قايتىپ كېلىدىغان يارغا بېغىشلاپ...
ئۇچماقتا كۆزۈمدىن كۈز ياپراقلىرى،
قاراقلار سارغايغان، قەلبىم سارغايغان.
يارىمنىڭ كۆزلىرى ياشلانماس ئەمدى،
خىياللار قارايغان، يۈرەك قارايغان.
كەچمەكتە ئېسىمدىن ياز بورانلىرى،
چەكسىزلىك تارايغان، پەسىل تارايغان.
شۇ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ خاتىرىسىگە
ساناقسىز بەلگىلەر سېلىنغان مەندىن.
ئەڭ ئۇزاق ئويلاندىن سۆيگۈ ھەققىدە،
مەغلۇپلۇق قەلبىمگە كىرەلمەس،لېكىن.
بىلمىدىم، پەرۋاسىز شۇ كۆزلىرىڭگە
كىملەرنىڭ ئوتلىرى يېقىلغان ئىكىن؟!
سەن كەتتىڭ يېنىمدىن شامالدەك گويا،
بۇ چەكسىز جاھاننى قىلىپ ماڭا تار.
مەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگەن چاغدا،
يىغىلار قەلبىمگە سۆيگۈدىن مادار.
دەرد-ھەسرەت مېنىلا ئەگىيدۇ،ئەمما،
مەن ئاخىر ھەممىنى قىلىمەن تارمار.
بىلىمەن، بىر كۈنى كېلىسەن قايتىپ،
قەلبىڭنى تىلغايدۇ ئاچچىق پۇشايمان.
كۆز يېشىڭ دەريا بوپ كەتسىمۇ تېشىپ،
مېنىڭدىن تەسەللىي تاپىسەن ھامان.
شۇ يىراق ماكاندىن كەلگۈچە قايتىپ،
تىلەيمەن: ھەر جايدا بولغىن سەن ئامان!