تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 9545|ئىنكاس: 17

قىيامەتنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46473
يازما
35
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2015-1-12
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
78329- نومۇرلۇق سۇئال
مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.
قىيامەتنىڭ بەلگىسى ۋە ئالامەتلىرى بولسا قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ،ئۇلار چوڭ ۋە كىچىك ئالامەتلەر دەپ بۆلۈنىدۇ.كىچىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قىيامەت يېقىنلاپ كېلىشتىن خېلى بۇرۇن يۈز بېرىشى مۇمكىن،بەزىلىرى ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى،بەزىلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ—تەكرارلىنىشىمۇ مۇمكىن.بەزىلىرى تېخى يۈز بەرمىدى.لېكىن بىز راستچىل پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسەن بۇلارنى يۈز بېرىدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
چوڭ ئالامەتلەر بولسا ناھايىتى روشەن ئالامەتلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ يۈز بېرىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلا ۋاقىتىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەردە كۆرسىتىپ بېرىلگەن.تۆۋەندە ھەدىسلەرنى مىسال قىلماي ئالامەتلەرنىلا كەلتۈرىمىز.بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارغا ئىشەنچلىك كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇ كىتابلاردىن ئەل-قىيامە ئەل-سۇغرا –كىچىك قىيامەت،ئاپتورى شەيخ ئۆمەر سۇلايمان ئەل-ئەسقەر، ئەشرات ئەل-سائەھ،ئاپتورى يۇسۇف ئەل ۋابىل قاتارلىقلار بار.
قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1- پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئەۋەتىلىشى.
2 – رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ئۆلۈمى.
3 – بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى.
4 – پەلەستىندە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى.
5 – بايلىقنىڭ كەڭ تارقىلىشى،سەدىقىگە ئېھتىياج قالماسلىقى.
6 – فىتنىنىڭ تارقىلىشى.ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى فىتنىلەر ھەم بۇنىڭ مىسالىدىندۇر، مەسىلەن : ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،تۆگە ئۇرۇشى ۋە سەففەين جېڭى،خاۋارىجلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى،ئەل-ھۇررەھ ئۇرۇشى، قۇرئان مەخلۇق دېگەن قاراشنىڭ تارقىلىشى قاتارلىقلار.
7 – پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى.كەززاپ مۇسەيلىمە ۋە ئەسۋەد ئەنەسىگە ئوخشاش.
8 – ھىجرىيەنىڭ 7-ئەسىرىدە(ھىجرەتنىڭ 654-يىلى) ھىزاجدا كۆرۈلگەن چوڭ ئوت.ئۇ ناھايىتىمۇ چوڭ ئوت ئاپىتى بولغان ئىدى.ئالىملاردىن شۇ دەۋردە ياشىغانلار بۇ ئوتنى ئۆز كىتابلىرىدا تەپسىلى تەسۋىرلىگەن. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ:بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا مەدىنىدە زور ئوت ئاپىتى كۆرۈلدى،بۇ مەدىنىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە يۈز بەرگەن ئىش ئىدى،بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر ھەتتا سۈرىيە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغىچە تارقاپ كەتتى،نەق مەيداندا كۆرگەن كىشىلەر ماڭا بۇ ئوت توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
9 – ئىشەنچنىڭ كۆتۈرۈلۈشى.كىشىلەر ئارا ئىشەنچنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە ئىشنىڭ ئۆز ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇلۇشى.
10 – بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى.بىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئالىملارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن بولىدۇ.
11 – زىناخۇرلۇقنىڭ ئەۋىجگە چېقىشى.
12 – جازانىنىڭ ئومۇملىشى.
13 – مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى.
14 – ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى.
15 – پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا بەسلىشىشى.
16 – قۇل ئايالنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغىشى.بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەرخىل.ئىبنى ھەجەرنىڭ قارىشىچە،بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى،ئۇلارغا قۇلدەك مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
17 – قاتىللىقنىڭ كۆپىيىشى.
18 – يەرنىڭ كۆپ تەۋرىشى.
19 – زىمىننىڭ يېرىلىشى، ئىنسانلاردا قورقۇنۇچلۇق شەكىل بىلەن يارىتىلغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى. تۆھمەتخورلۇقنىڭ بارلىققا كىلىشى.
20 – ئاياللار دىن يىرىم يالىڭاچ يۇرىيدىغانلارنىڭ بارلىققا كىلىشى.
21 – مۇئمىننىڭ چۈشىنىڭ راس بولۇشى.
22 – يالغان گۇۋاھلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى،راست گۇۋاھلىقنىڭ يوشۇرۇلۇشى.
23 – ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى.
24 – ئەرەب زېمىنىنىڭ قايتىدىن باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلىنىشى.
25 – فۇرات دەرياسىدىكى بىر ئالتۇن تاغنىڭ تېپىلىشى.
26 – ياۋايى ھايۋانلار ۋە جانسىز مەخلۇقلارنىڭ گەپ قىلىشى.
27 – رۇملۇقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىشى.
28 – كونىستانتىنوپولنىڭ ( قۇستانتىنىيە) پەتھى قىلىنىشى.
قىيامەت توغرىسىدىكى چوڭ خەۋەرلەر بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزەيفە ئىبنى ئۇسەيدنىڭ ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان 10 ئىشتۇر:دەججال.ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ چۈشىشى، يەئجۈج-مەئجۈج، ئۈچ قېتىملىق زىمىننىڭ يېرىلىشى: –بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە، يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا، تۈتۈن، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى، غەلىتە مەخلۇق، ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۇرۇپ بارىدىغان كۈچلۈك ئوت قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلىشى، بۇ ئالامەتلەردىن بىرى كۆرۈلسە يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كېلىدۇ.
مۇسلىم ھۇزەيفە ئەل غەفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمىزغا كەلدى، ئاندىن بىزدىن سورىدى:“نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر؟“بىز :“قىيامەت توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىمىز“دەپ جاۋاب بەردۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:“ئون ئىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ قىيامەت كۆرۈلمەيدۇ“دېدى، ئاندىن، تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ كۈن پىتىش تەرەپتىن چىقىشى ،ئىيسا ئىبنى مەريەم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ چۈشىشى ، يەئجۈج-مەئجۈج ،بىرى شەرقتە،بىرى غەربتە ۋە يەنە بىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىداكۆرۈلىدىغان ئۈچ قېتىملىق يەر يېمىرىلىش ئاپىتى، ھەمدە ئاخىرقىسى يەمەندىن باشلىنىپ كىشىلەرنى مەھشەرگە سۇرىدىغان چوڭ ئوت » قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.
بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا بىرەرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق،بەلكى بەزى تەرتىپلەرنى يۇقىرىقى ھەدىستىن چۈشىنىش مۇمكىن.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)باشقىلار قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىپى توغرىسىدا سورىغاندا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
بەزى ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپى روشەن.لېكىن بەزىلىرىنىڭ تەرتىپىنى بىلمەيمىز.تەرتىپىنى بىلگەنلىرىمىز بولسا دەججال،ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئجۈج-مەئجۈج توغرىسىدىكى بايانلاردۇر،يەنى دەججال ئەۋەتىلىدۇ،ئاندىن ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن يەئجۈج-مەئجۈجلەر چىقىدۇ.
ئەل سەفرانى ئۆزىنىڭ ئەقىدە كىتابىدا بۇ ئالامەتلەرنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، لېكىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەلىلگە ئۇيغۇن بەزىلىرى ئۇيغۇن ئەمەس. بىز ئۈچۈن بۇ يەردە رەت تەرتىبى مۇھىم ئەمەس، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ قايسىبىرى كۆرۈلىدىكەن، قىيامەت يېقىنلا يەردىدۇر.ئاللاھنىڭ بىزگە بۇ ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىشى قىيامەتنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدا خەۋەرلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر.

مەجمۇئەل-فەتىۋا 2-توم،سوئال نومۇرى 137

http://www.islamhouse.com/p/117435

UID
49812
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-11-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 13:52:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!

UID
24845
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-10
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 14:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ھەممىگە قادىردۇر.ىۇدا بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!

UID
51311
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-3
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 15:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامان ئاخىرنىڭ قاچان بولىدىغىنىنى بىر ئاللادىن ئۆزگە ھىچكىم بىلمەس

UID
51346
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-15
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 16:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!!! بىزگە شۇنچە ئېنىق بەلگىلەر بېرىلسىمۇ يەنە ئەشۇ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتتۇق،ياراتقان ئىگەم گۇناھكار بەندىلىرىڭنى كەچۈرگىن!!!!!!1

UID
44322
يازما
186
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-11
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 16:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيامەت دىگەن بۇ سۆز ھازىر پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنى تەشۋىشكە سىلىپ قويدى ،گەرچە بۇگۈن يەنى12-ئاينىڭ  21 -كۈنى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق بۇ ھامىنى بىركۈنى بىزنىڭ ياكى بولمىسا بىزنىڭ ئاۋلادلىرىمىزنىڭ بىشىدا بار كۈن . قىيامەتنىڭ قاچان قانداق ۋاقىتتا بولىشىنى بىر ئۇلۇغ ئاللا بىلىدۇ ،  ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى دەججالدىن   ساقلىغاي .   

UID
47463
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىمغا ئامانەت!

UID
47463
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىمغا ئامانەت!

UID
50507
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-12-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-24
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئھ ئاللاھ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاىتىنى ئوزۇڭ بىلگۇچى

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
494
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15080
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 20:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھامان بېشىمىزدا بار ئىش،شۇڭا اللە بۇيرىغاننى ياخشى ئورۇندايلى،«يۈزىمىز يورۇق بولسۇن.»

باھا سۆز

2605741636  خۇدايىم ئۈز پاناھىدا ساقلىسۇن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 00:19:03
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش