كۆرۈش: 2919|ئىنكاس: 23

مېنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
51011
يازما
16
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-21
توردا
82 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز !
ئاياللارنىڭ توي قىلىشدىكى سەۋەپلەر خىلمۇخىل بۇلىدۇ ، بەزىلىرى مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلسا بەزىلىرى پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن توي قىلىدۇ ، بىراق توي قىلىشتىكى مەقسىدى پەقەت بىرلا يەنى بەخىتلىك ياشاشتۇر ! تۈۋەندىكىلەر بىر قىزنىڭ تويدىن كىيىنكى تەسىراتى ، قىنى نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى .

يىنىڭىزدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتتىم ، ۋۇي! دەپ چۈچۈپ ۋاقىرىشىڭىزدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، نىمە بولدى دەپ سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا قۇلىڭىزنى مەن ياتقان تەرەپكە ئۇزىتىپ مىنى سىلاپ بىقىپ ، باركەنسىزغۇ ، دىگەندەك چوڭقۇر بىر نەپەس ئىلىۋىتىپ قايتىدىن ئۇيقىغا كەتتىڭىز  ، بىز توي قىلغىلى 10 يىل بولدى ، نۇرغۇن ئىشلار ئەمدى يىڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بۇلۇپ ، يىڭى توي قىلغان چاغدىكى ئوتلۇق نەپەسلەر ، مەنىلىك بىقىشلار ، تاتلىق قىيداشلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى .شىرىلداپ يامغۇر يىغىۋاتقان شۇ كىچىدە ئىللىق قۇچىقىڭىزدا تۇنۇش ھىدنى ھىدلاپ يىتىپ شۇنى ھېس قىلدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز !

پۇت –قۇلۇم قىش پەسلىدە دائىم مۇزدەك تۇرىدۇ ، شۇڭا سىز قۇلۇمنى قولتۇقىڭىزغا تىقىپ يىتىشقا ئادەتلەنگەن ، قاۋۇل بىلەكلىرىڭىز ئارىسىدا كۆرۈنمەيلا قالىمەن ، مۇزلاپ كىتىشىڭىزدىن قورقۇپ ئۇخلاپ قالغان چىغىڭىزدا ئاستا چىقىۋالسام ، يوقلىقىمنى بىلىپ قالغان ھامان باغرىڭىزغا تىخىمۇ چىڭ باسسىز ،رەت قىلغىلى بولمايدىغان بۇخىل كۈچ مىنى تىخىمۇ ئىللىتىۋاتقان دەقىقىلەردە شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

ھەر قىتىم سىرتقا چىققاندا ، ئادەم كۆپ جايلارغا بارغاندا باشىقىلارنىڭ مىنى قىستاپ قويماسلىقى ئۈچۈن دائىم بىلىكىڭىزنى كەڭرەك يىيىپ ماڭا بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىسىز ، ئوغلىمىز تۇغۇلغاندىن كىيىن مىنى ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بالىنى سول قۇلىڭىز بىلەن كۈتۈرۈشكە ئادەتلەندىڭىز ، سىز بارلىكى ھەرقانداق جاي ماڭا شۇنداق بىخەتەر ۋە كۈڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ ، سىزنى قولتۇقلاپ كىتىۋاتقان ئاشۇ مىنوتتا  شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

بىر قىتىم كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ كىتىپ ، كەچتە ماڭا تېلىفون قىلدىڭىز ، نىمە بولدىڭىز بىلمىدىم پەقەت گىپىڭىز تۈگىمىدى ، تۇنجى قىتىم سىزنى كوت-كوتتەك ھېس قىلدىم ، بىراق كىيىن خوشنامدىن ئۇقتۇم ، ئەسلىدە سىز بۇ يەردە ھاۋا بۇزۇلۇپ چاقماق چاقىدىغانلىقىنى بىلىپ قەستەن دىققىتىمنى بۇراش ئۈچۈن شۇنداق كۆپ سۆزلەپ كەتكەن ئىكەنسىز ، خوشنام سىزدىن ئۆزىگىلا دىسىڭىز بولمامدۇ ؟ دىسە ، سىز ئۇنى تېخىمۇ قورقۇپ كەتمىسۇن دىدىم ، دەپسىز . تەسىرلەنگىنىمدىن ۋۇجودۇم يىنىك تىترەپ كەتتى، مىنى سىزدەك سۈيىدىغان يەنە بىرى بولمىسا كېرەك ، شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

قازان ساپلۇققا تىگىپ كەتكەن كۈنلەردە  مىنىڭ ئەلپازىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاچچىقىمغا پايلىماي سىرتقا چىقىپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ دائىم ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ مەن بىلەن گەپ تالىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىمەن ، ھىلىمۇ ئىسىمدە قاتتىق سۇقۇشۇپ كەتكەن ھىلىقى كۈنى كۈڭلىڭىزنى قاتتىق ئاغرىتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق بوينۇم قاتتىقلىق قىلىپ قىيداپ تۇرىۋالدىم ، سىز ئاچچىقىڭىزدا مىھمانخانىغا چىقىپ يىتىۋالدىڭىز ، بىراق ئۇزاق ئۈتمەي يەنە قايتىپ كىردىڭىز،قاپاقلىرىڭىز يەنىلا تۈرۈك بولسىمۇ بىراق يەنىلا يىنىمغا قايتىپ كىردىڭىز ، ياستۇق تۇتقان ھالىتىڭىزگە قاراپ تۇرۇپ شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

دائىم سىزدىن مىنى يەنە بۇرۇنقىدەك سۆيەمسىز ؟ دەپ سوراپ تۇرۇۋالسام كۆزىڭىزنىڭ قىرىدا قاراپ قۇيۇپ سۇئالىمنى جاۋاپسىز قۇيىسىز ، خوشلۇقىڭىز تۇتۇپ كەتسە قايتۇرۇپ سىزنىڭچىچۇ ؟ دەپ مەندىن سورايسىز ، شۇنىڭ بىلەن مەن يىللارنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ، بۇ قورغاننىڭ تىمىنىڭ ئىگىزلىكىدىن ئاغرىنىپ ، مۇھەببەتلىشۋاتقان چاغلىرىمىزلا ياخشى ئىكەندۇق دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن ، ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن، ھەر قىتىم كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەندە دەل سائەت 7 دە تېلىفون قىلىپ مىنى ئويغۇتۇپ قۇيدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن،ھەر قىتىم ماشىنا بىلەن ئىشقا ماڭغىنىمدا دەل ۋاقتىدا تېنىچ ئامان بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ دەپ تىلىفۇن قىلدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن، بىخەستىلىك قىلىپ  قاچا-قۇچىلارنى چىقىپ قويسام يۈگۈرگەنچە كىلىپ ھېچنىمە بولمىغانسىز؟ دەپ سورايدىغانلىقىزنى ئۇنتۇپتىمەن، ماڭا بەرگەنلىرىڭىزنى ئويلاۋىتىپ  شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

مانا ھازىرمۇ شۇنداق ، مۇشۇلارنى يىزىۋاتقىنىمدا تىلىۋىزور كۆرگەچ ئولتۇرۇپ گازىر چىقىۋاتاتتىڭىز ، يىنىمغا كىلىپ ئالقىنىڭىزدىكى بىر سىقىم گازىر مېغىزىنى ئاغزىمغا سىلىپ قويدىڭىز ، مەن خوشلۇقىمدىن سىزگە قاراپ تۇرۇپ قالسام چاققان يەڭە ، قۇلۇمدا يەنە بار دىگەندەك تەرىزدە قارىدىڭىز ،  كۆزلىرىڭىزگە قارىغىنىمچە شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!

سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتسىزلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا بەخىت بەلكىم ئەتراپىڭىزنى ئەگىپ يۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن ، گەپ سىزنىڭ ئۇنى ھېس قىلىشىڭىزدا ! قىنى ئويلاپ بىقىڭ ، ئۇ  چۇقۇم سىزنى ئويلىغىنىڭىزدىن بەكرەك سۆيىدۇ !



مەنبە : تىڭشۈن تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 23:17  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
51011
يازما
16
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-21
توردا
82 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام !تورداشلار
ئىشتىن بۇشىغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇنى بۇنى تەرجىمە قىلىپ تۇرساممۇ بىراق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ باقمىغان ئىدىم  بۇ تۇنجىسى ،دوستلارنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

UID
35620
يازما
132
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
124 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 10:08:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىم دىيىشمنى بىلەلمەيلا قالدىم ناھايىتى تەسىرلىككەن. بۇنىڭدا سۆزلەنگەن ئىشلار بىزننڭ تۇرمۇشنمىزدىمۇ بار. بىراق شۇلارنى ھىس قىلىپ يىتەلمەي. يۈرىدىكەنمىز. پەقەت ئايرىلغاندىلا بىزھىس قىلمىغان ئاشۇ تۇيغىلار بىربىرلەپ كۆڭۈل ئىكرا ىنىمىزدىن تاتلىق ھەم ئازاپلىقسىزىملرئىچىدە نامايەن بولىدىكەن.
تۇرمۇش دىگەننىڭ ئىسسىق سوغۇقى ئاچچىق چۈچۈكى بولىدىكەن. لىكىن بىر زامانلار ئۆتكەندە ھەممىسى كۆڭۈللۈك چاغلاردەك بىلىنندىكەن.  شۇنداق ياخشى تىما يوللاپسىز. رەخمەت سىزگە.

UID
44964
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 12:42:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق بەخىتلىك ئايال ئۇ .

UID
46721
يازما
50
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 15:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئەرمىھنەتسىز بەدەل تۆلەش ئارقىىلىق ئۆزىنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ بەخىتكە ئېرىشتۇرۇپتۇ .

UID
2842
يازما
128
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
3930
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-21
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 15:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەحىتلىك بۇلۇش ئۇچۇن بەحىتنى سەزگۅدەك قەلىب كىرەك.......بەحىت ئۇ يۇرىكىڭىزدە.

UID
52444
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 15:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياىشى تىمىكەن،  بەك ياختۇردۇم  رەخمەت سىزگە

UID
52446
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 16:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئايالغا ئادەمنىڭ مەسلىگى كېلىدىكەن،مېنىڭچە بۇ ئەسەرنى  ئۈز جۈپتىنىڭ قەدرىگە يەتمەيۋاتقان ئەر-خوتۇنلار چوقۇم ئوقۇپ باقسا بولغىدەك.                مۇشۇنداخ ئېسىل ئەسەرلەرنى كوپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ئۇيغۇرئاي سىڭلىم!!!                                                                                         

UID
50534
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-12-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 17:33:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن ، سىزمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز . قولىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 18:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى ئەسەر ئىكەن ، نىمە دىگەن بەخىتلىك  ئەر ئاياللار ھە بۇ ، سۆ يۈش بىلەن سۆ يۇلۇشنى ئۆ زىمىز ياراتساقمۇ ،بەزىدە ئويلىمغان ئىشلار بۇلۇپ قالدۇ. رەھمەت سىزگە . كۆ پ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش