- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 847
- تىزىملاتقان
- 2008-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-4-22
- UID
- 15
- يازما
- 17
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 847
- تىزىملاتقان
- 2008-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-4-22
- توردا
- 0 سائەت
|
يانفۇنىڭىزنى بىر سايرىتىپلا قويۇۋېتىشنىڭ كەينىدە قانداق سىر بار؟
يېقىندىن بۇيان، نۇرغۇن ئابۇنىچىلار بىر سايرىتىپلا قويۇۋېتىلگەن كېيىن كىرگەن يانفۇن نومۇرىغا تېلىفۇن قايتۇرغاندا، قارشى تەرەپتىن ئېلان ئۇچۇرىنى ئاڭلىغان. ئۇنداقتا، يانفۇنىڭىزنى بىر سايرىتىپلا قويۇۋېتىشنىڭ كەينىدە قانداق سىر بار؟
بۇ ساھەدىكى كەسپ ئەھلىلىرى مۇنداق قارىدى: بۇ خىلدىكى يانفۇن نومۇرلىرىغا ئالاھىدە مۇلازىمەت تۈرلىرى بېجىرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىلدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدە يۇقىرى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بولغانلىقتىن، ئابۇنىچىلار بىر سايرىتىپلا قويۇۋېتىلگەن يانفۇن نومۇرىغا تېلېفۇن قايتۇرۇپلا قالسا، يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ھەق تۆلەيدىغان ئېھتىماللىقلار ناھايىتى زور.
ج خ ئورگانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان بىر سايرىتىپلا قويۇۋېتىلگەن يانفۇن نومۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق ئىككى خىل ئىكەن:
بىرىنچى خىلى، ھەر خىل شەھۋانىي ئۇچۇر، قىمار ئۇچۇرى، قەرز بېرىش ئۇچۇرى تارقىتىدىكەن. بۇ خىل نومۇرغا تېلېفۇن قايتۇرغاندا، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇن ھەققى تۆلىنىدىكەن.
يەنە بىر خىلى، ئاۋازنى ئاۋاز سىگنال ئاپپاراتىغا ئۇلىۋېتىش ئارقىلىق تېلېفۇن قايتۇرغۇچىلارغا تۇيدۇرماي، نۇرغۇن ھەق تۇتۇۋىلىنىدىكەن. بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان يانفۇن ئۇچۇرى ئالدامچىلىقى ۋە كومپيۇتېر ئالدامچىلىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
تېلىگراف ئورۇنلىرى مۇنداق قارىدى: بەزى ئابۇنىچىلار تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلىيالمايمىز. پەقەت قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ يۇقۇرىقىدەك قىلمىشلىرىنى ج خ ئورۇنلىرىغا ئىسپات قىلىپ بېرىش ئۈچۈن خاتىرىلەپ قويىمىز.
قانۇنشۇناسلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى ، دەپ بېكىتىشكە بولمايدىكەن. بۇ پەقەت بىر خىل يانفۇن ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى دەپ قارىلىدىكەن. ئەگەر شۇ نومۇرغا تېلېفۇن قايتۇرغاندا، شەھۋانىي ئېلانلار بېرىلگەن بولسا، بۇ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىكەن. شۇڭا، يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۆزى تونۇمايدىغان نومۇرلاردىن كەلگەن يات نومۇرلاردىن كەلگەن تېلىفۇنلارنى قوبۇل قىلماسلىقى ،بولۇپمۇ، بىر سايرىتىپلا قويىۋەتكەن نومۇرلارغا تېلېفۇن قايتۇرماسلىقى لازىم. |
|