كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 0

مەملىكىتىمىزدە ھەر بىر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە راك كېسىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
29745
يازما
8
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-21
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 20:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەملىكىتىمىزدە ھەر بىر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە راك كېسىلى، دەپ دېئاگنوز قويۇلىدۇ
مەملىكىتىمىزدە يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياشلىشىش، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ھەم ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە. مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىرىنى تىزىملاش مەركىزى ئېلان قىلغان «2012 –يىللىق جۇڭگو ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش يىللىق گېزىتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دېئاگنور قويۇلىدىكەن.
ئەرلەرنىڭ ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن.
بۇ مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەھۋالى ئېلان قىلىنغان يىللىق گېزىت بولۇپ، ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات 24 ئۆلكىدىكى 72 كۆزىتىش پونكىتى ۋە 85 مىليون ئادەمگە چېتىلىدۇ. يىللىق گېزىتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 3 مىليون 120 مىڭدىن كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 8550 تىن كۆپەيگەن، يەنى مەملىكىتىمىزدە ھەر بىر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە ئۆسمە كېسىلى دەپ دېئاگنور قويۇلغان.
مەملىكىتىمىزدە 35 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەر 100 مىڭىنىڭ ئىچىدە  يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى گىرىپتار بولغىنى 87، 40 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەر 100 مىڭىنىڭ ئىچىدە 154. 50 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبېتى 80 پىرسەنتتىن يۇقىرى.
مەملىكىتىمىزدە ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن 180 ى ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار 2 مىليون 700مىڭغا يېتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 13 پىرسەنت بولۇپ، ھەر 7 -8 ئادەمنىڭ بىرى ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆسمە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، نىسبەت 1.68:1.
ئۆپكە ئۆسمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ
مەملىكىتىمىزدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۆپكە ئۆسمىسى، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاشقازان ئۆسمىسى، بۇغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي ئۆسمىسى، جىگەر ئۆسمىسى ۋە كېكىردەك ئۆسمىسى قاتارلىقلار ئۇلاردىن كېيىن تۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئومۇمىي يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ 84.27 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.
مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىرىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن ۋەنچىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەملىكىتىمىزدە 1989 – يىل 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 184ى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۆسمە كېسىلىگە گىرىتار بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىدۇر.»
ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.
20 يىللىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا ياشلىشىش كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەمچەك ئۆسمىسى، ئۆپكە ئۆسمىسى، بۇغماق- تۈز ئۈچەي ئۆسمىسى، قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېشى بارغانسېرى كېچىكلەپ بارغان. رايون نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەھەر رايونىدىكىلەرنىڭ بۇغماق –تۇز ئۈچەي ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تېز سۈئەتتە ئاشقان.
كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، مەملىكىتىمىزدە ئۆسمە كېسەللىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، كېكىردەك ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلار ئاساسەن خېنەن، خېبىي قاتارلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا مەركەزلەشكەن، ئاشقازان ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلار غەربىي شىمال ۋە دېڭىز بويىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە مەركەزلەشكەن، مەسىلەن، شاڭخەي، جياڭسۇ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق رايونلاردا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى.
جۇڭگو ئۆسمە كېسەللىرىگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى ئۆسمە كېسەللىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ئەنلى مۇنداق دېدى: «مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. ئەمما كېسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ بولغاچقا، نوپۇزلۇق نەتىجە تېخى چىقمىدى. سەھىيە تېخىكا سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە  ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىمۇ تېخى سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقالمىدى. نۆۋەتتە، مەملىكىتمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر پەقەت ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى يەرلىك ئاھالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئەمما ئېنىق يەكۈن يوق.  
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەملىكىتىمىزدە شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان. ئەرلەرنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن.  
يىۋۇ دوختۇرخانىسى كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جى شيۇيى مۇنداق دېدى:«ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، شەھەرلەرنىڭ سانائەتلىشىشى، يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەم تۇرمۇش شەكلىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ‹تاماكىدا ئۆسمە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 69 خىل زەھەرلىك ماددا بار›. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ھەر كۈنى چېكىدىغان تاماكىسىنىڭ سانىنى تاماكا چەككە يىل سانىغا كۆپەيتىۋېتىشتىن چىققان سان «تاماكا چېكىش»كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تاماكا چەككىنىگە 20 يىل بولغان، كۈنىگە 20 تال تاماكا چېكىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ تاماكا چېكىش كۆرسەتكۈچى 400 بولىدۇ. تاماكا كۆرسەتكۈچى 400 دىن ئاشىدىغانلار ئۆپكە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ.»
مەنبە: تېڭشۇن تورى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش