- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- UID
- 29745
- يازما
- 10
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 10
- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- توردا
- 17 سائەت
|
جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى
بالىلار ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاتا – ئانىلارمۇ ئۇزۇقلۇق بولىدۇ، دەپ بالىلارغا كۆپ ئېلىپ بېرىدۇ. ئەمما سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەر بالىلارغا مەنپەئەت قىلامدۇ؟ 2012 –يىل 21 –دېكابىر iearthــ يەر شارىنى سۆيىمەن مۇھىتنى ئاسراش ئورگىنى «جۇڭگودىكى توققۇز شەھەردىكى بالىلارنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچى ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بۇ توققۇز شەھەر ھەم 20 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن سانلىق مەلۇمەت بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى، كۈندە تەييار چۆپ يەيدىغان بالا ئالتە پېرسەنتنى، تاتلىقياڭيۇ يەيدىغان بالا توققۇز پىرسەنتنى، ئەتكەن چاي ئىچىدىغان بالا 10 پىرسەنتى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما بۇ يېمەكلىكلەرگە ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا يۇشۇرۇن خەۋپى بار ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنغان خۇرۇچلار قوشۇلغان.
دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلىتىش مىقدارى ۋە دائىرىسىگە قارىتا قاتتىق بەلگىلىمىسى بار. ھەر خىل خۇرۇچلار قوشۇلغان ئۇششەك –چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۆسۈۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ خۇڭچاڭ ئۆزى داۋالىغان بىر ئوغۇل بالىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇششاق –چۈششۈك يېمەكلىكلەرنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈردى. خۇڭ دۇڭچاڭ ئۇزاق يىللىق كىلىنىكىلىق داۋالاش تەجرىبىسىگە ئاساسەن مۇنداق دېدى:«ھازىرقى بالىلارنىڭ بارغانسېرى سەمىرىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەر خىل خۇرۇچ قوشۇلغان ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خۇرۇچ قوشۇلغان يېمەكلىكلەر چۈرۈك، تەملىك، يېيىشلىك بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، خۇرۇچ كۆپ مىقداردىكى ماي ۋە تۇز تەمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەچكە، بالىلارغا مايلىق بىلىنمەيدۇ –دە، كۆپ يېۋېلىپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنى زىيادە قوبۇل قىلىۋالىدۇ.» ئۇ يەنە كىشىلەرنى iearth بىلەن بىرلىكتە، بالىلاردا ساغلام يېمەك – ئىچمەك قارىشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. iearth نىڭ قۇرغۇچىسى پەن جۈەن خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« iearthــ يەر شارىنى سۆيىمەن مۇھىىت ئاسراش ئورگىنىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، بالىلارغا مۇھىت ئاسراش تەربىيەسى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەربىيەسى بېرىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا ياپونىيەلىك يېمەكلىك خۇرۇچى پېشۋاسى ــ ئابېجى ئەپەندىنىڭ كىتابى تۈرتكە بولدى. كىتابتا يېمەكلىكنى سانائەتلەشتۈرۈش سەۋەبىدىن يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يامراش ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مېنىڭ بالىلار يېمەكلىكىگە كۆڭۈل بۈلۈش ئىرادەمنى كۈچەيتتى.»
تەكشۈرۈش جەريانىدا، خادىملار قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. پەن جۈەن خانىم مۇنداق دېدى:«ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئۇزاق مۇدددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقى ئاشكارە ئېلان قىلىنغان بۇيان، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. بىز بالىلاردا ساغلام يېمەك – ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.» iearth نىڭ قۇرغۇچىسى پەن جۈەن خانىم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خىل تەكشۈرۈشنى ئۇزاق مۇددەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەكتەپلەردە خۇرۇچ تەجرىبە دەرسلىكىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرغاندىن باشقا، iearth خۇرۇچ تەكشۈرۈش APP يۇمتالىنى تەتقىق قىلىپ ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، خۇرۇچ توغرىسىدىكى بالىلار ئوقۇشلۇقىنى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاتا – ئانا ۋە بالىلاردا يېمەكلىك خۇرۇچى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاتا –ئانا ۋە بالىلاردا ساغلام يېمەك – ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، يېمەكلىك خۇرۇچىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشنىڭ خەۋىپىنى ئازايتىمىز.»
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارغا ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاساسەن ئاتا- ئانىلار ئېلىپ بېرىدىكەن.
مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دۇكان ۋە يايمىچىلاردىكى ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرگە كۆپ مىقدارى يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.
بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان ماروۋنىدا كۆپ خىل سۇنئىي بىرىكتۈرۈلگەن بوياق ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭلىك رەڭ، لىمون سېرىقى، رەڭ دوغى قاتارلىق خۇرۇچلارنى ئىشلىتىش چەت ئەللەردە چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
بالىلار تاتلىقياڭيۇ ياپراقچىسى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا كۆپ مىقداردا ياغ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى چاقماق بىلەن تاتلىقياڭيۇ قەلەمچىسىنى كۆيدۈرگەندە، ئۇنىڭدىن ماي تامچىپ چۈشمەكتە. ئادەتتە كۆپتۈرگۈچ، تەملەشتۈرگۈچ قاتارلىق خۇرۇچلار تاتلىقياڭيۇ ياپراقچىسى تەركىبىدىكى ماي ۋە تۇز تەمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەچكە، بالىلارغا ئۇ مايلىق بىلىنمەيدۇ-دە، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالىدۇ. نەتىجىدە قوبۇل قىلغان ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا تاتلىقياڭيۇ ياپراقچىسى يېيىش ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
|
|