كۆرۈش: 4960|ئىنكاس: 13

دوزاختىكى نامازخانغا     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 16:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                        دوزاختىكى نامازخانغا

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .

ئالدىمىزدا شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ، يەر يۈزىدىكى جىمى جاندارلار تىرىلگەن ، ئۇ كۈندە جىمى كىشىلەرنى شۇنداق قاتتىق زىلزىلە قاپلايدۇكى ، ئۇلارنىڭ بىر - بىرلىرىگە قاراپ كۈلگىدەك ، گەرچە ھەممە كىيىمسىز بولسىمۇ ھېچ شەھۋەتسىز ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمىلەرگە بۇيرىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ، ھاياتىي دۇنيادا شۇنچە ھۆرمەتلەنگەن ئالىملارنىڭ ( ئالدى بىلەن ئەنە شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەن ئالىم ، قارىي ، موللا ، شېھىت دەپ ئاتالغانلار .... دىن سۇئال سوراق قىلىنغانلىقتىن ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆزلىرى ئىشەنگەن موللىلىرىنىڭ ) دەپتەرلىرىدىكى دۇنيالىقتىكى ئەمەللىرى ھېچ ئەسقاتمىغانلىقتىن ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قىلمىشلىرىنىڭ ھېساۋىنى بېرىپ بولالماسلىقتەك تەقدىرلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرغانلىقتىن ئۇلاردا ئۆزلىرىگە قارىتا ھېچ بىر ئىشەنچ بولمىغانلىقتىن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ دەپتەرلىرىگە ئىلگىرى ئىنتايىن ياخشى قىلدىم دەپ ئىشلىگەن ئەمەللىرى ، ئىبادەتلىرى رىيا ، ئىخلاسسىز ، چىنلىقسىز قىلىنغانلىقتىن ، ئۆز ۋاقتىدىلا ياكى ئىلگىركى ھاياتى دۇنيادىلا يېزىلىپ ئەنگە ئېلىنمىغانلىقتىن ۋە پەقەت ئەمەللىرىنىڭ ھالى بۈگۈنكى ئۆتكەلگە لايىق كەلمىگەنلىكتىن ئەس ھۇشىنى يوقاتقان ، كۆز ئالدىغا تېخى كىرىشتىن ئىلگىرى كەلتۈرۈپ تۇرغۇزۇلغان دوزاخنىڭ شىددەتلىك ھىلىنىڭ تەپتىدىن باشلىرىنىڭ تېرىلىرى قورۇلۇپ پىژىلداۋاتقانلىقتىن ، ھەمدە ئەنە شۇ دوزاخقا كىرىشتىن باشقا يولنىڭ يوقلىقىغا جەزم قىلىپ تۇرغان بىر ۋاقىتلاردا ، بەندىلەردە ئالاھىدە زىلزىلىلەر بولغۇسىدۇر . بۇ ۋاقىتتا بۇ كۈندىن ئىنتايىن غەپلەتتە ئۆتكەن كىشىلەردە ، قىيامەتكە قايىم بولغۇچە ئارلىقتا بۈگۈندىن تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىسكەنجىلەردە تۇرغۇزۇلغۇسىدۇر . ئۇلار مەھشەرگاھقا يىغىلغىچە بۇ چوڭ يىغىلىقنىڭ دەھشەتلىك زىلزىلىسىدىن ئۆز ئارا پىچىرلىشىپ سورىشىدىغانلىرى بۇ كۈننىڭ نېمە كۈن ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا بولغۇسىدۇر . بۇ ۋاقىتتا بۇ كۈندىن ئىلگىركى ھاياتىدا غەپلەتتە ياشىغانلارنىڭ پىچىرلاپ تۇرۇپ سورىغان سۇئاللىرىغا قارىتا شۇنداق ئېيتىلىدۇلەركى :

( بۇ كۈنگە قارىتا ) ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر اﷲ نىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر ( دىنغا ئىشەنمىگەن ۋە دىنىي ئىشلارغا سۇس قارىغانلىقىڭلاردىن بۇ كۈننىڭ بۈگۈنىدە بىزلەرگە ھازىر قىلىنىدىغانلىق توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئىلىمنى ) بىلمەيتتىڭلار» [56].

بۇ كۈندە ( ئىلگىرى دىنغا شەك كەلتۈرگەن ، قارىماققا ياخشى ئەمەل قىلغاندەك ، ئەمما ھېچ ئاللاھنىڭ رازى بولۇش قىممىتى رەۋىشىدىن يات ھاللاردا نەپسىنىڭ يېتەكلىشى بۇيىچە بولۇپ ئۆزلىرىنى ھەقىقەت ئىلىمدىن ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان نېمەتتىن مەھرۇم قالدۇرغان )  زالىملارنىڭ ( ئىلگىركى ھاياتىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىدەك پۇشايمانلاردا ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى ياكى ھاياتىي دۇنيادا ئىشلىمىگە ئەمەللىرىنى ئەمدىلىكتە ئورۇنداش بىلەن) اﷲ نى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ [57]. رۇم

ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز» [12].سەجدە

(ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن ( سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنىڭ سىلەرگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ، چوقۇم ئىشلىشىڭلەرگە تېگىشلىك بولغان ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھنىڭ بۈگۈنىنى ئۇنتىغانلىقىڭلاردىن بۈگۈن ھەم ) سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، ( ئاللاھ سىلەرگە شۇنچە زور نېمەتلەرنى ، ئىمتىيازلارنى ، سىلەرگە بۈگۈنكى ئازابتىن قۇتۇلۇپ مەڭگۈلۈك جەننەتكە ئېرىشىدىغان يوللارنى ئەينەن كۆرسەتكەن ھەمدە سىلەرگە سۆزلەتكەن ئىدۇق . ئەمما سىلەر ئەھدىگە قارشى ئىشلىگەن ) قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» ( دىيىلگەنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولىدۇ ) [14].سەجدە

اﷲ (ئۇلارغا): « زېمىندا ( ئىلگىرى ھاياتلىقىڭلاردا ) قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ [112]. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي - كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (مالائىكىلەر ) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار بۇ كۈندە چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ) [113]. مۆئمىنۇن

بۇلار دەل ھاياتىي دۇنيادا مۇسۇلمان بولغان ۋە ھاياتىدا شۇنىڭدەك ئىككى مۈرىسىدە جىمى ئىشلىرىنى خاتىرلىگۈچى ئىككى مالائىكە كىراۋەن - كاتىبىنلارنىڭ ھەقلىق بارلىقىنى تەستىقلايدىغان ، ئەمما يامان ئىشلاردىن ئۆزلىرىنى ساقلىمىغان كىشىلەردۇر .

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن ۋە ياكى مەھشەر كۈنىدە ھەممە ئىش ئايان بولغان ۋاقىتتا ) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ [22]. بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىىز بولغانلىقتىن، ئەمەللىرىنى ئاللاھنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا خاس ئىشلىمىگەنلىكىدىن قىلغان ياخشى دەپ قارىغان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز) [23].فۇرقان

شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمىگەن ، ئەمەل - ئىبادەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەسلى قۇبۇل قىلىشقا لايىق رەۋىشتە ئىشلەشتىن ئاجىز كەلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى ، ئۇنىڭغا قارىتا ھەقىقەتەن جىددىي شاپائەتلىك كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان بىر ۋاقىتتا ئول كىشى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ . بۇ خۇددى ئاللاھنىڭ بىر ئايىتىگە تېخى ئۇ ئايەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىماندار بولغاندەك تىلىدا داۋراڭ سېلىپ ئۆزلىرىنى باشقىلارغا ئىماندار كۆرسۈتۈپ ، ئەمما شۇ تىلىدىكى ئىمانى توغرىسىدا سىنىلىش ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغان ئانچىكى بىر زىلزىلىلىك ئاچچىقى ھەم ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن زىيىنى بار بولغان قىسمەتلەردە ھېلىقى ئىمانى توغرىسىدا ئېيتقان ھەممىۋاسىنى ئۇنتۇپ كۇفرىغا قايتقىنىدەك ، بۇنىڭدەك تىلدىكى زۇۋاندازلىق ، رىيالىقتا ، مەنمەنچىلىكتە كۆز - كۆز قىلىشتا ئىشلىگەن ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدەك ئېغىر سىناقلارغا كەلگەندە توزۇپ كەتكۈسىدۇر . ئى ئىنسان ! سەن شۇنىڭدەك ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن كۇفرىغا تىگىشىشكە تېگىشلىك قىلغان زۇۋاندازلىق ، كۇفرىلىق ، مەنمەنچىلىكتە قىلغان ئەمەللىك ئىمانىڭدىن ۋاز كېچىپ نەپسىڭنىڭ خۇشلىقىغا ئېرىشمەكنى ئىختىيار قىلغانكى ماھىيىتىڭ مەھشەر كۈنىدە ئاللاھ تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىسا ، يەنە سېنىڭ نېمە ئۆزرەڭ بولسۇن ؟

پەرۋەردىگارىمىز يەنە شۇنداق دەيدۇ :

ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ ( قايسى قەۋم ئۆزلىرىنى كۇفرىلىققا ياكى شۈكرىلىككە ئېلىپ چىقىشتا ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگۈچە مەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويماسلىقىم ئۈستىدىكى ) ھۆكمىم ( ئاللىقاچان ) بېكىپ كەتتى ( ھەمدە بارلىق ئىنسان ۋە جىنلار مېنىڭ بۇ ھۆكۈم بايانلىرىمنى ئېيتىشتى ۋە ئېتىراپ قىلىشتى ) . مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (دىن ئۆزلىرىگە زۇلۇمنى ، زالىملىقنى تىلىگۈچىلەردىن ئىبارەت ) - ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن [13]. سەجدە

ئى قەۋمىمىز ! بىز شۇنىڭدەك بارسا كەلمەس يولغا قاراپ مېڭىۋاتماقتىمىز . بۈگۈنكى ھاياتىمىز شۇنىڭدەك ئەڭ ياخشى ۋە باشلىنىشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسىتىمىزدۇر . بىز مەيلى قايسى ھالەتتە بولمايلى ۋە بىز قەيەرلەردە بولمايلى ئۆلۈم بىزنى چوقۇم تاپىدۇ . زېمىندا ئۆلمەيدىغان جانلىق يوق . بىز ئۆلسەك ياكى مەھشەر كۈنىدىكى ئاجايىباتلار ئۈستىدە باشقىلاردىن سوراشقا تېگىشلىك بولىمىز ياكى شۇ سورىغۇچىلارغا قارىتا شۇ كۈننىڭ نېمە كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگۈچى بولىمىز . بىز مەيلى كىم بولايلى ، قايسى موللا - دەموللا بولايلى شۇ كۈندىكى سۇئال - سوراقلاردىن خالىي قالمايمىز - يەنى مەھشەر كۈنىدە چوقۇم بۈگۈنىمىز ئۈستىدىكى ئەھدىلىك ئىمتىيازىمىزغا ھېساب بېرىمىز .
ئىلگىرى بارلىق ئۇيغۇرلار مەھشەر كۈنىدىن قورقاتتى . چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئارىسىدا كۇارىلىقلار ئىنتايىن سۇس بولغانلىقتىن دىنغا شەك كەلتۈرۈش ۋە دىنى ئۈچۈن دۇنيالىقىنى سېتىۋېتىش ئىشلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى . ئۇ ۋاقىتلاردا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىغان ، كۆز ئالدىدا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدىغان ۋە باشقا ئېچىنىشلىق ئىشلار تولا يۈز بەرگەرچە كىشىلەر ئۈستىدىكى ئازابنىڭ قاچان كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىق ئۈستىدە ئارزۇ - ئۈمىد قىلىشاتتى . ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى دىنىي ئۆلىمالىرىمىز ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ۋە ئازابنىڭ ھەقىقەتەن قاتتىقلىقىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئۇلارنى ئۇلارغا قارىتا پايدىلىق ۋە تېگىشلىك بولغان بىر سەپسەتە ئارقىلىق دىنغا مايىل قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى . ئۇ بولسىمۇ نامازنى مۇشۇ دۇنيادا ئۆتىمىسەڭ ئۇ دۇنياغا بارغاندا دوزاختا ئوت بىلەن تاھارەت ئېلىپ ، ئوتتىن جەينىماز راستلاپ ئوتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولىسەن . سەن ئويلاپ باققىنكى ، بۈگۈنگە قارىساڭ دوزاخقا قارىتا شۇنچە راھەتلىك ھايات ، نامازنى جاينامازلاردا ، ئىسسىقتا سالقىن سايىلاردا ، مەسجىدلەردە ، گېلەم - كىگىزلەر ئۈستىدە ، سوغۇقتا ئىسسىق ئۆيدە ۋە مەسجىدلەردە ئوقۇيسەن . ئويلىنىپ باققىنكى ، بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىنىڭغا تۇرىسەن ؟ دېگەنكى كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھەقىقىي ئىشلاردىن غاپىل ۋە نادانلىقىغا قارىتا ئۇلارنى بۈگۈنكى زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ بولغان دىنىي قىممەتكە چۆكتۈرۈشتە شۇ خىل پايدىلىق بولغان سەپسەتىلەرنى مەۋقەلىگەن ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ئىلگىرى بىرەر قىيىنچىلىق بولسا ئاللاھقا ، خۇداغا يىغلايدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى . ھەمدە نامازنى ئوقۇشقا بولغان ئەقىدىسى كۈچلۈك ئىدى . ئەلۋەتتە بىز بۇ خىل مەۋقەلەرنى توغرا چۈشىنىمىز . چۈنكى نارسىدە بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئىشنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە پىكىر قىلالماسلىقتەك ئورنىدا ئۇلارغا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىش ، قۇرئاننى تەپسىر قىلىپ بېرىش ئارتۇقچە ئىش بولغىنىدەك ، شۇ خىل دىنغا بولغان ھۆرمىتى چەكسىز ، ئەمما دىنغا بولغان ئالاقىدار ئىشلاردىن غاپىل كىشىلەرنى ۋە پىكىر قىلىش سېستىمىسى تېخى كۈچلۈك رەۋىشتە قوزغۇلۇپ بولالمىغان ، بۇ تەرىپى تېخى نارسىدە كىشىلەرگە ئەسلى ئىشنىڭ ماھىيىتى مۇنداقتى دەپ پەلسەپە سۆزلىسە ئۇلار قانداقمۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن ؟ شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ ئىلىم بېرىلگەن ۋە ئىلىم بايان قىلىشتا تېگىشلىك ساقىيلىرى ھەم كىشىلەرنىڭ تاقىتىگە يارىشا ئۆلچەملىك بايانلايدىغان تۇرسا ، باندە ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولسا ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولۇشتەك ، بەندىنىڭ پىكىر سېستىمىسى كۈچلۈك بولمىسا ھەم ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىكى ساقىيلىرى ھەم ئۇلارغا تېگىشلىك قىلىپ ئۆلچەيدۇ دە ! شۇڭا ئى ئىنسان ! ئاتا - بوۋىڭىزنىڭ بۇ خىل مەۋقەلىرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەي ، ئۆزىڭىزنى خۇددى ئۇلارنىڭ دەۋرىدىكى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ دىنىي قىممىتىنى كۈچلۈك بولغىنىدەك ، سىزمۇ دىنىي قىممىتىڭىزنى كۈچلۈك قىلسىڭىزلا ۋۋە تاقىتىڭىزنىڭ يەتكىنى بۇيىچە دىندىكى قۇرئانغا خاس بولمىغان تەرەپلەردىن خالىي تەرەپلەردىن ئەقىدىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشىڭىز قالدى .

ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (اﷲ نىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، ....... ( 11 ) ھۇجۇرات

ئاللاھ تائالا بىز مىللەتنىڭ شۇنىڭدەك قاراڭغۇلۇقتىن بۈگۈنگىچە ۋە كىيىنگىچە ئالتە بۆلەكلىك زامان ئىچىدە يارىتىپ ئاخىرقى ئۈممەتلەرگە قارىتا ھەممىلەرنى تەل قىلىپ ھەممىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ھەقلىق يولىنى تېپىشىنى ئىرادە قىلدى . ئىلگىرىمۇ شۇنداق قىلغان ۋە بۈگۈنمۇ ھەمدە كىيىنمۇ شۇنداق قىلغۇسى . چۈنكى ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆزگىرىش يوقتۇر . شۇنىڭدەك ، ھەر بىر دەۋىرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرىگە بىلدۈردى . ھەر قەۋم ئۆزلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىشلار ئۈستىدىلا جاۋابكاردۇر ۋە ئۆزلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىشلار ئۈستىدىلا سۇئال - سوراق قىلىنغۇسىدۇر . شۇڭا باشقىلارنىڭ پۇتىمىزغا خىش قۇيۇپ بېرىپ بىزلەرنىڭ بۈگۈنگە ئۆرلىشىمىزگە قارىتا ئەمەللىرىنى ئۈستۈنلىككە چىقىۋېلىپلا خۇددى << ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكىچە نەزىر >> دېگەندەك ، ئىلگىركى بۈگۈن ئۈچۈن ئۇل قويغۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىر تىيىن قىلىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئىنتايىن پەس ، ناكەس كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر .

گېپىمىزگە كەلسەك ، ئىلگىركىلەرنىڭ شۇ خىل مەۋقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا قارىتا پايدىلىق سەپسەتىلەرنى ئېيتىپ دىنغا باغلاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا دىنسىزلار ۋە دىننى ئۇيۇن قىلىۋالىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ تاقىتى يەتكەنكى ئىمتىيازىغا قارىتا ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇلارغا ئۆز ياراتقۇچىسىغا شۈكرى ئېيتىشقا تەكلىپ قىلسا ، شۇ خىل سەپسەتىدىن پايدىلىنىشتىن تۈگۈل << نېمىلا بولسام شۇ ۋاقىتتىلا بولاي ! بۈگۈن قىلمىغاننى كىيىن قىلىۋالىدىغان پۇرسەت بولغاندىكىن شۇ ۋاقىتتا بىر گەپ بولسۇن ! تاغدىكى يولۋاس ماڭىلا ئۇچىرىغانمىتى ؟ >> دەپ دىننى مەسخىرە قىلىش ۋە شۇ ماھىيىتىدە دىندارلارنى ۋە دىنغا يۈكسىلىۋاتقانلارنى شۇ خىل ھارامزەدىلىكى بىلەن يولىنى توسۇشقا بېكىنىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىگە تولىمۇ زىيانكارلىقنى تىلەشكە ئۆتتى . << قۇرئان كېرىم >> بارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش دولقۇنىدا ھەم بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغىلى ۋە كىشىلەرگە تارقىلىشقا باشلىغىلى دەل ئوتتۇز يىل بولدى . بۇ ئوتتۇز يىلدا ئوتتۇز يىلدىن ئىلگىركى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئېرىشمىگەن ، ئاڭلىمىغان دىنىي ئىلىملەر ، ئايەت - ھەدىسلەر بىزلەرگە يەتتى ۋە بىزلەرگە ئاستا - ئاستا ئىلگىركى كىچىلەرگە ، يېشى چوڭ بولسىمۇ ئەمما ئەقلى كەمتۈكلەرگە قوللىنىلغان ۋاستىلىق سەپسەتىلەر ، ئەپسانىلەردىن بارا - بارا قۇتۇلۇشقا ۋە دىننى ھەقىقىي ساپ قىلىش تەكلىپ قىلىندى . بۇ تەكلىپنامىلەر بىزلەرنى بېكىنمىچىلىكلەردىن يىراقلىشىشقا ، تەكلىپنامىلەرگە قارىتا سىجىل توغرا لىنىيە ھازىرلاشقا ھەر دائىم قىستايدۇ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىغا خاس تەكلىپنامىلەردىن ئۆزگە باشقا تەكلىپلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇتىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت پېشانىمىزگە نوقۇپ تۇرىدۇ .
دەيدىغىنىمىز شۇكى ، ئەمدى شۇ خىل ئىبادەتنى دوزاختا قىلىۋالىدىغانغا ھېچقانداق بىر ئايەت ۋە ھەدىس بولمىغانلىقتىن ، شۇ ۋاقىتتا قىلىۋالارمەن دەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھاماقەتلىكىگە قارىتا ئەمدى ئورۇن قالمىدى . سېنىڭ دوزاختا قىلىۋالىدىغان ، ئوقۇۋالىدىغان ئەقىدەڭ بۇ تېمىدىكى ئايەتلەر بىلەن << جارت ! >> ئەمدى بۇ ئەقىدەڭنى كۆتە ، نەگە ئاپارساڭ ئاپار !

ناماز ، دىننىڭ ھەر ۋاقىت مەزمۇت تۇرىشىدىكى مۇھىم ئاساسىي .
تاماق ، شۇنىڭدەك تەننىڭ ھەم ھەر ۋاقىت مەزمۇت تۇرىشىدىكى مۇھىم ئاساسىدۇر .
سىز تىنىڭىز ئۈچۈن قانداق تاماقلارنى ئىستىمال قىلماقچى ؟
شۇنىڭدەك ، سىز دىنىڭىز ئۈچۈن قانداق نامازلارنى ۋە قانداق ئەمەللەرنى ئىشلىمەكچى ؟
تىنىڭىزگە ئۇننى كېپىكى بىلەن ۋە سامىنى بىلەن بىرلىكتە يىمەكچىمۇ ؟
شۇنىڭدەك ، سىز دىندا شەكلى ئىبادەت ۋە ئەمەللەرنى چوڭ ھېسابلاپ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن مەھرۇم بولۇشتىن مەرھۇم بولماقچىمۇ ؟
سىز دىننىڭ ئاساسىي بولغان نامازنى دوزاختا ئوقۇپ ئادا قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ شۇ ۋاقىتقا قويۇپ قويغاندەك ، تىنىڭىزنىڭ ئاساسىي بولغان يېمەك - ئىچمىكىڭىزنى ھەم كىيىنكى دۇنيارىڭىزغا قالدۇرۇپ قويۇپ باقامسىز ؟
ھەر نەرسىنىڭ تېگىشلىك ئىنىرگىيەسى بولغىنىدەك ، دىننىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيە مەنبەسى نامازدۇر . نامازنىڭ قۇبۇل بولىشى ئاللاھقا خاس يۈزلىنىش ۋە ئاللاھقا ھەقىقىي بويسۇنۇپ تىزلىنىش ۋە بېشىنى قويۇپ يىقىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا جىمى تەرەپلەردىن ئەل بولۇشتۇر .

...........ھەربىر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي اﷲ قا يۈزلىنىڭلار، اﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر اﷲ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر» [29]. اﷲ ( ئاللاھنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن سەجدىدە ئاللاھىغا يۈزلەنگەنكى ) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر ( سەجدىنىڭ ماھىيىتىدىن مەھرۇم قالغۇچى ) گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ( يەنى سەجدىنى ئاللاھقا ئەمەس بەلكى غەپلەتتە قىلغۇچىلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچى ) اﷲ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ [30].ئەئراف

شۇنىڭدەك سەجدىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى كىشىنى ئاللاھنى پەرۋەردىگار تۇتۇشقا ، ئاللاھنى مەبۇد تۇتۇشقا ئېلىپ ماڭىدۇ . سەجدىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ ئۆلگەن قەلىبنى تىرىلدۈرىدىغان ، بۇزۇلغان روھنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان خۇسۇسىيىتى باردۇر . چۈنكى ئاللاھ ئۆزىگە ھەقىقىي چىن سەجدە قىلغۇچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ خىل قەلبىنى پاك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى سېلىشتەك رەھمىتىنىڭ بارلىقىنى جىلۋە قىلىدۇ ، ۋەدە قىلىدۇ . بۈگۈن ھەقىقەتەن بەزى بايلارغا نىسبەتەن ، ئاللاھقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ھەقىقىي بىر سەجدە قىلىش قولىدىكى ئېرىشكەن جىمى بايلىقلاردىن ئەۋزەلدۇر . ئەمما ئۇلار بۇنىڭدىن غاپىلدۇر . سىزچۇ ؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
قەلەم !




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
29745
يازما
8
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-21
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 18:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، رەھمەت!  ئوقۇپ چىقىپ مەزمۇنىنىڭ سەل چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى، جۈملىلەرنىڭ راۋان  ئەمەسلىكى، پىكىرنىڭ چېچىلاڭغۇلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر قەلەمدىلا پۈتكۈزۈپ يوللىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟  ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسى ئوحشىمايدۇ، شۇڭا، ئاددىي، چۅشىنىشلىك، راۋان يېزىش جەھەتتە ئىزدەنسىڭىز دېگەن ئۈمىدتىمەن . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
52464
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 19:56:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم. ھەقىقەتەن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ چىقىشقا تېگىشلىك ئېسىل پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز............ ئاپىرىن!!!!!!!!!!!!!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.
ئەجەپ غەپلەتتە ياشايمىز ھە..............!!!!!!؟؟؟؟
ئاللاھ ساقلىسۇن بىز لەرنى ئاشۇ كۇندە شۇ خارلىق زىيانكارلىققا  چۇشۇپ قېلىشتىن .... ئامىن !!!! ئامىن!!!! ئامىن!!!

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 20:51:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qunqa يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 18:51
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، رەھمەت!  ئوقۇپ چىقىپ مەزمۇنىنىڭ سە ...

توغرا ئېيتتىڭىز . مەن توغرىسىنى ئېيتسام يېزىقچىلىقنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن . بىلگەنلىرىمنى مۇشۇنداقراق بىر نېمە قىلىپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ مەنپەتلىنىشىگە ئالدىراپ كېتىمەن . شۇڭا مۇشۇنداق چېچىلاڭغۇراق نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ . مەنمىغۇ تىرىشىۋاتىمەن . بۇلتۇرغىغا قارىتا خېلىلا ياخشى بولمىسا . مەنمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى بولغان تېمىلىرىنى ئوقۇسام ھەم داۋاملىق تىرىشسام ۋە سىلەرنىڭ مۇشىنىڭدەك ‹‹ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! ›› دەپلا ئولتۇرماي كەمچىلىكلەرنى يۇرۇتۇپ بىرىشڭلار ئارقىسىدا چوقۇم تېخىمۇ قەلىمىم يارقىن بولغۇسى ! ئىنشائاللاھ

ئۇستازلارنىڭ خاتالىقىم ۋە يېتەرسىزلىكلىرىم توغرىسىدا قەلىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-13 20:56):
راستىنلا بىر قەلەمدىلا پۈتتۈرۈپ يوللىۋېتىپلا ھاردۇقۇمنى ئالىمەن ئادەتتە

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-13 20:58):
مۇمكىن بولسا قايتا ئىشلەشكە سەۋىرلىك بولۇشنى ئۆگەنمىسەم بولمىدى

UID
51884
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 20:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناماز   ھەقىقەتەن  ئاللاھقا    كەمتەرلىك  بىلەن  بويسۇنغۇچىلاردىن  باشقىلارغا   مۇشەققەتلىك  ئىشتۇر  .


ناماز   مۇسۇلمان  بىلەن  كافىرنى   ئايرىيدىغان   پاسىلدۇر .

UID
52593
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىكەن .
بىراق بەزى نامازخانلار نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇكى - نامازنىڭ سىرتىدىكى يۇرۇش ، تۇرۇش، ئىش پائالىيەتلەرگە ئانچە ئىتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ . ھەقىقى مۆئمىن كىشى - نەدىلا بولسا ئۆزىنى تىزگىنلەشنى ، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشنى بىلىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2432
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 01:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىگە قادىر ئاللاھ  ئىشلىرمىزنى ئاسان قىلسۇن .قەلبىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن تىخىمۇ كۇچلۇك نۇرلاندۇرسۇن

UID
49406
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىگەم ئەجىر بەرسۇن قېىرندىشىم.، ئاللاھ ئىگەم ھەر بىرىمىزگە تەۋرەنمەس ئىرادە، كۈچلۈك ئىتقاد ،ئاللاھ دەپ سۇقىدىغان قەلىپ ئاتا قىلسۇن. ئامىيىن.

UID
4880
يازما
88
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
418
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 12:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مەن دەل مۇشۇنداق ئىجادى پىكىر بايان قىلىنغان يازىملارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.
شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، بۇ دۇنيادا، مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا نامازنى تولۇق ئادا قىلمىساق، كەم قالغان يەنى قازا قالغان نامازلىرىمىزنى دوزاختا ئوتتىن تاھارەت ئىلىپ، ئوت جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ئەزايىمىز كاۋاپ بولىۋاتقان ھالدا تولۇقلاپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدىكەنمىز.....

UID
38308
يازما
34
تېما
3
نادىر
1
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 13:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 12:53
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مەن دەل مۇشۇنداق ئىجادى پىكىر با ...

مۇمكىن بولسا تېمىنى يەنە قايتا بىر قېتىم ئوقۇغان بولسىڭىز !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش