كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 12

مۇستەقىل دۇنيا قاراش – يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ئاساسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
532
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
11793
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
290 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 18:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇستەقىل دۇنيا قاراش – يېڭىلىق يارتىىش روھىنىڭ ئاساسى

تۇردى توختى

-        كىشلىك ھايات تاشقى كۈچ بىلەن ئىچكى يادۇرو ئىرادە كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدۇر،كىشلىك ھايات بىر بولسا تاشقى كۈچكە بوي سۇنىدۇ،بىر بولسا ئۇلارنى كونتۇرۇل قىلىدۇ.
----- خادوك{1}
كىشلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپلىك ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پالىيىتى خىلمۇـ خىل مەۋجۇدلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياشاش يۇلىدا ھامان ئۆلۈم كۈلپىتى ئۈزىنىڭ سايىسىنى ئىنسان ھاياتلىقنىڭ مۇشەققەتلىك يوللىرىغا تاشلاپ،ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئىنسان تەقدىرىنىڭ (قەدىر-قىممىتىنڭ) ھالقىلىق نوقتىسىنى ئىنسان پالىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تۇرىدۇ.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئىنسان تەقدىرىنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى بولسا-دەل ئۈزىنى دەڭسەپ،ئۆزىنىڭ قارىشىنى(نىشانىنى) بىكىتىش جەريانىدۇر.بۇ ھال دەل ئىنساننىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يادۇرۇلۇق مەسىلە بۇلۇپ،كىشىلەر مۇشۇ يادۇرۇنى مەرگەز قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىسە يۈكسەكلىككە قاراپ ئالغا بېسىپ دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،ئۆزىنىڭ مۇستىقىل قاراشلىرىنى ئاشكارلاپ،يېڭىلىق يارتىش يۇلىغا ماڭىدۇ،يادۇرىدىن تېيىپ كەتسە قۇللۇققا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
ئادەملەر دۇنيادا ھەممە مەخلۇقاتلاردىن ئۇلۇغ،چۈنكى ئۇ ئۈزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن باشقا جانلىقلارنى ۋە تەبىيەت نىممەتلىرىنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئەقلى ئارقىلىق تەجىربىلەرگە ئىرشىدۇ.تەجىربىلىرى ئاساسىدا تەبىيەت دۇنياسىدىن نۇرغۇنلىغان رىزىقلىرىنى ئېلىپ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاسسىدا ئۇ يەنە تەبىيەت دۇنياسىغا ئۈزىنى بېغشىلاپ،بۇ ئىللىق ئائىلىسىنى زىننەتلەيدۇ،زىننەتلىگەن بۇ ئىللىق ئائىلىدىن ھۇزۇرلانغىنىچە ئاخىرى تۇپراققا(تەبىيەتكە) سىڭىشىپ كېتىدۇ...
تەبىيەت دۇنياسىدىن ھۇزۇرلىشى ھەممە ئادەملەرگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ.تەبىيەت دۇنياسىدىن ھەقىقى ھۇزۇرلانغۇچى- مۇستىقىل دۇنيا قاراشقا ئىگە بولغىچىلاردۇر.مۇستىقىل قارىشى بولمىغانلار پەقەت باشقىلار ھۇزۇرلىنىپ بولغان ھۇزۇرنىڭ ھىدىنى باشقىلارنىڭ بۇرنى ئارقىلىق پۇراپ لەززەتلەنگۈچىلەردۇر.
مۇستىقىل قاراشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ قەلبى پاسسىقلىققا تولغان بۇلىدۇ.چۈنكى ئۇ گۈزەللىكنى ئۈزىنىڭ يارتىدىغانلىغىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ،چۈشەنسىمۇ يېڭلىق يارتىپ،ئۆزگىچە گۈزەللىككە سىڭىپ كىرىشكە مەڭگۈ جۈرئەت قىلالمايدۇ.گۈزەللىككە سىڭىپ كىرىشكە جۇرئەت قىلالمىغان كىشى يېڭى گۈزەللىك ئۈستىدىمۇ ئويلانمايدۇ.بۇ يەردىكى بىز دىۋاتقان گۈزەللىك دەل مۇستىقىللىق قارىشىغا تايىنىپ يارىتىلغان خاسلىققا ئىگە نەتىجىلەردۇر.
لوئى پېرتون ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلىغى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ‹‹ئادەم ئاشۇنداق تەڭداشسىز قۇدرەتكە.روھ،يەنى تەپەككۈر قىلىش،ئانالىز قىلىش ۋە ئۆز ئىرادىسى بۇيىچە تەرەققى قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغاچقىلا،ھەممىدىن ئۇلۇغ بولالىغان،ھەممىدىن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرالىغان››{2}بۇ ھۈكىمدىنمۇ بىزگە مۇستىقىل دۇنيا قاراشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگى سىر ئەمەس.‹‹ئۆز ئىرادىسى بۇيۇچە تەرەققى قىلىش››دەل بىز تەكىتلىۋاتقان مۇستىقىل دۇنيا قاراشقا ئىگە بولۇش بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.مۇسىقىل قاراشى يوق كىشىلەر مەڭگۈ ئۈزىنىڭ ئىرادىسىنى ئاشكارلاشقا قادىر بولالمايدۇ،ئۈزىنىڭ ئىرادىسىنى ئاشكارلىيالمىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ قۇللىرى بۇلۇپ يېڭىلىق يارتىشقا قادىر ئەمەس،چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى ھەر زامان يېڭىلىق دەپ چۈشەنگۈچىلەردۇر.
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان يېڭىلىق يارتىش قانداقتۇر ھەممە ئادەم ئىجات قىلسا،كەشىپ قىلسا بولاتتى دىگەنلىك ئەمەس،ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى داۋانلىرىدا ،سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۆز مەيداننى ئاشكارلىلالايدىغان،ھەق-ناھەق مەسىلىلىردە ھەقنى تەرەپتە تۇرالايدىغان بولۇش مەسىلىلىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۈزنىڭ ئىدىيىسىنى ئاشكارلاپ،مۇستىقىل پىكىر قىلالىغان كىشىلەرنىڭ،يېڭىچە(باشقىچە)قاراشلىرىدىن يېڭى مەسىلىلەرنىڭ يېڭىچە جاۋاپلىرى مەيدانغا كىلىشى تەبىئى،بۇ ھال ئىنسانلارنىڭ دىمۇگىراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۇپ،ئادەمنى ئادەمدەك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.مۇستىقىل دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەر باشقىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ،ھۆرمىتىگە،قوللىشىغا مۇيەسسەر بۇلۇپ،ئاۋام ئىچىدىكى ئورنى،ئابرۇيى يۇقىرى كۆتىرىپلىپ،شۇ يۇرتنىڭ ،شۇ جامائەتنىڭ يول باشچىسىغا،جامائەت ئىشلىرىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلىنىدۇ.ئەكسىچە بولغىنىدا بۇنداق مەيدانسىز،تۇتۇرۇقسىز كىشىلەرگە ئاۋام نەلەتلەر ياغدۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى پاسكىنىچىلىكتىن ھەممە يىركىنىدۇ.
مۇستىقىل ئاڭنى(دۇنيا قاراش)ئىپادىلەش بىز دىگەندەك ئۇنچە ئاددى ئۇقۇممۇ ئەمەس،مۇسىقىل ئىرادىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەريانى بولسا تېخىمۇ مۇشكۈللۈككە ئىگە بولغان جەرياندۇر.چۈنكى ئىنسانلار جەمىيىتىدە مۇستىقىل دۇنيا قاراشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ ئاز ئەمەس.
1. خارەكتىردىكى تايىنىۋېلىش خاھىشى- بۇنداق كىشىلەر ئۈزىنىڭكى ئىدىيەسىنى سەپسىتە،باشقىلانىڭ ئىدىيىسىنى ھەقىقىەت دەپ بىلىدۇ.چۈنكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى مۇستىقىللىقتىن ياتلاشقان بۇلۇپ،باشقىلانىڭ تەييار تاۋىقى ئۈستىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغانلار،ئۈزىنىڭ ئىشىنى باشقىلارغا تايىنىپ ،ھەل قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قول سېلىپ قىلمىغانلار بۇلۇپ،بۇلار بەختنى باشقىلار ئاتا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.خارەكتىرى ئاجىز بۇلۇپ،جاپا-مۇشەققەتكە چىدىمايدۇ،جاپا تارتىشنى ئەسلا خالىمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشتەك ئەڭگۈشتەردىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ.تۇرمۇشى مۇستىكىل بولمىخان كىشىلەرنىڭ پىكىرى مۇستىقىل بولمايدۇ،پىكىرى مۇستىقىل بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى مۇستىقىل بولمايدۇ،ئۆزى مۇستىقىل بۇلالمىغان كىشىلەر تەبىئى ھالدا يەنە بىرسىگە تايىنىدۇ-دە،ئومۇرنىڭ ئاخىرغۇچە باشقىلانىڭ بۇرنىدىن يوتىلىشىگە يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.مانا مۇشۇنداق مەككۈملۇق كىشىلەرنىڭ مۇستىقىل ياشاش ئېڭىنى بوغۇپ،يېڭىلىق يارتىش روھىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ.
تايىنىۋېلىشنىڭ خىللىرى كۆپ بۇلىدۇ،بەزىلەر كىم نىمىنى قىلسا شۇنىغا ئەگىشىپ شۇ كىشى قىلغاننى قىلىدۇ،كىم نىمە دىسە شۇنىغا ئىشىنىدۇ،يانا بەزىلەر ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالىدۇ،ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۇھ دىگۈدەك ھالىنى قويمايلا قالماي ئۈزىمۇ چۈشكىنلىك ئىچىدە ياشايدۇ.يەنە بەزىلەر ئۈزىنىڭ ئىچكى خارەكتىرىگە تايىنىۋالىدۇ،بۇنداق ئادەملەر ئېغىزىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان ئىدىيىسىنى ئاشكارلاشقىمۇ پېتىمايدۇ،ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئازاپلىنىدۇ،ئۈزىدىن ئاخرىنىدۇ،خاتا قىلغانلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىككىنچى قېتىمدا يەنە ئوخشاش سەنەمگە ئۇسۇل ئوينايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى قابۇليەت بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە زەيىپلىشىدۇ...بۇ خىلدىكى ئىچىگە تايىنىۋېلىش ماھىيەتتە شۇ ئىنساندىكى تۇراقسىزلىق،دەلىغۇلۇق،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، مەيلى قانداق خىلدىكى تايىنىۋېلىش بولسۇن ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلىنى كىسىپ،يېڭىلىق يارتىش روھىنى بوغۇپ قويىدۇ.ئۇلار ياشاش جەريانىدا ئوبىراز يارتالمايدۇ،كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئازراقمۇ ئورۇنغا ئىرشەلمەيدۇ،يىغىنچاقلاپ دىگەندە ئۇلارنىڭ جىسىمى تىرىك،روھى ئۆلۈك،ئۇلار مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان روھىنى ئۆزلىرى مەجبۇرى ئۆلتۈرۋاتقانلاردۇر.
سەن ئويلاپ باق سەندە قىلچىلىكمۇ مۇستىقىل ئىدىيە بولمىسا،ئۆز قارىشىڭنى باشقىلار ئالدىدا نامايەن قىلالمىساڭ،باشقىلارنىڭ سايىسىدەكلا باشقىلارغا ئەگىشىپ  ياشىساڭ سىنىڭ كىشلىك ھاياتىڭنىڭ يىلتىزى قانچىلىك بولماقچىدى،سەن شۇنى بىلىۋال سەن بىر پارازىت،سەندە يىلتىز بولمايدۇ،سەن مەڭگۈ،مەڭگۈ باشقىلارنىڭ يىلتىزىدىن ھاياتلىق ئىزدەيسەن.
2.ھۇقۇق خارەكتىرى
ھۇقۇق مەسىلىسى ،ھازىرقىدەك ئىقدىسادى قۇرلۇشنى مەرگەز قىلغان دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ شىرىن چۈشىگە ئايلاندى،بۇ شىرىن چۈش نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە خارەكتىر يىتىلش دەۋرىگە تەرەققى قىلدى،بۇ يىتىلۋاتقان خارەكتىر دەل ھۇقۇق خارەكتىرىدۇر.ھۇقۇق خارەكتىرىنى يىتىلدۇرۋالغان كىشىلەر ھۇقۇقىنى قۇتقازغۇچى ئىلاھ سۈپىتىدە چۈشىنىپ،ھۇقۇق بېرەلەيدىغان كىشىلەرنى ئىلاھى سۈپەت بىلەن سۇپەتلەپ،پۈتۈن ئېتىقادىنى شۇلارغا بېغىشلادۇ،ئۇلار ھۇقۇنى نۇپۇز،ھۇقۇقنى ئورۇن،ھۇقۇقىنى بايلىق،ھۇقۇقنى ئەركىنلىك،ھۇقۇقنى خوجايىلىق،ھۇقۇقنى-ئاتا-ئانام،قۆۋم - قېرىدىشىم دەپ بىلىدۇ،ھۇقۇقنى دەپ قېرىداشلىرىنىڭ ھاياتى-مەنپەتىنى ساتىدۇ،ھۇقۇقنى دەپ مىللى روھىنى يوقىتىدۇ،ھۇقۇقنى دەپ ئادىمىلىكتىن تانىدۇ،ھۇقۇقنى دەپ پاسسىقلىق يولىنى تاللايدۇ.بۇلاردىكى خارەكتىر ھۇقۇقى چوڭلانى كۆرگەندە ئۇلارغا‹‹ھەممە ئادىمىگەرچىلىكىنى››دوغا تىكىش،ئۆزىدىن ھۇقۇقى تۈۋەنلەرنى كۆرگەندە ‹‹ھەممە خوجايىلىقىنى››ئىشقا سېلىش بۇلۇپ بۇنداق خارەكتىر ئۇلاردا تېبىئى ھالدا ئىككى يۈزلىمىلىكنى پەيدا قىلىدۇ،ئۇلار ئىچىگە نۇمۇسسىز - تەكەپپۇر،سىرتىغا نىسپتەن قۇل، ئۇلارغا ھۇقۇق ئاتا قىلغان ‹‹ئىلاھلىرى››يىقىلغاندا ئۇلار شۇ ‹‹ئىلاھ››لانىمۇ دەسسەپ ئۆتۈپ يېڭى ‹‹ئىلاھ››قا قانداق قىلىپ يېقىنلىشىشنى ئىزدەيدۇ. بۇلاردا ھۇقۇق ئېڭى ھۆكىمىرانلىق قىلغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار خارلىنىشقا،ۋىجدان ئازاۋىغا بەرداشلىق بىرىپ،ھىچنىمە كۆرمىگەندەك ‹‹ئالغا››ئىلگىرلەش كۇيىدا بولىدۇ.بۇنداق ۋۇجۇدىنى ھۇقۇق ئۈچۈن ئاتىۋاتقانلاردا ئۆزگىچىلىك بولمايدۇ،ئۇلار تولىمۇ بىچارە بولۇپ ھەر زامان ئۈزىنىڭ ھۇقۇقىدىن ئەندىشە قىلىپ،كۈنلىرى دەككە-دۈككىدە ئۆتىدۇ.
ئۆزىنىڭ كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كىتىپ بارغانلىغىنى ھىس قىلالماي يۇرۋاتقان كىشىلەردە مۇستىقىللىق تۇيغىسى بولمايدۇ.ئۇلار ھۇقۇدارنىڭ ئالدىدا خاتا سۆلەپ قويارمەنمۇ دىگەن قورنۇش ئىچىدە نىمە دىسە ھە دەيدىغان قۇللارچە مىجەزنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇلانىڭ تەپەككۈرىدىن يېڭى ئۇسۇل،يېڭى تەبىر چىقمايدۇ،ئۇلار ھۇقۇقدارنىڭ شۇئار توۋىلىغىچىلىرىدۇر.چۈنكى بۇلار ھۇقۇق ئۈچۈن نۇمىسىنى ساتقانلاردۇر،بۇنداقلاردا نۇمۇس تۇيغىسى يوق.
سەن ھۇقۇق تۇتىۋاتقان ۋاقتىڭدا،شۇئار توۋىلىۋاقان ۋاقتىڭدا،ئاجىزلارغا ھۇقۇق يۈرگۈزۋاتقان ۋاقتىڭدا ئۆزەڭنىڭ قەدىر-قىممىت ئۈستىدە ئويلىنىپ باق،سەن مۇستىقىل ،ئۆز ئالدىڭغا قارىشىڭ بار ئادەممۇ ياكى جىسمىڭ ئۆزەڭنىڭ،ئەقلىڭ خەقنىڭ بولۇپ قالغان باشقىلارنىڭ كىلۇنلانغان ھالىتىمۇ.
ھۇقۇق تىپىدىكى بۇنداق بىچارىلەرنىڭ ئىدىيە مۇستىقىللىغى،ئادىمىلىگى،ئەقلى تەپەككۈرى ئۆلگەن ئىنسانلار بۇلۇپ،ئۇلار شۇ بىر مەگىل ئىچىدە يېڭى پىكىر يۇلىنى ئاچالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى يېڭىلىق يارتىش روھى كۈندىن-كۈنگە زەيىپلىشىدۇ،ئۇ مۇستىقىل ھۇقۇق يۇرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ ئىلگىركى تەسىراتتىن قۇتۇلالمايدۇ،ھەرقانچە كۇچىسىمۇ ئىزىغا دەسسيدۇ.ۋاز كېچەلمەيدۇ.مۇشۇنداق روھى ھالەت ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنىنى باغانچە سۇسلاشتۇرۇپ،جامائەتنىڭ قارغىشىغا قالدۇرۇدۇ.

3.چۇقۇنۇش خارەكتىرى
چۇقۇنۇش خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۋالغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى تەرسا،قوپال،جايىل بۇلۇپ بۇلار بىرەر شەخسىگە ياكى ۋەقە-ھادىسىگە،مەلۇم شەيئىلەرگە چۇقۇنۇشى مۇمكىن،بۇلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئابىستىراكىتنى بىلىمى بولغان بىلەن ماھىيەتلىك مەسىلىلەرگە بولغان تۇنىشى تۈۋەن بۇلۇپ بۇ ھال بۇلاردا قارىغۇلارچە چۇقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى چۇقۇنغان‹‹مەبۇد››لىرىنىڭكىدىن باشقا ھەرقانداق مەسىلىگە شۈبىلىك قاراپ،بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى سەپسىتە  دەپ بىلىدۇ.دۇنيانى ئاشۇ ‹‹مەبۇد››لىرىنىڭ قارىشى بۇيۇچە چۈشىنىدۇ.ئۇلار چۇقۇنغۇچى شەخسىلىرىنى نوقسانسىز دەپ بىلگەچكە ئۇلارنىڭ ئىش پالىيەت،سۆز-ھەركەتلىرىنى مىسلىسىز ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ.
چۇقۇنۇش(ئېتىقات) ئاساسلىقى ئىككى خىل بولىدۇ،بۇنىڭ بىرى ئىلاھققا چۇقۇنۇش،يەنە بىرسى بولسا شەخسىگە چۇقۇنۇش.بۇ يەردىكى ئىلاھققا چۇقۇنۇش بولسا بىر خىل مەدىنىيەت ھادىسىس بۇلۇپ،كىشىلەردە يۈكسەك ئەخلاق ۋە ئادىملىكنى پەيدا قىلىپ،كىشىلەر ئىچىدىكى كۆيۈنىشنى ھەقىقى يۇسۇندا ئەمىليەتكە ئايلاندۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ،كىشىلەرنى يامانلىقتىن يىراق تۇرۇپ،ھالال ئەمگىگى،ساپ ئەقلى بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئۈندەيدۇ.
بىزنىڭ ماقالىمىزدا ئوتتۇرىغا قۇيىدىغىنىمىز بولسا شەخسىگە چۇقۇنۇش ئىدىيەسىدىن ئىبارەت.شەخسىگە چۇقۇنۇش ئىلاھى ئېتىققاتتىن تۈپتىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئۇقۇم بۇلۇپ،بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنا بىر قىسىم كىشىلەرگە قارا-قۇيۇقنى ئايرىمايلا چۇقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق چۇقۇنغۇچىلار يۇقىرى تەسىرلىك كىشىلەردىمۇ،ئاۋام ئارىستىمۇ بولىدۇ.بۇلارمۇ چۇقۇنغۇچىلىرنىڭ تۇتقان-پۈتكىنىنى ئىلاھى دەرجىگە كۈتۈرۈپ،ھەممە نەرسىسىنى ئۇلۇغلايدۇ.سىز ھەقاچان داڭلىق كىشىلەرنىڭ كالتە ئىشتىنىنى چۇقۇنغۇچىلىرىنىڭ سۈيۈپ كەتكەنلىەىنى،پايپاقلىرىنى ھىدلاب كەتكەنلىگىنى شۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىغىنى بىلىسىز ياكى ئاڭلىغان،يەنە بەزى ئاددى كىشىلەرنىڭمۇ مەھللىسىدىكى ياكى رايۇنىدىكى بىرەر كىشىگە چۇقىنىدىغانلىغىنى ،ئاشۇ ئادەم نىمە دىسە ئۇنىڭ يانماي قىلىدىغانلىغىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن...مانا مۇشۇ ھالەتلەر قارغۇلارچە چۇقۇنۇشنىڭ تىپىك ھالەتلىرى بۇلۇپ،بۇنداق خارەكتىرنى يىتىلدۈرۋالغان كىشىلەردىمۇ چۇقۇنغۇچىسىنى ئۇلۇغلاپ،ئۆزىنى شۇنىڭ ئېتقاتچىسى دەپ قاراپ،شۇ كىشىنىڭ دۇنيا قارىشى،ياكى ھەركەت يۆنىلىشنى بويلاپ ئىش كۆرىدىدىغان ئادەت يىتىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۆزنىڭ مۇستىقىل قارىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە،يېڭىلىق يارتىشتىن مەھرۇم قېلىپ،كوچىدىكى لالما ئىتتەك چۇقۇنغۇچىسىنىڭ كەينىدىن قاۋاپ ماڭىدۇ.
سەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانمىساڭ،سىنىڭ قارىشىڭ باشقىلارنىڭ قارىشى دائىرىسى ئىچىدە پالىيەت قىلسا،قانداقمۇ سىنى مۇستىقىل ئادەم دەپ قارىغىلى بولسۇن،سەن ئەلنىڭ نەزىرىدە چۇقۇنغۇچىڭنىڭ نانغا كونگەن ھايۋىنىدۇرسەن.سەندەكلەردىن ئۇرۇق-جەمەتىڭمۇ يىركىنىدۇ،شۇڭا سەن تەرەققى قىلالمايسەن،تەرەققى قىلساڭمۇ چۇقۇنغۇچۇڭنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىسەن.
جەمىيەت بولغاندىن كىيىن بەزى توھپىكارلارنى چۇقۇم ھۆرمەتلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۇ ئەقەللى ئەخلاق قارىشى،لىكىن ھۆرمەت-ئىززەتنىڭ باراۋەرلىك،مۇستىققىللىق ئىچىدە بولغىنى ھەققى ساپ ھۆرمەت – ئېتىقات بۇلىدۇ.نىمە دىسە شۇنداق قىلىش،قانداق بولىشتىن قەتتىئى نەزەر گالۋاڭلارچە ئەگىشىش بولسا رەزىللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،رەزىللىك-سادىق بولۇشقا،مەرتلىككە تەڭ ئەمەس.
4.بېيرىگورات تىپ
بېيرىگوراتلىق ماھىيەتتە ئۆزىنى مەرگەز قىلىۋېلىش پىسخىكىسى بۇلۇپ،ئۇلار ئۆزىگە چۇقۇنۇشنى يادىرو قىلىپ پالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.ئۆزىگە چۇقۇنۇشمۇ ئاساسەن ئىككى خىل بۇلىدۇ.بىرى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى،سېسىتمىلاشقان،ئەمىليەتتىن ئۆتكەن نەزىريىلىرنى مەرگەز قىلىپ،يېڭى ئۇقۇملار ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ،جەمىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قۇشىدۇ،بۇنداق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ،جەمىيەت ئۈچۈن تۆھپە سانىلىدىغان ئۆزىنى مەرگەز قىلىش ئەمىليەتتە مۇستىقىللىق ئېڭىنىڭ،مۇستىقىل دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇپ،يېڭىلىق يارتىش ئەمىليىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.بۇنداقلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۆزىدىن ھالقىپ،جەمىيەتكە توھپە قالدۇرۇشتۇر.مەسىلەن:ھەرقانداق بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۆزىنىڭ شەخسى ئېتىياجىدىن باشلىنىدۇ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۇمۇمىلىققا قاراپ تەرەققى قىلغان بولىدۇ،بۇ مەسىلىدە ھەرقانداق ئادەم ساختىلىقنى قايرىپ قۇيۇپ،يۈرىكىگە قول سېلىپ باقسا بولىدۇ.
يانا بىر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغان ئۆزىنى مەرگەز قىلىش بولسا ئۈزىنىڭكىنى ھەقىقەت،باشقىلارنىڭكىنى سەپسىتە دەپ قارىغۇچىلاردۇر،بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىگە ئېتىۋارسىز قارايدۇ،ئاڭلىغاندەك قىياپەتكە كىرۋېلىپ،باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرغاندەك قىلغان بىلەن بۇ مەسىلىگە زادىلا كۆڭۈل بىلمەيدۇ،ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەرىدۇ.ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنىڭكىنى باشقىلارغا تاڭىدۇ،باشقىلار قارىشىنى ئېيتىپ بولغۇچە ئۇنى نەخ مەيداندىلا ئۇجۇقتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.ئۈزىنىڭكىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ تۈزەتمەيدۇ.بۇيرۇقۋاز،قارا نىيەت،ئىچى تار بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كىتىشىنى بىر قىيامەت دەپ بىلىدۇ.مۇشۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاختى باشقىلارغا قانداق تاقابۇل تۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كېتىدۇ-دە ،ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ.بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ بېيرۇگىراتلىشىپ،ئەسىبىلىپ،بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ،شەكىل ئۈچۈن ئىشلەيدىغان شەكىلۋازلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھاياتى-مال مۈلىكى بىلەن ھىسالاشماي،ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدايدۇ.يۇقارقىدەك ئىشلار ئۇنى تىرىككەكلىكە سۆرەپ كىرىدۇ-دە ئۇنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھى مەڭگۈلۈككە يوقىلىدۇ.باشقىچە ئېيتىساق ئۇنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھى،‹‹تىرەككىك جىسىمى››دىن مەڭگۈگە ئايرىلىپ كەتكەن بولىدۇ.
سەن ئويلاپ باق،سەن بۇ دۇنيادا بىر ئىجدىمائى ئادەمسەن،سەن دۇنيانىڭ ئىجدىمائىلىقىنىمۇ چۈشىنىسەن،شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ دۇنيانىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى بولغان ئىجدىمائىلىققا جەڭ ئېلان قىلساڭ،سەن جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن تەڭلا چارچاپ،ئاخىرقى ھىساپتا جەمىيەت ئۈچۈن يۈك بولۇپ قالماسسەنمۇ؟،سەن جەمىيەتنى كېرەك قىلمىغان ئىكەنسەن،جەمىيەتنىڭ سىنى تاشلىۋېتىشتىن قورۇقمامسەن؟!شۇ چاغادا سىنىڭ ئادەملىك قەدىر – قىممىتىڭ مەڭگۈگە ئۆچمەسمۇ؟

5.تۈزۈم خارەكتىرى
ھەرقاداق بىر ئىجدىمائى جەمىيەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا تۈزىمى بولىدۇ.تۈزۈم تۈزۈلمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان خارەكتىرگە ئىگە بولىدۇ.تۈزۈلمىنىو ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىغى ۋە كەمچىلىكلىرى بولغىنىدەك،تۈزىمنىڭمۇ ئارتۇقچىلىغى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ.بۇلار ئۆز خارەكتىرىگە ئاساسەن بەزى مەسىلىلەرنى چەكلەيدۇ.بىرنىڭ چەكلىگنى يەنە بىرنىڭ يولغا قۇيدىغان ئەڭگۈشتەرى بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.مۇشۇنداق چەكلىمىلىكلەر ماھىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئىلغار پىكىرلەرنى تۈزۈمنىڭ خارەكتىرىگە ماس كەلمىدى دەپ چورۇپ تاشلايدۇ،لىكىن شۇ جەمىيە چورۇپ تاشلىغان ئىدىيەلەر ئىچكىرلەپ تەكشۈرسەك شۇ جەمىيەتنىڭ ئۆزىدە يىلتىز تارتىپ كۆكلەيدىغان شارايىتلارغا ئىرىشكەن بولىدۇ،ئۆزىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان نەرسىنى ئۆزى قۇبۇل قىلماسلىق ماھىيەتتە ئىنسان تەبىيىتىگە يات بولغان ئۇقۇمدۇر.
يۇقىرقىدەك تۈزۈمنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن يېڭى قاراشلار بخ ھالىتىدىلا بوغۇلۇپ قالىدۇ.بىز بۇ نوقتىنى مۇنداق تەھلىل قىلساقمۇ بولىدۇ.دىنىي ئېتىقاتمۇ ئىدىيە مەدىنىيىتىگە تەۋە بولغان،كىشىلەرنىڭ ياخشى ئادەم بۇلۇپ،باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ ئەخلاقى نىشانى قىلغان ئىدىلوگىيە،كومىنستىك ئەخلاقتىمۇ شۇنداق مەزمۇنلار بار،بۇرجىئازىيىنىڭ ئەخلاقىدىمۇ شۇنداق مەزمۇنلار بەر يەنە نىمە ئۈچۈن بۇ ئۈچ خىل ئىدىلوگىيە بىرى-بىرنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،نىمە ئۈچۈن بىرى-بىرنى چەكلەيدۇ،ئىمكانىيتىنىڭ بارىچە بىرى بىرنى يوقىتىۋاتقىلى ئۇرۇنىدۇ مىنىڭچە بۇ دەل تۈزۈلمە - يەنى ئىدىيە مۇستەملىكىچىلىكىدىن كەلگەن كىشىلەردىكى خاتا تۈزۈلمە قارىشى.
بىز بۇنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلايدىغان بولسا ئادەملەرنىڭ خارەكتىرى،دۇنيا قارىشى،ياشاش شارايىتى،ياراتقان مەدىنىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ،ئۇلار بىكىتىپ چىققان قايدەلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بۇنداق ئوخشاش بولمىغان قايدىلەرمۇ كىشىلەرنىڭ كۆز قارش،دۇنيا قاراشلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە تەسىر يەتكۈزۈپ كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھىنى بوغۇپ قۇيىدۇ.بىر قېتىم تۈزۈم بولۇپ قالغان قايدىلەر ۋە ئەنئەنىلەرنى ئۆزگەرتىش قىيىن بۇ ھال كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھىنى بوغۇپ،مۇستىقىل قارىشىنى ئىپادىلەشكە ئىمكان بەرمەيدۇ.بۇ يەردە دىيىلۋاتقىنى قاتمال،تەرەقىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قايدە ۋە ئەنئەنىلەردۇر.مەسىلەن:داخاننىڭ دۇئا ئۇقۇپ،قىزىڭغا دۇئا چۈشتى دەپ ئالداپ،نۇرغۇن نارسىدىلەرنىڭ كەلگۈسىنى يوقاتقىنىدەك...
توسالغۇ بولىۋاتقان قاتمال تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز دەپ ئىنسانىيەت شۇنچە دەبدىبە بىلەن شۇئار توۋىلىشىدۇ-يۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قاتمال نەرسىلەر تۈگىمەيدۇ،ھەممە بىردەك ھارمدىن قورقۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ-يۇ نىمە ئۈچۈن ھارامدىن كەلگەن مال-مۈلۈكلەر ھېلى-ھەم بازارلىق مۈلۈك بولىدۇ.بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى بۇنداق تۈزۈملەرنى ،ھارامدىن بېيىشلارنى ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتى ھالىتىدە چۈشىنىدىغان كۈشەندىلەرنىڭ ھېلى ھەم بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇنداق ھالەتلەرمۇ كىشىلەردىكى ھەق ناھەق تۈيغۇسىنى سۈندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارتىش روھنى چەكلىمىلىككە ئۈچرىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قاتمال تۈزۈمنى ياڭىلىق يارتىش روھىنى بۇغۇپ قۇيىدىغان قاتىلغا ئوخشاتقانلىق بىمەنىلىك ھىساپلانمايدۇ.
سەن ئويلاپ باق،سەن جەمىيەتتە ياشايسەن،جەمىيەتتە ياشىغان ئىكەنسەن جەمىيەتنىڭ قايدىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايسەن،يېڭى،ئەركىن پىكىرلىرىڭمۇ بەزىدە ھىساپقا ئېلىنمايدۇ،بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ ،سەن تۈزۈم تۈزگىچە ئەمەس،بۇ مۇقەرەر سىنىڭ پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇشىڭنى بەلگىلىگەن.بۇنداق پاسسىپ ئورۇن سىنىڭ روھىڭغا تەسىر قىلماسمۇ؟،سىنىڭ قاناتلىنىۋاتقان تەپەككۇرىڭنى بۇغۇچلىماسمۇ؟...
6.ئەخلاقى زەيىپلىك
ئەخلەقى زەيىپلىك بولسا كىشىلەردىكى نۇمۇس تۇيغۇسى يوقاپ،ئادىمىلىك پەزىلىتى ئۆلۈپ،ياشاش نىشانى خىرەلىشىپ،ئەقىدەسىز ياشاش جەريانى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئەخلاقى زەيىپلەشكەن كىشىلىردە نە مىللى روھى،نە بىر ئېتقات،ياكى بىر مىللەت چۈشەنچىسى،ئىچ بولمىغاندا ئۇرۇقىنى(جەمەتىنى)قەدىرلەش تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.بۇنداقلار چۈشكۈلەشكەن كىشىلەر تۇپى بولۇپ،ھەرقانداق ئىشتا ئاقىۋەتنى ئويلىمايدۇ.كاللىسىغا كەلگەننى قىلىدۇ.ئەخلاقىنى ئۆزىنىڭ كۈشەندىسى قاتارىدا كۆرۈپ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى نۇمۇسسىزلىقنى ئۆزىدىكى ئەركىنلىك ياكى جۇرئەت دەپ چۈشىنىدۇ.ئۇلار كىمگۇدۇر ئاچچىقلىۋاتقاندەك،كىمدىندۇر ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك،ئاخىرقى نىشانىغا يېقىنلىشىپ،مەقسەتلىرى ئىشقا ئېشىۋاتقاندەك ھىس تۇيغۇدا بولىدۇ.ئۇلار مۇشۇنىڭدىن خۇشاللىق ئىزدەپ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنى تامامەن يوقىتىدۇ.
سىز نۇرغۇنلىغان بىنورمال ئەھۋاللارنى يۇلۇقتۇرىسىز،شۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلسىڭىزمۇ،ياكى پەرەز قىلالىسىڭىزمۇ،پەقەتلا كۆڭلىڭىزگە سىغدۇرالمايسىز،بۇ بىزگە ئەخلاقى بىنورمالسىزلىقنىڭ ئازابىنى ھىس قىلدۇرسا،ئەخلىقى زەيىپلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن بىز قەلبىمىزگە سىغدۇرالمىغان ئەخلىقى بىنورمالسىزلىق گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.
بۇنداق يامان خارەكتىرلىك ئەخلاقنى ئۈزىنىڭ مىزانى قىلىۋالغان كىشىلەردىن يېڭىلىق يارتىش روھىنى تەلەپ قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن،چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى بۇزۇلغان،ئۈمۈتسىز كىشىلەردۇر.بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ زەيىپ ئەخلاقنى يېڭىلىق يارتىش روھىنى بوغۇپ قۇيىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتىيالايمىز.
بۇ دىگەنلىك يولدىن ئازغانلارنى قۇتقازغىلى بولمايدۇ،جەمىيەت ئۇنداقلارنى شاللىۋېتىش كېرەك دىگەنلىكمۇ ئەمەس،بىراق خارەكتىرلىشىپ بولغان ناچار پەزىلەتنى ئۆزگەرتمەكمۇ قىيىن بولغان مەسىلە،بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ۋاقىت،زېھنى كۈچ، ماددىي كۈچلەر سەرىپ بولىدۇ.ئۇنىداق ئادەملەر ئۆزىنى چارچىتىپلا قالماي جەمىيەتنىڭ ھەر ساھىسىدكى كىشىلەرنىمۇ چارچىتىدۇ.بۇنداق رىياللىقمۇ منىڭچە كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارتىش كۈچىنى تەسىرگە ئۇچراتماي قالمايدۇ.
زەيىپ ئەخلاق يېڭىلىق يارتىش روھىنى بوغۇپلا قالماي يانا جەمىيتنىڭ ئىجدىمائى گۈزەل ئەخلاقىغا ،كىشىلەرنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ،جەمىيەتنى ۋە بىر قىسىم قېرىداشلىرىمىزنى زەھەرلەيدۇ.بۇ خىل زەيىپ ئەخلاققا بولغان تۇنىشىمىزنى ئۆستۈرمىسەك جەمىيەتنىڭ تەرتىۋى بۇزۇلۇپ،گۈزەللىك خۇنۇكلىشىپ قېلىشى،شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتنىڭ قايدىسى بۈزلۈك كىتىشى مۈمكىن.
زەيىپ ئەخلاقنى ئۈزىگە يار قىلۋالغۇچىلارمۇ پارازىتلار بۇلۇپ،مۇستىەقىل ياشاش ئېڭى كەمچىل بولىدۇ.ئۇلار باشقىلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ھالال ھەققىگە قول سالىدۇ.شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ جاھاندارچىلىقىنى قىلىش يۇلىنى ئىزدەيدۇ.
بۇنداق ھارام ياشاشنىڭ قۇلى بۇلۇپ كەتكەن كىشىلەردە مۇستىقىل پىكىر قىلىش،مۇستىقىل ياشاش چۈشەنچىسى كەمچىل بولىدۇ،ئۇلار نۇمۇسىزلارچە قىلىشقان بىشەملىكلىرىنى يۇقىرى چەكتىكى مۇستىقىللىق ، ئەركىنلىك چۈشەنچىسى بىلەن باغلايدۇ.
سەن ئويلاپ باق،نۇمۇسىزلىق،بېشەملىكنى يۇقىرى چەكتىكى گۈزەللىك،ئەركىنلىك چۈشەنچىسى بىلەن باغلىغان كىشىلەردە قانداقمۇ مۇستىقىل دۇنيا قاراش ئىدىيەسى،ۋە يېڭىلىق يارتىش روھى بولسۇن!
...    ...
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى چۈشىنىپ يىتىشكە بولىدىكى ئادەمنىڭ مۇستىقىل پىكىر قىلىش،مۇستىقىل ياشاش،مۇستىقىل تەپەككۈر قىلىش ئېڭى يۇقالسا،كىشىلەردىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش،ئۆزىنىڭ ئەمگىگى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ،يېڭىلىق يارتىپ ،ئىگىلىك تىكلەش روھى يوقالغان بولىدۇ.
يېڭىلىق يارتىش روھىدىن ئايرىلىپ يىلتىزسىز ياشاش(پارزىت) كىشىلەرنىڭ ئابرۇيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ بۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ شۆھرەت قۇچالمايدۇ،چۈنكى ئۇلار يىلتىزى بىلەن ياشايدىغان شەيئىدىن ئايرىلىپ قالسىلا ھالەك بولىدۇ.
بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز كىشىلەردە چۇقۇم مۇستىقىل قارش بولىشى،ئۆزى ئويلىغىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان روھ بولىشى ، ئۆزىنىڭ مەسئۇليەت دائىرىسىنى ئۆزى كونتۇرۇل قىلالايدىغان جۇرئەت بۇلىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا بىزدە مۇستىقىل يېڭىلىق يارتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.بىز ھىچنىمە دىمىسەك،ھىچنىمە قىلمىساق،نىمە دىسە ھە-ماقۇل دىسەك،بىزنىڭ شاتۇتىدىن پەرقىمىز قالمايدۇ،سىز شاتۇتىنىڭ يېڭىلىق ياراتالىغانلىغىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
بىر جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلىغاندا مۇستىقىللىق دۇنيا قارىشىنى يىتىلدۈرەلمىگەن كىشىلەرنىڭ روھى قۇل بولىدۇ.روھى قۇل كىشىلەر يېڭىلىق يارتىش روھىنى يقىتىپ قويغان بولىدۇ.بۇ نوقتا مۇستىقىل دۇنيا قارش تۇرغۇزۇشنىڭ كىشىلەردىكى يېڭىلىق يارتىش ئېڭىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرياللار:
{1} ‹‹قەلبنىڭ قۇتقۇزىلىشى›› شىنجاڭ خەلق سەھيە نەشىرياتى 81-بەتتىكى نەقىلگە قاراڭ
{2}يۇقىردىكى كىتاب،1-بەتكە قاراڭ.

ئۆز يازمام
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تورغا چىقمىغىلى ھەم توردا بىر نەرسە يازمىغىلى ئۇزاق بولغانلىغى ئۇچۈنمۇ بۇ ماقالىنى ناھايتى ئېغىر ھەلەتتە،ئۆزەمنى مەجبۇرلاپ تۇرۇپ يازدىم،بۇنداق بولىشتىكى ئىككىنچى بىر سەۋەب بولسا بۇ توغرىسىدكى بىلىمىمنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بولدى دەپ قارىدىم،شۇنداق بولسىمۇ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يەنىلا سىلەرگە سۈندۇم ـــــــــ ھۆرمەت بىلەن:تۇردى توختى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 12:34  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 23:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەل مۇشۇ خىل تەرەپلىك مەبۇدىيەت ۋە چوقۇنۇش توغرىسىدا بىر تېما تۇتقان . خېلى بولدى تۈگىمەي كېتىۋاتىدۇ ۋە بەلكى تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ توغرىسىدا ئىنتايىن ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 23:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەل مۇشۇ خىل تەرەپلىك مەبۇدىيەت ۋە چوقۇنۇش توغرىسىدا بىر تېما تۇتقان . خېلى بولدى تۈگىمەي كېتىۋاتىدۇ ۋە بەلكى تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ توغرىسىدا ئىنتايىن ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 23:21:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ دەل مۇشۇ خىل تەرەپلىك مەبۇدىيەت ۋە چوقۇنۇش توغرىسىدا بىر تېما تۇتقان . خېلى بولدى تۈگىمەي كېتىۋاتىدۇ ۋە بەلكى تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ توغرىسىدا ئىنتايىن ياخشى شەرھىيلەپ بېرىپسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-13 23:24):
كوم كىرىشىۋېلىپ قايتا ئىككى قېتىم تەڭ مېڭىپ كېتىپتىغۇ ، ئەستا ..........

UID
52543
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 02:17:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن ئويلاپ باق سەندە قىلچىلىكمۇ مۇستىقىل ئىدىيە بولمىسا،ئۆز قارىشىڭنى باشقىلار ئالدىدا نامايەن قىلالمىساڭ،باشقىلارنىڭ سايىسىدەكلا باشقىلارغا ئەگىشىپ  ياشىساڭ سىنىڭ كىشلىك ھاياتىڭنىڭ يىلتىزى قانچىلىك بولماقچىدى،سەن شۇنى بىلىۋال سەن بىر پارازىت،سەندە يىلتىز بولمايدۇ،سەن مەڭگۈ،مەڭگۈ باشقىلارنىڭ يىلتىزىدىن ھاياتلىق ئىزدەيسەن.

UID
6825
يازما
532
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
11793
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
290 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:03:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqi0996
ياخشىمۇ سىز؟
سىزنىڭ ماقىلىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا تىلەكداشمەن،شۇنداقلا سىزنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ماقالىڭىز ئۈچۈن بۇ ئەرزىمەس ماقالىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن قاراشتىمەن.سىزگە ئۇتۇقلار بولغاي!
ئامان بۇلۇڭ قېرىندىشىم.

UID
6825
يازما
532
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
11793
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
290 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 09:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqi0996

ياخشىمۇ سىز؟
سىزنىڭ بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئەسىرىڭىزنى يوللاپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت،مەن ئۇنى تۇلۇق ئۇقۇپ،قىممىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرشىمەن.
ئامان بۇلۇڭ!

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 21:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turditohti يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 09:58
izqi0996

ياخشىمۇ سىز؟

ئەگەر خالىسىڭىز باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئەخلات دەپ قارالغان شۇ بىر يۈرۈش تېمىنى ھەر بىر بۆلۈك پۈتىشىدە مۇشۇ تېمىڭىزنىڭ ئاستىغىلا چاپلاپ قويايمۇ ؟

UID
52797
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:42:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە دەل مۇشۇ خىل روھ كەمچىل.....

UID
6825
يازما
532
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
11793
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
290 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 23:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqi0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 21:28
ئەگەر خالىسىڭىز باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئەخلات دەپ ق ...

مىنىڭ باشقىچە پىكرىم يوق،باشقۇرغۇچىلار قانداق قاريدۇ ئۇنى بىلمەيمەن،سالامەت بۇلۇڭ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش