كۆرۈش: 1651|ئىنكاس: 9

ئاسترونومىيەگە قىزىقامسىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5732
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2010-9-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 20:32:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا ئۆڭكۈر دېگەن زادى نېمە؟



قۇياش، ئاي، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، ھەيۋەت بىلەن كۆكنى سىيپاپ ئۆتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار، ئاقار يۇلتۇزلار، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قويىدىغان پىلانېتلار... قەدىمدىن تارتىپ خېلى يېقىن بىر مەزگىلگىچە بۇ ھەيۋەتلىك ئاسمان جىسىملىرى بىزدىن يىراقلىقى ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلى كىشىلەرگە ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرى مەڭگۈ مۇشۇنداق ياكى ئالەم يارىتىلغاندىن كېيىن ئىزچىل مۇشۇنداق ھالەتتە بولۇپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىپ كەلدى. تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاستروفىزىكا ئالىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىز ئاندىن يۇلتۇزلارنىڭ مەڭگۈ نۇر چېچىۋەرمەيدىغانلىقىنى، پىلانىتلارنىڭمۇ مەڭگۈ مۇشۇنداق ھالەتتە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتى دەۋرىگە بولغان تەتقىقات بىزلەرگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ شەكىللىنىش، نۇر چېچىش، ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھالاكىتى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئالاھىدە ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدە بەلكىم قارا ئۆڭكۈر كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلسا كېرەك.

بىز ھازىر دەۋاتقان قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش ئاسمان جىسمىنىڭ مەۋجۈت بولۇش مۇمكىنلىكىدىن ئەڭ ئاۋۋال بىشارەت بەرگۈچى ئەنگىلىيە ئالىمى مېچىئېل. بىز بىلىمىز، راكېتا پەقەت ئەڭ كەم بولغاندىمۇ سېكونتىغا 11.2 كېلومېتىر تېزلىككە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن يەرشارى تارتىش كۈچىنىڭ بوغۇشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، قۇياش سېستىمىسىدىكى باشقا ئورۇنلارغا يول ئالالايدۇ. بۇ تېزلىك قۇتۇلۇش تېزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەرشارىنىڭ ماسسىسى بىلەن رادىئوسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، يەرشارى ماسسىسىنىڭ كۋادرات يىلتىزىغا ئوڭ تاناسىپ، يەر شارى رادىئوسىنىڭ كۋادرات يىلتىزىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئۇنداقتا مەلۇم ئاسمان جىسمىنىڭ ماسسىسى يېتەرلىك چوڭ، رادىئوسى يېتەرلىك كىچىك بولسا ئۇنىڭ قۇتۇلۇش تېزلىكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ، نۇرمۇ ئۇنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىغان ھالەتكە يېتىشى مۇمكىمۇ؟ ئېنىقكى بۇنداق يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

مېچىئېل نيوتون مىخانىكا فورمۇلىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەينى ۋاقىتتا بىلىدىغان نۇر تېزلىكىگە ئاساسەن قۇياش بىلەن تەڭ ماسسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 18.5 كېلومېتىر بولىشى كېرەكلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى ۋە بۇ خىل ئاسمان جىسمىغا‹يۇشۇرۇن يۇلتۇز› دەپ ئىسىم قويدى. 1977-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى لايلاسمۇ ‹ئالەم تۈزۈلمىسى› دېگەن كىتابىدا يۇقىرىغا ئوخشاش بىشارەتنى بەردى. ئەپسۇسكى بۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى نەشىرىدە لايلاس ‹يوشۇرۇن يۇلتۇز› ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى.

ھەقىقىي ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى قارا ئۆڭكۈر بىشارىتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولسا گوللاندىيە ئالىمى شىۋارىسچىلىد. ئۇ 1916-يىلى 1-ئايدا ئېينىشتىننىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئېينىشتىن تارتىش كۈچى تەڭلىمىسى شار شەكىللىك يۇلتۇزنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى قىسمىدىكى ماكان-زامان تۈزۈلۈشىنى قانداق تەسۋىرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ ۋە نەچچە ھەپتىدىلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.  شىۋارىسچىلىدنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي قىسمىدا ماكان-زامان ئەگرىلىكى تۈپەيلىدىن سىرتتىن قاراشقا ۋاقىت ئاستىلاپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. يېتەرلىك چوڭ ماسسىدىكى يۇلتۇزنىڭ ماكان-زامان ئەگرىلىك نەتىجىسى شۇكى سىرتتىن قاراشقا يۇلتۇز مەركىزىدە ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەكلا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سىرتتىن كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن مەيلى قانداق يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىم بولسۇن، يۇلتۇز مەركىزىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، نۇرمۇ دەل شۇنىڭ ئىچىدە. شىۋارىسچىلىدنىڭ بۇ بىشارىتى ماكان-زامان مەيدانىنىڭ بىر ئىنتايىن ئالاھىدە ھالىتىنى كۆرسەتكەچكە كىشىلەر شىۋارىسچىلىد كۆرسەتكەن ۋاقىت توختاپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان نۇقتىنى ‹شىۋارىسچىلىد ئالاھىدە نۇقتىسى› دەپ ئاتىدى. لېكىن شىۋارىسچىلىد بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغاچقا، بۇ خىزمەت شۇ پېتىلا قالدى.

20-ئەسىردە يېرىم ئەسىرگە يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ھاياتى جەريانىغا بولغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە بولغان تونۇشمۇ كۆپ چوڭقۇرلاشتى. ھازىر بىلىمىزكى قارا ئۆڭكۈر غايەت زور ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇقەررەر مەھسۇلات. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ھاياتى دەۋرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك: ئالدى بىلەن كۆپ مىقداردىكى گاز ئاتوملىرى (ھېدروگىن، گېلىي) ئۆز ماسسىسىنىڭ تەسىرىدە يىغىلىپ، بارا-بارا مەركىزى ئورنىدىكى تېمپۇراتورا ئۆرلەيدۇ ۋە ئاخىرى رادىئو رادىئاكسىيەسى يۈز بەرگىدەك ھالەتكە يەتكەندىن كېيىن مەركىزى قىسمىدا ھېدروگېن ئىزوتوپىنىڭ بىرىكىپ گېلىي ھاسىل قىلىدىغان يادرو رېئاكسىيىسى باشلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چىققان رادىئاتسىيە بېسىمى بىلەن ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى تەسىرىدە ھاسىل بولغان مەركەزگە قارىتا بېسىم تەڭپۇڭلاشقاندىن كېيىن يۇلتۇز ھەقىقىي نۇر چېچىش دەۋرىگە كىرىدۇ. ھالبۇكى يۇلتۇزنىڭ بۇ خىل رادىئاتسىيىسى مەڭگۈلۈك ئەمەس، ھامان بىر كۈنى ھېدروگېن ئازىيىپ يېتەرلىك رادىئاتسىيە بىلەن تەمىنلەپ بولالمايدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىدۇ، بۇ ھەربىر يۇلتۇز ئۈچۈن بىر ھالاكەتتىن ئىبارەت.

ئادەتتە ماسسىسى قۇياش ماسسىسىدىن كىچىك بولغان يۇلتۇز ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تارقاق گاز ھالىتىنى ساقلايدۇ. قۇياش ماسسىسىدىكى يۇلتۇز تەخمىنەن 10 مىليارد يىل ۋاقىتتا يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ ۋە جىددىي مەركەزگە قارىتا قىسىلىدۇ. مەركىزى قىسمىنىڭ تېمپۇراتورىسى مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن يۇلتۇز پارتلاپ بىرقىسىم ماسىسىسىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. قېپقالغان قىسمى بولسا پاتلاشتىكى بېسىم تەسىرىدە زىچلىقى تېخىمۇ چوڭىيىپ ئاخىرى ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. بۇ يۇلتۇزدىكى ماددىلار ئېلېكترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى بىلەن ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى تەسىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نەتىجىسىدە مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ. قۇياش ماسسىسىدىن 10 ھەسسە ئەتراپىدا چوڭ بولغان يۇلتۇزلار تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ ۋە يۇقىرىقىدەك مەركەزگە قىسىلىش ۋە پارتلاش جەريانىدىن كېيىن نېيترون يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل يۇلتۇزلاردا غايەت زور بېسىم تەسىرىدە ئاتوم تەركىبىدىكى ئېلېكترونلارنىڭ ھەممىسى ئاتون يادروسىغا كىرگۈزۈۋېتىلىدىغان بولغاچقا، يۇلتۇزدىكى ماددىلار نېيترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى ۋە ئالەملىك تارتىش كۈچى تەسىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نەتىجىسىدە مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈنچى مۇقىم ھالەت مەۋجۈت ئەمەس، چۈنكى ئۆتكۈنچى ھالەتتە تارتىش كۈچى بىلەن ئىچكى بېسىمنىڭ سىرتقا قارىتا بېسىم كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتكە يېتەلمەيدۇ. قۇياش ماسسىسىدىن 30 ھەسسىسى ئەتراپىدىكى چوڭ يۇلتۇزلار ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېقىلغۇسىنى تۈگىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا نېيترون يۇلتۇزدىنمۇ زىچ ھالەتتىكى ئاسمان جىسمى-قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ. قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزى دەل شىۋارىسچىلىد غەلىتە نۇقتىسىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر يۇلتۇزنىڭ ئاخىرقى مۇقىم ھالىتى يۇقىرىقى تۆت خىل ھالەتنىڭ بىرى، باشقىچە ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي ئۇقۇم سۈپىتىدە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشى خېلى ئۇزاق بولغان بىر جەريان. ئالدىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك شىۋارىسچىلىد قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ نەتىجىلىرى قولغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جەڭ مەيدانىدا قازا قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن كىشى بولسا ھېندىستان فىزىكا ئالىمى ساندېرسانكا. 1928-يىلى ھېندىستانلىق ئوقۇغۇچى ساندېرسانكا ئەنگىلىيە كامبىرىجئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ سېر ئارتور. ئېدېنتون (1919-يىلىدىكى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارىتىنى ئىسپاتلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان كىشى)غا ئەگىشىپ ئاستىرو فىزىكا ئۆگىنىشكە قۇبۇل قىلىندى، ئەنگىلىيىگە بېرىش سەپىرىدە پاراخوت ئۈستىدە ساندېرسانكا ھېدروگېن يېقىلغۇ مەنبەسى تۈگىگەن  بەزى يۇلتۇزلارنىڭ يەنىلا ئۆز تېنىنىڭ تارتىش كۈچىگە قارشى سىرتقا قارىتا بېسىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بۇ خىل ئىچكى بېسىم ئېلېكترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى  ئارقىلىق بولاتتى. لېكىن ساندېرسانكا تېزلا بۇ خىل تەسىرنىڭمۇ ھامان چەكلىك بولىدىغانلىقىنى، يېتەرلىك چوڭ ماسسىدىكى يۇلتۇزنىڭ قىسىلىش جەريانىدا يۇقىرىقىدەك يول بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ تەخمىنەن قۇياش ماسسىسىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان يۇلتۇزنىڭ (بۇيەردە يۇلتۇزنىڭ ھېدروگېنى يېتىشمەي چوڭ پارتلاشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بولغان يادرو رېئاكسىيىسى ئارقىلىق نۇر چىقىرىشنى توختاتقان يۇلتۇز كۆزدە تۇتۇلىدۇ). يۇقىرىقىدەك يول بىلەن ئۆز تېنىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە قىسىلىشنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. (بۇ ماسسا ھازىر ساندېرسانكا لېمىنت ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ چوڭ ماسسىلىق يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھالىتىنى ئېنىقلاشتا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر بىر يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى ساندېرسانكا لېمنت ماسسىسىدىن كىچىك بولسا، يۇلتۇز ئاخىرىدا قىسىلىشتىن توختاپ زىچلىقى تەخمىنەن ئوننىڭ ئالتىنچى-يەتتىنچى درىجىسى گرام ھەر سانتېمېتىر كۇپ كېلىدىغان ئاق پەتەك يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ. تۇنجى قېتىم كۈزىتىلگەن ئاق پەتەك يۇلتۇز ئاسماندىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز ئاسمان بورىنىنىڭ ھەمراھ يۇلتۇزى.

كېيىن ئامېرىكا ئالىمى لېنداۋ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يەنە بىرخىل مۇقىم مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ لېمنت ماسسىسىمۇ قۇياش ماسسىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئەتراپىدا، لېكىن ھەجىمى ئاق پەتەك يۇلتۇزدىنمۇ كىچىك ئىدى. بۇ خىل يۇلتۇز نېيترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى ئارقىلىق ئۆز تېنىنىڭ تارتىشىش كۈچ تەسىرىنى توسۇپ تۇرىدۇ. زىچلىققى ئوننىڭ 11~16ىنچى دەرىجىسى گرام ھەر سانتېمېتىر كۇپ. (مەركەزدىن سىرتقا قاراپ زىچلىق ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭ بولغاندا ئوننىڭ 16ىنچى دەرىجىسى).

نەزەرىيىلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدىكى ماسسىسى ساندېرسانكا لېمنت ماسسىسىدىن چوڭ بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پارتلاش ئارقىلىق بىرقىسىم ماددىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. لېكىن ئەگەر يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى غايەت چوڭ بولۇپ، پاتلاشتىن كېيىنمۇ ماسسىسى يەنىلا ساندېرسانكا لېمنت ماسسىسىدىن چوڭ بولسا قانداق بولىدۇ؟

ساندېرسانكا تەتقىقاتى بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يۇلتۇزنىڭ يەنىمۇ قىسىلىپ، چەكسىز چوڭ زىچلىققا ئىگە بولىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن بۇ تەتقىقات ئېدىنتوننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئېدىنتون ئەينى ۋاقىتتا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا ئېينىشتىن بىلەن تەڭ سانىلىدىغان پېشۋالاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئېينىشتىنغا ئوخشاش شىۋارسچىلىد غەلىتە نۇقتىسىنىڭ مەۋجۈتلىقىغا ئىشەنمەيتتى. (چۈنكى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىكنەزەرىيىسى بويىچە ئەگەر راستىنلا شۇنداق چەكسىز زىچلىققا ئىگە نۇقتا مەۋجۇت بولسا، ئۇ نۇقتىدا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ). بۇ كىشىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى ساندېرسانكا بۇ جەھەتتىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتىنى توختىتىپ باشقا ساھەگە كېتىپ قالدى.

1907-يىلى لورىنتىستەك بىر پېشۋا تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى دادىللىق بىلەن قوللاپ بەرمىگەن بولساتار مەنىدىكى نىسپىيلىكنەزەرىيىسى ئۇنچە تېز ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. لېكىن يەنە بىر ئادەم ئالماشقان يەنە شۇنداق بىر ھالەتتە ئېينىشتىن دەل يېڭى ئىدىيىنى توسقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.  بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە خىزمەت ئىشلىگەن كىشى ئامېرىكا ئالىمى ئوبېنھام. ئۇ 1939-يىلى ساندېسانكا لېمنت ماسسىسىدىن چوڭ بولغان ماسسىغا ئىگە يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتى. تۇرغۇن يۇلتۇز قىسىلغن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانى كۈچىيىپ بارىدىغان بولۇپ، نۇرنىڭ يۇلتۇزدىن ئايرىلىشىمۇ شۇنچە تەسكە توختايدۇ. ئاخىرىدا يۇلتۇز قىسىلىپ مەلۇم بىر لېمنت رادىئوسىغا يەتكەندە، سىرتقى يۈزىدىكى غايەت زور تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىدە نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ھەرقانداق جىسىم نۇردىن تېز ھەرىكەت قىلالمايدۇ، شۇڭا مۇنداق ئاسمان جىسمىدىن ھېچقانداق نەرسە قۇتۇلالمايدۇ. بۇ دەل شىۋارىسچىلىد غەلىتە نۇقتىسىدىن ئىبارەت. (لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى قارا ئۆڭكۈر دەپ ئاتالمايتتى. قارا ئۆڭكۈر دېگەن بۇ نام كېيىن قويۇلغان).  ئۇنىڭدىن كېيىن 60-يىللارغا كەلگەندە، شىۋارىسچىلىد غەلىتە نۇقتىسى فىزىكا ساھەسىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى ۋە 1967-يىلى ئامېرىكا ئالىمى ۋېللىر تەرىپىدىن ‹قارا ئۆڭكۈر› دەپ نام قويۇلدى. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى خېلى بىر مەزگىل كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەتقىقات ۋە كۈزىتىش خىزمىتى ناھايتى تېزلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. كېيىنكى فىزىكلار تەرىپىدىن ‹ئالتۇن دەۋر› دەپ ئاتالغان 1964-يىلىدىن 1975-يىلغىچە بولغان ئون يىل ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون مۇنەۋۋەر ئالىمىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا غايەت زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

قارا ئۆڭكۈرگە كىرگەن ھەرقانداق نەرسە-مەيلى تاش ياكى مېتال ۋە ياكى ئادەم بولسۇن، كىرگەندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى قالمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ماسسىسى، زەرەت مىقدارى ۋە بۇلۇڭل؛ۇق ھەرىكەت  مىقدارىدىن باشقا بارلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز قارا ئكڭكۈرگە ئايلانغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ماسسىسى، سىرتقى يۈزى ۋە زەرەتتىن باشقا بارلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا ئادەملەرنى  چىرايى، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى... قاتارلىق كۈرمىڭلىغان بەلگىلەر بىلەن بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرەلەيمىز، لېكىن ئىككى  قارا ئۆڭكۈرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشتە پەقەت ماسسا، سىرتقى يۈزى ۋە زەرەت مىقدارىدىن باشقا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىكى يوق.

يەنە بىر مۇھىم نەتىجە 1974-يىلى ئەنگىلىيە ئالىمى خاۋكىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «قارا ئۆڭكۈر پارلىنىش» نەزەرىيىسى. خاۋكىڭ فىزىكا ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان نيوتون، ئېينىشتىندىن كېيىنكى يېتىشىپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىم. ئۇنىڭ تېخىمۇ مۆجىزىلىك تەرىپى شۇكى ئۇ مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى بولۇپ ئەمدىلا تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا قەدەم قويغاندىن باشلاپ كېسەل تۈپەيلى نورمال ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بۇ كىشى تاكى ھازىرغىچە چىدامچانلىق بىلەن ياشاپلا قالماستىن، ( بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە 25~26 ياشتىن ئاشالمايدۇ) يەنە نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە فىزىكا ئىلمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ كۋانت نەزەرىيىسى بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان كۋان تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا كۋانت نەزەرىيىسى قارا ئۆڭكۈردە نېمىلەردىن بىشارەت ب ېرىدىغانلىقىنى سىناق قىلغاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشتى! قارا ئۆڭكۈرمۇ رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ، قارا ئۆڭكۈر ئۇنچە «قارا» ئەمەس. لېكىن بۇ خىل رادىئاتسىيىنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ خاۋكىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ پۈتۈنلەي پارلىنىپ بولۇشى ئۈچۈن ئوننىڭ 67ىنچى دەرىجىسى يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ۋاقىت ھازىرقى ئۆلچەملىك چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن مۆلچەرلەنگەن ئالەمنىڭ يېشى 15نىڭ ئونىنچى دەرىجىسى يىلىنىڭ 70نىڭ 56ىنچى دەرىجىسىچىلىك ھەسسىسىگە تەڭ.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60~70-يىللىرىدا گەرچە قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى تەتقىقات شۇنچە تېز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارا ئۆڭكۈرنى بايقاشقا ئۇنچە ئۈمىدۋار ئەمەس ئىدى. چۈنكى قارا ئۆڭكۈر نۇرنىمۇ تارتىپ ئىچىگە ئەكىرىپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن قارا ئۆڭكۈرنى ئىزدەش خىزمىتىنى تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ، قارا ئۆڭكۈنى ئىزدەشنىڭ يەنە بىر يولى بار- قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچى. قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچى ئەتراپىدىكى ماددىلاردا كۆرۈنۈەرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، يەنى ئايلىنىۋاتقان قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ماددىلارنى سۆرەپ ئايلىنىش داۋامىدا، ئەتراپىدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ناھايىتى كۈچلۈك ئېكىش نۇرى ھاسىل قىلىدۇ. قوشماق يۇلتۇزلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.

ئالەمدە نۇرغۇنلىغان قوشماق يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۆزئارا ماسسا پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان جۈپلەر بولۇپ، بىر-بىرىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاسترونوملار قوشماق يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش داۋامىدا بەزى جۈپ يۇلتۇزلارنىڭ بىر كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇز ۋە بىر كۆرگىلى بولمايدىغان ھەراھ يۇلتۇزدىن تۈزىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاسترونوملار كۈزىتىش ئارقىلىق ئاققۇ ئېكىس دەل مۇشۇنداق تۈردىكى قوشماق يۇلتۇز سېستىمىسى بولۇپ، يەنە كۈچلۈك ئېكىس-بىرنىڭ قۇياش ماسسىسىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ساندېرسانكا تەتقىقاتىغا ئاساسەن بۇ يۇلتۇز ئاق پەتەك يۇلتۇز ياكى نېيترون يۇلتۇز بولىشى مۇمكىن ئەمەس- قارىماققا ئۇ بىر ئېكىس قارا ئۆڭكۈرى ئىدى.

1975-يىلىغا كەلگەندە ئاققۇ ئېكىس-بىردىكى كۆرۈنمەيدىغان يۇلتۇزنىڭ قارا ئۆڭكۈر بولىشى %90  مۇقىملاشتۇرۇلدى. ھالبۇكى 80-يىللاردا ئالىملار ھەيرانلىق بىلەن شۇنى بايقىدىكى ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئالەمدە قارا ئۆڭكۈر ساماندەك تولا. ھەربىر يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ مەركىزى بىر غايەت زور قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نەچچە مىڭلىغان كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەرمۇ بار. بىزنىڭ سامان يولى سېستىمىسىمۇ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ. سامان يولى مەركىزىدىن 30مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى قۇياشنىڭ مەركەزنى ئايلىنىش سىزىقلىق تېزلىكى سېكونتىغا 30 ك ېلومېتىر.

ئالىملارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى قارا ئۆڭكۈر- تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھالىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىپتىدائىي چوڭ پارتلاشتىن كېيىن يۇلتۇزلار شەكىللىنىپ بولۇشتىن بۇرۇنلا كۆپ مىقداردا قارا ئۆڭكۈر شەكىللىنىپ بولغان بولىشى مۇمكىن! ھازىر ئاسترونوملار كۈزەتكەن ئەڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈر بىزدىن 12 مىليارد 700 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا، يەنى بۇ قارا ئۆڭكۈر 12 مىليارد 700 مىليون يىل ئىلگىرىلا شەكىللەنگەن. ئۆلچەملىك چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئۇ ۋاقىتتا يۇلتۇزلار سېستىمىسى تېخى شەكىللەنمىگەن. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتىدىكى، چوڭ تىپتىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ  شەكىللىنىشى مۇشۇنداق قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچىگە ياتىنىپ ئورۇنلانغان بولىشى مۇمكىن.

بۇ خىزمەتلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن ئۇچۇرلار يوقىلىپ كەتمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن نەرسە يەنە بىر ئالاھىدىلىكنى يەنى ئۆز ئىچىگگ ئالغان ئۇچۇرىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەم كېيىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىشى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. لېكىن قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن جىسىم چىققان چاقتىدا پىروتوندىنمۇ كىچىك زەررىچىلەر شەكلىدە پارچە-پارچە چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ جىسىمدىكى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئانچە ئەمەلىي ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن (قارا ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدە كىرىپ كەتكەن جىسىمنى تۈزگۈچى زەررىچىلەر چىققاندا، بۇ زەررىچىلەرنى تونۇۋېلىپ ھەم قايتىدىن رەتلەپ ئەسلىدىكى تەرتىپلىك ھالىتىگە قايتۇرۇش خىيالىنى قىلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس)، لېكىن بۇنىڭ نەزەرىيىۋىي قىممىتى ناھايىتى چوڭ. چۈنكى يېقىندىن بۇيان بەزى ئالىملار ئالەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇرۇنقىدەك ئاساسىي زەررىچە ۋە ھەرخىل كۈچلەر ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۆزگۈرۈپ بېرىشىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئۇچۇردا بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايقاش ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى بىلىشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغۇسى!

تەھىرلىگۈچى : مەمەتتۇرسۇن مەتتۇرزى (ماناس)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 14:22  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31049
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 14:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا  قارىغاندا  پەقەتلا  مەن قىزىقىدىغان  ئوخشايمەن ؟؟؟ھاھا   

UID
52192
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-25
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 18:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق قىزىقىمەن، لىكىن ئىنسانلار ئۇندا ئىزدىنىپ بۇندا ئىزدىنىپ ئاخىرى  شۇنچە چوڭ كائىناتنىڭ ياراتقان ئىگەن ئالدىدا زەررىچىلىك ئەمەسلىكىنى بىلىشىدۇ.















UID
34005
يازما
62
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2012-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 21:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .مۇشۇنداق  بىر تىمىنى   كۇرىشكە   تەشنا   .ىدىم

UID
45847
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-5
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 22:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن

UID
52217
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 10:36:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن قارا ئۆڭكۇر دىسە قانداق بۇلىدىغاندۇ دەيتىم ھازىر تۇلۇق چۇشەندىم....

UID
41934
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 16:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاسمان جىسىملىرىغا بەك قىزىقىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
8922
يازما
124
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2254
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 02:48:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كاللام ئشلىمەمدۇ نمە

UID
52800
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 00:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قارا ئۆڭكۈر»دېسە ھەممىنى يالماپ يۈتۈۋىتىدىغان نەرسىمىكىن دەپ قالماڭ.مەسلەن ئالايلۇق:ھازىر قۇياشىمىزنىڭ رادىئوسى700كىلومىتىر،دىئامېتىرى1مىليون400مىڭ كىلومېتىر دېگەنلىك.ئاسماندا كۆرىنىۋاتقان ئاشۇ نۇرلۇق چەمبىرەككە تۈز ھالەتتە109يەرشارىنى تىزىۋەتكىلى بولىدۇ.قۇياشنى بىر يومىلاق «شار»دېسەك،ئۇنىڭ ئىچىگە1مىليون300مىڭ يەرشارىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ.قۇياش ئەمەلىيەتتە مانا مۇشۇنداق چوڭ.ھازىرقى مەسىلە شۇكى قۇياشنى بىر نۇر چاچماس قارا ئۆڭكۈر قىلىۋەتسەك شۇ غايەت زور جىسىمنى پىرىسلاپ چوڭلۇقى (دېئامېتىرى)ئارانلا20كىلومېتىر بىر شارىكقا ئايلاندۇر دىگەنلىك.20كىلومېتىر دىگەن نىمىتىتى؟تەڭرى تېغىنىڭ بىر كىچىك «پارچە چوققا»سىمۇ شۇنچىلىك چىقىدۇ.گاز توڭىغا كۆمۈر گازى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققانسىلەر؟بىر توڭ گازدىن قانچە شار كۆپۈزگىلى بۇلىدۇ؟مانا بۇ ھەجىم.لېكىن تۇڭنى كۆتۈرسىڭىز ئېغىرلىقى خېلى بار(بۇنى ماسسا دەپ چۈشىنىپ تۇرۇڭ)،شۇ قۇيۇپ بەرگەن گازنىڭ ھەممىنى يىغىپ كەلسىڭىز يەنىلا شۇ ماسسىسى بار.شەكىل ئۆزگىرىدۇ،ماسسا ئۆزگەرمەيدۇ.قۇياشمۇ شۇنداق،شەكىل ئۆزگىرىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ ماسسىسى ئۆزگەرمەيدۇ.ماسسىسى ئۆزگەرمىدى دېگەنلىك ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئۆزگەرمىدى دېگەنلىك،ئەمما شۇ ئەسلىدىكى غايەت زور تارتىش كۈچى20كىلومېتىر شۇ نۇقتىغا يىغىلىپ قالغان،سىز شۇ 20كىلومېتىر دائىرىگە قانچە يېقىنلاشسىڭىز تارتىش كۈچى شۇنچە چوڭىيىدۇ،ھەتتا تارتىش كۈچى چەكسىز چوڭىيىدۇ.يىراقلاشقانچە تارتىش كۇچى ئاجىزلايدۇ.ناۋادا قۇياش تۇيۇقسىزلا قارا ئۆڭكۈر بولۇپ قالدى دېسەك ئۇ بىراقلا كىچىكلەپ 20كىلومېتىرلىق شارچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ،تارتىش كۈچى ئۆزگەرمەيدۇ،يەرشارى شۇ قارا جىسىمنى بويلاپ ئايلىنىدۇ(خۇددى ھازىرقىدەك).دەۋرىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.ناۋادا سىز چەكسىز تاتىش كۈچىگە ئۇچىراپ باقاي دېسىڭىز ھېلىقى20كىلومېتىرلىق«قارا قۇياش»قا خېلى يېقىنلىشىشىڭىز كېرەك.قۇياشنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ قوياي،قۇياش كەلگۈسىدە ھەجمى تەخمىنەن250ھەسسە چوڭىيىپ يەرشارى بىلەن تېگىشىپ دىگۈدەك بىر مىليارد يىل نۇر چاچىدۇ،(قىزىل رەڭلىك قۇياش دەۋرى)«قۇرئان كەرىم»دە بايان قىلىنغان زامان ئاخىرىدا«قۇياش نەيزە بويى چۈشۈش» دىگەنلىك.ئەلۋەتتە سىز شۇ چاغدا تەبىئىيلا ئۇ دۇنياغا «پاسپورت»ئېلىپ قالىسىز،يەر يۈزىدىكى جىمىي نەرسىلەر ھەتتا يەرشارىمۇ «ئالەم خەرىتىسى»دىن ئۆچىدۇ.1مىليارد يىللىق«قىزىل قۇياش»دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ «قىزىل گىگانت قۇياش»ىمىز بىراقلا كىچىكلەپ «ئاق پەتەك يۇلتۇز»غا ئايلىنىدۇ،نىيتىرون يۇلتۇزغا ئايلىنالمايدۇ ،چۈنكى قۇياشنىڭ ھازىرقى ماسسىسى يەتمەيدۇ،قۇياشنىڭ ئاتوم ئۆزگىرىشى ئاران «كاربون»ئېلېمىنتىدا توختاپ قالىدۇ.قارا ئۆڭكۈرگە تەرەققى قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش