كۆرۈش: 3446|ئىنكاس: 2

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تەپسىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52346
يازما
3
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 17:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندا تونۇلغان مەشھۇر ئالىمى مۇھەممەد سالى داموللامنىڭ ئەجرى بىلەن‹قۇرئان كەرىم نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى› 1986-يىلى مىللەتلەر تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ تەرجىمە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى ۋە ئىشەنچىلىك تەرجىمە ھىساپلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ تەرجىمە‹قۇرئان كەرىم› نىڭ قىسقىچە تەپسىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇڭا ئۇنى ھەم تەرجىمە ھەم قىسقىچە تەپسىر دىيىشكە بولىدۇ.
  بۇ تەرجىمە ئىلىمىز ۋە چەتئەللەردىكى ئۆلىمالارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن سىرت، ئۇيغۇر تېلىنى بىلىدىغان قېرىنداش ئالىملارنىڭمۇ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

2.‹تەپسىرى ئىبنى كەسىر› بۇ تەپسىرنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغان، ‹ئىمام ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر› يېزىپ قالدۇرغان. ئىشەنچىلىكلىكى بىلەن مەشھۇر. بۇ تەپسىر 6توم بولۇپ تۈركىيەدە 2005-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

3.‹قۇرئان كەرىم ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر› بۇ تەپسىر ئۇستاز مۇھەممەد ئەلى سابۇنى تەرىپىدىن فىقھى ئىلمى ‹ئىسلام دىننىڭ قانۇن-تۈزۈم، شەرئەت ئەھكاملىرى› ئاساسى قىلىپ يېزىلغان بولۇپ،‹2توم› 2006-يىلى تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

4.‹تەپسىرۇل ۋادىھ› بۇ تەپسىر، مۇھەممەد مەھمۇد ھىجازى، بىلەن، ئەبۇبەكرى جابىرىل جەزائىرى قاتارلىق ئىككى ئالىمنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلدا يېزىلغان مۆتىۋەر ئىككى تەپسىرنىڭ خۇلاسى ۋە جەۋھىر بولۇپ 2002-يىلىدىن بىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىغا تەرجىمە قىلىنماقتا، بۇ تەپسىرنىڭ ئالدىنقى 4پارىسىنىڭ تەرجىمىسى ‹قۇرئان كەرىمنىڭ روشەن تەپسىرى› دىگەن نام بىلەن بىر پارىدىن تەييارلاپ تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. بۇ تەپسىر ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى روشەن ۋە چۈشۈنىشلىك بولغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان.

5.‹قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى› بۇ تەرجىمىنى ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىسلام دىنىي جەمىيتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار تەرجىمە قىلغان بولۇپ 2012-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ 2013-يىلى 1-ئايدا تارقىتىلىشقا باشلىدى  
مەنبە: ئۆزۈم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 12:54  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
15033
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 16:55:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زاماندا تونۇلغان مەشھۇر ئالىمى مۇھەممەد سالى داموللامنىڭ ئەجرى بىلەن‹قۇرئان كەرىم نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى› 1986-يىلى مىللەتلەر تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ تەرجىمە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى ۋە ئىشەنچىلىك تەرجىمە ھىساپلىنىدۇ.
كوپچىلىك  ياخشىغا  ئىشارەت،  مۇشۇ  نۇسخىسى  بولسىلا  كۇپايە،مىنىڭچە  بولغاندا  تەرجىمە قىلنىپ بولغان قۇرئاننى يەنە تەرجىمە  قىلىش ھاجەتسىز.

UID
52752
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 20:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
....ئۇلۇغ ...... قۇرئان  كەرىمنىڭ قايتا  تەرجىمە  قىلنشى  .ئويغۇرلارنىڭ مەشھۇر  ئالىمى   ‹ مۇھەممەت سالى داموللامنڭ  ›ئەجرىنى  كوزگە  ئىلمىغانلىق  بولامدۇ؟  .....  قېرىنداشلارنىڭ  ماڭا  توغرا  چۇشەندۇرۇپ قۇيۇشنى  ئۇمۇد  قىلمەن ........ بۇرۇنقىسمۇ  ناھايتى  ياخشى  تەرجىمە قىلنىپتىكەن    مەن  كۇندە سەھەر تۇرۇپ  ئۇقۇۋاتقان ئىدىم............. يېڭىسنىمۇ  ئۇقۇپ باقسام  بولغىدەك.........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش