بىر يۈز بىر باھانە
ھايات بۇ يەردىن باشلانغان
كۆك شەھرىدە جۇلالاۋاتقان نۇرانە يۇلتۇزنىڭ جىلۋىسى ،ئۇنىڭ قەلبىگە سايە تاشلاپ تۇرغان مەھكۇملىقنى يالت قىلىپ يۇرتىۋەتتى ،شۇندىلا ئۇ سىقىلغان، تىپىرلىغان تۇيغۇلىرىغا يامشىپ تۇرۇپ ئەتراپقا بۇيۇنداپ قارىدى ، ئۇ سەلكىنلەر مۈكۈپ ياتقان چاچلىرىنى بارماقلىرىدا ئاستا تاراپ ، ھويلىدىكى تال بارىڭى ئاستىغا قۇيۇلغان قۇيما كارۋاتقا كەلدى .
چىرايلىق ئىگىلىپ تۇرغان ھىلال ئاي ،غەربى ئۇپۇققا لەۋ تەڭلەپ تۇراتتى .بەجايىكى ئاشىقتەك . ئۇنىڭ ئۇيقۇدىن بىدار بولغان نىگاھى ، تۈگۈمەس خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولمايلا ،مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى .
مەيىن نەمخۇش شامالدا قەيەردىندۇر كاككۇكنىڭ سايراشلىرى ئۇچۇپ چۈشەتتى ، گوياكى ئاشىقنىڭ تۈن قوينىنى لەرزىگە سالىدىغان تۈگۈمەس ناخشىللىرىدەك .
قىز قاياقتىندۇر ئاڭلانغان ئىتنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىنى ،سەھەرنىڭ تىمتاسلىغى ئىچىدە تەۋرەنگەن ۋەھىمىىدەك ،سۇلغۇن بىر تۇيغۇدا ھىس قىلغىنىچە ، خىيابانىدا سۈكۈت بىلەن ئۈنسىز ياتقان خىيال كەپتەرلىرىنى، ئەركىگە قۇيۇپ يىراقلارغا ئۇچۇردى .
نىمانچە زىرىكىشلىك كۈنلەر بۇ ؟
بۇ سۇئاللارغا ئۇ بۇ يىقىنلىقتا ھەرگىز جاۋاپ تېپىلمايدىغاندەك ، ئىزتىراپلىق مۇڭلىرىغا غەرىق بولدى.ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ ، تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەمىسىلا بۇ سۇئالنى تەكرارلاپ ، جاۋابىغا چۈشنىكسىز غۇدۇراپ ئولتۇرشاتتى .شۇلار نىڭ قاتارىدا رەيھانمۇ بار ئىدى .
دادىنىڭ قاتتىق ھۈتۈلىدىن كىيىن ، ئانىنىڭ تاھارەتكە سۇ تەييارلىغان قانۇنيەتلىك ھەركىتىدىن كەلگەن سادادىن ، قىز مەھكەم قۇچاقلاغان تىزلىرىنى تۇتقان پېتىچە ، ئېسىگە كەلدى . ئانا قىزنىڭ گويا يىتىملەردەك ئولتارغان بۇ ھالتىگە ، ئۇيقۇسىز قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ، تۇيۇقسىز يۈركى ئېچىشتى . ئەمما قىز ئانىنىڭ تەشۋىشلىك قەلبىگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىش ئۈچۈن ، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى ، گويا ئانىنىڭ <<يۈرۈكۈم>> دەپ ئەركىلتىشىگە جاۋابەن تاتلىق كۈلۈپ قويغىنىدەك.
دادا مەھچىتكە ماڭغاندىن كىيىن ، قىز ئانا بىلەن تەڭ تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇتۇندى . ئاپپاق لىچەكلەرنى ئارتقان ئانا ، نامازدىن كىيىن ، دۇئاغا كۈتۈرىلگەن قوللىرىنىڭ ئارلىقلىرىدىن ، تىلىگەن تېلەكلىرى چىقىپ كىتىشتىن ئەنسىرگەن دەك ، مەھكەم جىپسىلاشتۇرۇپ ، ئالىلىدىكى ھەمەيلەننىڭ ئىنساۋىنى بەختىنى تىلىدى . قىزمۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئاۋازسىز شىۋىرلاپ ئۇلۇق ئاللادىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىلىدى ، تاكى بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ياشلار چىققۇچە .ھەتتا ئۈستىدە قاراپ تۇرغان پەرىشتىلەر ئېتقادىىدىن گۇمانلىنىپ قالىدىغاندەك ،ئۇيشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنىمۇ مىدىرلىتىشقا كۆڭلى ئۇنىماي ، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ، ئېتىكاپتا ئولتاردى .نامازدىن كىيىن ئانا بىلەن قىز ھويلا ئاراملارنى بېسىقتۇرۇپ ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن ، سەھەرنىڭ لەۋلىرىدە جۇلالانغان قۇياش نۇرلىرىغا جۈر بۇلۇپ ،بىر كۈنلۈك پائالىيتىنى باشلىۋەتتى .
رەيھاننىڭ تەخىرسىز كۈتۈشلىرىگە خىزمەتنىڭ خەۋرى كەلدى .مەمۇرلار ئىنتىھانىسىدىن مۇۋاپقىيەتلىك ئۆتكەن رەيھان ئۈزىنىڭ تاللىغىنى بۇيىچە جامائەت گۇۋاھلىق ئورنىغا ئىشقا چۈشىش ئۇختىرشى كەلدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتى باشلىنىپ كەتتى . ئۇ نىمىلا بولسۇن خىزمەت ئورنىنى ياخشى كۈرۈپ قالدى . رەيھان ،چۈشۋاقتى ئۈيىگە كەلسە تامىقى تەييار ئىدى ، ئانىسى ھەممىنى تەييار قىلىپ ئۇنى كۈتەتتى . دادىسى ئۇنىڭ چۈش ياكى كەچلەردە ۋاقچى قېلىشىنى زادىلا خالىمايتى ، دادا ھەقىقەتەنمۇ سۈرلۈك ھەم مەسئۇليەتچان ئىدى . ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاق كۈڭۈللىك ئۇنىڭ تۇتقان ھەر بىر يۇلىدا كۈرۈنۈپ تۇرغاش ، رەيھان دادىسىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىنىڭ ئاستىدىكى مىھىرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ، دادىسى ئەزەلدىن خاتا گەپ قىلمايدىغاندەكلا بىلىنەتتى . ئۇ ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئۇنى ئىزلەپ كىلىدىغان دوسلىرى بىلەن ، خىزمەت ھەم باشقا ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىپ قانداق كەچ بولغاننى بىلمەي قالاتتى ، دادىسى ئۇنىڭ دوسلىرىنىڭ تۇيىغا بېرىشىغا يول قويغان بىلەن ، كەچتە ۋىچىركىللىرىغا بېرىشىغا زادى قۇشۇلمايتى . بۇنداق چاغلاردا رەيھان سەل باتناپ قالسىمۇ ، دادىسىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئاستا ئەسلىگە كېلىپ قالاتتى ، گويا يىغلاپ توختاپ قالغان ئۇماق بالىدەك . ئەمما كېچىللىرى ئۇ پىنھان ھۇجرىسىدا ، دەسلەپتە بۈگۈنكى توينى ،ئاندىن پىنھانىدا دائىم ئۇچۇرتۇپ قالىدىغان غايىۋى ئوبرازنى ، ئەسلەپ قالاتتى . بەزىدە رەيھان مۇشۇ خىياللىرىنى قايتا قايتا قىلىشتىنمۇ زىرىكمەيتى . ئۇنى شۇنداق بىر يىگىت توي تارتىپ كېلىپ ئەكىتىشى كېرەك . ھويلىغا باشلىرىغا بادام دوپپا كىيگەن يىگىتلەر قاتارلىشىپ كىرىپ ، ئاكاردىيۇن ، ئەرەپ دۇمبىغى ...لار بىلەن توي ناخشىسى ياڭراتقانچە ھەيۋەت كىرىشى كېرەك ، تەشتەك -تەشتەكلەردە پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتتىرە گۈللەر بىلەن ئورالغان ، قىزىل رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلغان بۇ چىرايلىق قورودا ، ھەممەيلەن ئۇسۇلغا چۈشىشى كېرەك يىگىتلەرمۇ ، قىزلارمۇ چوڭلارمۇ ، ....مانا بۇ خىياللار بەكمۇ تاتلىق ، شۇڭا ئۇ بۇ خىياللار باغرىدا قايتا قايتا ئۈزۈشنى خالايدۇ . ئۇ تۇرۇپ ئويلاپ قالدى تويدا قىزلار نىمىشكە شۇنچە يىغلايدىغاندۇ؟ يالغاندىن يىغلامدىغاندۇ -يە؟ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى بىر تىترەك قاپلىدى ، ئۈزىنى بىر توپ تويچىلار ئېلىپ ماڭغاندەك دادىسى، ئانىسى ،بارلىق تۇققانلىرى دۇئاغا كۈتۈرگەن قوللىرى تىترىگەن ھالدا ، كۆزلىرىدە ياشلار پېتى ئۇنى ئۇزاتقاندەك ، مۇشۇ ئۇزتۇش بىلەن رەيھاننىڭ بالىلىقى ۋە ئاللا قانداق نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇشۇپ ئۇزۇتۇپ قويغاندەك ، ئەجىبا بۇ ياخشى تېلەكلەر كۆز يېشىسىز ئىپادىلەنمەمدۇ؟
رەيھاننىڭ خىيالىدىكى ئۇ قىز يىغلىماقتا ،ھەر بىر تىلەكلەر ئۈچۈن، پىشانىسىگە يىنىك سۆيگەن ئانىسىنىڭ مېھىرلىك چېھرىدىكى قىيالماسلىق ھەم مەمنۇنلۇق بىرىكىپ كەتكەن ھاياجان سوۋغا قىلغان ئەزگۈ تىلەكلەر ئۈچۈن يىغلىماقتا . بۇ كۆرۈنۈش قىز بىلەن يىگىتنىڭ ھايات مۇساپىسىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈش. يەنە ئەتراپتىكى بارلىق ئەر - ئاياللارنىڭمۇ كۆز ئالدىدىن يالت-يۇلت قىلىپ شۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئۆتۈپ قېلىشى مۈمكىن ، بۇ كۆرۈنۈش ئۇلارنى يىقىملىق بىر سېزىم بىلەن ۋۇجۇدىىنى لەرزىگە سالدۇ- دە ،كۆز ئالدىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشكە سىڭىپ كىتىدۇ ، توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەر بولسا، ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان بۇ كۆرۈنۈشنى خىيالى تەسەۋۇردىن ئوتكۈزۈپ، گويا ئەتراپتىكىلەر بۇ خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك قىزىرىپ ئۈلگۈرۈشىدۇ، قىز يەنىلا يىغلىماقتا، ئۇ ئۆز سۆيگەن يىگىتى بىلەن ھاياتنىڭ تالاي قىسمەتلىرىنى بىرگە كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغىنىدىن خوشال بۇلۇپ يىغلىماقتا. سەبىلىگى بىلەن مەڭگۈگە خوشلىشىپ، ئاتا-ئانىسىدىن يىراق كىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يىغلىماقتا ، بۇگەرچە مەڭگۈلىك ئايرىلىش بولمىسىمۇ، ھايات مۇساپىسىدە ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھامان پەيدا بۇلۇش مۇقەرەر بولغان ئارىلىق ئۈچۈن يىغلىماقتا... قىز ھاياجان بىلەن چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يىغلىماقتا ..
رەيھانمۇ ئۈزىنى ئۇزۇتۇپ قالغان ئاتا-ئانىسى ، ئۈزىنى ئۇزۇتۇپ ئاشۇ سۈيۈملۈك ھويلىسىدىلا قالغان بالىلىقى ، مۇشۇ ھويلىدىنلا چىقمىسا ئاسمانننى ئۆڭتۈرۋەتسىمۇ كارى بولمايدىغان مىھىرلىك دادىسى بىلەن ، كۈيۈمچان ئانىسى .. ئىش قىلىپ ئاشۇلارنى ئويلاش بىلەنلا يۈرەكلىرى لەرزىگە كەلدى . شۇندىلا قىز يىغىسىنى ئۇ تۇلىقى بىلەن قايتا تەھلىل قىلىپ ،خاتىرسىگە بۇ قۇرلارنى يېزىپ قويدى .
قىز يىغىسى، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ سېھىر. ئۇ تاش يۈرەك قەلىبلەرنىمۇ سارسىمىگە سېلىشقا قادىر.
ئۇ، قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە مېھىر بىلەن تۇتاشتۇردىغان بەكمۇ خاسيەتلىك يىپ، ئۇ پەقەت مۇشۇ ھالتىدىلا ئۆزىدىكى دەرىت ئەلەم، ئوي - خىيال ھەم مۇڭ - زارنى تەلتۈكۈس چىقىرىپ، سىرلىق ھەم يىقىنلىشىشى قىيىن بولغان ھالەتتىن، ئەڭ يىقىملىق سىزىمنى تارقىتىپ ئۆزلۈك ئاتا قىلغۇچىغا ئايلىنالايدۇ .
قىز يىغىسى، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇلۇپ ئۆتكەن بارلىق ئازاپلارنى، بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان ئاجايىپ سەھنە .
قىز يىغىسى، ئۇنىڭ نىمىگە ئېرشىپ نىمىدىن مەھرۇم قالغىنىنى كۆرسىتىشكە قادىر، ئادىل ئايرىغۇچى ، ئۇنى شۇنچە مېھرىبان، باغرى يۇمشاق كۆرسىتىش سەنئىتىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن تاكتىكا ، بەخت شاتلىغى بىلەن قىيالماسلىق ئىلكىدىكى مەنگۈلىك خاتىرە ، بىروۋلارنىڭ باغرىنى ئەزسە بىروۋلارنىڭ مەغرۇر كۈلىشىگە سەۋەپچى بۇلدىغان ھەسرەتلىك سادا .
قىزنىڭ يىغىسى ، ئاتا-ئانالا مەنگۈ كورىشنى خالىمايدىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق لىرىكا .
رەيھان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدى ، دەل ئاشۇ چاغ نىكاھلار ئۇقۇلۇپ ئاتا-ئانىلار دۇئا بېرىۋاتقان چاغ، قىزنىڭ چوڭ بولغىننىڭ،ئەمدى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ئېغىر - يىنىك قىسمەتلىرىنى مۇستەقىل زىمىسىگە ئېلىپ، ھاياتتا ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۈشىنىڭ پەرمانى چۈشۈرۈلگەندەك بىلىنىدىغان ۋاقىت. نىكاھنىڭ قۇدرىتى شۇنداقكىن، ئۇ ھامان مۇھەببەتنىڭ تارقاقلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مۇقەدەسلىكى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان ياكى مەجبۇرلانغان قەلىبلەر بۇلشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھامان ئائىلىدىن ئىبارەت سېھىرلىك قورغان ئىچىدە ئۆز دەۋرىلىگىنى يۇقاتمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ھاياتتىكى تالاي قىسمەتلەر دەل بۇ سېھىرلىك قورغان ئىچىدە يۈز بىرىدۇ ؟ بۇ قورغاننىڭ سېھىرلىكلىگى سىرتتىكىلەرنىڭ بۇ قورغانغا كىرگىسى كېلىشى، ئىچىدىكىلەرنىڭ بۇ قورغاندىن چىقىپ بېقىشنى ئويلاپ قېلىشىدا بۇلىشى مۈمكىن.
رەيھان يەنە << بۇ قورغانننىڭ سېھرى كۈچى ئاشۇ نىكاھ پەيدا قىلغان بىرلىشىشنىڭ مۇقەدەسلىكى، ئۇلارنى بىر-بىرىگە چىڭ باغلاپ تۇرغان ئۇلار ئاجراشقا زورۇققانچە تېخمۇ مەھكەم باغلىنىدىغان يىپنىڭ خاسىيىتىدە بۇلشى مۈمكىن>> دەپ ئويلىدى .
شاۋقۇنسىز ، تېپتېنچ قايدۇ دەرياسى غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ئاقىدۇ، ئۇ دەسلەپ باغراش كۈلىگە قۇيۇلۇپ ، باغراش كۈلىدىن كۆنچى دەرياسىغا قاراپ ئېقىپ ماڭىدۇ .
رەيھان كىچىكىدىن مانا مۇشۇ دەريانىڭ بۇيىدا ئۇنىڭ مۇڭلىرىنى ئاڭلاپ ، سۈكۈتلىرىگە جۈر بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا لەۋ سۇزغان مەجنۇن تاللارنىڭ يۇمران شاقلىرىدىن چەمبىرەك ياساپ ئويناپ چوڭ بولغان . رەيھان ئەنە شۇنداق چاغلاردا ، ئەپچىل ياسالغان چەمبىرەكنىڭ ئارىللىرىغا سېرىق مامىكاپ گۈللىرىدىن قۇشۇپ ، بېشىغا ياراشتۇرۇپ تاقاپ ،بوۋىسى چۆچەكلەردە ئېيتىپ بەرگەن مەلىكىلەردەك شاتلىنىپ كىتەتتى .
ئۇ گۈزەل قايدۇ دەرياسىدىن سۈيۈنىدۇ ، دوسلىرى بىلەن سىردىشىپ ،مۇڭلىرىنى تۈكۈش ئۈچۈن بەزىدە بۇ دەريا بۇيىغا كېلىپ بالىلىقتىكى ، قوۋناق چاغلىرىنى ئەسلىشىدۇ ، بۇ دەرياغا قايسىدۇر بىرىنىڭ سۇغا چۈمۈلۈپ ،بىر شۇڭغۇغانچە يۇقاپ كىتىپ جەسىدىنىڭ نەچچە كۈندىن كىيىن بېلىقچىلار تەرپىدىن سۈزىۋىلىنغانلىقىنى ئېيتىشىپ ، دەرياغا قورقۇمسىراپ قاراشقىنىچە سۈكۈتكە چۈمىشىدۇ .
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-3 17:52):
داۋامى بار ...