كۆرۈش: 2980|ئىنكاس: 21

بىر سوم پىلانىنىڭ 7-يىللىق خۇلاسىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4406
يازما
110
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
3390
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 15:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ باشقا يەرلەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمەن ،مەقسىتىم پەقەت ،پۇل ئەۋەتكەن  ھەر بىر تورداش ئەۋەتكەن پۇللىرىنىڭ قەيەرلەردە ئىشلىتىلگەنلىكىنى مۇمكىن قەدەر بىلىپ قالسا دەيمەن ،مۇمكىن بولسا بۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويساڭلار .رەھمەت :
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك دوسىتلىرىم  ،" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنىڭ   بارلىق خەيىر -ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن   ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە ئالتە  يىل بولۇپتىكەن ،مانا مۇشۇ يېڭى يىل دەقىقىلىرى، سىزلەرگە بۇ پائالىيەتنىڭ 7-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن .


2011-يىلىدىن ئاشقان پۇل :6547.86 سوم (ئالتە مىڭ بەش يۈز قىرىق يەتتە سوم سەكسەن ئالتە تىيىن
)

بۇ  يىل يىغىلغان پۇل :30797.8 سوم (ئوتتۇزمىڭ يەتتە يۈز توقسان يەتتە سوم سەكسەن تىيىن )

بۇ يىلقى جەمىئىي جۇغلانما پۇل :

30797.8+6547.86=   37345.66 سوم (ئوتتۇز يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز قىرىق بەش سوم ئاتمىش ئالتە تىيىن )

     ئەمدى 2012-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىنى يېزىپ ئۆتىمەن :


     بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرېستېتىدا ئايلىقى 300 سومدىن ياردەم ئېلىپ  بەش يىل ئوقۇغان قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى .
    شىئەن چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىدىكى بىر قىز ياردەمگە ئېرىشىپ ھەر ئايلىقى 500 سوم پۇل ئەۋەتىلمەكتە  ،قالغان ياردەم ئوبىكىتلىرى بولسا ئىككى مىللەتتىن بولغان  بەش نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە بورتالادىكى دوسىت بۇرادەرلەر  پىلانىمىز ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئوسمانجان ئىسىملىك بىر كېسەل يىگىت .
   بۇ يىل -9ئايدا توردا مۇراجەتنامە چىقىرىپ شىنجاڭ قۇرلۇش بىناكارلىق مەكتىۋىدىكى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان  بىر خوتەنلىك قىزغا 4000 سوم ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردۇق ،ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالاقىدر بالىلار بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەرمەكتە ،ھەر ئايلىقى يەتمىگىنىگە مەن ئەۋەتىمەن(تېخى ئەۋەتىپ باقمىدىم )

   تورداشلارنىڭ يىللاردىكى پىكىر تەكلىۋى ۋە مەزكۇر ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ خاسلىقىغا ئاساسلىنىپ  تور يۈزىدە  ياردەم ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارا ئەيلىمەيمەن ،لىكىن بىلىشنى خالىغۇچىلارغا توردا چ چ مۇڭداشقۇسى ئارقىلىق بىر سوم پىلانى ئالبومى ،ھېسابات خاتىرە دەپتىرى ،ئىئانە دەپتىرى  قاتارلىقلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى  ئەۋەتىپ بېرىمەن(كۆرۈپلا قالغايكى ،توردا تارقىتىپ يۈرمىگەي ،غورور بىباھا ) ،بورتالا شارائىتىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ ،مەن ۋاقىت ئاجىرىتىپ  كۆرسىتىپ قويىمەن .


1.   بورتالا شەھىرىدىكى ئوسمانجان ئىسىملىك بىمار يىگىتنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن بورتالادىكى مەلۇم چايدىكى قىزلار شۇنداقلا باشقا ساخاۋەتچىلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىپ ھەر ئايلىقى ئۇن ،ماي ،گۈرۈچ ،كۆمۈر،ۋە سۈت كالىسى ئېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل 5060 سوم . ئېغىر ئەمگەك ئىقتىدارى يوق بۇ بالا ھازىر بىزنىڭ مەھەلىدە سۈت سېتىپ شۇ ئارقىلىق تۆت جاننى بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرمەكتە .
2.  بورتالا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 400 سوم پۇل بېرىلدى .
3.    بورتالا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى  قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 400 سوم پۇل بېرىلدى .
4.  توردا مۇراجەتنامىسى چىققان ئۈچ ياشلىق مەۋفۇئەگە تورداشلار ھاۋالە قىلغان 100 سوم پۇل ئەۋەتىپ بېرىلدى .
5.  بورتالا شەھەر چىندىل يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىككى مەۋسۈم 600 سوم پۇل ياردەم بېرىلدى .
6.   شىئەن چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىدىكى قىزغا مەكتەپتە ئورۇنلىشىش پۇلى ،ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلى ۋە تۇنجى يىللىق ئوقۇش پۇلىغا 13110 سوم پۇل خىراجەت قىلىندى .
7.   بۇ يىل مارت ئايلىرى بورتالادىكى تورداشلار يىغىش قىلىپ بورتالا بەشىنچى دىۋزىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان شوجۇڭپاڭ ئۈچىنچى كەنىتلىك يوقسۇل بىمار ئابدۇرېھىمغا نىشانلىق يىغىلغان 1000 سوم ياردەم قىلىندى .
8.   بورتالادىكى دوسىتلىرىم بىلەن چىندىل يېزا مەركىزى مەكتىۋىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش  پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ بۇ مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا 1300 سوم پۇل ياردەم قىلدۇق .
9.   ئىزدىنىش  مۇنبىرىدىكى مەلۇم قىزغا تورداشلار نىشانلىق ياردەم قىلغان 1000 سوم پۇلنى   توردىشىمىز "گۇدلاك" ئارقىلىق يەتكۈزدۈم .
10.    شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق مەكتىۋىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان خوتەنلىك سىتۇدىنىت قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن  ئىزدىنىش مۇنبىرىدە مۇراجەتنامە يېزىپ 4000 سوم ئوقۇش پۇلىنى راسلاپ بەردۇق .ۋە ئۈرۈمچىدىكى بالىلار بۇ قىزغا ھەر ئايلىقى تۇرمۇش ياردەم پۇلى يىغىپ بېرىدىغان ،يەتمىگىنىگە بىر سوم غەللىسىدىن چىقىرىدىغان بولدۇق .
11.   بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى  بورتالا توك ئىدرىسى تەۋەسىدە ئىتتىپاق ئەزالىرى "بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىتتىپاق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇپ ،نامىراتلارغا  ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردۇق ،200نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى قاتنىشىپ جەمىئىي 6272.5سوم پۇل يىغىلدى ،بۇ پۇلدىن  2400 سوم نەق پۇل ،2400 سومغا ئالتە توننا كۆمۈر ،834.8يۈەنلىك ئۇن ماي گۈرۈچ ئېلىپ 5634.8سوم پۇل بىلەن  بىر ئۇيغۇر،بىر خەنزۇ ئائىلىنى يوقلاپ ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق .

بۇندىن باشقا بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئۈچۈن 36 سوم ،يىللىق ھەققى ئۈچۈن 10 سوم ،تورداشلار كارتىغا ئەۋەتكەن  پۇللاردىن بىزدىن تۇتۇلغان رەسمىيەت ھەققى 25.5 سوم .



شۇنداق قىلىپ 2012-يىللىق قىلىنغان چىقىم :

32676.3سوم(ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئالتە يۈز يەتمىش ئالتە سوم ئوتتۇز تىيىن )

بۇ يىلقى كىرىم  37345.66 دىن بۇ  يىلقى چىقىم قىلىنغان پۇلنى ئېلىۋەتسەك 2013-يىلىغا ئېشىپ قالغىنى :

37345.66     -    32676.3=4669.36
ھازىر قالغان پۇل جەمىئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز ئاتمىش توققۇز سوم ئوتتۇز  ئالتە تىيىن




         بىر سوم  پىلانى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 7يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ 8-يىلىغا قەدەم قويدى ،بۇ  مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى ئۈچۈن پۇل ماللىرىنى  ماڭا ئىشىنىپ ئىئانە قىلغان ھەر مىللەتتىن بولغان بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە سەمىمىي ئېھتىرام ،بىر ئىشنى باشلاش ئاسان ،لىكىن داۋام ئەتتۈرمەك تولىمۇ تەس ،بۇ پائالىيەتنى مەن ھېچقانداق ئۆرنەك يوق ، قىزغىنلىققا تايىنىپلا باشلىغان ئىدىم ،لىكىن ھازىر ئۇ ھەممىمىزنىڭ بىر سوم پىلانىغا ئايلاندى .ناۋادا مىڭلىغان 1سوملارنى ئېرىنمەي يوللاپ بەرمىگەن بولساڭلار بەلكى مەن يېرىم يولدا چېكىنىشىم مۇمكىن ئىدى ،لىكىن ماڭا سىلەر يار يۆلەك بولدۇڭلار ،سەمىمىي تەكلىپلىرىڭلارنى ،قوللاش قۇۋۋەتلەشلەرنى ئايىماي مەدەت قىلدىڭلار ،1سوم بىر كىشى ئۈچۈن ھېچقانچە ئەمەس ، بىر سوم پىلانىنىڭ 10 ياشقا ،20 ياشقا ،ھەتتاكى 100ياشلارغا كىرىشى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ  ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئېتىشى ئۈچۈن  ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،سەمىمىيىتى كېرەك ئەلبەتتە ،چۈنكى مىڭلىغان ،يۈزمىڭلىغان يانچۇقلاردىن بىر سومدىن چىقىرىدىغان بولساق  كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراۋاتقان تالايلىغان كېسەل قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئالىي مەكتەپلەردە كۈنلۈكى 3ۋاق قاتتىق نان غاجاپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان سىتۇدىنىتلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز .شۇڭا دەيمەنكى بىر سوم پىلانىنىڭ خاسىيىتى    ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكىدە ئەمەس ....بۇنى پىكىر قىلغۇچى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ  ئەلبەتتە ...
قېرىندىشىم :تورلاردا مۇراجەتنامىلەر ساماندەك يۈرۈپتۇ ،بەلكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە پۇل سالماقچى بولۇپ بانكىغا مېڭىش پىلانىڭىز باريۇ ،ئۇ ئىش ،بۇ ئىش بىلەن بانكا ئالدىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ كەتكەنسىز ،سىزنىڭ پۇلنى غاچچىدە ئاغدۇرىۋەتكىڭىز باريۇ لىكىن ئۇنتۇلۇپ قالدى ،ياق ،قېرىندىشىم ياق ،كارتىدىن كارتىغا پۇل ئاغدۇرۇشقا پەقەت ۋە پەقەت 1مىنۇتلا  ۋاقىت كېتەر ،كارتىڭىزدا  يىلدىن يىلغا  ئېشىنىپ تۇرغان نەچچە ئونسوم پۇلنى ئەنە شۇنداق مۇراجەتنامە ئىگىلىرىگە ئەۋەتىپ قويۇڭ ، قولىمىزدىن كەلسە بارلىق تور ئەھلى مۇشۇ ئىشقا ئادەتلىنەيلى ،بىر سوم ئاز ئەمەس ،100 سوم كۆپ ئەمەس ،لىكىن  تەشنالىقتا قالغان ئەشۇ بىچارىلەرگە شۇ نەچچە سوم پۇل ھېچ دال بولالمىسىمۇ لىكىن  پۇل  كىرگەن ئۇچۇرلار نى كۆرگەن شۇ بىچارىلەرنىڭ كۆڭلى ئاۋۇپ قېلىشى ، سۆيۈنۈپ قېلىشى ئېھتىمال ،شۇڭا دەيمەن ھەممىمىز مۇھەببەتنى ئەمەلىيىتىمىزدە ئىپادىلەيلى !
ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى ،يەنە داۋاملىق تىرىشايلى ،سىزنىڭ ،مېنىڭ مىننەتسىز بەرگەن 1سوم پۇللىرىمىزنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن بىر سوم پىلانى تېخىمۇ راۋاج تاپسۇن ،تېخىمۇ كۆپ سىتۇدىنىتلار ئالىي مەكتەپنى خاتىرجەم پۈتتۈرۈپ ياراملىق كىشىلەردىن بولسۇن  ،تېخىمۇ كۆپ ھاجەتمەنلەر نىڭ ھاجىتى راۋا بولسۇن ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن ،دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن ،سەمىمىيەت ،ئىناقلىق گۈللىرى پورەك ئاچسۇن .......
بىر سوم پىلانىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى :ئەيساجان نىزامىدىن ،تور تەخەللۇسى ۋاپادارىم912
دۆلەت ئېلىكتىر تورى بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى
يانفون نومۇرى 13565777257:
چ چ نومۇرى 365199404


2012-يىللىق خۇلاسە شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى .
شەھــــــــرى بــــــــــورتالا
    ئەسكەرتىش :،تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بىلىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھەر قايسى  ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئېلان قىلىشىڭلارنى    بەك بەك بەك ئۈمۈت  قىلىمەن ....

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
225 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 16:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نەچچە يىلدىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان  بولساممۇ ئەمما ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق قوللاپ باقماپتىمەن . مەنمۇ بۇ ھەركەتنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولۇشنى خالايمەن ...

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 19:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ئەۋەتىش ئۇسۇلى قانداق؟

UID
50907
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 20:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قاتنىشىپ باقمىدىم لىكىن پۇلنى قانداق ئەۋەتسەك قۇلايلىق بۇلدىكىن ؟

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
592 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 23:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۇيغۇرنىڭ ۋاپادار ئوغلى. بىز سىزنى قوللايمىز.

UID
51763
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 00:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى دەۋرنىڭ يىڭىچە قەھرىمانلىرى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ

UID
36563
يازما
47
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
90 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 13:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى قوللايمىز، بۇرۇن قاتنىشىپ باقماپتىكەنمەن، بۇندىن كېيىن چوقۇم ئاكتىپ قاتنىشىمەن.

UID
34005
يازما
60
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-15
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 21:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قاتنىشىمەن .پۇلنى قانداق تاپشۇرمىز.مۇداش  نۇمۇرىم2500905189

UID
52223
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 13:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: بىر سوم پىلانىنىڭ 7-يىللىق خۇلاسىسى

پۇل سېلىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار!

UID
52259
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 22:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مەن ئىچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4 -يىللىق ئوقۇغۇچىسى.ئاللاھ بۇيرىسا خىزمەتكەتكە چۈشكەندىن كىيىن ھەر ئايدا بىر سوم پىلانىغا قاتنىشىپ تۇرىمەن.
مىنىڭ مەكتىپىم بىلەن بىر شەھەردە بولغان  بىر تىببي ئۇنىۋېرىستتا يىڭىشەھەر ناھەسىدىن بولغان 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان  بىر قىز ئوقۇغۇچى بار .ئۇ قىزنىڭ دادىسى بۇرۇنلا ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن ئىكەن،ئانىسى ئۇ  قىز تولۇقنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ۋاپات بولغان ئىكەن. تولوق ئوتتۇرىنى ئچىكىردە ئوقۇغان.ئۇ قىز ئۆيدە يالغۇز بىرلا پەرزەنت.بىر تاغىسى بولۇپ ئۇ قىزغا شۇ تاغىسى قارايدىكەن.تاغىسى دىھقان ھەم ئائېلە شارائىتي ...ياخشى ئەمەس.تاغىسى ئۇ قىزنىڭ تىببىي ئۇنىۋىرىستقاكىلىپ بىلىم ئىلىشىغا قارشى تۇرغان
ئۇ قىز شۇنداق ياغىشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇپ كىلۋاتىدۇ.لىكىن قىينچىلىقلار ھەقىقەتەن مىسلىسىز.
مەن ۋە ساۋەقداشلىرىم شۇ قىز قىرىندىشىمىزنىڭ ھەر ئايدا يەردەم بىرىلدىغان ئويبىكتىپ  بولۇشىنى ئۇمىد  قىلىمىز.
ئاللاھ خالىسا شۇ قىز قىرىندىشىمىزنىڭ تولۇق ماتىرىياللىرىنى يىقىن كەلگۈسىدە توپلاپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەيمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش