كۆرۈش: 4356|ئىنكاس: 24

ئىچكىردىكى ئۇيغۇرلار زادى قانداق ئادەملەرگە (يانداشما)....     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50940
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-12-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە جايدا ھەرخىل ھەرياڭزا ئادەملەر بولىدۇ، قانداق ياشاش مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. لىكىن يەنە بىر قىسىم«ئۇيغۇر»  ئاتلىق  زەھەرخەندە ئادەملەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللا ئاشۇ كىشىلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىمان ئىنساپ دىيانەت ئاتا قىلغاي.
مەن بۇ يەردە پەقەت ئاڭلىغان ۋەقەلكىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن خالاس، ھەرقانداق ئادەم سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ، ئەزىز كۆرۈرمەنلەرنىڭ  خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلىك چىكىملىك تاشلىتىش ئورنىغا بىر قېتىم ئاپارغان ئىدۇق،شۇ يەردىكى ئۇزۇن يىل زەھەرلىك چىكىملىك چەككەن بىر يىگىت ئۆزىنىڭ كەچۇرمىشلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دىگەن:«ئىچكىرىدىكى ساقچىلارنى ئاساسەن بىزدەك شىنجاڭلىقلار باي قىلغان،جەرىمانا دىسە قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر سالا سۈلھى قىلماي تۆلەپ چىقىۋالساقلا بولدى،نۇرغۇن بەردەم يىگىتىلىرىمىزنىڭ،قىزلىرىمىزنىڭ مېيتى(زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش،خورلىنىشلاردا ئۈلۈپ كەتكەن) ئۇيەرلەردە يەرلىك سېتىۋىلىش ئىمكانى بولمىغاچقا تاشلىقلارنىڭ ئارسىغا ياتقۇزلۇپ قۇيۇلىدۇ،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قارىغۇدەك بولسىڭىز ئۇ يەرلەردە ھىچنىمە قالمايدۇ،دېمەك ئۆلسەكمۇ تەقدىرىمىز مانا شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ.بىزمۇ ئۇ يەرلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن بارغان ئەمەس،ئالدانغان،دەل ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى يەنى(ئۇيغۇر)تەرىپىدىن تولاراق خۇيزۇ لوبەنلەرگە سېتىۋىتىلگەن.قاچايلى دېسەك بىر قانچە قېتىم تۇتۇلۇپ دەھشەتلىك خورلۇقلارغا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئامالسىز قېچىشتىنمۇ يالتايدۇق،نەگىلا بارماڭ قول چوماقچىللىرى ئۇچراپلا تۇردۇ،شۇلارغىمۇ بىر قانچە قېتىم ئالدىنىپ كۆرمىگەنلىرىمىز قالمىدى،بۇ قول چوماقچىلارمۇ يەنىلا شۇ ئۇيغۇر.
تويماسلىق بەدنىيەتلىك بىزنى،شۇنداقلا نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يىتىملىك كوچىللىرىغا سۇرگۈن قىلغۇزدى،نۇرغۇن خورلۇقلارغا قالدۇردى.شۇڭا ئوغۇرلۇققا سالدۇرۇلغان بىز كۇنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،لوبەنلەرنىڭ قىزىقتۇرشى،ئەتراپتىكىلەرنىڭ كەمسۇندۇرۇشلىرى بىلەن مانا مۇشۇنداق زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ قولىغا ئايلاندۇق،چۇنكى بىزمۇ چەكسەك تېخىمۇ قىلىنراق قورقماس بولساق ئەتراپتىكىلەرمۇ،ھەتتا بىزنى سېتۋالغان لوبەنمۇ كۆپلەپ پايدىغا ئىرىشىدۇ،بىز تىخىمۇ بەكرەك تاپتىن چىقىمىز.دېمەك زەھەرلىك چىكىمللىككە قىزىقتۇرۇشتىن مەقسەت پەقەت تېخىمۇ كۆپرەك پايدىغا ئىرىشىش،بولسا مەڭگۈ بىزنى تاپىنى ئاستىدا ئۆمىلىتىش.شۇڭا كوچىلاردا قېتىپ قېلىۋاتقانمۇ بىز،تاياق يەپ كىشلەرنىڭ خورلۇقلىرىغا ئۇچراۋاتقانمۇ بىز.
ھەتتا بەزىدە نامىلا ئاشخانا ئاتىلىپ ئەمىلىيەتتە زەھەرلىك چىلكىملىك بىلەن ئوغۇرلانغان نەرسىلەرنىڭ سودىسىنى قىلىدىغان،بىركۈن ساقلىسىڭىزمۇ ھىچنىمە تاماق چىقىرالمايدىغان ئاشخانىلارمۇ يوق ئەمەس.بۇنىمۇ دەل بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئاچقان.
ئۆمرۈمگە ئېچىنىمەن،مىنىڭمۇ نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىم بولغان،مىنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقۇم بار ئىدى،لىكىن بەدنىيەت كىشلەر تەرىپىدىن ئالدانغان كۈندىن ئىتبارەن ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدۇم،ئارزۇ ئارمانلار دۇنياسى مەندىن يىراقلاپ،كۈلپەتلىك قىسمەت مىنى تۇزۇتتى.
ھىچنىمىدىن بىخەۋەر تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ مىنىپ ئوينايدىغان،ئاغزىدىن ئاننىڭ سۈت ھىدى كەتمىگەن،ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرىدا ئەركىلەپ پەپىلىندىغان نارسىدىلەردە نىمە گۇناھ بار ئىدى؟ئۇلار نىمە ئۈچۈن مانا شۇنداق كۈلپەتلىك تەقدىرنىڭ قولىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟نىمە ئۈچۈن نەپسانىيەتچىلىكنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۆز قۇۋۇم-قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن باشقىلارغا سېتىلىدۇ؟نىمىشقا ئۇلار بىزنى ۋەيران قىلىش ھېسابىغا مال دۇنيا توپلايدۇ؟ئەجىبا پۇل ئۈچۈن باشقىلارنى ۋەيران قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھېسابى يوقمۇ؟پەرزەنىتلىرىنىڭ ئوتىدا پۇچۇلىنىپ ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئايرىلغان ئاتا-ئانىلار ئازمۇ؟پەرزەنىتلىرىنى دەپ بار بىساتىدىن ئايرىلىپ يوقسۇزلۇق كوچىللىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەن ئاتا-ئانىلار ئازمۇ؟ئۇيغۇر بۇلۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا مۇشۇنداق خارلىنىپ خار زارلىق ئىچىدە ياشىشىمىز كېرەكمۇ؟ئەي چاكىنا،رەزىل ئادەم بىدىكلىرى،سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار،قېرىندىشىڭلار يوقمۇ،سىلەردە ئىمان ئنساپ يوقمۇ،سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار تاشمۇ؟ئاخىرەتتە بىزدەك بىتەلەي ۋاقىتسىز سەرگەردانلىق يولىغا تاشلانغان ،خورلانغان قەلىبلەرنىڭ ئازابى تۇتماسمۇ؟
يىگىت مۇشۇ گپنى دەۋىتىپ ھۆڭگىرەپ يىغلاپ تاشلىدى،ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ يىگىتنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
گەرچە بۇ ئىشلار يۈز بەرگىلى خېلى ئۇزۇن مەزگىل بولغان بولسىمۇ لىكىن ھازىرغىچە يۈرەك باغرىمنى پارە پارە قىلىدۇ.
بەلكىم بۇنداق ئىشلار ھەممىلا مىللەتلەردە بولىشى مۇمكىن، لىكىن يەنە مۇنداق بىر خەۋەر مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغان:« يەنى، خەنزۇ يولداشلار ئىچىدىمۇ بالا ئوغىرلاپ ساتىدىغانلار ئۇچراپ تۇردىكەن،لىكىن ھەيران قالارلىق يىرى بۇلار ئوغىرلانغان بالىلارنى كۆپىنچە بالا بېقىۋالغۇچىلارغا ساتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بېقىۋىلنغۇچى بالا كىيىن ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن تېپىلىپ قالسا ھەتتا ئۆزئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىشنى خالىماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ كىلىپ چىقىدىكەن، يەنە بەزەنلىرى ئىككى ئائىلىگە بالا بۇلۇپ ئۆتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدىكەن.گەرچە بۇ ئەھۋال قىسمەنلىك شۇنداقلا ناھايتى ناچار بىمەنە ئىش بولسىمۇ ھەرھالدا باشقىلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلاردىن، خانىۋەيرانلىق كوچىللىرىغا تاشلىنىشتىن ياخشى دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم».
بۇ دىگەنلىرىم ھەرگىزمۇ بالا ئالداپ سېتېشقا يول قۇيۇش دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ناۋادا ئۇيغۇرلامۇ ئالدىغان بالىلارنى باشقىلاغا بېقىۋىلىشقا سېتىۋەتكەن بولسا تەقدىرى زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش،ئوغىرلىق قىلىش،ئىپپىتىنى سېتىش،ناھەق ئۈلۈپ كىتىش بولماس بولغىيتىمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ شۇڭا بۇ ۋەقەلىكنى قىستۇرما قىلدىم.
ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى:«ئەي ئۇيغۇرۇم،ئەزىز قېرىندىشىم، مېھرىبانىم، «ئۇيغۇر » دىگەن ئەزەلدىن ھالال ئەجرى بىلەن ياشاپ كەلگەن پاك، دىيانەتلىك، غۇرۇرلۇق مىللەت. مەنپەتنى دەپ سەبئىلەرنى يىتىملىك كوچىللىرىغا سۈرگۈن قىلمىغىن،چۈنكى ھىچكىم بۇ دۇنيادا توپلىغان مال دۇنيالىرىنى ئۇدۇنياغا بىرگە ئېلىپ كېتەلىگەن ئەمەس، يىگىن، ئۆزۈڭنىڭ نىسىۋىسىنى يىگىن، نەپسىڭنى يىغ، ئۈزۈڭنى ۋە ئۆزگىنى نەپسىنىڭ قولىغا ئايلاندۇرۇپ قويمىغىن، باشقىلارنىڭ رىزقىغا يامان نىيەتتە بولما،سەبئىلەرگە زەھەرلىك قولۇڭنى سۇنما،ئۇلارنىڭ ئاھى تۇتمىسۇن، ئەزىز ئاتا- ئانىللىرى تۇرۇپ تىرىك يىتىملىكنىڭ كوچىللىرىغا تاشلانمىسۇن!».

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
39490
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 04:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس .   (ئۇيغۇر ئىدىئوملىرىدىن)

باھا سۆز

yvsvpjan  بۇ ئىدىيوم ئەمەس، ماقال.  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:07:50

UID
50907
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 14:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا ئۇغۇرلىغانلارنى رەھىم قىلماي ئېتىش كىرەك

UID
52443
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 15:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەشتىم  ئېتىش كىرەك

UID
51716
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 21:17:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tlturk يوللىغان ۋاقتى  2013-1-11 15:58
ئەگەشتىم  ئېتىش كىرەك

مەنمۇ ئگەشتىم

UID
43386
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 21:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ...

UID
43386
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 21:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ...

UID
9514
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
451
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-17
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 10:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى ئۇلار بۇ  تورغا كىرمەيدۇ ،مۇشۇنداق ياخىشى گەپ بولىۋاتقان  سورۇنلاردا ئىشتىراكچى بۇلۇشقۇمۇ   پۇرسەت كەلمەيدۇ ...  بۇ كىشلەر شۇنداق ئويلايدۇ ..«قانچىلىك گۇناھ قىلساممۇ  كەچۇرۇلۇپ  كىتىمەن » دەپ ئۇلاردىكى ئىسلامى چۇشەنچىمۇ شۇنچىلىك ....ئىلىمسىزلىكتىن پاناھ تىلەيمىز ...يولدىن ئاداشقانلارغا توغرا يول تىلەيمىز ......كىچىك بالىلارغا ،نارسىدىلەرگە  يامان قۇلىنى سۇنغانلارغا جازانىڭ كىچىكتۇرۇلمەسلىكىنى تىلەيمىز .....

UID
20333
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse::curse:

باھا سۆز

yvsvpjan  ‹‹چۈشەنمىدىم!››...  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:08:29

UID
15382
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
177
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 00:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق -ناھەق مەسىلىسىدە ئىنىق بىر مەيداندا تورۇش كىرەك ھىچكىمگە يان باسماسلىق كىرەك،ئىچكىردە يۇرىۋاتقان قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل ئۇچۇن  ۋىجدان ،ئىماننى يۇقىتىپ ئىنسان قىلىپىدىن چىقىۋاتقانلىقى رىئاللىق ،گەرچە ئولار ھەر قانداق باھانە سەۋەب كورسەتسىمۇ ئولارنىڭ قىلۋاتقان رەزىل قىلمىشىلىرىنى كەچۇرۇشكە بولمايدۇ ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش