كۆرۈش: 6760|ئىنكاس: 35

ئۇيغۇردىن قاچتىم بۈگۈن (سۆھبەت خاترىسى)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15025
يازما
42
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
282
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 15:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                           
                                                       "    سۆھبەت خاتىرىسى    "

    دادام بىلەن ئاپام ئىككىسنىڭ خىزمىتى ئامرىكىدا بولغاچقا ،مەن   ئىسىمنى بىلگەندىن باشلاپ ، ھەر يىلى قۇربان ھىيت ھارپىسى  بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامرىكىدىن يۇرتقا قايتىپ كىلىپ ، ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن جەم بۇلۇپ ھېيت ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز  .مەن ئامىرىكىدا تۇغۇلغان ، ھەم پەقەت مۇشۇقۇربان ھىيت كۈنلىرىلا يۇرتقا قايتىپ كىلدىغان بولغاچقا ئۇيغۇلارنىڭ باشقا ئەنئەنۋى بايراملىرى ھەققىدە  بىلدىدىغانلىرىم پەقەت دادام-ئاپاملارنىڭ دەپ بەرگەنلىرى ۋە بەزى بىر كىتاپلاردىن ئاز تۇلا ئۇقۇغانلىرىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى، ئىككى يىل بۇرۇنقى رۇزا ھىيتتا بىز يەنە  يۇرتقا قايتىپ كەلدۇق ، دادامنىڭ دىيىشىچە بىز ئەمدى ئامرىكىغا قايتمايدىكەنمىز ، ئۇلار مۇشۇ يەردە خىزمەت  قىلىدىكەن ، شۇڭا مەنمۇ جۇڭگۇدا  ئۇقۇيدىغان بولدۇم .
  
    ۋەتەندە دادام  دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ  خاڭجۇدىكى مەلۇم چوڭ شىركەتكە ئۇرۇنلاشتى .شۇڭا مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە  بىرىپ  خاڭجۇدا ئۇقۇماقچى  بولدۇم . ئاپام مىنىڭ يۇرتتا چوڭ ئۆيدىكىلەر بىلەن قېلىپ شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىدا ئۇقۇشىمنى دىگەن بولسمۇ ، كىچىكىمدىن پەقەت قۇربان ھېيت كۈنلىرى كۈرۈشۈپ كىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئارىسدا يېتىرقاپ   قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئۇلار بىلەن خاڭجۇغا كىتىشتە چىڭ تۇردۇم .ھەم  خاڭجۇدىكى بىر تۇلۇقسىز ئۇتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى  يىلقىغا ئۇقۇشقا كىردىم .

  دادام -ئاپاملارنىڭ ئۆگىتشى بىلەن ئانا تىل ۋە ئىنگىلزتىلى ئۆگەنگەندىن  باشقا يەنە خەنزۇچىنى ئۆزۆم ئۆگۈنۈپ  خېلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنەلىگۈدەك بولغان ئىدىم  ، بىراق تەلەپپۇز جەھەتتىكى  ئاجىزلىقىم مىنى بۇ يىڭى دوسىتلىرىمنىڭ ئارىسدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيدى.  سىنىپتا قىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆزۆم ئۇلاردا بىر خىل قىززىقىش قۇزغىسا كىرەك .ھەممسى تالىشىپ جاۋاپ بېرىۋاتقان سۇئالغا  ئانچە-مۇنچە پىكىر قاتناشتۇرۇپ قۇيسام ئۇلار دەرھال توختاپ  قىززىقىش ئىلكىدە مېنڭ ئېغزىمغا قاراپ تۇرۇۋالاتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن گەپ قىلغاندىكى "ئىنىرىتسىيەمدىن " ئۆزۆمنى تىزگىنلەپ بولغىچە  يەنە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ  سالاتتىم -دە ، ئۇلار شۇ ھامان كۈلۈشۈپ كىتەتتى ، شۇڭا مەن دەرىسخانىدا ئەركىن پىكىر قىلىشتىن تارتىنىدىغان بولوپ قالغان ئىدىم، ئادەتتە ئۇقۇتقۇچىلىرىم مەندىن بىرەر سۇئال سورىسا ، گەرچە بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا ئېغىز ئېچىپ جاۋاپ بەرمەيتىم .
  
  مۇئەللىمدىن باشلاپ ، مەكتەپتىكى ھەر بىر ئۇقۇغۇچى ماڭا بىر خىل قىززىقىشتا قارايدىغان بولغاچقا ، مەن بىلەن دوسىت بولىدىغان خەنزۇ دوستلىرىم تىزلا كۆپلەپ قالدى ، مەنمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال ھەم مەمنۇن ئىدىم .
    شۇ يىللىق  روژىستېۋا بايرىمى كۈنى مەن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى ، نۇرغۇن ساۋاقداش دوستلىرىم مىنى ئامرىكىدا چوڭ بولدى دەپ ئويلاپ ،مەن ئۈچۈن ئالاھىدە قىممەتلىك سوۋغىلارنى ئېلىپ كەپتۇ ، توغرا ، مەن ئامرىكىدا چوڭ بولغان بىراق ،ئەزەلدىن روژىستىۋا بايرىمى كۈنى سوۋغا قۇبۇل قىلىپ باقمىغان ئىدىم ، ئەمما بۈگۈن .....،ئىشقىلىپ ،كىچىكلىكىمدىنمۇ ياكى كىشىلەرنىڭ تۇغما بولغان ئاچكۆزلۈك كسلىنىڭ ئىشىمۇ، ئىشقىلىپ ،ئۆزۆممۇ بىلمەي ئۇلار بەرگەن ھەر بىر تال سوۋغاتنى خۇشاللق بىلەن قۇبۇل قىلىپتىمەن .
   كەچتە بۇ نەرسىلەرنى ناھايتى تەستە  كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلسەم دادام ئاپاملار كۆرۆپ ھەيران بولوپ قەيەردىن ئالغانلىقىمنى سورىدى، مەن تېخى پەخىرلەنگەندەك دوستلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن روژىستىۋا بايرىمىلىق سوۋغات دەپتىمەن .دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى، ھەم ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى .كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىردەم تېلۋىزور كۆرەي دەپ تۇرسام دادام يىنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تىلۋېزورنى ئۆچۆرۋەتتى ھەم مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى دىدى  ،بۇ دادامنىڭ دائىملىق ئادىتى ئىدى ، دائىم ماڭا بىرەر ئىش توغرۇلۇق ئۈگۈت بەرمەكچى بولسا مۇشۇنداق قىلاتتى !
-ساڭا دىسەم ئۇماق ئوغلۇم ، بىز دىگەن مەيلى قەيەرگە بارمايلى ئۇيغۇر مىللىتى ، بىز   مەيلى جاھاننىڭ قەيىرىدە بۇلايلى ،ئۆزىمىزنىڭ كىملىكلىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ .بۈگۈن بىر قۇچاق سوۋغا سالام كۆتۆرۆپ كەپسەن ، بىلىمەن ،بۇ باشقىلارنىڭ ساڭا قىلىغان ھۆرمىتى .بىراق ، بىزدە  ئەزەلدىن  بۈگۈنكى بۇ  كۈندە روژىستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ئادەت يۇق . ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق ، بۇ ئىشتا سىنىڭدىن رەنجىمەيمەن .ھەممە ئەيىپ مەندە ،بۇ مىنىڭ ساڭا بىرىدىغان مىللەت ئۇقۇمى ھەققدىكى تەربىيەمنىڭ ئاز بولوپ قالغانلىقىنىڭ نەتىيجىسى ،بىراق بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىش ئەمدى قايتىلانمايدۇ ،
-  روژىستىۋا بايرىمى بىز مۇسۇلمانلار ھەم ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزىدىغان بايرام ئەمەس ،ئۇ غەرىپ ئەللىرىدىكى خىرىستيانلارنىڭ بايرىمى ، بىزگە تەۋە ئەمەس ، شۇڭا سەن ئەتە بۇ سوۋغاتلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىن .
   
  دادامنىڭ گەپلرىدىن پاتاڭلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم ، خۇددى ئۆزۆمنى  چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھىس قىلىپ  ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم ھەم ياتاق ئۆيۆمگە يېنىپ كىردىم .
ئەتسى دادامنىڭ گىپى بۇيىچە تۈنۈگۈنكى سوۋغا سالاملارنى مەكتەپكە ئىلىپ بېرىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردىم ، ئەمما دوستلىرىم ھەممسى ھەيران بولوپ نىمىشلىقىنى سوراشتى ، مەن گەرچە ئۇلارنىڭ ئالدىدا خەنزۇچە گەپ قىلىشتىن خىجىل بولساممۇ لىكىن بۈگۈن دادىللق بىلەن  بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ،مىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ، گەرچە  ئامرىكىدا چوڭ بولغان بولساممۇ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزدىغان ئادەتنىڭ يۇقلىغىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ چىقتىم .ئۇلار مىنىڭ بۇ گەپلىرىمىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنىڭ بۇ ئىشىمىنى بىر ئېغىزدىن ماختاشتى ، بىراق يەنىلا سوۋغاتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىنى رەت قىلىپ تۇرۋالدى ھەم " بۇنى  ساڭا قىلغان روژىستىۋا بايرىمىلق سوۋغىتىمز ئەمەس،بەلكى دوستلۇق  يۈزسىدىن بىرىلگەن سوۋغات دەپ بلگىن " دەپ تۇرۋىلىشىتى ،ئاخىر مەن يەنە سوۋغىلارنى قايتۇرۇپ كەلدىم ھەم دادامغا بولوپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم ، بۇ قېتىم دادام مىنى ماختاپ ئەمدى ياخشى بوپتۇ دىدى .

شۇ يىللق قىشلىق تەتىلدە  ، مەن داداملار بىلەن چوڭ ئۆيگە -شىنجاڭدىكى چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغلى كەلدىم ، داداملار بىر نەچچە كۈن تۇرۇپلا كەتمەكچى بولدى ، مەنمۇ بىللە كىتىمەن دىسەم چوڭ ئانام تەتىل توشقاندا كىتىڭ دەپ تۇرۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا قالدىم.
      ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن گۈزەل شەھەر ئىكەن ، بولۇپمۇ كىچىسى مەنزىرىسى باشقىچە تۈسكە كىرىپ كىتىدىكەن ،  مەن گەرچە بۇ يەردە قالغان بولساممۇ مەن بىلەن تەڭتۇش بىرەر ئۇرۇق تۇققىنىمىز بولمىغاچقا ، ھەر  كۈنى كەچتە بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراقلارغا -ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسگە تۇيماي قاراپ چىقتىم .مىنىڭ كۈندە كەچتە يۇقۇلۇپ كىتىدىغانلىقىمىنى سەزگەن مۇمام مىنىڭ نەگە باردىغانلىقىمنى سوراپ كۈلۈپ كەتتى ، ھەم ئەتسى كەچتە مىنى ئاتايىن ئۆزى يېتىلەپ چۈشۈپ ئاستىنقى قەۋەتتكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى .ھەم مىنى شۇ ئۆيدىكى مەن بىلەن تەڭتۇش ئىككى ئوغول بالىغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇيدى ، مىنىڭ بىللەن بىللە ئوينىشىمنى دەپ قۇيۇپ يۇقاپ كەتمەسلىكىمىنى تاپىلاپ چقىپ كەتتى .
     
     ئۇكۈنى كەچتە جاھان ماڭا يەنە باشقىچە تەسىر بەردى .
    مەن نەچچە كۈندىن بۇيان كۆكتىن ھەۋەسلەر بىلەن قارىغان ئۈرۈمچى شەھرى ......،
باشقا ئىككەيلەن بىلەن ئۇيان ئايلىنىپ بۇيان ئايلىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئالدىغا كىلىپ قالدۇق، مىنىڭمۇ بۇرۇنلا بۇ يەرگە كىلىپ  كۆرۆپ باققۇم بار ئىدى . ئۇلارغا ئىچگە كىرىپ چىقايلى دىسەم ئۇنىماي قويدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا قەدەملەر بىلەن بۇ مەكتەپكە -شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتىغا نەزەر تاشلىدىم .ئويلىمىغان يەردىن بىر مەكتەپ دەرۋازسى ئالدىدىن بىر نەچچە قەدەم ماڭماي تۇرۇپلا بىر ئىش مىنىڭ دىققىتىمىنى تارتتى، ئالى دەرىجىلىك كىچىك بىر ماشىنا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ ئاستا توختىدى ، ماشىنىدىن ئىككى قىز تەستە چۈشۈپ يەردە ئالدى كەينىگە بىر نەچچە قەدەم دەلدەڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىزىدا تەستە توختاپ، ماشىنا ئىچىگە قاراپ قۇل پۇلاڭلاتتى ، ماشىىنا ئىچىدىنمۇ بىراۋ قۇلنى ماشىنا دېرىزىسىدىن چىقىرىپ قۇل پۇلاڭلاتتى  بىراق دەل شۇ چاغدا بايامدىن بىرى ئۆرە تۇرۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ماشىنىغا يېقىپ كىلىپ بۇيۇنداپ شوپورنى سۆيۆپ قۇيدى ، ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىسىغۇ مەيلىتى ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن شوپور ئاداش ماشنىدىن چۈشۈپ قىزنى قۇچاقلاپ ..........
  كۆزۆمگە ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم . يىراقتىن   قاراشقا بۇ شوپور يىگىتنىڭ خەنزۇ يىگىتى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى ،تىنىم بىرخىل شۈركىنىپ كەتتى !

دادامنىڭ نەسىھەتلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتىدىن جاراڭلاپ كەتتى !
  - قاچان  ،قانداق يەردە  بولمىسۇن ،ئۆزۆڭنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى ، مۇسۇلمان پۇشتى ئىلكەنلىكىڭنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت !
   گەرچە مەن ئامرىكىدا چوڭ بولغان ، بۇنداق مەنزىلەر دائىملىق كۆرۆنۈش بولوپ قالغان بولسىمۇ بىراق .......،بۇنداق چوڭ كوچىدا نۇمۇس قىلماي بۇنداق چىڭ......،ئۇنىڭ ئۈستىگە داداملارنىڭ دىيىشىچە خەنزۇلار مۇسۇلمان ئەمەسكەن ، ئۇلار بىلەن توي قىلىشقا بولمايدىكەن ، شۇنداق تۇرسا بۇ قانداق ئىش بۇلوپ كەتتى ، ئەجەبا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇلار مۇسۇلمان .......

ئالدىمدا خېلى بىريەرلەرگە كىتىپ بولغان ئىككەيلەن مىنىڭ ئىزىمدا تۇرغانلىقىمنى كۆرۆپ سەل ھەيران بولشتى ، ھەم كەينىدىكى مەنزىرىنى كۆرۆپ ھەممىنى چۈشەنگەن بولسا كىرەك  كۈلۈپ كىتىشتى ھەم مىنى " ئامرىكىدا مۇنداق مەنزىلەرنى كۆرۆپ قانمىدىڭمۇ " دەپ مەسخىرە قىلىشتى .
ئىچىم ئاچچىق بولوپ بۇرۇنلا ئۆيگە كىتىشىنى دەپ تۇرۋالدىم ،ئۇلارمۇ بايامقى گىپىدىن ئەمدىلىكتە ئازراق خىجىل بولدىمۇ قانداق  ماقۇل بولدى ، يەنە داۋاملىق يول مېڭىش خۇشياقمىدىمۇ ياكى بايامقىدەك مەنزىرىنى قايتا كۈرۈشنى خالىمىدىممۇ ئىشىقىلىپ شۇنچە يىقىن ئارلىق تۇرسمۇ تاكىسى تۇسۇپ تىزراق كىتىشنى دەپ تۇرۋالدى، ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قۇيغاندىن كىيىن قۇشۇلۇپ تاكىسى تۇسۇپ يىنىپ كەلدۇق .
      مۇمام مىنىڭ كەيپىىياتىمنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى بولغاي مەندىن نىمىش بولدى دەپ سورىدى ، مەن دەي دىسەم تېخى .دىمەي دىسەم تېخى ......ئاخىر گەپمۇ قىلماي ئۆيگە كرىپ بالدۇرلا يىتىۋالدىم ،شۇ كېچە مەن بەك بىئارام بولوپ كەتكەن ئىدىم،   

  ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دادامغا تېلفۇن قىلىپ كىتىدىغانلىقىمنىڭ غەلۋىسىنى قىىلىپ تۇرۋالدىم .دادام نىمىش بولغانلىقىنى سوراپ ھاردى ، مەن بارغاندا دەيمەن دەپ تۇرۋېلىپ ئاخىر ئۇنى ماقۇل كەلتۈردۈم ، مۇماملارمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە مىنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇشتى ، مەن خۇددى ئۈرۈمچىدە يەنە بىر مىنىۇت ئارتۇق تۇرسام ئەزرائىل كىلىپ قالدىغاندەك ئالدىراپ ئايروپىلانغا چىقتىم .

  كىيىن داداملاغا بۇ ئىشلارنى يۈزمۇ يۈز دىيىشتىن خىجىل بولوپ قالدىم ،دادام نىمىش بولغانلىقى سوراۋەرگەچكە ئامالىسىز  بىر پارچە خەت يىزىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم ،ئىنىقكى دادام بۇ ئىشلارنى كوچىلاپ سورىغانىلىقدىن خىجىل بولغان ئىدى، شۇڭا ماڭا بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇدۇل قارىمىدى.
    كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۆتمەكتە ئىدى ، مەنمۇ بۇ يەردىكى دوستلار بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم . بۇرۇنقىدەك تارتىنىپمۇ كەتمىدىم ، بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسىرى داداملار مىنى شىنجاڭغا ئەۋەتمىسەك بولمايدۇ دەپ تۇرۋالدى . سەۋەبى دادام بىلەن پاراڭلاشقاندا بەزى مۇرەككەپ بولغان ياكى ئاز ئىشلتىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى چۈشىنەلمەسلىكىم  بولدى . مەن ئۇنىمغانغا ئۇلار پەقەت قۇشۇلمىدى ،ئاخىر مىڭ دىگەنگە ئۇناشماي مىنى شىنجاڭغا ئەكىلىپ ئۇيغۇرچە تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇتتى .
      شىنجاڭدا ئۇقۇۋاتقان شۇ مەزگىللەر مەن ئۈچۈن كۈندە يىڭىلىق بولوپ تۇرىدىغان بولدى ، بىر كۈنلىرى بىزدە يۇق بىر بايراملار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كەتسەك ، مۇشۇنداق تەنتەنىلىك " دادامنىڭ دەپ بىرشىچەنۇرۇز بايرىمى تۈرك  مىللەتلىرىنىڭ  ئەڭ چوڭ بايرىمىكەن " دىگەن بايراملارغا ئۇنچە چوڭ ئېتىبار بىرىلمەيدىكەن ،ھەتتا بۇ كۈنى بىرەر كۈن دەم ئىلىش قىلىپ بايرام تەبرىكلەنمەيدىكەن ،بىر قانچە ئۇيغۇرچىدا ئىسمىنى ئاتاپ بىرەلمەيدىغان بايراملار بارا-بارا ئەۋج ئالغان بولوپ بۇلار ئۈچۈن نۇرۇغۇن كىشى پايپىتەك ئىكەن . بىرەر كۈن ئۆيگە كەچ قالسىڭز كوچىدا ئۇقۇغۇچى سۈپەت ياسانغان قىزلار  ئالدىڭىزنى تۇسۇيدىكەن ، گەرچە ئۇلار خەنزۇچە سۆزلەپ يۈرگىنى بىلەن تۇمۇرىدا ئاققىنى ساپ ئۇيغۇرنىڭ قىنى ئىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا باشتا مەن ئۇچراتقان ئىشلار ھىلىقى ئىككى بۇرادەر ئېيتقاندەك ئادەتتىكى ئىش بولوپ قالدى ، نەگە بارماڭ ، خەنزۇ يىگىتلەر ئۇيغۇر قىزلارنى قۇلتۇقلاپ مېڭىۋاتقان . لىكىن مەن ئەزەلدىن بىرەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بىرەر خەنزۇ قىزنى يىتىلەپ ماڭغىنىنى كۆرۆپ  باقمىدىم .مەنچە بۇ يەنە بىر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر يىگىتلەرنىڭ خەنزۇ قىزلار بىلەن ئالاقە قىلشىنى خالىمغانلىقى ئەمەس بەلكى دەل ئەكسچە ئىدى.
    سىنىپتىكى قىز-ئۇغۇللارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن مۇھەببەت كۇچىسغا ماڭغان بولوپ خۇددى جەڭگىۋارلىقىنى يۇقاتقان بىر توپ ئەسكەرلەر ئىدى، دادامنىڭ مىنى بۇيەرگە ئەكلىپ بەرگنىنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك ، ئۇلار ھەرگىز ساپ ئۇيغۇرچىدا پاراڭ قىلمايدىكەن ، سەل تەس سۆز ياكى باشقا ئىبارىلەر يۇلۇقۇپ قالسا خەنزۇچە دەپ كىتىدىكەن !؟؟!
     بۇ ئىشلار بارغانسىرى ئىدىيەمگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى ، ئاخىر بۇيىل يازدا دادامغا خەت يىزىپ مىنى خاڭجۇغا ئەكىتىشنى ياكى ئامرىكىغا قايتىپ كىتىشنى ئويلاپ خەت يازاي  تۇرسام دادام تېلفۇن قىلىپ ئامرىكغا قايتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى ، مەن خۇشاللقىمدا سەكرەپ كەتتىم، ھەم دادامغا "رەھمەت دادا " دىدىم .
  شۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىز جۇڭگۇدىن ئايرىلدۇق . ئايروپىلان بېيجىڭ ئاسمىنىدىن كۆتۆرلىۋاتقان ئاشۇ پەيتتە مەن شىنجاڭ تەرەپكە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم .
  دادام ماڭا ئېيتقان قەدىمدىن باشلاپ مەدەنىيەتلىك ياشاپ  . جاھانغا باتۇرلۇق ، ئەقىل جەھەتتىكى شەۋجىتى نامايان قىلغان بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان زىمىندىن  ئۆز رازىلىغىم بىلەن خۇشال ھالدا ئايرىلماقتىمەن ، ئەمما مەن يەنلا ئۇيغۇر ، بەلكىم مەن بۇنداق دىسەم مىنى نۇمۇسسزكەن دەپمۇ قالارسىز ، شۇنداق ، مەن نۇمۇسسىز ،شۇڭا شۇنداق ئوسال ئەھۋالدا تۇرساممۇ مەن ئۇيغۇر دەپ ياشاپ كەلدىم .

مانا بۇ مىنىڭ بىر چەتئەللىك دوستۇم بىلەن توردا قىلغان قىسقىغىنە سۆھبەت ، شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ، بىز ئەمدى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانمىدۇق ؟ بىزگە ئامال يۇقمىدۇ ؟ بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق غەپلەتتە ئۇخلاپ يۈرەرمىز ؟ قاچانغىچە باشقىلارغا ھەۋەستە  شۆلگەي ئېقىتىپ قاراپ ، ئۆزىمىز قەدەم سالماي ،ھەركەتلەنمەت يۈرەرمىز ؟ قاچانمۇ ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىنەرمىز ؟!

   دۇرۇس ، بىزدە مىللەت ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ كىچە -كۈندۈز ھارماي ئىزدىنۋاتقان ، مىللەت -ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ھەسسە قۇشۇپ قان تەر ئاققۇزىۋاتقانلار ھېلىھەم نۇرغۇن ، بىراق بۇ يىتەرلىكمۇ ؟ بىزقاچان ئۇلارغا ئەگىشىمىز ؟ بىز قاچان ئۇلارنىڭ قەدرىگە يىتىمىز ؟
  مەن  ئەڭ  ھۆرمەتلىگەن، قايىل بولغان   ناتىق گىتلىر ئەينى زاماندا  ئۆزمىللىتى ھالاكەتكە بىرىپ باشقىلاغا قۇل بولغاندا چىن يۈرۈگىدىن مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرشكە بەل باغلىغان ، " ماڭا پۈتكۈل مىللىتىم ئىچىدىن مىللتىم دەپ جان پىدا قىلايدىغان 5% پىرسەنت ئادەم بولسا كۇپايە "دىگەن !

مانا بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ھالى ئەينى زاماندىكى گىرمانىيەنىڭ يەرلىك پۇخرالىرىدىن كۆپ ياخشدەك قىلىپ تۇرسمۇ بىراق كالىنىڭ بېشغا كەلگەن  كۈن مۇزاينىڭ بىېشىدا ھەم بار دىگەندەك ، مۇشۇنداق تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتماي ھالقىلىق پەيتلەردە  باشقىلارغا بېقىنپلا ياشىساق ،مۇقەررەركى ئاز كۈنىدىن كيىن بىزنىڭ مۇقاملىرىمىزدىن باشلاپ تاكى ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەت تارىخقا ئايلانغاندا  قەدەر  بىرخىل ئىچكى ئازاپتا ئۆتىمز ! ئەمما ..........

قىنى مانا شۇنداق ئۇيلار كىملەرنىڭ كاللىسدا ئايان بۇلغان ؟ كىملەر يەنە نىمىلەرنى دىمەكچى ؟ كىملەر يەنە نىمىلەرنى قىلماقچى ؟ قاچان قىلىمىز ؟ قانداق قىلىمىز ؟

                         مەنبە :  ئۇيغۇر ھەققىدە ئويلىغانلىرىم !   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-1 15:21  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49735
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-11-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-28
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 19:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ھالدا يېزىپىسز، كېسەلنىڭمۇ قەيەردە ئىكەنلىكىگە دىئاگىنۇز قويغاندەك قىلىسىز. مۇنبەردىكىلەر چۇقۇم بۇنىڭ دۇرسىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.  تەپەككۇرىڭىزدىن سۆيۈندۈم ،قۇلىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن!

UID
50897
يازما
18
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-8
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 19:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،شۇنداق تەسىرلەندىم .توغرا.نىمە ئۈچۈن بىزدىكى مىللى روھ باغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؟يۇقىرىدا دىيىلگەندەك بىز ئويلىنىدىغان ئشلار بەك كۆپ.
چىرايلىق كىيىپ،قورسىقىمىزنى ئەستەلەپ،ئويناپ-كۈلۈپ يۇرسەكلا كۇپايىمۇ؟ھەجىبا تەرەققىياتقا بەك ئشتىك ماسلىشىپ،ھوزۇرلىنىشنى بىلىمىزھۇيۇ؟ئۈزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەستايىدىل ئويلانمايمىز،جەميىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابى تۆھپە قوشالمايمىز؟،ئەلۋەتتە،پۈتۇن ھوجۇدى بىلەن مىللەتنىڭ تەرەققىياتى،جەميەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئالىم ،تۆھپىكارلىرىمىز،ساخاۋەتچىللىرىمىز،باشلىقلىرىمىز كۆپ ،لىكىن بۇ يالغۇز ئۇلارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس،ھەربىر تومۇرىدا ئۇيغۇر قىنى ئېقىۋاتقانلارنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى.

UID
51650
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2012-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 20:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ  سەۋەبى ھەققىدە كۆپ تالاش تارتىشلار بولىۋاتىدۇ ،مېنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇردىغان قارىشىم ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ناچارلىغىدىن بولىۋاتىدۇ .ئويغۇر جەمىيىتىدىكى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر دە پەرزەنت ئۈچۈن چىقىرىدىغان ۋاقتى ھەر كۈنى بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ .ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەسۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى پەقەت پەرزەنتلىرنىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇش ۋە كېيىمىنى پۈتۈن قىلىپ بېىرش بىلەن تاماملىنىۋاتىدۇ .
ھەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلە باشلىقلىرنىڭ پەرزەنتىگە تەربىيە بەرگىدەك قايىل قىلارلىق ئىككى قوۋۇز گەپ كاللىسىدا يوق .
مەن بىر «قادىر كىتاپ»نى تونۇيمەن ،ئۇنىڭ دىيىشىچە« كالام دەپ كىتاپ سېتىۋالىدىغانلارنىڭ سانى ،بالام دەپ كىتاپ سېتىۋالىدىغانلار»دىن كۆپ ئارتۇقكەن .
ئەھۋال شۇنداق تۇرسا بىز نىمە بولماقچىتۇق .
مېنىڭچە پەرزەنتكە بېرىلىدىغان تەربىيە ئىككى نۇقتۇنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ بىر كاللىنى ،يەنە بىر قەلىپنى .بۇ ئىككى ئورۇنغا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ماسلاشقان بولۇشى كېرەك .شۇندىلا تەربىيەنىڭ ئۈنىمى بولىدۇ .قېرىدىشىمىز يوللىغان تېمىدىكى قىزغا ئاتا -ئانىسى كاللا تەربىيەسىنى ئىشلەپ ئالى مەكتەپكە ئەۋەتەلىگەن بىلەن ،قەلىپ تەربىيەسى  ئاجىز بولۇپ قالغاچقا «ئىشەكچىلەر  كوچىسىدىن »قايتۇرالمىدى .
قېرىنداشلىرىم :كاللا تەربىيەسى مەرىپەت بىلەن ،قەلىپ تەربىيەسى ئىتىقاد بىلەن روياپقا چىقىدۇ .پارتىيەمىزنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا «ئىككى قولدا  ھەر ؛ئىككىسىنى چىڭ تۇتۇڭ »

UID
49431
يازما
137
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-3
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 20:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى نەدە كۆرگەن بولغۇيتۇم ، پەقەت ئىسىمگە كەلمىدى . ئەمما بىر قېتىم ئوقۇپ بولغىنىم ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .  يۇقۇرقى تورداش دىگەندەك مۇشۇنداق ئىشلاردا ئائىلە تەربىيىسى بەك مۇھىم تۇرىدۇ . بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ دىنىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق -پەزىلەتلىرى بىلەن تەربىيلىسەك بۇنداق ئىشلار پەس كويغا چۈشىشى مۇمكىن .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-29 21:58):
ھە بۇرۇن ئەزا ئەمەس چاغدا ئەلكۈيىدە كۆرۈپتىكەنمەندە

باھا سۆز

جىن  بۇرۇن مۇ ئەلكۇيىدە ئۇقۇلغان ،مۇنازىرەخانلار تەرپىدىن تۇقۇلما دېگەن خۇلا  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 21:44:54
salam234  بۇرۇن ئەلكۈيىدە كۆرگەن، باشتا بىر قىتىم يوللانغان تېمىغۇ دەيمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 21:03:10

UID
49431
يازما
137
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-3
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 20:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى نەدە كۆرگەن بولغۇيتۇم ، پەقەت ئىسىمگە كەلمىدى . ئەمما بىر قېتىم ئوقۇپ بولغىنىم ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .  يۇقۇرقى تورداش دىگەندەك مۇشۇنداق ئىشلاردا ئائىلە تەربىيىسى بەك مۇھىم تۇرىدۇ . بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ دىنىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق -پەزىلەتلىرى بىلەن تەربىيلىسەك بۇنداق ئىشلار پەس كويغا چۈشىشى مۇمكىن .

UID
11177
يازما
182
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1712
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 21:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
haktar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 20:13
بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ  سەۋەبى ھەققىدە كۆپ تالاش تارتىشل ...

دانا پىكىر ،ئەگەشتىم ، ھەقىقەتەن ھازىر كۆپ ساندىكى ئاتا ئانىلار  پەرزەنت تەربىيلىگەندە ئائىلە تەربىيسىگە ئەھمىيەت بەرمەي مەكتەپكىلا ئىتتىرىپ قويىدۇ، پەرزەنتلىرىمىز  ياخشى ئۈگىنىپ يامان يولغا ماڭمىسىلا كۇپايىمۇ؟  ئەمما پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  ئۆزىنىڭ كىملىكى ،كىمنىڭ يولىدا مىڭىشى كىرەكلىكى قاتارلىق نۇرغۇن مەسلىلەرنى مەكتەپ تەربىيسى بىلەن يىتىلدۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ ، بۇ يەنىلا ئاتا -ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسلىدۇر.

UID
19565
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-20
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 21:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خەنزۇ ئوغوللىرىنى قولتۇقلاپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئەركىكى، شۇ قىزنىڭ ئالدىغا بىرىپ دادىللىق بىلەن توسوش كىرەك، قارىشىلىق بىلدۈرسە ئاتا- ئانىسىنىڭكىگە بىرىپ، قىزىنى خوتون قىلىۋىتىش كىرەك.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-29 21:51):
بولمىسا بۇ ئىشلار تۈزەلمەيدۇ.

UID
44542
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
109
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-2
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 22:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ................  ھەسرىتىم ئىچىمگە پاتماي  بوغۇزۇم قاتتىق بوپ قالدى . مەن اللا خالىسا چوقۇم ھەقىقى مۇسۇلمان يىگىتكە ياتلىق بولىمەن ،بولمىسا مۇشۇنداق ئۆتىمەن ، چۈنكى قان ساپ بولمىسا ، ساپلىقتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس .

UID
9935
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1680
تىزىملاتقان
2011-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-11
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 23:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diyarem55 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 20:44
بۇ يازمىنى نەدە كۆرگەن بولغۇيتۇم ، پەقەت ئىسىمگە كەلمى ...

مەنمۇ بۇرۇن كۆرگەن تېمىكەن.

باھا سۆز

akramjanwali  ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،بالا تەربىيلەشتە ئائىلە تەربىيىسى مۇھىم!  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 09:08:05
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش