كەلمىسىكەن دەپ كۈتتۈم
كەلسەڭ ئازابىم سەن بىلەن بىرگە كېلىدۇ، دەيمەن .
كەلسەڭ غەملىرىم سەن بىلەن بىرگە كېلىدۇ، دەيمەن . شۇڭا سېنى كەلمىسىكەن دەپ كۈتتۈم .
بەرمەي ئېلىشلىرىڭغا پەرۋا قىلمايسەن ،ئۇ دەرت يۈرىكىمنى يارا قىلغىنىنى سەن ھەم بىلمەيسەن .
سەن كەتكەن ئاشۇ كۈن قاراڭغۇ ئىدى . قاراڭغۇلۇق كۆز يېشىمنى ساڭا يوشۇرۇپ بەردى .قاراڭغۇلۇق ئازابىمنى ئۆز تونىغا ئورىۋالغان ئىدى .
خوش دېدۇق .مەن يۈگۈردۈم ،ئارقىمغا قارىسام بولمايتتى . خوش دېيىشنىڭ ئازابىنى سەن بىلمەيسەن . سېنىڭ مەندىنمۇ بۇرۇن قايرىلىپ كېتىشىڭنى يۈرۈكۈم كۆتۈرەلىسۇنمۇ جېنىم؟ سېنىڭ پەرۋاسىز كېتىپ قېلىشڭغا يۈرىكىم چىدىسۇنمۇ جېنىم؟
سەن كەتكەن يولنىڭ قارشى يۆلىنىشىدە مەنمۇ تەلۋىلەرچە ئارقىمغىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان ئىدىم . شۇنداق ئارقامغا قارىسام مەن مەن بولماي قالاتتىم . شۇڭا كېتىۋەردىم ،خۇددى سېنىڭدەكلا .مەن شۇنچە مېڭىپ سېنىڭ كۈزۈڭ كۆرمەيدىغان جايغا كېتەلمىگەندەك،سەنمۇ شۇنچە مېڭىپ مېنىڭ يۈرۈكۈم كۆرمەيدىغان يەرگە كېتەلمىدىڭ . سېنى ھېلىقى جايدا قايتا ئۇچراتسامكەن دەيتتىم ،ھېلىقى گۈزەل ئەسلىمىمۇ يوق ،مانا سەنسىز ئازاپتىن باشقا ھېچنىمە يوق بوشلۇقتا .ئۇ يەرگە بەلكى ئەمدى قەدەم باسماسمەن ،ئۇ يەرگە بەلكى ئەمدى كۆز يېشى تۆكمەسمەن ،ئەمما ئىشەنگىن ھامان بىر كۈنى ئۇ بوشلۇقتا ئوغلۇم ۋە مېنىڭ ھىدىمنى سەلكىنلەردىن سۈرۈشتە قىلىپ سەن پەيدا بولىسەن ،ئەپسۇس ئۇ ۋاقىتتا مەن يوق، ئۈچىنجى يېرىم شارغا كەتكەن بولىمەن ...
2012-يىلى11-ئاي 15-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-24 10:16