30-يىللاردىكى جىڭ ناھىيىلىك يېڭىچە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تۇنجى قېتىم بارلىققا كىلىشى توغرىسىدا
نۇرمۇھەممەت توختى (م)
جىڭ ناھىيىسىدىكى پىشقەدەم مائارىپچىلار ۋە زىيالىلىرىنىڭ 1933-يىللىرىدىكى ئۇستازى شۇنداقلا ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بايراقدارى مەھەممەت شامىنى بىلمەيدىغانلىرى ئاز بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ مىللىي مائارىپىغا تۇنجى قېتىم ئۇل سالغان ئۇستازلارنىڭ بىرىدۇر.
مەھەممەت شامى 1930-يىلى غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، 1932-يىلى 8-ئايدا جىڭ ناھىيە داخىيەنزى يېزىسىدا تۇنجى قېتىم يېڭىچە پەننىي مەكتەپ سالدۇرغان مەرىپەتپەرۋەر زات. ئاللاقۇل ھاجى ئاۋۇتنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا خاس دەرس ئۆتۈپ ئۆزلەشتۈرۈشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن 1933-يىلى 8-ئايدا جىڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن موللاقۇۋان خەلپىتىم①، خۇدابەردى قارىم قاتارلىق يېڭىلىق تەرەپدارلىرى مەھەممەت شامىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئارتۇقچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى جىڭ ناھىيىسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلاردىن دوساجىم، ھىلىم ھاجىم، ئاسىپ ئاخۇن، ئورايىم شاڭيولارنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تۇنجى قېتىم جىڭ ناھىيىسىنىڭ كونا سېپىلى (يەرلىك كىشلەر چوكانپۇت سېپىلى دەپ ئاتايتتى)نىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان يېڭىچە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ② مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. جىڭ ناھىيىسى شۇ زامانلاردا ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولۇپ، ئەلمىساقتىن بۇيان ئىلى يولى بىلەن ئۈرۈمچى يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى ھەم پۈتۈن ۋىلايەتنى تۇز بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم جاي ئىدى. شۇڭا تارىختىن بۇيان ھەر قانداق يولۇچى ۋە كارۋانلار مۇشۇ قەدىمىي باغۇ-بوستانلىق جىڭ ناھيىسىگە (جىڭ ناھىيىسىنى قەدىمقى چاغلاردا دىڭابالىق دەپمۇ ئاتايتتى) چۈشۈپ بىر قونماي ئۆتمەيتتى. ئەنە شۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدە ئالدى تەرىپى پىشايۋانلىق مىڭ كىشلىك بىر مەسچىت بولۇپ (تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1773-يىلى مەنچىڭ ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنى تىنچىتىپ بولغاندىن كېيىن جىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پۇقرالارغا كۆك پىشىق كېسەكلىك بىر مەسچىت سالدۇرۇپ بەرگەن ئىكەن) بۇ مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپى شىمالغا قارايدىغان بولۇپ، جۈمە كۈنلىرى مەسچىت ئالدىدا قايناق بازار بولاتتى. ئەنە شۇ مەسچىت (بۇ مەسچىتنىڭ ياغاچ مۇنارىنى 1966-يىلى 9-ئايدىكى ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا چېقىۋىتىلگەن بولۇپ، ئورنىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان ئىدى) قوروسىنىڭ كۈن چىقىش پاسىلى تەرىپىدە 160 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر دىنىي مەكتەپ بار بولۇپ، 1928-يىلىغا كەلگەندە بۇ مەكتەپنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان موللاقۇۋان قارىم (يەرلىك كىشىلەر تۇيۇق قارى دەپمۇ ئاتايتتى) غۇلجىغا بېرىپ مۇساجان قارى، مۇخپۇللا قارىلارنى تالىپلارغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، جىڭغا ئەكەلگەندىن كېيىن ئوقۇۋاتقان 20 نەپەر تالىپقا (ئوقۇغۇچىغا) دىنىي ۋە پەننى دەرسلەرنى ئارلاشتۇرۇپ ئوقۇتىدىغان بولدى. 1931-يىلىغا كەلگەن مەرىپەتپەرۋەر زات خۇدابەردى قارىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونا سىنىپلارغا سىغماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆستەڭ بويى مەھەلىسىدىكى قورو-جايىدىن ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنى مەكتەپكە بوشىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىلىپ، دىن دەرىسى بىلەن ئانا تىل، ھېساب، ئەدەبىيات دەرسلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
ئەنە شۇنداق شارائىت ئىچىدە مۇھەممەت شامى جىڭ ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئېچىلغا ئۇيغۇر يېڭىچە پەننى مەكتىپىگە مۇدىر، ھەم ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ كېلىپ، شەرەپ بىلەن بۇ يىڭى مەكتەپ دەرۋازىسىنى ئىچىپ يىڭىچە دەرىس ئۈتىش تەييارلىقىنى قىلدى.
شۇ چاغ بۇ يېڭىدىن ئېچىلغان مەكتەپتە ئىككى سىنىپلىق بىر ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئايرىم ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. شۇ يىلى غۇلجىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا سالامەت (تاتار)، مۇكەرەم ئىسىملىك ئىككى قىزمۇ بۇ مەكتەپكە يېتىپ كېلىپ ئورۇنلىشىپ، 1933-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى بۇ يېڭىچە ئوقۇتۇش مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش توغرىلىق كوچىلارغا ئېلان چاپلىغان بولسىمۇ، مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان بالىلار ئاز بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەم مۇھەممەت شامى تەدبىر قوللىنىپ، ناھىيىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى مەھەلىلەرگە بېرىپ، ئاتا-ئانىلارغا مەكتەپكە بېرىپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، يېڭى مەكتەپكە كېلىپ تىزىملىتىدىغان بالىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تىزىملاتقان بالىلارنىڭ سانى 60قا يەتتى. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپلاردىكى يېڭىدىن ياسىتىلغان پارتا-ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈپ تازىلاپ، مۇھەممەت شامى مۇئەللىمنىڭ كىرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى. شۇ چاغدا ئۆتىلىدىغان دەرسلەر تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ھېساب، تەنتەربىيە، شېئىر، خور ئېيتىش قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، جىڭ ناھىيىسىنىڭ يېڭىچە مىللى مائارىپقا دەسلەپكى ئاساسىنى سالدى. 1933-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن دەرسلىك كىتاب، گېزىت-ژورنال ۋە ھەرخىل ئوقۇش ماتېرىياللىرى، بىر قىسىم دوختۇرلىرى كىرىپ، يېڭىچە داۋالاش ئىشلىرىمۇ يولغا قويۇلدى.
يۇقىرقىدەكلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېڭى دېموكراتىك مەدەنىيەت ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈردى.
1934-يىلىغا كەلگەندە غۇلجىدىن قابىل، سابىت، خاسىيەت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ قوشۇلغاندىن كېيىن مەھەممەت شامىنىڭ زىممىسىگە ئالغان يۈكى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەيدۇ. 1934-يىلى 9-ئايدا كونىچە ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ يېڭىچە پەننىي ئوقۇتۇشنىڭ قىزغىنلىقى تازا گۈللىنىۋاتقان چاغدا ئۈرۈمچىدىن لىشاڭداڭ ئىسىملىك ئادەم جىڭغا ھاكىم بولۇپ كېلىپلا خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھىيىنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە ساۋات چىقىرىش بىلەن «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشما»لىرى تېزلا قۇرۇلدى. شۇ يىللاردا جىڭنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەكتەپلەر تېزلا تەشكىللىنىپ قۇرۇلدى. ھەم شۇ مەكتەپنى ئاساس قىلغان ھالدا سەنئەت كۇرژۇكلىرى تەشكىللىنىپ، بۇ ئورۇنلار جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. ھەر كۈنى مەكتەپ دەرۋازىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىراش كىرىپ چىققانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر روھى ئازاتلىقنىڭ بولۇشىنى كۈتكەن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ئاقارتىش ھەركەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى بەكمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» يېنىدا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يەنە «سانايى نەپسە» قۇرۇلدى. ئىلگىرى مەھەللە مەشرەپ سورۇنلىرىدا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرگەن قابىلىيەتلىك ياشلار بۇ سەنئەت تەشكىلى ئەتىراپىغا توپلاشتى. سانايى نەپسەگە جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلاردىن ئارتىس قوبۇل قىلىندى. بۇ يىللاردا بايلار مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلىش بىلەن بىرگە بالىلىرىنى بەس-بەستە ئوقۇشقا بېرىشتى.
جىڭ ناھىيىسىگە شۇ يىلى يەنە 1934-يىلى قىش كىرىشى بىلەن ھەر خىل ئەندىشىلىك گەپلەر كېلىشكە باشلىدى. غۇلجىغا نۇرغۇن ئورۇس ئەسكەر كىرىپتۇ، ئۇرۇش بولغىدەك. غۇلجىغا كىرگەن ئورۇس ئەسكەرلەرنىڭ جىقلىقىدىن غۇلجىنى ساقلاپ ياتقان جاڭ سىلىڭ سۇلتان ئۇۋەيىسخان مازىرىغا قېچىپ بېرىپ «ئۆزىنىڭ ئارغىمىقىنى ئۆزى ئېتىپ، كەينىدىن ئۆزىنى ئۆزى ئېتىۋىتىپتۇدەك» دىگەن گەپ سۆز چىقتى. كېيىنچە خەلق ئارىسىدا يەنە ياخشى گەپلەر تارقىلىشقا باشلىدى. «ئۈرۈمچىدىكى شىڭ دۇبەن ۋەلى ئەھدىلىككە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆلكىنى ناھايىتى ئادىل سوراۋاتقۇدەك، شىڭ دۇبەن كۆپ ئوقۇغان ئادەم ئىمىش، بۇندىن كېيىن ھەممە مىللەتلەر باراۋەر ياشايدىكەنمىز» دىگەن گەپلەر تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. 1935-يىلى كىرىش بىلەنلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ خەنزۇلارنىڭ چاڭچىلە ئويۇنلىرى ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، گۇتەي ③ ياغاچ ئاياق ئاويۇنلىرى ئوينىلىنىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ چاغان بايراملاردا ياغاچ ئاياق ئويۇنلىرى كوچىلاردا ئوينىلاتتى. چاڭچىلە ئويۇنى بولۇپمۇ ھەر بىر بۇتخانىنىڭ ئالدىدا سەھنىلەرنى قۇرۇپ ئويۇن قوياتتى. مۇنداق بۇتخانىلار④ شەھەرنىڭ ھەر بىر دەرۋازىسى ئىچىگە دىگۈدەك بىردىن سېلىنغان ئىدى. ئەنفۇ⑤ بازىرى سېپىلى، چوكان بۇت بازىرى (سېپىل ئىچى)، تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتەتتى. بۇ ئويۇنلارنى تولىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى بايلار كۆتۈرگە ئالاتتى. شۇ زامانلاردا جىڭدا ئىككى چوڭ سېپىل، 12 بۇتخانا بولۇپ، شۇ زامانلاردا تۇرپاندىن جىڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتىرىخان ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنىڭ خەنزۇتىلىغا ناھايىتىمۇ ئۇستا غىجەكچى مەھەممەت خىتتاي⑥ دەيغان بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ خەنزۇلارنىڭ چاڭچىلە ئويۇنلىرىدا ئاساسلىق رولغا چىقىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. خەنزۇلار ئۇنى چەنتۇ باتۇر دەپ ئاتايتتى.
1936-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدىن ئابباس زەيدىن ئىسىملىك بىر ئادەم جىڭغا كېلىپلا ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن خەلقنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ئىشىلىرى ۋە سەنئەت ئىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. شۇ چاغدا ناھىيىگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگىچە سانايى نەپسە پائالىيەتلىرى ناھايىتى جانلىنىپ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، 1937-يىلىغا كەلگەندە سەنئەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ياۋۇز ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلدى. شۇ چاغلاردا سەھنىلەردە تولىسى ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى كومىدىيىلىك ھەم كۈلكىلىك ئويۇنلار كۆپرەك تەكىتلىنەتتى. 1937-يىلى ئەتىيازدا، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ سىنىپلا يېتىشمەي قالغانلىقتىن، مەھەممەت شامى مۇئەللىم مەكتەپنى چوڭايتىش توغرىسىدا لى ھاكىمغا دوكىلات يازىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان لى ھاكىم دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، جىڭ ناھىيىسىدە نامى چىققان بايلارنى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۇلۇبىغا چاقىرىپ ناھىيە مەركىزىگە ئون ئىككى سىنىپلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەكتەپنى سېلىشقا ھۆكۈمەت مالىيىسىدە پۇل يوقلىقىنى سۆزلەپ، مەكتەپ سېلىشقا بىرلا ئامال بار، ناھىيىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلار پۇل ئىئانە قىلساڭلار بۇ مەكتەپنى سېلىۋالساق دەيدۇ، شۇ قېتىملىق يىغىلىشتا مەرىپەتپەرۋەر ئالتە باي بۇ ئۇلۇغ ئىشنى چۈشىنىپ يېتىپ لى ھاكىمنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ پۇلى بار بايلار پۇلىنى، مېلى بار بايلار مېلىنى، ياغاچ-تېشى بارلار ياغاچ-تېشىنى مەكتەپ سېلىشقا ئىئانە قىلدى. 1937-يىلى 9-ئايدا ئاستى-ئۈستى تاختايلىق ھەم ئۆلچەملىك ھەم ياسىداق كارىدورلۇق 12 سىنىپلىق ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ⑦ رەسمىي پۈتۈپ، (مەكتەپ قۇرۇلۇشى غۇلجا پوسونىدا سېلىنغان) 1937-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇغۇچىلار پارتا-ئورۇندۇقلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ يېڭى سىنىپلارغا ئورۇنلاشتى.
1937-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى سېلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كەڭ مەيدانىدا بايراق چىقىرىلىپ (شۇ چاغدا شىڭ دۇبەننىڭ ئالتە بۇرجەكلىك بايرىقى چىقىرىلاتتى) ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابباس ئەپەندى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى لى ھاكىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. لى ھاكىم سەھنە ئالدىغان چىقىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي مائارىپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ، ئاخىرىدا يېڭىچە مائارىپنى قوللاپ، مەكتەپ سېلىشقا مەبلەغ ۋە پۇل ئىئانە قىلغان مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەت ئىكرام بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلدى ھەمدە لى ھاكىم ئۆز قولى بىلەن ھېلىم ھاجى، دۇساجىم، ئۇرايىم شاڭيى، ئابدۇۋەلى ئاسىپ، مەمەتئىلى ھاجى، ئابلا پۇچۇق قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلارغا شەرەپ بىلەن لەۋھە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا سەھنىدىن ئورۇن بەردى. شۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە باشقا ساھەدىكى كىشىلەر بولۇپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئىدى. ئەنە ئۇلار ئىچىدە مۇھەممەت شامى، پەرىخە(تاتار)، خاسىيەت، سالامەت، مۇكەرەم خانىمغا ئوخشاش مۇئەللىملەر ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن دارىلتام مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ مۇشۇ مەكتەپنىڭ دەرس ئۆتۈش مۇنبىرىگە تۇنجى قېتىم چىقىپ، بىلىمگە تەشنا سەبىيلەرگە ئىلىم مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىدى (كېيىن يەنە 1938-، 1939-يىللىرى «ئالتە ئۇيغۇر مەكتەپ»ىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەن مۇئەللىملەردىن رەبىبۇللا، ئەنۋەر، سابىت، قابىل، ھەبىبۇللا، ھەسەنجان، مۇكەرەم، مۇھەممەت زەيدىن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ غۇلجىدىن مۇشۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى) 1938-يىلىغا كەلگەندە يېڭىدىن سالدۇرغان ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ كەڭ مەيدانىنىڭ چۆرىسىگە غۇلجىدىن مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز كۆچەتلەر، گۈل-گىياھلارنى ئەكەلدۈرۈپ تىككەن ئىدى. بۇ «ئالتە ئۇيغۇر مەكتەپ»ى 1947-، 1948-يىللىرى، بولۇپمۇ كېيىنكى چاغلاردا تەرەققىي قىلىپ باغۇ-بوستانلىق باغچىلاشقان مەكتەپكە ئايلانغان ئىدى.
لى ھاكىم كەمتەر، تەدبىرلىك ئىنژىنىر ئادەم بولغاچقا ئۇ ھاكىم بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا جىڭ ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. مەسىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى چوڭ ئىشى جىڭ دەرياسىغا كۆۋرۈك سېلىپ بېرىشقا ئاساس سېلىپ بەردى. ئىككىنچى چوڭ ئىشى جىڭ ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى كونا رەستە كوچىلىرىنى رەتلەپ تۈزلەپ، يوللارنى كېڭەيتىپ، شەھەر قىياپىتىنى يېڭىلىدى. ئۈچىنچى چوڭ ئىشى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئىگەللىۋالغان خەنزۇ زەرەتكارلىقىنى ئىگىلىرىگە دەپ يۆتكۈزگىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. 1937-يىلىغا كەلگەندە سەھنىلەردە دائىم دېگۈدەك ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش مەزمۇنىدىكى ناخشىلار تېخىمۇ كۈچىيىپ، مائارىپ خىزمىتىمۇ ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن ھەممە ئادەم بىلىمگە تەلپۈنىدىغان كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، ناھىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساۋات چىقىرىش كەچ كۇرۇسلىرى ئېچىلىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئاجايىپ بىر دەۋر بارلىققا كەلگەن ئىدى.
ئەنە شۇنداق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان پەيتتە، لى ھاكىم ئۈرۈمچىگە تۇيۇقسىزلا شىڭىشىسەي تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، شۇ پېتى قايتىپ كەلمىدى. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنى 1937-يىلى 6-ئايدا ياڭيەنلىن كېلىپ ھاكىم بولدى.
1938-يىلنىڭ كىرىشى بىلەنلا غۇلجا تەرەپتىن كەلگەن تارانچى ھارىۋىكەشلەردىن كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان مىش-مىش گەپلەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. غۇلجىدىكى تۇداخۇن باينى بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ بىر كىچىدىلا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىپتۇ، دېسە يەنە بەزىلەر «غۇلجىدىكى ھەممە بايلارنى قولغا ئېلىپ مال دۇنياسىنى مۇسادىر قىپتۇ.» دەپ كىشىلەرنى ئەنسىزچىلىككە سالاتتى. ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرى كېيىن ئىسپاتلاندى. شۇ يىلى 4-ئايدا سەككىز ئۆيدىكى (ھازىرقى باجياخۇ يېزا-ئىگىلىك مەيدانى) ئۇرايىم شاڭيونىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم بايۋەتچىنى شىڭشىسەينىڭ ئادەملىرى بىر كىچىدىلا ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ، ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى (1944-يىلى بۇ ئادەم ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدىن قېچىپ ئاز كۈن ئۆتۈپلا ئۆلۈپ كەتتى).
دۇجىڭىيۈەننىڭ جىڭ ناھىيىسىدە ئېلىپ بارغان ياپونغا قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى
(دۇجىڭيۈەن 1943-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇربان بولدى)
1939-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئىنىستۇتىنىڭ يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنىستىتۇت باشلىقى دۇجىڭيۈەن «شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ يازلىق تەتىلدە ئىلىنى ساياھەت قىلىش ئۆمىكى»نى باشلاپ جىڭ ناھىيىسىگە كەلدى.
ئۆمەك باشلىقى دۇجىڭيۈەن ئەسلى جىڭدا ياپونغا قارشى بىر مەيدان ئويۇن قويماقچى بولغان ئىكەن. ئەمما جىڭدا كۈندۈزى چىۋىن، كەچتە پاشا-كۇمۇتا ئىنتايىن جىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئويۇن قويۇش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ شۇ كۈنى جىڭدا قونماي ئىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما شۇ كۈنى «چوكان بۇت سىپىلى ئىچىدە ئويۇن قويۇلىدىكەن» دېگەن سۆز خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، خەنزۇ قاتارلىق يەرلىك ئامما ساياھەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دۇجىڭيۈەنگە مۇراجەت قىلىپ ئويۇن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇجىڭيۈەن ئويۇن كۆرۈشكە كەلگەن ئادەمنىڭ 6-7 يۈزچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال جىڭدا ئويۇن قويۇشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى دۇجىڭيۈەننىڭ يېتەكچىلىكىدە جىڭنىڭ بازىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ياپونغا قارشى تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تاملارغا چوڭ خەتلىك قىلىپ ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە شوئارلارنى چاپلىدى ھەم كوچىلاردا تىياتىر قويۇپ، ياپونغا قارشى تەشىۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىلھاملاندۇردى، كەچتە جىڭ ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابباس ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بازار مەركىزىدىكى ئويۇش قويۇشقا بىكىتكەن چوڭ سەھنىگە چىراقلارنى (گاز چىراق)، پەردىلەرنى ئېسىپ تەييارلاپ ھەم سۇ چېچىپ تازىلاپ قويىدۇ. شۇ كۈنى ئويۇن كۆرگىلى يەرلىك ئاھالىدىن باشقا جىڭ چوڭ تاشيول بويىدىكى دۇرىستۇرايغا (روسچە تاشيول ئاسراش ئىدارىسى دېگەن گەپ) چۈشكەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ترانسىپورت ئەترىتىنىڭمۇ شوپۇرلىرى رەتلىك تىزىلىپ كېلىپ ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن ئىدى. ئۇلارنى ساياھەت ئۆمىكى ھەم ھەر مىللەت ئاممىسى چاۋاك چېلىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ ئاخشىمى ساياھەت ئۆمىكىدىكى ۋە جىڭ ناھىيىلىك ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىسدىكى ئارتىس بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىغان ئويۇنلىرىنى قويۇشتىن بۇرۇن ساياھەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دۇجىڭيۈەن سەھنىگە چىقىپ «ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۋالايلى» دېگەن مەزمۇندا ناھايىتى مەردانە جانلىق سۆزلىگەن ئىدى.
ئەتىسى ھەر مىللەت خەلقى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەرنى ئۇزاتقىلى چىقىپ ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
1939-يىلى جاللات شىڭ شىسەي ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئىلغار پىكىردىكىلەرنى تۇتقان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئۇيۇشما باشلىقى ئابباس ئەپەندىنى بىر كېچىدىلا قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى. بۇ ئىش پۈتۈن ناھىيىدىكى ياشلارغا قاتتىق زەربە بولدى، مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كەتتى. مەھەممەت شامىمۇ ھېچ بىر سەۋەبسىزلا مەكتەپتىن ھەيدەلدى.
① موللا قۇۋان خەپىتىم 1971-يىلى 7-ئايدا يەنى‹‹دۇپىگەي››ھەركىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ 90يىشىدا جىڭ ناھىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
② 1933-يىلىدىن بۇرۇن جىڭ ناھىيىسىدە 160 يىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كونىچە دىنىي مەكتەپ بار ئىدى. بۇ مەكتەپلەرنى ئاساسەن دىنىي زاتلا باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسەن دىنىي دەرسلەر بېرىلەتتى. ئوقۇتقۇچىلىققا يۇرت ئىچىدىن ئابرويى بار موللاملار بەلگىلىنەتتى. دەرس ئۆتىدىغان موللاملارنىڭ تەمىناتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەيشەنبىلىك ئەكىلىشى بىلەن ھەل بولاتتى. بۇ كونىچە مەكتەپ 1933-يىلى 7-ئايغا داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇندىن بۇرۇن جىڭ بازىرى ئىچىدە بىرمۇ يېڭىچە مەكتەپ يوق ئىدى.
③ گۇتەي ئويۇنىدا بەش-ئالتە مېتىر كېلىدىغان يوغان بىر چەنزىگە كىچىك ئۇسۇلچى قىزلاردىن بىر قانچىسىنى مەھكەم باغلاپ، چەنزىنى تىك قىلىپ، جازىنى بىر قانچە ئادەم كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئالا-يىشىل كىيىم كىيگەن ئادەملەر ئۆزىنىڭ مىللىيچە مۇزىكا ھەم داقا-دۇمباقلىرىنى ھەييارلىق بىلەن كىشلەرنى كۈلدۈرەتتى.
④ شۇ زامانلاردا جىڭدا 2 چوڭ سېپىل، 12 بۇتخانا بار ئىدى.
⑤ ئەنپۇ سېپىلى 1758-يىللىرى سوقۇلغان بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا ئەنپۇ بازىرى دەپ ئاتالغان.
⑥ مۇھەممەت (خىتاي) ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جىڭ ناھيىلىك سودا-سانائەتچىلەر مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىغا كۆزەتچى بولۇپ، 1996-يىلى 80 يېشىدا ئۆلۈپ كەتتى.
⑦ بۇ مەكتەپ 1957-يىلىغىچە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىنغان، مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئورنى 1957-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە جىڭ ناھيىلىك قىزىلبايراق ياغاچچىلىق ۋە تۆمۈرچىلىك كارخانىسىغا بېرىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا زاۋۇت 1994-يىلى ۋەيران بولغاندىن كېيىن شەخسىيلەرگە سېتىۋېتىلىپ، ئاخىرى 2005-يىلى خارابىسى چېقىۋېتىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-31 22:43