يېڭى يىلدىن باشلاپ تۆمۈر يول مەجبۇرىي سۇغۇرتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كىيىن پويىز بېلىتى باھاسى تۆۋەنلەيدۇ

يېڭى يىلدىن باشلاپ تۆمۈر يول مەجبۇرىي سۇغۇرتا بېكار قىلىنىدۇ
ئەلكۈيى تورى كۆنەك 22-كۈنى خەۋىرى: يۈرگۈزىلىۋاتقىلى 61 يىل بولغان ‹‹تۆمۈر يول يولۇچىلار تاسادىبىي يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى›› كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ، بۇ بارلىق پويىزدا ئولتۇرغۇچى يولۇچىلارنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ %2 بولۇپ كەلگەن ‹‹شەخىسلەر تاسادىبىي يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش سۇغۇرتىسى››نىڭ بۇنىڭدىن كىيىن مەجبۇرىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆپ قىسىم يولۇچىلار ئۆزى سېتىۋالغان پويىز بېلىتىنىڭ ئىچىدە ‹‹يولۇچىلار تاسادىبىي يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى››نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ سۇغۇرتا ‹‹7.23 پويىز ۋەقەسى›› يۈز بەرگەندىن كىيىن پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ ھىچقايسىسى ئاڭلاپ باقمىغان ، ئەمما يۈرگۈزىلىۋاتقىلى 61 يىلدىن ئاشقان ‹‹تۆمۈر يول يولۇچىلار تاسادىبىي يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى›› ئاشكارىلاندى ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ‹‹يولۇچىلارغا ئادەلەتسىزلىك قىلىش›› ، يولۇچىلارنىڭ بىلىش ھوقوقى شۇنداقلا تاللاش ھوقوقىغا ئېغىر دەخلى قىلغانلىق دەپ ئەيىپلىنىپلا قالماستىن باشقا قانۇن نىزاملار بىلەن ئۆز-ئارا زىددىيەت شەكىللەندى ، بۇ تۈرلۈك ھەق يېغىۋىلىش نۇرغۇنلىغان جەمىئەت ئەھلىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 11-ئايدا ، جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تورى گوۋۇيۈەننىڭ 628 نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ ، كىلەر يېڭى يىلدىن باشلاپ ‹‹تۆمۈر يول يولۇچىلار تاسادىبىي يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامنامىسى››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
مەجبۇرىي سۇغۇرتا بېلەت باھاسىنىڭ %2 نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، ئۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن بېلەت باھاسىمۇ بىردەك تۆۋەنلەيدىكەن. بەلكىم كىشلەرنىڭ كاللىسىغا ناۋادا بۇ مەجبۇرىي سۇغۇرتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ئۆزى خالاپ سۇغۇرتا سېتىۋالغۇسى بولسا قانداق قىلىش كېرەك دەپ سوئال كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، نۆۋەتتە بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئۇقتۇرۇش چىقمىغان بولۇپ تۆمۈر يول ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە يېڭى پىلان ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ خەلق ئاممىسنىڭ سۇغۇرتا سېتىۋىلىشىغا يېڭىچە چارە قوللىنىدىكەن ، ئەمما يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان سۇغۇرتىنىڭ ئەسلىدىكى بېلەت باھاسىنىڭ %2 بولۇش باھاسىدىن يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن ، يولۇچىلار يەنە باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تاسادىبىي يارىىلىنىش سۇغۇرتىلىرىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە بۇندىن كىيىن بېلەت باھاسىغا 0.5 دىگەندەك پارچە سانلار كۆپىيىشى مۇمكىن بولۇپ ، ئىلگىرى يولۇچىلار بېلەت قايتۇرغاندا %5 ھەق تۇتۇلۇپ قىلىناتتى ، يېڭى تۈزۈمدىمۇ %5 تۇتۇلۇپ قىلىنىدۇ ، ئەمما 5 مونى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ، 2.5مودىن تۆۋەن ھەقنى يوق قىلىۋىتىدىغان ، 2.5مودىن يۇقىرىلىرىنى 5 مو قىلىپ ھىسابلاش يولغا قويۇلىدىكەن.