213ئۇيغۇرئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 16:04 
ئالدى بىلەن شۇ سەبىلەرگە قاتتىق ئىچىندىغانلىقىمنى ئېي ...
مىنىڭچىمۇ مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەنغۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەس. بىراق مىنىڭمۇ بالام بار. مەن مەكتەپكە بىرىشتىن ئاۋال ئاساسەن ساۋادىنى چىقىرىپ بولغان. كىچىك بالىلار بىرنەرسىگە قىزىقىپ قالسا ئۇنى بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. بىراق قىزنقمىسا ئاسانلا زىركىپ دىققىتىنى يىغالماي ئۆگىنىشتىن بىزار بوپ كىتىدۇ. يۇقۇردىكى تورداش دىگەندەك ھەربىر بالىنىڭ سەۋىسىگە قىزىقىشىغا قاراپ تاپشۇرۇق بىرىپ زىرىكمەي يىتەكلىسىڭىز. ئىلگىرلەش بولۇشى مۇمكىن. يەنە بالىلارنىڭ رەسىملىك ئازتولا خەتلىرى بار قىزىقارلىق ھىكايىلىرىنى ئوقۇپ. كۆچۈرۈپ كىلىشتىن تاپشۇرۇق بەرسىڭىز بالىلار ھىكايىگە قىزىقىپ قېلىپ كىتاپ ئوقۇشتىن قاچمايدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئايرىم تاپشۇرۇق بىرىش دىگەننى بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سىنىپ مەسئۇلىمىز. شۇنداق قىلغان. بىز 4.يىللىققا چىققاندىمۇ بىزنىڭ سىنىپتا بەش ئالتە ساۋاقدېشىمننڭ ساۋادى چىقمنغان بىزگە يىڭىدىن بىر سىنىپ مەسئۇلى كەلگەن ئىدى بۇمۇئەللىم بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارنى ئايرىم ئوقۇتقان ئۇلارنىڭ تاپشۇرقىمۇ ئايرىم ئىدى. .يەنە موشۇمچە دەرىسلەردە ئۇلرنى ئايرىپ ئېچىقىپ خەت ئوقۇشنى ئۈگىتەتتى. ھەم دەرىستە ياخشى بالىلاردىن ھەربىرىگە بىرنى يىتەكلەشكە ئايرىپ بەرگەن ئەتىگەن كەچ مۇزاكىردە ئۇلارنى يىتەكلەپ تەكرار قىلغۇزاتتۇق. شۇنداق قىلىپ 4يىل ساۋادى چىقمنغان بالىلار بىرنەچچە ئايدا خەت ئوقۇيالايدىغان يازالايدىغان بوپ كەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بۇلارمۇ باشقا دەرىسلەگە قىزىقىپ ئۈگۈنىدىغان بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مۇئەللىم بالىلارغا بەك كۆيۈنەتتى. ئەسلى ئۇچاغلادا بالىلار ئەلاچىلار. ىر رەتتە ياخشىلار بىر رەتتە ناچارلار بىررەتتە ئولتۇراتتۇق. لىكىن ئۇمۇئەللىم. ھەممىمىزنى ئارلاشتۇرۇپ. تېخى ئەڭ ناچارلارنى ئەڭ ياخشى بالىلار بىلەن ئولتۇرغۇزۇپ
دەرىسلىرىگە ياردەملەشكۈزەتتى. ھازىر ئويلىسام شۇئوقۇتقۇچىمىز بەك كۆيۈمچان. بەك تەدبىرلىككەن.