتىلىنى تۈزۈك بىلمەيدىغان بالىلار تىرىشىپ ئالدىنقى 10ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرىۋاتسا، قىزىم سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانسىز؟ خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى سىز يۈز پىرسەن چۈشىنىدىغان تۇرسىڭىز، مۇشۇنداقمۇ نەتىجە ئالامسىز؟ مەن نەتىجىللىرىڭىزنى كۆرۈپ ئازراق ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم. ھەممە بالىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىپ نەتىجلەرنى تاپشۇرىۋېتىپ يەر ئاستىدىكى ئامبار ئۆيگە ئوقۇغۇچىلار بۇزىۋەتكەن سىنىپنىڭ ئەسكى ئورۇندۇقلىرىنى سىنىپ بىناسىنىڭ ئاستىدىكى ئامبار ئۆيىگە ئەكىرىۋىتەي دەپ بىنانىڭ ئاستىغا چۈشۈشىمگىلا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. سىز باشقا سىنىپتىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىلەن قول تۇتۇشۇپ پاراڭلىشىپ  تۇرۇپسىز. يەر چۆرگىلىگەندەك بولدى. نىمىشقا بۇيەرگە كىرەر بولغىدىم، بۇ سىزمۇ قىزىم؟ مەن سىزدىن بۇنى كۈتىمگەنغۇ؟ سىزنىڭ خىيالچان تۇرقىڭىز،دەرسلەرگە نىمىشقا دىققەت قىلماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. ئەمدىلا 13ياشقا كىرگەن ئىدىڭىز، قانداقسىگە بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟ سىز بىلەن پاراڭلىشىپ سىزگە قاتتىق خاپابولدۇم. سىز يەنە شۇنداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك يىغلاپ كەتتىڭىز. قىزىم، مەن سىزگە ئامراق. مەن سىزنى خات يوللارنى بېسىپ قالمىسۇن دەيمەن. سىزگە تېخى ۋاقتى ئەمەس. سىزنىڭ ھازىر بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بولىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس. كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسى بەختىڭىز ئۈچۈن زېھنىڭىزنى يىغىپ ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. سىز مەندىن يۈشۈرۈن تىلفۇندا ئاشۇ بالا بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرۈپسىز، بۇنىڭغا 6ئاي بوپتۇ. سىز بۇ گەپلەرنى دىگەندە ناھايىتتى بىئارام بولدۇم. قىزىم، سىز تېخى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسىز، بالدۇر بۇكوچىغا كىرسىڭىز ئۆز ئىستىقبالىڭىزنى يوقىتىسىز! گېزىتلەردىن بالدۇر بۇ يولغا كىرىپ ھەرخىل جىنايەتكە پېتىپ قالغان نۇرغۇن ياشلارنى سىز بىلمەيسىز، تىلۋۇزۇرلادا، گېزىتلەردە بالدۇر بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ ئۆزبەختىنى نابۇت قىلغان تالاي ياشلارنى مىسالغا ئالىدۇ. قىزىم تەتىل مەزگىلى ياخشى بىر ئويلىنىش پۇرسىتى، سىز ياخشى ئويلىنىڭ. كىتاب ئوقۇڭ، ئۆزىڭىز ھەققىدە ئەتراپلىق بىر ئويلىنىڭ . مەن سىزنىڭ تەتىلدە يېڭىچە روھ، يېڭىچە ساغلام بولغان دۇنيا قاراش ، ئۈمدۋارلىق بىلەن تولغان ئىنتىلىش بىلەن يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمىغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-23 16:07):
سىزدىن

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-23 16:08):
دېەەندەك -  دېگەندەك

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
25197
يازما
119
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 17:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ سېستىمىمىز ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ مائارىپ قارىشىدا نۇرغۇن خاتالىقلار مەۋجۇت.بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھەرگىزمۇ تەجرىبە بۇيۇمى ئەمەس ،شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان تىل مۇھىتىدا پەرزەنت چوڭ قىلىش ۋە مائارىپ تەربىيىسى ئالغۇزۇش بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ساپاسىغىلا ئەمەس بەلكى خاراكتېرىگىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ مەكتەپكىلا تايانغاندا ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ساغلام پىسخىكا ساپاسى يېتىلدۈرۈشتە پاسسىپ تەسىر شەكىللەندۈرىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 18:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئەكەپسىز، باللارنى تەربىيلەش ئۇقۇتقۇچىنىڭلا مەسئوليىتى ئەمەس ، ھەممە ئاتا - ئانلارنىڭ مەسئوليىتى ، يۇقىردىكى مەزمۇنلار تەربىۋى ئەھمىيتى چوڭ مەزمۇن ئىكەن . راس ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى دەپ باللىرمىزنى خەنزو مەكتەپتە ئۇقۇتۋاتمىز ، باللارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يىتىلشىگە، خاراكتىرگە كۆ ڭۈل بولۈپ بولالمىدۇق.بىز  ئاتا - ئانلار باللارغا قانداق كۆ ڭۈل بۆ لۈشنى ، قانداق تەربىيلەشنى ئىگەللىشىمىز كېرەك .

UID
52929
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2013-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 00:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز چوقۇم ئائىلە مائارىپىنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك، مەكتەپ مائارىپىدا مەسئولىيەت دەيدىغان نەرسە قالمىدى،ئاتالمىش مائارىپچىي كېشىلىرىمىز بولسا جان باختى چوڭ ئەيسا نىڭ ئوزى بوپكەتتىي، ئائىلە مائارىپىغا سەل قارىساق ئاخىرىدا بىر توپ ھايۋاننىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇپ قالىمىز ،قېرىنداشلىرىم ، ھەقېقىى چىن ،ئوت يۇرەك ئېنسان ئائىلە تەربىيسىنىڭ مەھسۇلىدۇر،گەپ ئەمدى ئوزىمىزنىڭ تۇتقان يولىغا باغلىق بوپ قالدى.

UID
52976
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 01:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەقىقەتەن  ياخشى  تىما  بوپتۇ.......ئەجىبا  بالىلار  خەنزۇ تىلىدا ئۇقىمىسا  ياخشى ئۇقىيالمامدۇ؟ چەت -ئەللەدە نەتىجە قازىنىۋاتكان ،شان -شۆھرەتكە ئىرىشۋاتقان ئالىملا ،ئېنجىنېرلا  ئازمۇ ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا ئۇقۇپتىكەنمۇ؟ئۇلۇغ  بۇۋۇللىرىمىزدىن _مەخمۇت كاشغەرى، يۈسۇپ خاس ھاجىپلار  چۇ؟ بۇنى سانىساق نۇرغۇن ئادەم بار .دىمەك  بالىلانى  قايسى  تىلدىكى  ياكى قايسى  مەكتەبكە بىرىش ئەمەس .- قانداق  تەربىيەلەش توغرىسىدا ئويلنىپ  باقساق   بۇلىدۇ............................................

UID
48881
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 12:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ  بولۇپمۇ  قىز  ئوقوغۇچىلارنىڭ  بالدۇر  مۇھەببەتلىشىپ  قىلىشىدىكى  ئەڭ  تۈپكى  سەۋەپ ، ئاتا-ئانىسىدىن  تويۇنغۇدەك  مۇھەببەتكە  ئېرىشەلمىگىنىدىن  بولىدۇ . شۇڭا   تەبىيلا  سىرتتىن  مۇھەببەت  ئىزدەپ  كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى  تولدۇرماقچى  بولىدۇ .  شۇڭا  دوستلىرغا  ئاسانلا  ئىشىنىپ  كىتىپ  يامان يوللارغا  كىرىپ  كىتىدۇ ھەم  بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىپ  يامان  يوللارغا  كىرىپ  كىتىدۇ .  ئاتا - ئانىلار  دائىم  ئەڭ  ياخشى  شارئىتلارنى  ھازىرلاپ  ئوقۇتىۋاتساممۇ   ياخشى  ئوقۇماپسەن  دىگەندەك  گەپلەرنى  قىلىدۇ.ئەمىليەتتە  ئۆز  پەرزەنتلىرنىڭ  ھەقىقى  ئھتىياجىنى  بىلمەيدۇ

UID
44322
يازما
189
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
189
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدە  ئاتا -ئانىلار باللارنىڭ  روھى -خاراكتىرىگە ، ئۈگۈنۈش نەتىجسىگە ، ئەتىراپىدىكى دوسلىرىغا ..... مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ،  ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپەتتە ، دەۋىرگە ماسلىشىپ ،مودىغا ماسلىشىپ مىڭىشىغا  ئەمەس ،ئەخلاق ،بىلىم ، غۇرۇر...   ھەرقايسى جەھەتلەردىن ياخشى تەربىيەلىنىشىگە شارائىت يارتىپ بەرسە ، بولسا  ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق ھەربىر ئوقوغۇچىسىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى ئىگەللەپ تۇرۇپ ئۇلارنى توغرا يولدا يىتەكلەشكە تىرىشسا  نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ! بۇنداق بولغاندا ھازىرقىدەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن بولاتتى ، يوللاردىكى كىچىك تۇرۇپ ھەرخىل كىينىۋالغان ، ئوغۇللار بىلەن ھاياسىز قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەن قىزلارنى كۆرسەم شۇنداق بىر خىل بولۇپ قالىمەن .ھەي .......... ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ -ھىدايەت ئاتا قىلسۇن !

UID
14134
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
720
تىزىملاتقان
2011-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 15:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خانىم ئەپلاتوننىڭ ئالدىغا بەش ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ كىلىپ سوراپتۇ: تەقسىر.بالامنى تەربىلەشكە ئېلىپ كەلدىم.ئەمدى ئىلىمدىن تەلىم بەرسىڭىز. _ئەپلاتون  دەپتۇ.بەكلا كىچىكىپسىز.تەربىيەنى قوساقتىكى چاغدىلا باشلاش كىرەكتى . پەرزەنت دىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى،بالا دىگەن چوقۇم ئاتا-ئانىنىڭ نەزەرى ئاستىدا ،تەربىيە كۆرۈپ يېتىلىشى كېرەك، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىدىن ئۇزاق ئايرىلىپ تۇرغاندا،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوز ئارا بالىلارنى چۈشىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ،بالىلاردىمۇ ئوخشىمىغان پىسخىكىلار يىتىلىپ قالىدۇ،شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىنى ئۆز بالىسىغا ھەر بىر ئاتا ئانا ئۆزى مەسئۇليەتچانلىق بىلەن باش تارتماي ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۆ بالىسىنى قانداقمۇ باشقىلارغا تاشلىغۇسڭ كىلەر ھە؟!


UID
34584
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 20:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدە مىھرى- مۇھەببەت تولۇپ تۇرغاندا بالىلار شۇ مۇھەببەتتىن بەھىر ئالىدۇ. بالىلاردىكى ساغلام پىسخىكا ئۇنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشى ئۇچۇن بەكلا مۇھىم.

UID
48056
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 23:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ياخشى يېزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش