كۆرۈش: 1025|ئىنكاس: 6

مەن ئۆزۈمنى سۆيىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15872
يازما
83
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
173
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
98 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئۆزۈمنى سۆيىمەن ! ! ! ( ھەقىقىي تەۋسىيە )

     

         ھېسياتنىڭ كونتىروللىقىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن سىز ئۆزىڭىزنى سۆيەمسىز دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى سوراش بىمەنىلىك بولسا كېرەك . شۇڭا مەن بۇ يەردە كېسىپلا ھەر بىر كىشى چۇقۇم ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلسە كېرەك دەپ ئويلاپ تەسەۋۋۇرلىرىمنىى ئۇقۇرمەنلەرگە بىۋاستىلا زاھىر قىلىۋاتىمەن .چۈنكى ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ ئۆزگىدىن سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش تەلەپ قىلىشى بەكمۇ بىچارىلىك بۇلىدۇ.
     مەن بۇ يەردە ئۆزۈمگە بولغان سۆيگۈنى ئىپادىلەپ ئولتۇرۇشۇم بىھاجەت . چۈنكى بىز ھەممىمىز  باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ئانچە قىزىقمايمىز .قىزىقىدىغىنىمىز --- شۇ كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىنى قايرىپ قۇيۇپ باشقىلارنى قانچىلىك سۆيەلەيدىغانلىقى بولسا كېرەك . شەخسەن مەن باشقىلارغا بولغان سۆيگۈمنى تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەشنى توغرا تاپتىم .بەلكىم مۇنبەرداشلار مىنىڭ بۇ سۆيۈشۈمدىن ئىللىقلىق ھېس قىلالىسا ئەجەپ ئەمەس .
     ئۆزىمىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاپلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى ،ئاپتۇرىنى ، ۋە شۇ ئاپتۇرنىڭ ئۆزىمىزگە تەسىر قىلغان ئىدىيىسى ياكى سۆزلىرىنى يېزىپ قالدۇرايلى . بۇ بىر تەرەپتىن ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كىتاپقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتۇرلىرىمىزغا بولغان ھۆرمەت بولۇپ ئىپادىلەنسە ئەجەپ ئەمەس . ئەسلەپ باقىدىغان بولساق شۇ كىتاپ  ئۇقۇش ، كىتاپنى سۆيۈش دىنىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان يەھۇدىيلارنى نۇسرەتلىك قىلدى ... بۇنىڭغا دائىر مىساللار تالاي – تالاي . ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە كىتاپچىلىقنىڭ بازىرىنىڭ خېلىلا كاسات ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە خېلى ئايدىڭ مەسىلە . كىتاپخانا ئېچىپ دۇكاننىڭ ئىجارىسىنىمۇ تۈلىيەلمەي ، ئاقىۋەتتە ئىشتان – پايپاقتىن پايدا ئېلىپ يانجۇقىنى توملاپ يۈرگەنلەرمۇ تالاي . دېمەك كىتاپ ئۇقۇش ، كىتاپ سېتىۋېلىش تېخى بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمىدى .كىتاپتىن يىراقلاشقان بۇنداق تۇرمۇش بىزنى نادانلىققا قىستايدۇ، دە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ . ئاللاھ بىزنى زالالەتتىن توغرىغا يانسۇن دەپ بىزلەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن شۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنىڭمۇ جىسمى بىز ئۈچۈن شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولدىكى ، ئېگىز – ئېگىز تەكچىلەرگە ، قول يەتمەيدىغان تاملارنىڭ چوققىسىغا ئېسىپ قۇيۇپ بېشىمىزدىن ئۈستۈن يەرگە قۇيالىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلۇغلىغان بۇلۇپ يۈرىۋەردۇق . ئىچىدە نىمىلەر يېزىلغان ، بىزلەر نىمىلەرگە بۇيرۇلغان ، نىمىلەردىن قايتۇرۇلغان بۇ بىزگە قاپقاراڭغۇ بۇلۇپ ، خۇددى شۇ قۇرئاننىڭ ئۈستىنى قەۋەت – قەۋەت توپا – چاڭ باسقاندەك ، قەلبىمىزنىمۇ نادانلىق ، كىبىرلىك ، بىلەرمەنلىكنىڭ نىجىسلىقلىرى بېسىپ كەتتى ،ئەمما بىز بۇنى بىلمەي ياكى بىلىشكە ۋاقىت چىقىرالماي يۈرۈۋاتىمىز . . .
      شۇڭا تەۋسىيەرىم --- كىتاپ ئۇقۇيلى ، كىتاپ ئۇقۇش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلسۇن . مىللەتنى سۈيۈمەنەي ، ئۇيغۇرنى سۈيۈمەنەي دېيىشنى قۇيۇپ 15 كويغا چىداپ بىر دانە كىتاپ سېتىۋېلىپ ئۇقۇڭ ، خالىسىڭىز باشقىلارغا سوۋغا قىلىدىغان ئەتىرگۈلنىڭ ، كىيىم كېچەكنىڭ ئورنىنى كىتاپ ئالسۇنكى ، شۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان قېرىنداش – بۇرادەرلىرىڭىزگىمۇ كىتاپنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇڭ . شۇنداق بولغاندىلا سورۇنلىرىمىزدىكى تىمىلارمۇ قايسى ھاراق – شاراپ  بەكرەك كېسىدۇ ، قايسىسى كۈچلۈك ، كىم چىرايلىق ، كىم بەلەن دېگەن تېتىقسىزلىقنى ئاساسى تىما قىلىپ ئەمەس ، بەلكى يېقىندا كىمنىڭ كىتابى چىقتى ، قانداق ئەسەرلىرى چىقتى دېگەندەك كىتاپ توغرىلىق تىمىغا ئالماشسا ئەجەپ ئەمەس ، ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە ئېرىشتۈرسۇن .
      ئەمىسە قۇرۇق گىپىمنى توختىتىپ يەنىلا ئۆزۈمدىن باشلاي .ماڭا ئەڭ ،ئەڭ ،ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاپ  پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ------ بىر مىليارد 500 مىليۇن كىشىنىڭ قەلبىنى تىترىتىپ ، ئىمانىنى يىتەكلەپ ،ھەقىقىي ياراتقۇچىنى تۇنۇتىدىغان كىتاپ .-----

قۇرئان كەرىم


   
       كىتاپنىڭ ئاپتۇرى ئاللاھ بۇ كىتاپنى ئۆزى بىزدەك ئەرزىمەس سۇيۇقلۇقتىن ئاپىرىدە قىلغان مەخلۇقلىرىغا  ئاتاپ ئۆز دەرگاھىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن  . بۇ كىتاپنىڭ ماڭا قىلغان تەسىرى ھەر كۈندىكى بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ئۆز قەرەلىدە ئادا تاپقۇزۇش بىلەن بۇلاۋاتىدۇ . كىتاپتىكى ماڭا تەسىر قىلغان جۈملىنى ئېلىپ ئېيتسام ، سۈرە فاتىھەنىڭ بىرىنجى ئايىتىدىن باشلاپ سۈرا ناسنىڭ ئالتىنجى ئايىتىگىچە بولغان جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ئويغىتىشقا يېتەرلىك . ئەمدى شۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى ئارىسىدىن ماڭا تەسىر قىلغانلىرىنى دەپ ئۆتەي .
1 . ئۆزلۈك ۋە كىملىك                                         ئاپتۇرى – ئەسئەت سۇلايمان
2 .ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا                             ئاپتۇرى – ئابدۇقادىر جالالىدىن
3 .ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە                                      ئاپتۇرى – ئاپتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش
4 .يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرى
......
......
......
      ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەل يازغۇچىلىرىن ناپالىئۇن خېئول بىلەن دالىي كارنىگنىڭ ئەسەرلىرى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاپلار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ، ھېلىھەم ئىزدەپ - سۇراپ ئۇقۇيمەن . ئەمدى ئەسەردىكى ماڭا تەسىر قىلغان نوقتىلارغا كەلسەك ، ئالدىدىكى ئۆزلۈك ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئالغان ئىلھامىم --- ئۆزۈمنى تۇنۇپ يەتكەندەك بولدۇم . نىمىلەرنى قىلىپ ياشاشنىڭ ، قانداق ئۈگىنىشنىڭ ، نىمىلەرنى ئۈگىنىشنىڭ ، ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىڭ قىممىتىنى بىلىپ يىتىشىمدە ئۈنۈمى زور بولدى . ئاستىدىكى چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك ، قانداق مۇۋاقىيەت قازىنىش ھەققىدە كاللامدا شەكىللەنگەن تۇنجى ئىدىيە مۇشۇ كىتاپتىن كەلگەن دىسەم ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ .  دىمىسىمۇ مۇۋاقىيەت قازانغان كىشىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەقىقىي گەپلەر بىزدەك كۆپ پۇل تېپىشنىڭ ئۇيقۇسىدا ياتقان تەلەيپەرەسلەرگە ئىنتايىن زور ئىلھام بۇلىدىكەن .
        مانا بۇ مەندىكى بىر تۈرلۈك سۈيۈش . ۋاقىت ئېتبارى بىلەن ھازىر مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي . ئويلىغانلرىمنى كىيىن يەنە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قۇيارمەن . ئۇنداق بولسا سىزنىڭمۇ باشقىلارنى سۆيۈشىڭىز راست بولسا ، ئەمىسە سىزمۇ كىتاپ توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قېتىشقا ھۇرۇنلۇق قىلماڭ .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
36563
يازما
40
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
76 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 15:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تارىخىي رومان ئوقۇشقا  قىزىقىمەن. مەنمۇ ئۆزەم ياقتۇردىغان كىتابلارنىڭ ئىسىمىنى قالدۇرۇپ قوياي.
ئىزدىنىش -زوردۇن سابىر
ئىز -ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر -تۇردى سامساق
سۇتۇق بۇغراخان- سەيپىدىن ئەزىزى
بالدۇر ئويغانغان ئادەم -خېۋىر تۆمۈر
ئۇيغانغان زىمىن -ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

جۇدالىق -مىرزاھىد كېرىمى
قۇم باسقان شەھەر- مەمتىمىن ھوشۇر
كۆڭۈل- ئابدۇراخمان قاھار
لېيىغان بۇلاق- جالالىدىن بەھرام
ئانا يۇرت -زوردۇن سابېر
جاللات خېنىم -ياسىنجان سادىق چوغلان
ئەنجانباي -نۇر روزى
مەھمۇد قەشقىرى- پەرھات جىلان
ئاقسۇدا 1945-يىلى

UID
35620
يازما
133
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
133
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 20:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يازاي. ئۆزىمىز يا-شى كۆرىدىغان كىتاپ دىگەن سۆزىڭىزنى ئوقۇغاندىلا مىنىڭ ئىسىمگە قۇرئان كەرىم كەلدى. مەن قۇرئاننى مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۆزۈممۇ ئاز تولا مەنىسىنى چۈشۈنىمەن. باشقىلاغا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىسەممۇ ھەر ھالدا ئوقۇپ كىتىۋىتىپ نىمە مەزمۇندا كىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن.  ئۆزى ئوقۇپ چۈشۈنەلىسە ئادەم بەك ھوزۇر ھىس قىلىدىكەن. مەن بۇيولدا توختىماي ئىزدىنىۋاتىمەن. ئاللا خالىساداۋاملىق. ئۈگۈنىمەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى.
يەنە ياقۇن روزىنىڭ ئەسەرلىرى.
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرى.
رومانلاردىن: مەخمۇت قەشقىرى ..........پەرھات جىلاننىڭ
سەرسان روھ .........     .......ئەخەت تۇردى
ئىز ..............ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زىمىن ............ئابدىرھىم ئۆتكۈر
ئانايۇرىت .............زوردون سابىر
جاللات خېنىم .........ياسىنجان سادىق چوغلانى
قۇم باسقان شەھەر ...........مەمىتىمىن ھوشۇر
ئاپەت ۋە ئامەت .............جالالىدىن بەھرام
لېيغان بۇلاق .................جالالىدىن باھرام
مەمەتئېلى ئەپەندى .......
ئۇيغۇرلاردا پەرزەنىت تەربىيسى .........يار مۇھەممەد تايىر تۇغلۇق
كارىل ۋىتىرنىڭ پەرزەنت تەربىسى ......
تالانىتلىق بالا مۇنداق تەربىيلىندۇ ....ئاپتورىنى ئۇنتۇپ قالدىم چەتئەل يازغۇچىلىنىڭ ئىسمىنى تۇتۇپ بولالمايدىكەنمە

ئۆگىنىش ئىنقىلابى
مەدىنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز ...........ئابدىرىھىم دۆلەت

شەرەق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ ...........نەزىرە مۇھەممەت سالىھ
ئابدۇقادىر داموللا .............
ئىدقۇت يۇلتۇزى .........پەرھات جىلان
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا .......بۇكىيابنىڭ ئاپتورى مىسىرلىق ئىدى ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم

مىنىڭ كىتاپ ئوقۇسام دائىم ئاپتورىنى ئۇنتۇپ.
قالىدىغان ئادىتىم بار. لىكىن مىنىڭ ئوغلۇم قانداق كىتاپ كۆرسە كوپ كۆرمىسىمۇ ئاپتورىنى ئىسىدە تۇتۇۋالىدۇ. ئۆزى ئەمدەلا 4-يىللىقتا ئوقۇيدۇ بولمىسا.

UID
15872
يازما
83
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
173
تىزىملاتقان
2011-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
98 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zuaya يوللىغان ۋاقتى  2013-1-8 20:58
مەنمۇ يازاي. ئۆزىمىز يا-شى كۆرىدىغان كىتاپ دىگەن سۆزىڭ ...

كىتاپ توغرىسىدا سۆز باشلانسىمۇ يەنىلا قاملاشمىغان سۈكۈت ئىچىدە تۇرىدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ مۇنبەر ئىچىدە . ئېشىكىم نىمە بىلەر ، كۈنجۈت ناۋاتنىڭ قەدرىنى دېگەندەك ئادەمنى بەكلا ئۈمۈتسىزلەندۈرىدىكەن بۇ خەقلەر . پىكىر قىلىدىغانلار يەنىلا سىز مەن قاتارلىق بىر نەچچە كىشىلىكەن خالاس . ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا تىۋىش چىقارمايلا ئۆزىمىز ئۇقۇساق بولغىدەك بۇ كىتابىمىزنى . ( ئاكتىپ پىكىر قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت .)

UID
2091
يازما
1549
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50503
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-14
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 01:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم ،ياراتقان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىللىرىنى يورۇتۇپ ئىلىم ، بىلىم ئېلىش يولىغا باشلىسۇن !
   مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا تارىخى  رومانلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم ، كېيىن ئاتا-ئانامنىڭ يېتەكلىشىدە  ‹ قۇرئان كەرىم› نى ئوقۇشنى ئۆگەندىم ھەمدە نەچچە قېتىملار ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغىنىم يادىمدا يوق . مەنىسىنى چۈشىنىش مەقسىدىدە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم ،  پەيغەمبەرلەر قىسسىسى ، سەھىھۇل بۇخارى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى ، ياخشىلار باغچىسى ، قاتارلىق دۇردانە كىتاپلارنى دائىم  ئوقۇپ تۇرىمەن .
     تارىخى رومانلاردىن باشقا ،  پەرزەنت تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى  ۋە پسخىكا تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . يۇقىردىكى قېرىنداشلار دەپ ئۆتكەن كىتاپلارنى ئاساسەن ئوقۇپ بوپتىمەن شۇڭا تەكرار يازمىدىم . ئۆزەم  سېتىۋېلىپ  تېخى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان نۇرغۇن كىتاپلىرىم بار  ئاللاھ خالىسا چوقۇم ئوقۇيمەن ،  نەچچە يىل بولدى ئەتىراپىمدىكى دوست بۇرادەرلەرنىڭ ھەر خىل خاتىرە كۈنلىرىدە  ئۇلارغا ياخشى كىتاپلارنى سوغا قىلىمەن ، بۇ ئادىتىم  خېلى كۆپ دوستلىرىمغا تەسىر قىلىپ ئۇلارمۇ كىتاپ سوغا قىلىشنى باشلىۋەتتى .....

UID
50940
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-12-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 02:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن كىتاپلىرىنى ئوقۇغان  ،لىكىن  تارىخىي رومانلارنى بەك ئوقۇپ كەتمەيتىم،لىكىن تاغ جۇدۇنلىرى (جالالىدىن بەھرام)نى ئوقۇغاندىن كىيىن قاتتىق پۇشمان قىلدىم،بۇ كىتاپنىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم،ئەسلىدە ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتاپ دەل تارىخىي رومانلاركەن.......
بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن كىتاپلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپسىلەر،ھازىر شۇ كىتاپلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى سېتۋالدىم،داۋاملىق ئوقۇيمەن.
ياخشى تىما يوللاپسىز،تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر.......
چۈنكى بىر كىتاپ بىر ئالەم دىگەن قاراشنى مەن كىتاپ ئوقۇپ ئاندىن بىلدىم، چۈنكى كۆرگەن دۇنيا ئايرىم بىر ساۋاق بولسا،ئوقۇغان دۇنيا ئالەمچە پىكىر،ئالەمچە تەپەككۇر،ئالەمچە ساۋاقنىڭ ئۇلى ۋە يىلتىزىكەن......

UID
35620
يازما
133
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
133
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-5
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 18:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ كىشىلىمىز كىتاپتىن شۇنچە يىاقلاپ كەتكەنمىدۇ. بۇتىمىغا ئىنكاس يازماپتىغۇ. ؟ مەن تېخى
مىنىڭ يازغان كىتاپلىرىم ھەممندىن ئاز مىكىن. باشقىلار نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغاندۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ھازىر كىشىلىرىمىزگە كىتاپ توغرىسىدكى پاراڭ قۇلاققا قوش ياقمايدىغان ئوخشايدۇ.
بۇتىمىنى كۆرۈشكىمۇ رايى بارماپتۇدە!؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-12 18:09):
يىراقلاپ دىمەكچىدىم.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-12 21:42):
ئوقۇغان، دىمەكچىدىم يازغان بوپقاپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش