ئويلاپ باقسام بۇرۇن پەقەت ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈنلا ئاڭلايدىكەنتۇقمەن. بىراق ھاززىر بارا-بارا ناخشىنىڭ تېكىستىگىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، بەزى ناخشىلار چىرايلىق ئىشلەنگەن مۇزىكىغا يانداشتۇرۇپ تاللانغان نوچى تېكىستى بىلەن بەك ماسلىشىپ كەتكەنكى...ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمايمەن. بىراق نوقۇل تېكىستىنىلا دەپ ئاڭلىمايمەن، ئۇنىڭدىن شېئىر ئوقۇغان ياخشىمىكىن.
مەنچە ناخشا-مۇزىكا ئىنجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلار ناخشا تېكىستىنىڭ رولىغا بوش قارىماسلىقى كېرەك، ھەم ھاززىرمۇ بۇ تەرەپكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلار باردۇ، دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن: ئابلاجان ئاۋۇت «ئوينايدىغان تالا بارمۇ»، «ئوغۇل بالا»(مۇشۇنداققۇ دەيمەن)دېگەن ئىجادىيەتلىرىگە تېكىستنى ئوبدان تاللىغان. ئابدۇللانىڭ، ئۇكىلىرىنىڭ ئېيتىۋاتقان ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىمۇ شۇنداق ياخشى. بوپمۇ ئابدۇللانىڭ ئىسمىنى ئۇقمايمەن «ئېلىپ قولغا ساپالىنى، يۈرەر مەيخانە، مەيخانە...»دەپ ئېيتىدىغان تىپتىكى ناخشىلىرى مېنى يامان ئەمەس مۇڭ قىلىدۇ. مۆمىن ئابلىكىمنىڭ «ئۆتمۈش ئەمدى گۈزەل ئەسلىمە، ئاسرالمىدۇق چىن سۆيگۈمىزنى. مىسكىنلەرچە قالارمىز ئەسلەپ، يىللار ھامان ئۇنتار بىزنى...»دېگەن ناخشىسىمۇ مۇزىكا ھەم تېكىستى شۇنداق ياخشى ماسلىشىپ، مەن تولا ئاڭلاپ يادلاپ بوپتىمەن. ئىشقىلىپ قازساق بىرمۇنچە مۇنەۋۋەر تىپلار چىقىدىكەن.
ئەمدى مەن ئازراق ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئىجادىيەتچى ھەققىدە ئېلان بېرىۋالاي

.
بىر تىزىق مارجان، بىر دەستە گۈلدەك،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ.
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن،
ئايرىلىشقا چىدالماي ھەجەپ.
ئۆكسۈپ-ئۆكۈنۈپ، گاھى كۈلۈشۈپ،
خوشلاشماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ.
قالدى ئەسلىمەن ياتاق-سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاقداش-ساۋاقداش ھامان.
مەنچە بۇ ناخشىنى ئېيتىيالايدىغانلار، شۇنداقلا تېكىستىنى تولۇق بىلىدىغانلار خېلى بار. نېمە ئۈچۈن؟
يۈرەكنى جۈپ قوللاپ تۇتالامسەن دەپ،
ئويغۇتۇپ مەيلىمنى قىلىپ سەن شەرەت.
ئېلىپ بوپ كۆڭلۈمنى شېرىن سۆز بىلەن،
قالدۇرۇپ كەتتىڭغۇ قەلبىمگە ھەسرەت.
ۋەدىلەر بار ئىدى مەڭگۈلۈك ئەبەد،
گۈللەرمۇ بىزلەرگە قىلاتتى ھەسەت.
ئەمدى سەن مۇڭلىنىپ كۆيدۈرۈپ سۈرەت،
يۈرگەنسەن ئامرىقىم كۆڭلۈڭنى بەزلەپ.
باغرىمدا تىپىرلاپ ئۆكۈنۈش- نەپرەت،
يۈرەكنى قاماللاپ قىينار ھەسرەت.
ئۆلدى دەپ ئويلىسام سۆيگۈڭنى ئەبەد،
نېمىشقا ئۇنتۇلماس تۇنجى مۇھەببەت.
بۇ «تۇنجى مۇھەببەت» دېگەن ئىجادىيىتى. شۇ يىللارغا نىسپەتەن مۇزىكا ھەم تېكىستى جەھەتتىن ماسلاشقان ئىجادىيەتنى ئۆزى ئېيتىپ خەلىققە سۇنۇشمۇ بىر چوڭ غەلبىمىكىن، دەيمەن.
«ئۇنتۇلماس دېكابر» دېگەن ئىجادىيىتىدىكى بىر مىسرا بار، ماڭا ئۇ مىسرا مۇھەببەتلىك شېئىر تۇيغۇسى خېلى كۈچلۈك قەلەمكەشنىڭ قەلەم ئاستىدىن چىققاندەكلا بىلىنەتتى: «... سۆيۈلسەڭ ھەربىر نۆۋەت ، ئۇنتۇپ كېتەرسەن مېنى...»
ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ئىجادىيىتى بۇرۇنقىدەك بولسۇن دەيمەن. بىرەر نۆۋەت ناخشا ئىجادىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزسۇن دەيمەن. مەن ئامراق، ئاپام ئامراق، دادام ئامراق، ھەدەممۇ ئامراق...