- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 30
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1110
- تىزىملاتقان
- 2010-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-9
- UID
- 2762
- يازما
- 30
- تېما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1110
- تىزىملاتقان
- 2010-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-9
- توردا
- 0 سائەت
|
پەيزاۋات_قەشقەر دەرياسى ھاۋزىسى شەكىللەندۈرگەن تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرا،ئاياغ ئېقىنىغا ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەرىپ تەرىپىگە جايلاشقان.
پەيزاۋات_<<غەربى يۇرۇتتىكى مەرۋايىت>>دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بۇلۇپلا قالماي يەنە<<جۇڭگۇ قوغۇن ماكانى>>،<<جۇڭگۇ قارا ئۈرۈك ماكانى>>،<<جۇڭگۇ ئۈرۈك ماكانى>>دىگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئىگە.
پەيزاۋات ئۈزىنىڭ ئىسمىغا مۇناسىپ گۈزەل ۋە ىرلىق دىيار.پەيزاۋاتتا ئارخىلوگىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن بايقالغان كۈلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمى شەھەرلەردىن<<مورتۇم قەدىمى شەھرى>>،<<داقىيار قەدىمى شەھرى>>،<<خەنزۇ شەھرى>>قاتارلىق قەدىمى شەھەر ۋە ئىزنالار بار.
<<ئاق پوتەي>>قەدىمى شەھرى پەيزاۋاتنىڭ شەرىقى جەنۇبىغا 30 كڭلۇمىتىر كىلىدىغان جايدىكى چوللۈككە جايلاشقان بۇلۇپ يەر شەكلى توت چاسا،كۈلىمى10 كۇۋادىرات كىلۇمىتىر،1500 يىللىق تارىخقا ئىگە.
<<مورتۇم>>قەدىمى شەھرى قىزىلسۇ يىزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان كۈلىمى تەخمىنەن 375 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ،2000 يىللىق تارىخقا ئىگە،غەرىبى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى بەگلىكى يەنى قەدىمقى پەيزاۋاتنىڭ ئىزى.2006-يىلىمەركىشى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى<<جۇڭخۇئاغا سەپەر>>پىرۇگىرامما گۇرۇپىسى<<مورتۇم>>قەدىمى شەھرىنى سۈرەتكە ئېلىپ مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا تارقاتتى.
سىرلىق جىلغا،بىپايان يايلاق،چەكسىز دەشىت-دالا،قەدىمى سىپىللار پەيزاۋاتنىڭ قەدىمقى شانلىق تارىخى،پارلاق مەدەنىيىتى،شۇنداقلا بۈگۈنكى پەيزاۋاتنىڭ مول مەدەنىيەت،تارىخ،ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى نمايەن قىلىپ تۇرماقتا.
نامى ھەممىگە مەشھۇر بولغان <<قەشقەر ساماۋى قۇۋۇق جىلغىسى>>پەيزاۋات ناھىسى شىكەركول بازىرىنىڭ شىمالغا40كىلومىتىر كىلىدىغان قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ جىلغىنى<<يېڭى،خەتەرلىك،ئاجايىپ،ئوزگىچە،سىرلىق>>دەپ سۈپەتلەشكە بۇلىدۇ.جىلغا ئەسىرلەر بۇيى ياققان قاي،يامغۇر سۈيىنىڭ يالاپ ئۇپىرتىشى بىلەن تۈرلىك شەكىل،ھەرخىل رەڭلەرنى ھاسىل قىلغان بۇلۇپ جىلغا ئىچىدە ماڭغىنىدا ئادەم ئۈزىنى خۇددى سىرلىق قەسىرگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.ھەرخىل شەكىلدىكى چۇقىلار،قۇرام تاشلار ئادەمنى خۇددى غەيرى مەخلۇقلار قورشىۋالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.تۇمۇز كۈنلىرىدە بۇ جىلغا ئىچىدە ماڭسا خۇددى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك ھىس قىلىپ جانغا ھۇزۇر سالقىن ھاۋادىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
جىلغا تەخمىنەن400مىليۇن يىللار ئىلگىرى يەر پوستى ھەركىتى تەسىرىدە شەكىللەنگەن.2006-يىلى7-ئايدا ئۈزىنىڭ مۇھىم گىئولوگىيلىك يەيقىقات قىممىتى ۋە ئوزگىچە يۇقۇرى بولغان ئىستىتىك قىممىتى بىلەن بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلىم-پەن،مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا بۇيىچە نادىر يەر شەكلى باغچىسى دەپ باھالاندى ھەمدە ئىلىمىزنىڭ غەرىبى-شىمال رايۇنىدىكى تۈنجى قېتىم دۇنياۋى ساياھەت ئوبرازى ياراتقان يەر شەكلى باغچىسى بۇلۇپ قالدى.
شىكەركول سۇ ئۈستى ئارامگاھى_پەيزاۋات ناھىيە شىكەركول بازىرىنىڭ غەرىبى-جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى140كىلومىتىر،ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى60كىلومىتىر كىلىدۇ.دولەت يۇلى314-لىنىيسى بۇ يەردىن كىسىپ ئۈتىدىغان بۇلۇپ قاتناش شارائىتى ناھايىتى قۇلايلىق.
شىكەركول سۇ ئامبىرىنىڭ شەرىقى-شىمالىدا يەنە كۈلىمى400مودىن ئاشىدىغان تەبى يۇلغۇنزارلىق بار.شىكەر كول سۇ ئۈستى ئارامگاھىنىڭ ئوزگىچە تاغ-سۇمەنزىرىسى كىشىگە ئوزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ.كولدە ھەر خىل بېلىق ۋە باشقا سۇ جانلىقلىرىنىڭ تۈرى كوپ بۇلۇپ خىلمۇ خىل قۇشلار بۇيەرگە ماكانلاشقان،ساياھەتچىلەر كولدە قولۋاق ھەيدەپ،سۇ ئۈزۈپ،بېلىق تۇتۇپ گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن چەكسىز ھۇزۇرلىنالايدۇ.
پەيزاۋاتتا <<دىھقانلار ئائىلىسى ئارامگاھى>>دىن<<ئۈزۈمزار>>،<<ئەنجۈرلىك باغ>>،<<بادامزار باغ>>،<<قارا ئۈرۈك ئارامگاھى>>قاتارلىقلار بار بۇلۇپ باغدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈرى كوپ،ھاۋاسى ساپ،مۇھىتى ئازادە بۇلۇشتەك ئوزگىچىلىكىنى شۇنداقلا تۈرلۈك نىۋە-چىۋە،مول مىللىچە يىمەك-ئىچمەك،شارائىتى ۋە مىللىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە ئايرىم خانىلار ۋەئەلا مۇلازىمەت شارائىتى ھانى ھازىرلىغان كىشىلەرنىڭ يىغىلىش،كۈڭۈل ئېچىش،ئارام ئېلىشىدىكى كوڭۈلدىكىدەك قارارگاھ دىيىشكە بۇلىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە دالىدىكى سەر بىرتۈپ چىچەك ئاچقان يانتاق،قىزارغان يۇلغۇن،غەيۇر ئوسكەن توغراققىچە پەيزاۋاتتىن ئىبارەت قەدىمى شەھەر بىلەن قورشالغان ناھىنىڭ شاھىدكىرىدۇر.ئۇلار قۇيۇق ھەم سىرلىق قەدىمى پۇراققا ئىگە بۇلۇپ پەيزاۋاتنىڭ ئوزگىچە گۈزەللىگنى نامايەن قىلىدۇ. |
|