كۆرۈش: 1445|ئىنكاس: 8

نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىمىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52184
يازما
18
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 15:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا بىر دوستۇم مىنى يوقلاپ كەلگەندە ماڭا مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ئىككى يىل ئىلگىرى بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يىتىپ قالغان بولۇپ، جىددىي بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ بەش قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت بىرسىنىڭلا قان تېپى توغرا كەلگەچكە، ھەممە ئۈمۈد پەقەت شۇ بىر قېرىنداشتىلا قالغان ھەم ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال بولۇشقان. چۈنكى ماس كېلىدىغان بۆرەك تاپماق ئۈنچە ئاسان ئەمەس، يەنە كىلىپ، باشقىلارنىڭكىنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋىلىشقا توغرا كىلەتتى. بۆرىكى ماس كەلگىنى دوستۇمنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ھەدىسى ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ ئىككى بالىسى بار ئىدى. ئۇمۇ ئۆز ئاكىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىدىن خۇشاللانغان ھەم ئىككىلەنمەيلا بىر بۆرىكىنى ئاكىسىغا تەقدىم قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ يولدىشى بۇ خىل ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان بىر ئىشنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە دوستۇمنىڭ ھەدىسىگە: «سەن بىر بۆرىكىڭدىن ئايرىلىپ چوقۇم كىيىن كېسەلمەن بولۇپ قالىسەن، ئۇ چاغدا مەن سىنى بېقىشقا چولام يوق، ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يات. سەن مۇشۇ سەۋەپتىن پۈتۈن ئائىلىمىزنى بەختسىز قىلىسەن» دەپ، ئۇنى بار كۈچى بىلەن توسىغان. ئاخېرىدا، ئۇ ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ نەسىھىيتى بىلەن ئامالسىز بۇ ئىشقا قوشۇلغان. شۇنداق قىلىپ دوستۇمنىڭ ئاكىسىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قىلىنغان. ھازىر دوستۇمنىڭ ھەدىسى بىر بۆرىكى بىلەن ساغلام تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

بۇ ئاددىي ھېكايە ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى بىر ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ھېكايىلەر بولۇپ ئۆتتى ياكى داۋاملىشىۋاتماقتا. بۇ يەردە كىشىنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان سۇئال: ئەگەر بۇ ئىش شۇ ئەرنىڭ قېرىندىشىدا يۈز بەرگەن بولسىا، بۇ ئەر ئايالىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرارمىدى؟ ھەم ئايالىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىش ھوقوقى بولارمىدى؟ مېنىڭچە ئۇنداق بولىشى ناتايىن ئىدى. گەرچە دىنىمىزدا ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدە، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى تەكىتلىنىدىغان بولسىمۇ، لىكىن جەمئىيتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك نۇرغۇن ئىشلاردا يەنىلا ئاياللارنىڭ ھوقوقلىرى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىز ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھەتتا يىگىتلەرنىڭ قىزلارنى خۇددى ئۆز مۈلۈكىدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقوقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقىنىنى ئۇچرىتىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ دىگەنلىك ھەممىلا ئادەم شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس، ۋە ياكى ئەر ۋە ئاياللار ھەر بىر ئىشتا چوقۇم تەڭ تۇرىشى كىرەك دىگەنلىكمۇ ئەمەس. بەلكى مەن بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدىكى ھەددېدىن زىيادە چوڭچىلىق قىلمىشلىرى ۋە ئاياللارنىڭ يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، ئادالەتسىزلىك، غەيۋەتخورلۇق ۋە زۇلۇمدىن بەختسىز كىشىلەرگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان بىر رىئاللىقتۇر. بۇ توغرىدىكى مىساللار جەمئىيتىمىزدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.  جەمئىيتىمىزدە ئەۋج ئالغان قىزلارنىڭ پەزىلىتىنى ئەمەس بەلكى مال-دۇنياسىنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان، كىلىنلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدىغان ئىشلار بۇنىڭ مىساللىرى بولالايدۇ. بۇ توغۇرلۇق چوڭ ھەجىمدىكى بىر ماقالە يېزىش مۇمكىن بولسىمۇ، مەن يۇقرىدىكى قىسقا مىسال ئارقىلىق تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ جەمئىيتىمىزدىكى ئەرلەرنى قامچىلاش بولماستىن، بەلكى يۇقرىدىكى ھېكايىدە ئېيتىلغاندەك نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى قامچىلاپ، ساغلام بولغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان كۆز قاراشلارنى تارتىپ چىقىشتىن ئىبارەت. تورداشلارنىڭ مۇلاھېزىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىدا ئېغىر-بىسىق، ئىلمىي ھەم ئەپۇچان بولۇشىنى سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 18:32  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
34584
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 16:36:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئاكىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ. ئەپسۇس ئاشۇ يولدىشىنىڭ قوللىشى باشتىلا بولغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. تىببى ساھەدە بىر بۆرەك بىلەن ياشاشقا بولىدۇ دىيىلىدىكەن. ھىلىمۇ بىر بۆرەك بىلەن ياشاۋاتقانلار بار. ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى ھازىرمۇ بەزى ۋاقىتلاردا تاپا-تەنە قىلار بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ئەرلەر بەزى يەرلەردە بەكلا يۇزسىزلىك قىلىدۇ.

UID
44322
يازما
193
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 17:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئەرنىڭ نىمە قىلغىنى ئەگەر بۆرەككە ئىھتىياج بولغىنى ئۇ ئايالنىڭ ئاكىسى بولماستىن ئۇ ئەر ئۆزى بولغان بولسا يەنە شۇنداق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرارمىدى؟ ھەي ......... بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كىتىپ بارامدىكىن تاڭ . ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ مەن ئائىلەمدىن ۋاز كىچىشكە رازى بولۇپ چوققۇم قىرىندىشىمنى قۇتقۇزغان بولاتتىم ، ئۇنداق ئەردىن قانچىلىك ۋاپا كىلەر ھە ؟

باھا سۆز

zuaya  قوللايمەن. ياتلاردىنمۇ كىلىدۇ بۇنداق ۋاپادارلىقلار.  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 10:53:43

UID
44322
يازما
193
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 17:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا قىرىنداشلىق مىھرىدىن باشقىسى ساختا ،  بىر-بىرىنى  ئۆلگىدەك ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار ياكى جان جىگەر دوسلار بولىشىدىن قەتئىي نەزەر سىز بىلەن ئارىسىدا كىچىككىنە ئقىتىزادى مەسىلە ياكى شۇنۇڭغا ئوخشاش پايدا زىيانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئاراڭلاردا يۈزبەرسۇن قىنى شۇچاغدا ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارلىنىدۇ ، پەققەت قان قىرىندىشىڭىز (ئىنسابى ، ۋىجدانى بولسا ) لا ھەرگىز ئۇنداق نامەرتلىك قىلمايدۇ .چۇنكى تومۇرىڭىزدىكى ئىقىۋاتقان قان بىر ئەمەسمۇ .

UID
28222
يازما
86
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
86
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 19:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇنى قانداق مۇلاھىزە قىلىش كىرەك ؟بۇ يەردە يەنىلا ئالدى ئىمان -ئىنساب ،ئاندىن ساپا مەسلىسى مەۋجۇت .ئەگەر ئۇ ئەردە ساغلام ئىمان -ئىتقاد بۇلۇپ ،ئازراق مەدەنىيەت ساپا بولسا ئىدى ھەرگىزمۇ يۇقارقىدەك قارارنى چىقىرىپ ئايالىنى خىجىل قىلمايتتى ،دىنىمىزدىمۇ بۇنداق باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدغان ئىشنى تۇسۇدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ،«ئەگەر قۇربىڭلار  يەتسە مىللەت ،ئىرىق ئايرىماي ياردەم قىلىڭلار »دىگەن ھەدىس بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .شۇ نوقتىدىن قارغاندىمۇ ئەر ئايالىنى ئورۇنسىز توسۇپ قويغان ،بۇ بەك ئەمەلى مەسلىكەن ،شۇڭا قالايىمقان بىر نەرسە دىيىشكە بولمايدۇ ،يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ئەرنىڭ ئايالىنى تۇسۇپ قىلىشى پۈتۈنلەي خاتا ،لىكىن ئەرنىڭ رۇخسىتىسز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلىمىگىمۇ بارماسلىق دىگەنمۇ بار ،لىكىن ھەقىقى ئىمان -ئىنسابلىق ھەقىقى دىنى بىلىمگە ئىگە بىر ئەر ئايالىنى ھۆرمەتلەش ئاسراش ۋە كۈيۈنىشنى بىلىدۇ ،چۈنكى ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قۇيىدىغان ئۇلارنى ئاسرايدىغان دىن ،شۇڭا لايىق تاللاشتا ئىھتىياتچان بۇلۇش كىرەك ،ئەرلەردىن ھۇقۇق تالاشمىسمۇ ،ئەقىللىق ،دىنى ئىتقادىلىق ئەرلەر قانداق ۋاقىتتا ئاياللارغا كۈيۈنۇش ،ئاسراش ۋە ئۇلارنىڭ ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە يول قۇيۇشنى بىلىدۇ .
قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ ،ھاپتىغا شاپتى ،مەرەزدارغا توڭۇرلۇق .

UID
2091
يازما
1549
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50503
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىنى ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ، .....

UID
48973
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 00:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە  ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەققىدە گەپ ئېچىلسا تېما بەك قىززىپ كېتىدۇ...ئاياللار توغۇرلۇق زارلاڭ دىسە ئۇندىنمۇ بەتتەر ...بىراق ئاياللار ئۇچراۋاتقان ناھەقسىزلىكلەر ، ئەرلەر ، ئەر تەرەپ تۇققانلىرى تەرىپىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك تەڭسىز مۇئامىلىلەرنىڭ گېپىنى قىلىدىغانغا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس....
سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىز دېڭىزدىن تامچە .....  ئەلۋەتتە  بۇ  مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا تۈزىلىپ كېتىدۇ

UID
17471
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
57
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 03:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئەر-ئاياللار باراۋەر دەپ ھەرتەرپتىن كاناي يىرتىلغۇدەك جارسېلنسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ تىپىك ئەرلەرنىڭ ھوقوق مەنپەتى ئاساس قىلىنغان ئەرلەر جەمىيىتىدۇر.... چۇنكى دىيارىمىزدە ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەتىگە يىتەرلىك كوڭۇل بۇلۇنمىدى ھەم قىز - ئاياللارمۇ ئوز ئىنسانلىق ھوقوق مەنپەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن خۇددى ياۋرۇپا ئايالىرىدەك ئورنىدىن دەس تۇرۇپ  جەمىيەتكە كۇچلۇك نارازىلىغىنى ئىپادە قىلىپ باقمىدى .... ئەكسىچە بۇ ناھاقچىلىككە كۇنۇپ قېلىشتى ... شۇڭا دىيارىمىزدا ئاياللار ئەڭ جاپاكەش-ئەڭ ھوقوقسىز ئنسانلاردۇر ... ياۋرۇپا ئەللىرىدە يىشى 18 دىن كىچىك بولغان باللارنىڭ ھوقوق مەنپەتى 1- ئورۇندا تۇرىدىكەن ... ئاندىن قالسا يېشى 18دىن يۇقۇرى بولغان قىز- ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەتى 2- ئورۇندا تۇرىدىكەن ... ئاندىن قالسا ھايۋاناتلارنىڭ ھوقوق مەنپەتى 3- ئورۇندا تۇرىدىكەن .. ھەممىنىڭ ئاخىرىدا يەنى 4- ئورۇندا يىشى 18 دىن يۇقۇرى بولغان ئوغۇللار ياكى ئەرلەرنىڭ ھوقوق مەنپەتى بۇلىدىكەن .. بۇنڭدىن بىزنىڭ قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ياۋرۇپا دولەتلىرىدىكى قىز-ئاياللاردىن ھوقوق مەنپەت جەھەتتە ئاسمان - زىمىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى كورىۋېلىش تەس ئەمەس شۇڭا دىيارىمىزدىكى قىز-ئاياللارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچىراش ئەكۋالى تەبىيى .... مىنىڭ شەخسى كوز قارىشىمچە دىيارىمىزدىكى
قىز ئاياللار خۇددى ياۋرۇپا ئاياللىرىدەك ئورنىدىن دەس تۇرمىغۇچە بۇ باراۋەرسىزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1377
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43111
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-30
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 18:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  ھاللاردا  ئايالار  ھەقىقەتەن ئەرلەردىن تۆۋەن بىر قاتلام تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ،،،،،ئەسلى ئاياللار  قارار قىلغان ئىشلارغا  ئەرلەرمۇ ھۆرمەت قىلسا،،،،،شۇ چاغدا  ئايالار  ئەرلەرنى تېخىدىنمۇ ھۆرمەتلەيتى،،،

بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدىكى ھەددېدىن زىيادە چوڭچىلىق قىلمىشلىرى ۋە ئاياللارنىڭ يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، ئادالەتسىزلىك، غەيۋەتخورلۇق ۋە زۇلۇمدىن بەختسىز كىشىلەرگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان بىر رىئاللىقتۇر.
جەمىئىتىمىزدە  يۇقارقى ئابزاستا دېيىلگەندەك  ئىشلار  ئاز ئەمەس،،،،ئايالارنىڭ  بىر ئىشلارغا قارار  بېرىش ھەم ھۆكۇم قېلىش ھۆقۇقى  ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن،،،،،ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە  بۇنداق ھۆقۇقمۇ يوق،،،دېيەرلىك،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش