كۆرۈش: 9615|ئىنكاس: 66

ئىچكىردىكى ئۇيغۇرلار زادى قانداق ئادەملەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35620
يازما
133
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
133
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 14:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىچكىردە تۇرىۋاتقىلى 3يىل بولاي دىدى. ھېلىمۇ ئىسىمدە بىز ئىچكىرگە كىرگەن ۋاقتىمىزدا بىۋاستە پويىز بولمىغانلىقتىن پويىز ئالمىشىپ كىرگەن. پويىز ئالماشقان جايدا بىلەت ئالالماي ئۇيەردە بىركۈن تۇرۇپ قالدۇق. ئۇ كۈنى كەچ كىرەي دەپ قالغان ۋاقىت ئىدى. بىز. مېھمانخانىگە كىرسەك ياتاق بار دىگەن ئادەم كىملىكىمىزنى كۆرگەندىن كىيىن ياتاق يوق دەپ بىزگە ياتاق بەرمىدى. ئالدىدا بىزنى چەتئەللىك دەپ قالغان چىغى، مۇئامىلىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى. بىدىنلا مۇئامىلىسى ئۆزگەردى. بىزنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك چىقىرىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ 1-2مىھمانخانىدا ئوخشاشلا قوغلاندۇق. قۇچاقتا بالا كەچ بوپ كەتكەن ھېلىمۇ ياخشى ياز پەسلى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاران دىگەندە بىرمىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇق. بۇمىھمانخانىمۇ قەستەنگە ئەرزان ياتاقلارنى يوق دەپ بىزگەقىممەت ياتاقنى ساتتى. تېخى بۇمىھمانخانىنىڭ تارمىقى شىنجاڭدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىزگە ياتاق بەردى. بۇيەردە بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ مىنىڭ يولدۇشۇم چەتئەللىكلەرگە تەرجىمانلىق قىلىدۇ شۇڭا ھەرقايسى شەھەرلەردە قونۇشقا توغراكىلىدۇ شۇڭا دائىم بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. تېخى ئوچۇقتىن ئوچۇق ماۋۇ چەتئەللىككە ياتاق بار ساڭا ياتاق يوق دەپ ياتاق بەرمەيدۇ. ھەي ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرسەتكەن ئوغرى - يانچۇقچى ئاقچى دىگەندەكلەر بەلكىم بۇكۈنلەرنى كۆرمىگەندۇ. ئۇلار پۇلى ئارقىلىق نە ئىسىل مىھمانخانا نە ئىسىل ماشىنلاردا مىللىتىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەپ تاپقان ئاشۇ ھارام پۇللىرىنىڭ كۈچى بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندۇ.
يەنە بىر بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش.بۇيەردە ئۇيغۇرلار مەسچىتتە ياكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ئۇچرايدۇ ھەم شۇيەرلەردە ئۇچرىشىدۇ. بىركۈنى يۇرىتتىن بىرى كەپتۇ ئاشخانىغا كىلىشىمنى دىدى. ئۇيەرگە بېرىپ كۆرۈشۈپ ياناشىمدا ئاشخانىدىن چىقىپ ئاپتۇۋۇز بىكىتىگە ئاز قالغانداكەينىمدىن بىر بالا چاقىرىپ قالدى ئەلۋەتتە، مەن بۇبالىنى تونۇمايتىم 17-18ياش ئەتراپىدا.  ئاچا تاماكا بامۇ دەيدۇ.مەن ھاڭ تاڭ قالدىم. ئالدىدا ئاچا توختاڭ دىسە ئاشخانىدىكى ئىشلەيدىغان بالا ئوخشايدۇ. بىرە نەرسەمنى ئۇنتۇپ قالغان بولسام كىرەك شۇڭا چاقىرۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. مەن تاماكا چەكمەيمەن دىدىم شۇنداق ئاچچىق بىلەن. يا مەن ئەركىشى بولمىسام ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇستىۋاشلىرىممۇ ئۆلچەملىك ئورۇنىۋالغان. شۇيەردىن كەلگۈچە كەلمىگەن خىياللار قالمىدى كاللامغا.ئويلۇدۇم بۇبالىنىڭ سورىغىنى تاماكا ئەمەس ئاق تاماكىكەن دە! بولمىسا شۇنچە جىق دۇكان تۇرسا مەندىن يەنە كىلىپ مۇشۇنداق كىيىنۋالغان ئادەمدىن تەپ تارىتماي تاماكا سورامدۇ؟ شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇئاق تاماكا ساتقۇچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنىمۇ ساق قويماپتۇ دە! كۆڭلۈم شۇنچىلىك غەش بولدى. كىيىن بۇنى باشقىلارغا دىسەم ئۇلارمۇ شۇنداق دەيدۇ ئاق ساتىدىغانلار مۇسۇلمانلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋىلىپ ئاق ساتىدىكەن ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىدىكەن. شۇلارنىڭ تەسىرىدە ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىز باشقا مىللەتنىڭ نەزىرىدە شۇنچىلىك پەسكەش شۇنچىلىك يىرگىنىشلىك شۇنچىلىك ۋەھشى بوپ كتكەنكى مەن بۇنى ئۇلارنىڭ شىنجاڭلىق دىگەن ۋاختىمىزدىكىىراي ئىپادىسىدىن ھەس قىلپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك.بىئارام بولدى شۇڭا بۇيەردىكى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز نەدىن دەپسورىسا كىريەدىن بولسا كىنيەدىن چىرىيەدىن بولسا چىچىنيەدىن دەپيدىكەن.بىراق مەن سورىغان ھەرقانداق ئادەمگە شىنجاڭلىق دەيمەن ھەم باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق دىيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۇنداق ئەسكى ئادەملەردىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇيەردىكى بىزنى يامان كۆرگەن ئادەملەر ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدۇ. ھەم كۆرۈپمۇ باقمىغان. ئۆزىمىز شىنجاڭلىق دىمىسەك بىزنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىگىمىزنىمۇ بىلمەيدۇ. شىنجاڭغا بېرىپ باققانلىرى ئۇنچە يامان كۆرمەيدۇ. پەقەت مۇشۇ يەردىكى قالايمىقان ئۇيغۇرلارنىلا كۆرگەنلىرى ئاشۇنداق چۈشىنىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئەسكى بولمىغاندىن ئۆزمىللىتىمىزدىن تانماي بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ بىشىمىزنى تىك تۇتۇپ ياخشىلىقىمىزنى باشقىلارغا ئۆزھەركىتىمىز بىلەن بىلدۈرسەك دىگەننى ئويلۇدۇم. يەنە بىر ئىش.بىر كۈنى يىراق بىريەردىكى تۇڭگاننىڭ گۆش ئىسكىلاتىغا گگۆشكە بارغان. ئۇيەردە بىر ئەرئايال يولبويىداتازاچاڭىلداپ سۆزلەپ ئۇرۇشقىلى تۇرۇپتۇ كىيىنىشلىرى خۇددى باشقا مىللەتتەكلا قىزى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ئۇقىزمۇ بەلكىم19لادا بار ئەر ئايال شۇنداق سەت ئۇرۇشۇپ كەتتى ئېغىزىدىن چىققان گەپلەرنە مەن بۇيەرگە ھەرگىزمۇ يازالمايمەن. بىزكىراقىلىپ بارغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئۇلارغا قاراپ ئاۋۇلار سىلەرنىڭ مىللەتتىنمۇ دەيدۇ مىنىڭ ئۈستىۋىشىمغا بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن.  كىيىن يەنەبىركۈنى جۈمە كۈنلۈكتە مەسجىتنىڭ ئالدىغا بارسام ھېلىقى ئايال ھېلىقى قىزى بىلەن مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئۆپكە ھېسىپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.كىيىنىشلىرى خۇددى سەئۇدىنىڭ دىسەم سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولا. لىكىن ئورۇنۇپ كىيىنىۋاپتۇ. بۇلارنى كۆرگەن ئادەم راستىللا تەقۋادار ئاياللاركەن دەپ قالىدۇ. ھەي ....بۇنداق ئىشلار بۇيەردە بەك كۆپ ياخشىلار ئۆزىنى قاچۇرۇپ باشقا يەلىك دىسە ئەسكى ئادەملەر مىللىتىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەپ ئابرويىمىزنى قويمايدىغان بولدى ئەجداتلىرىمىز پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ دەپ يۈز ئابرويغا ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. بىراق بۇلار يۈز تاپقۇچە پۇل تاپ دىگەننى ئۆزلىرىگە ياشاش مىزانى قىلغان بولسا كىرەك. مەن سىرىتلارغا كۆپ چىقمىغاچقا بىلىدىغىنىم شۇنچىلىك ..ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنى مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. راست گەپنى قىلسام بۇئۆمرۈمدە مۇنبەرگە ئەمەس قەغەزگىمۇ بۇنچىلىك نەرسە يېزىپ باقمىغان ئىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىمدا سالام خەت يېزىشنى ئۈگەتكەندە سالام خەت يېزىپ باققان. بۇنى شۇنچىلىك تەستە ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. ياخشى يازدىم دىيەلمەيمەن شۇنداقتىمۇ يوللۇغۇم كەلدى ھەر ھالدا تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن
مەنبە: ئۆزۈم

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-8 19:27):
بۇيەردە يەنە ئوي ئىجارە ئېلىشمۇ بەك تەس.بالىلارنىمۇ مەكتەپكەئالمايدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49598
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 16:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يازغان ئەھۋاللارنى مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان.مەن سىزنىڭ ماۋۇ سۆزىڭىزگە قايىل بولدۇم:ھەممىمىز ئەسكى بولمىغاندىن ئۆزمىللىتىمىزدىن تانماي بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ ياخشىلىقىمىزنى باشقىلارغا ئۆزھەركىتىمىز بىلەن بىلدۈرسەك دىگەننى ئويلۇدۇم.مەن ئىلگىرى ئچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن مۇنداق ئاڭلىغان:بىز سىرىتقا چىقىپ قالساق باشقىلارغا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېمەي باشقا مىللەتتىن ياكى دۆلەتتىن دەيمىز........مەن مۇشۇنداق گەپلەرىن ئاڭلىغاندا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولاتتى.مېنىڭچە مەيلى قانداق ئەھۋال بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بۇلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.

باھا سۆز

zuaya  توغرا دەيسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 19:28:56

UID
44322
يازما
193
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-31
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 17:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، بىزھەرگىزمۇ ئۇ بىرقىسىم ئادەملەردىن نەپىرەتلىنىش بىلەن بىرگە باشقا يۇرۇتتىكى كىشىلەرگە ئۆزىمىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ، ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئارىمىزدىن چىققان بىرتۈركۈم مىتە قۇرۇت ئىكەنلىكىنى ،بىزنىڭ ئارىمىزدا يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويشىمىز كىرەك .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-8 17:16):
(بىز ھەرگىزمۇ مىللىتىمىزدىن چانماي )دىمەكچى ئىدىم ،نىمىشقكىن چىقماي قاپتۇ

UID
51979
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-10
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 17:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئىچكىرى تەرەپلەردە مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت.ھەتتا بىز ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق قارىلمىز.ئۇلارنىڭ  نەزىردە بىز ھەمىمىز بىر ..... ھەمىمىسى بىر تاياقتا ھەيدىلدىغان گەپ .بىز زادى نىمە سەۋەپتىن  مۇشۇنداق  قارىلمىز .ئاساسى  سەۋەپ  زادى نەدە؟ ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىللىرىمغاتەۋىسيە قىلدىغنىم شۇكى ،بىز ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ناچار ئستىلنى ئۆزگەرتەيلى.

UID
10525
يازما
421
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3631
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-28
توردا
202 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 18:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىچكىرىدىكى ھارام تىجارەت قىلىۋاتقانلار 58 - مىللەتمىكىن دەيمەن ........

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
205
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6236
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 18:36:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇزۇن يىللىق نامراتلىق ،مائارىپسىزلىق ۋە ئامالسىز لىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى شۇنداق رەزىل يوللارغا مېڭىشقا مەجبۇرلىغان .ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاقلاشنىڭ ھاجىتى يوق .چۈنكى تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر توپى ھەرقانداق مىللەتتە بولىدۇ .ئەمما ئىشكىردە خەنلەرگە چىرايى ۋە تەقى تۇرقى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ قىلغانلىرى ئاسانلار دىققەتنى قوزغىشى ئېنىق .

باھا سۆز

khan  راست دەيسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:06:04

UID
11177
يازما
182
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1712
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 18:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇنۇ ئەسەرنى ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز. مەن پىكرىڭىزنى قوللايمەن. بىز ياخشىلىقىمىزنى ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا بىلدۇرسەك بولىدۇ، ‹‹ئۇيغۇر››نىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسەك بولىدۇ، بۇ ئىچكىردە  ياشاۋاتقان ھەرنىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى.
  ئاقچى يانجۇقچىلار پەقەتلا ئاپئاق قار ئۈتىدىكى قارا چىكىت خالاس  ،ئەمما ئەنە شۇ قارا چىكىت پۈتكۈل قارنى قارا رەڭگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ، ناھەق كەمسىتىلىش قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمدا شۇنداق ئاچچىقىم كىلىدۇ،ھار كىلىدۇ،ئەمما نىمە ئامال دەيسىز ،توغرا چۈشەندۇرسىڭىزمۇ يەنىلا پايدىسى بولمىغان، ھەيي..............
  ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىشقا بولمايدۇ مەيلى قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراي مەيلى كەمسىتىلەي ئۆز مىللىتىم ئۈچۈن ، ئۆز مىللىتىمنىڭ ئىسىللىكىنى شۇلارغا تونۇتۇش،‹‹ئۇيغۇر››نىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىمەن.

UID
35620
يازما
133
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
133
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 19:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا مۇشۇنداق مەدەت بەرگىنىڭلارغا رەخمەت. بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ئىلھام بولدى. رەخمەت سىلەر گە.

UID
50907
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 21:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بۇلدىغانلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك

UID
4121
يازما
234
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5844
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 22:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەن سەۋىيەدە يىزىلغان تىمىكەن.
شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇپ چىقتىم. تىما ئىگىسى خاپا بولماڭ، قانداق قىلىمىز ئەمدى، بىزنىڭ ناچار ئادەملىرىمىز شۇ يەرلەرگە بىرىۋىلىپ شۇنداق ئىش قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلارنى داتلاش، نەسىھەت قىلىش قۇتقۇزالمايدۇ.ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىچكى سەۋەپلىرى بار. يەنە ئۇلارنى ئۆلتۈرۋەتكىلى بولمىسا، ياكى ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ «ئەسكى ئادەملەر »يەر يۈزىگە تۆرەلمەي يەر ئاستىغا نىفىت ،تەبىئى گاز، ئالتۇن بولۇپ تۆرىلىپ قالماپتۇ . بۇنداق تۆرەلگەن بولسا ئۇزۇن تۇرۇبىلاردا ئېقىپ بىرىپ سزدەكلەرنى ئاۋارە قىلمايتىكەن.

باھا سۆز

laqin.1  تىلتۇمار كوڭلۇمدىكى ڭەپنى قىپسىز شۇلانىڭمۇ بىز نىڭ يۇرتلاغىمۇ چىقىپ ۋاي....  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 20:03:15
rayhan1  توۋە ...ئىنكاسنى ئۇقۇپ سىزنى كورگەندەك بولدۇم ....ئوزگىچە گەپ قىلدىكەنسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 10:21:09
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش