تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1610|ئىنكاس: 6

سېمىزلىك سىزدىن قانچىلىك يىراقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52184
يازما
18
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 17:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېمىزلىك سىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟
ھەر قىتىم توردا كۆرۈشكىنىمىزدە ئانام ماڭا «بالام سەمېرىپ قاپسەن، كۆرۈپ خۇش بولدۇم، كىلەر قېتىم كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سەمىرگىنىڭنى كۆرگۈم بار» دەپ تاپىلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر سېمىزلىكنى راھەت تۇرمۇشنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ ۋە نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلۇشۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ. ئەڭ يامىنى تۇغۇتلۇق ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئانىلارنىڭ سېمىز بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ھەتتا تۇغۇتتىن يىشىنگەن ئاياللار سەمىرىپ تۇرمىسا بۇنى ياخشى كۈتۈنمەسلىكتىن دەپ قاراپ ئانىلارغا روھىي بىېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تۇغۇتلۇق ئاياللار سەمىرىشكە تېرىشىدۇ. سىز بۇنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ھازىر دۇنيادا سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ ئومۇملاشقان، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللەرنىڭ بېرى بولۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان. ئامرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، سېمىزلىكتىن كىلىپ چىققان ئىككى تىپلىق دېئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئامرىكىدا كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ئىچىدە ئاتىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققەي تاپقان ئەللەردە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ تىزدىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سېمىزلىك كىسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا كونتىرول قىلىش چاقرىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئاجرىتىلدى. تۆۋەندە سېمىزلىكنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان ئېنىقلقمىسى، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ۋە ئانا سېمىزلىكىنىڭ تۆرەلمە ۋە ئەۋلاد سالامەتلىكىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.  بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئىشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بولۇپ،كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 25 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى، ئەلۋەتتە  بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 30 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن سېمىزلىكنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى بايان قىلىمىز. سېمىز كىشىلەردە قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن ياغ مىقدارى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولۇپ، سېمىزلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى نۇرمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەردىن ئاز دىگەندە يەتتە يىل تۆۋەن بولغان. سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قاندىكى ئېشىپ كەتكەن گلۇكوزا مىقدارى ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىننىڭ گلۇكوزىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. شۇمۇ مەلۇمكى، يۇقىرى قان بىسىمى بىمارلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سېمىز كىشىلەردۇر. سېمىزلىك كېسىلى يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرى، راك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، جېگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قارالماقتا.
ئانىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئانىدىكى سېمىزلىك تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە كىيىنكى سالامەتلىكىگە مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، ئانىلاردىكى سېمىزلىك تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا تۆرەلمىنىڭ نورمال مېڭە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ يۈرەك، ئاشقازان ئاستى بىزى، ياغ قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ بىنورمال تەرەققىي قىلىشىنى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدا سېمىزلىك كېسىلى، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە يۇقىرى نىسبەتتە گېرىپتار بولۇشىنى پروگراممىلايدۇ. بۇ خېل ھادىسە بىئولوگىيە تەتقىقاتىدا «تۆرەلمىنىڭ پروگراممىلىنىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۆرەلمە بالىياتقۇ مۇھېتىدىكى ھەرخىل پاسسىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆرەلمىنىڭ بىنورماللىقىنى ۋە كىيىنكى ھاياتىدىكى سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، سېمىزلىك مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن سالامەتلىككە زور ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. بولۇپمۇ، پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدىكى ئەر- ئاياللارنىڭ  نورمال ئېغىرلىقتا بولۇشى ئۆزى ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم. بىز ئۇيغۇر جەمئىيتىدىمۇ نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، ساغلام يېمەكلىك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى كاپالەتلەندۈرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 18:43  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

شىنجاڭغا داڭلىق

UID
8923
يازما
88
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2628
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-27
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 19:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھازىر نۇرغۇن كىشلەرگە نىسبەتەن سېمىزلىك ئىش-ھەركەتلىرىگىلا نىسبەتەن دۈشمەن بولماستىن ،يەنە سالامەتلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .شۇڭىلاشقا : سېمىز دوسىتلىرىمىزئۇرۇقلاشتا : دورىغىلا ئىلتىجا قىلماي ،ئەڭ مۇھىمى ھەركەتنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇشىمىز  كېرەك .

UID
44964
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
46
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 12:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېمىزلىك مەندىن بەكلا يىراق ، ئۆزەم بەكلا ئۇرۇق .

UID
16979
يازما
95
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
215
تىزىملاتقان
2011-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 21:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ۋاقتىمنىڭ زىيادە ئۇزۇنلىقى ئارام ئالغۇدەك پۇرسەت بەرمەيدۇ، زىيادە زىچ خىزمەت كۆپىنچە چۈشلىك تاماق يېگۈدەك پۇرسەت بەرمەيدۇ.جەرىمانىنىڭ تولىلىقىدىن خىزمەتمۇ بىر بېسىم بولۇپ قالغاچقا ئەركىن خىزمەت مۇھىتىمۇ يوق، تولا ئىكرانغا، كىتابقا قاراپ تۆت كۆزلۈك بولۇپ قالمىساملا سەمىرىش مەندىن بەك يىراق...

UID
49135
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-31
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 16:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېمىزلىك مېنىڭ ئەتراپىمدىلا

UID
52352
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 17:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: سېمىزلىك سىزدىن قانچىلىك يىراقتا

مەن بەكلا سمىز ئورۇقلاشنڭ مۇۋاپق ئۇسۇلنى بلدغانلاربولسا ياردەم قىلپ يوللاپ قويغان بولساڭلار سلەردن كۈپ مننەتدار بولاتتم

UID
52184
يازما
18
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-7
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 10:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
suzuk-bulak يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 17:05
مەن بەكلا سمىز ئورۇقلاشنڭ مۇۋاپق ئۇسۇلنى بلدغانلاربول ...

ئورۇقلاشتا ئاساسلىقى ھەرىكەت ۋە يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دورىمۇ يەنە بىر تاللاش بولۇپ، 90-يىللاردا بازراغا سېلىنغان ئامرىكىنىڭ بىر قىسىم ئورۇقلاش دورىلىرى ئەكىس تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى بازاردىن قايتۇرۋىلىنغان. ئۆتكەن يىل بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئورۇقلاش دورىسى ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA)  تەرىپىدىن بازراغا سېلىشقا تەستىقلانغان بولۇپ، Belviq ۋە Qsymia دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىپ تاماق مىقدرىنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، بىمارنىڭ ئازاپسىز ھالدا تاماق مىقدارىنى كونتىرول قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بولۇپمۇ بۇرۇنقى دورىلاردەك يۈردك كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىك. بۇ دورىلار سىناق قىلىنغاندا بىمارلار %15~ ئەتراپىدا ئېغىرلىق يوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە دۇنيادا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاشنىڭ تېخى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تىپىلغىنى يوق. شۇڭا، ھازىرچە ئورۇقلاشنىڭ بىخەتەر لىكىن ئۈنۈمى سەل تۆۋەنرەك چارىسى يەنىلا ئېنىرگىيەنى يوقۇتۇش، يەنى تاماقتىن كىلىدىغان ئېنىرگىيەنى ئازايتىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر سىمىزلىك كېسىلى تەتقىقاتى ئىنتايىن يۇقىرى مەبلەغ سېلىنغان تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلكىم كەلگۈسى 5-10 يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئۈمىد بار.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش