كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 5

پەزىلەت تەربىيەسى ئاتا - ئانىدىن باشلىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2747
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 02:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئېھسان 001  دىن كۆپچىلىككە سېغىنىپ سالام بولسۇن .
    سالامدىن سۆڭرە يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، پىقىر مۇنبەرنىڭ كەنجى قارىسى سەۋەپ ھەرقايسى تور ئەھلىگە تۆۋەندىكى بىر پارچە ماقالىنى سۇندۇم.
ماقالە كۆرۈپ ئولتۇرىۋاتقان ھەر بىر ئاتا - ئانا بولغۇچى ۋە ياكى بولماقچى بولغان دوستلارغا ماياك  ئۈلگە بولسا ئەجەپ ئەمەس.

مەغلۇبىيەتكە ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىش

   

      بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىپلا قالماي، بەلكى، روھىي دۇنياسىمۇ كۈنىسېرى تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بەىنىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما پىسخىك يېتىلىشىگە سەل قارايدۇ. بالىلار كۆڭلى يېرىم بولغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەندە ئەڭ ئاۋۋال ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىدۇ، بىراق بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ كەيپىياتى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارشىنىڭ چوڭلار بىلەن پەرىقلىنىدىغانلىقى، چوڭلارنىڭ نەزىرىدە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىشلارنى بالىلار كۆڭلىدە ئۇزاققىچە ساقلايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بالىلارمۇ ئادەم، ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە ھەرقانچە گۆدەك ۋە كۈلكىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىلارنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلار تولۇق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چوڭلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا باشقىلارنىڭ تەسەللىسى ۋە ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ، بالىلارمۇ ئوخشاش.
      ۋېليامنى تەربىيلەش جەريانىدا مەن ئۇنىڭدا مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە بەك ئەھمىيەت بەردىم. ئۇنىڭغا ئامال بار باشقىلارغا تايىنۋالماسلىنى، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەتتىم، ناۋادا بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرالمسا ئۇ كەلگۈسىدە بەختلىك ئادەم بولالمايتتى. بالىلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ بالىلىرىغا ئىلھام بەرسە بالىلار مەغلۇبىيەتنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ، روھىي چۇشكۈنلۈكتىنمۇ تېزرەك قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ. بالىلار مەغلۇبىيەتكە ئاكىتىپ يۈزلىنىشىنى ئۆگىنىۋالالىسا كەلگۈسىدە تۇمۇشىنىڭ خۇشاللىقنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. دۇنيا قاراڭغۇ تەرىپنىلا كۆرىدىغان ئۈمىدسىز ئادەم بولۇپ قالمايدۇ.
    ۋېليام بىر قېتىم مەكتەپ ئۇيۇشۇتۇرغان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولدى، ئۇ بۇ ئىشنى بەك مۇھىم بىلىۋالغاچقا بىر قانچە كۈن كۆڭلى يېرىم يۈردى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۇپ ، ئۇنىڭ روھىي چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىم زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.
   - ۋېليام، يەنە شۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۈچۈن كۆڭۈڭنى يېرىم قىلىۋاتامسەن؟- دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن
   - مەن ئۆزەمنىڭ بۇنچىلىك ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىمنى ئويلىماپتىمەن، مەن مەكتەپ بويىچە يۈگۈرۈشتە ئەڭ ناچار ئىكەنمەن!- دېدى ۋېليام ئۇھسىنىپ.
  - ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن يېرىم بولىدۇ، بىراق سەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟
  - بىلىمەن، مېنىڭ بەدەن ساپايىم ئۇلارغا يەتمەيدۇ.
   - ئۇنداق ئەمەس، ۋېليام. ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى سېنىڭ يېشىڭنىڭ ئۇلاردىن كىچىكلىكىدە، سەن ئىككى سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇدۇڭ، مەكتەپكىمۇ باشقا بالىلاردىن بالدۇر كىردىڭ، شۇڭا سەن سىنىپىنىڭ ئەڭ كىچىكى. ئاڭلىسام بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يىللىق بويىچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپتۇ، سەن ئۆزۈڭدىن ئۇچ ياش چوڭ بالىلار بىلەن بەسلەشكەندىكىن ئەلۋەتتە ئۇلارنى يېڭەلمەيسەن - دە.  بۇ ئىقتىدارسىزلىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئامال يوق، چۈنكى سەن ئۇلاردىن كىچىك، بويۇڭمۇ ئۇلاردىن پاكار، بىراق سېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەڭ سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى، بۇ سېنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىڭنىڭ ئاشۇ سەندىن چوڭ بالىلاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، ئەگەر سەن ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن يۈگۈرۈشتە بەسلىشىدىغان بولساڭ چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسەن.
   ۋېليامنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن ئەمدى ئازابلانمايدىغان بولدى.
   كىشىلىك ھاياتتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش دائىملىق ئىش، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھەمىشە ئوڭۇشسزلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئاتا - ئانىسىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويسام بالىلىرىنى داۋاملىق تەنقىد قىلسا بالىلارغا ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تالاي قېتىم تېتىپ، ئاخىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ. ھەر بىر ئاتا - ئانا:‹‹ بالامغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋەتتىمۇ قانداق؟››دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشى، ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ پوزىتىسىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇرۇشى، بالىلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈكتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

                                            بىرىنچى كۆچۈرۈلمە ماقالە تامام.
           
          مەنبە: شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2011-يىل تۇنجى نەشر قىلغان  ئاسىيە مۇھەممەد سالھ  خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان << پەزىلەت تەربىيەسى  ئاتا - ئانىدىن باشلىنىدۇ>> دىگەن گېرمانىيە يازغۇچىسى كىچىك كارل ۋېتىرنىڭ ( كارل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربيىسى دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئوغلى ) كىتابىدىكى بىر پارچە ماقالە.
   

       ئاخىرىدىكى ئۆزەمنىڭ يانداشما ئورنىدا بېرىلگەن مۇلاھىزە، دوستلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىگە مۇھتاجمەن.

      شۇنداق دوستلار، پەرزەنت تەربىيسى ئەڭ مۇھىم، ئۇنىڭ مۇھىمىلىقىنى ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالاردىن مىڭىگە ئوخشتىشقا بولىدۇ.
     مىڭە - قوماندانلىق شىتابى
     تەربىيە - مىڭە
  
    توغرا، ھەرقانداق بىر ئىنسان بالا ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىر سىڭدۇرىدۇ. ئوغرىمۇ بالىسغا سەن مەندەك ئوغرى بول دىمەيدۇ. قىماۋازمۇ سەن مۇنداق قارت ئاچساڭ ئۇتۇسەن دىمەيدۇ...   چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئازاپلىنىدۇ.
    تارىخقا نەزەر سالساق تارىختىمۇ كۆپلىگەن قاغىدىن ئەنقا چىققان نۇرغۇن قانلىق ھەقىقەتلەر بار، ئەلۋەتتە ئەنقادىن قاغا چىققانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلاردىكى تۈپ سەۋەپ ئۇلارنىڭ يىنىدىكى زامانىۋى تىل بىلەن ئېيتقاندا، سىن ئالغۇچى ۋە ئۇن ئالغۇچى  دائىرىسىدىن ھالقىغان تەپەككۇرى ھۆكۈمنىڭ  قارشىسىغا  ئىنتىلىش  پىسخكىسغا ئىگە بالىسى تەرىپىدىن قايتا ھۆكۈملەنگەنلىكتۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 12:53  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
169
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4429
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-25
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 18:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنىت تەربىيسى ھازىرقى جەمىئىيتىمىزدىكى بارلىق ئاتا- ئانلار كۆ ڭۈل بۆ لۋاتقان مەسلە، بىر بالنى قانداق تەربىيلەش، قانداق قلىش بۇ بىر جەريان . مەن بىر ئانا بولغان بولساممۇ ، لاياقەتلىك ئاتا- ئانا بۇلۇشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكنى چۇڭقۇر ھىس قلىدىم . بالامغا گىپىمنى ئۆ تكۈزەلمىگەندە شۇنداق ئازاپلاندىم .بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ زادى نەدە ئىكەنلكنى چۇڭقۇر ئىزدەندىم . نىمە ئۈچۈن بالامنىڭ ئالدىدا قلىغان گىپىم، قلىغان تەربىيەم ئاقماي قالدى ؟
   بۇ مە سلە بالنىڭ گەپ ئاڭلىمغانلىقدا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ شۇ تەنقىت تەربىيمىزنىڭ بالنى قايىل قىلالمىغانلىقدا. ئۈزىمىز بالغا ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلالدۇقمۇ -يوق ؟ بىز بالمىزغا قانچىلىك ئەجىر قىلدۇق؟ تەربىيلەش ئۇسۇلمىز زادى قانداق ؟
مەن ئۆ ز -ئۆ زەمدىن سوراپ باقسام تەربىيلەش ئۇسۇلۇم توغرا ئەمەس ئىكەن ،راسلا بالامنىڭ بىرە قىلغان ئىشغا مەدەت بېرىپ باقماپتىمەن ، ئاران مۇشۇنچىلىك قلىدىڭما؟ پالاننىڭ بالسىمۇ ساڭا ئوخشاش، ئۇنڭغا بەرگەن تاماقنى ساڭمۇ بەرگەن .   ئىمتىھاندا ئاران مۇشۇنچىلىك نۇمۇر ئالدىڭ ؟ دوت . ئىسىت سىا ڭا بەرگەن ئاپپاق ئاش ...، دىگەندەك گەپلەر.
بىر قېتىم بىر ساۋاقداش بالامنىڭ بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ قەلەم ئۇچلۇقنى  ئېلۋالغانلىقنى  ئېتىپ كەلدى ، كەچتە چىرايلىق تەربىيە قىلش ئورنىغا بەك ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنى بىر ئىككى شاپلاق ئۇرۇپ سالدىم . بىر نەچچە كۈن ئۆ تكەندىن كېيىن ئۆ يدە بىر دانە قەلەم قاپچۇقنى كۆ رۇپ : كىمنىڭ قەلەم قاپچۇقى ؟ كىمنىڭ نەرسىنى ئېلۋادىڭ دەپ سوراق قلىشنى باشلىۋەتتىم ، بالا مېنىڭ دەپ ماڭا دىگلى ئۇنمىدى ، بەك ئاچچىقىم كەلدى .بىر مۇنچە گەپ قلىپ گەپ ئالالمىدىم ، ئىككى كۈندىن كېيىن ھەدەمنڭ قىزى بالامغا قەلەم قاپچۇق ئېلىپ بەرگەنلىكنى دىگەندە دىگەن گىپىمگە ، بالغا بەرگەن زەربەمگە پوشايمان قلىدىم ،ئەمما بالغا بۇ توغرىلىق قايتا گەپمۇ قلىمىدىم . ئەمما  بۇ بىر ئاننىڭ بالنڭ پىسخىلۇگىيسىگە بەرگەن خاتا تەسىرى . بالدا نىمە قىلسام ئاتا- ئانام ماڭا ئىشەنمەيدۇ ، نىملا قلىسام رازى بولمايدۇ دەيدىغان ئىديەنى شەكللەندۇرۇش بىلەن بىرگە قارشىلىش، ئڭنىمۇ كۈچەيتىپ قۇيۇشقا ئۈزىمىز سەۋەپچى بولدكەنمىز .  تىمڭىزگە رەھمەت .

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
169
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4429
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-25
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 19:04:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ 4 كۈن ئالدىدا يوللغان تىما ئەمدى تەستىقلىنىپتۇ . مۇنبەر باشقۇرغۇچلار ھېرىپ قېلۋاتامدۇ؟ شۇنداق ئەل كۆ يەر مۇنبەرداشلىرمىزنى مۇنبەردە ئۇچراتمىغلى خېلى ئۇزۇن بولدى . مۇنبەر باشقۇرغۇچلار گەرچە خەللىققە مۇلازمەت قلىپ ئەجىر قىلۋاتقان بولساڭلارمۇ ،يەنلا تىرشىپ مۇنبەرنى بۇرۇنقى قىزغىن ھالتىگە كېلىشىگە كۈچ چىقىرشىڭلارنى ئۈمىت قىلمەن . راسلا مۇنبەرگە ئىشتىياقىم بار جۇمۇ .

UID
49070
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيىسى دىمىسىمۇ بەك مۇھىم ، بىز بالىلار ئۇچۇن ياشايمىز، بالىلار بىزنىڭ خوشاللىغىمىز.مەن سىز دىگەندەك بالامنىڭ نەتىنجىسىگىلا كوڭۇل بولۇپ بالام نىمە ئويلايدۇ نىمىگە ئېھتىياجلىق پەقەت كوڭۇل بولمەپتىمىەن تېمىڭىزغا رەخمەت .  

UID
34584
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 16:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيىسى بەكلا مۇھىم. لىكىن بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇسۇلىمىز تازا توغرا ئەمەس.

UID
2747
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 11:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىنداشلار سىلەرنىڭ رىغبىتىڭلار مىنىڭ ئۇتۇقۇم. ياخشى ماقالە ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن. لىكىن شۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئالاھىدە يوللاشقا ئاجىزمەن .   
  
huxrui  خانىمنىڭ ئېيتىقىنى توغرا مەنمۇ شۇنداق مەسىلەرگە دائىم يولۇقىمەن. كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. ئازاپلىنىمەن، گاھىدا شۇنداق بىر پەرىشتە بولسا مۇشۇ قىينچىلىقىمنى  ھەل قىلىپ بەرسە دەپ ئارزۇ قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش