تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 7686|ئىنكاس: 39

نېمە ئۈچۈن قىيامەت ھەققىدە پىتنە تارقىلىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15736
يازما
10
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 17:52:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيانىڭ قايسىلا جايىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر مەيلى قايسىلا دىنغا ئىتقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان بىر كۈنى يەرشارىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، يەنى قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قىيامەت ھەققىدە ئىنسانلار تارىخىدا ساناقسىز رىۋايەت ۋە بىشارەتلەر ساقلانغان. ھازىرقى دەۋردىكى يەرشارىنىڭ ئومۇمىي ھالىتى كىشىلەرنى ھالىدىن كەتكۈزۈپ، قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكتە. بىراق بۇ بىشارەتلەر ئىچىدە ئىلمىي ئاساسى بولمىغان مايا رىۋايىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى بىر قانچە كۈندىن كېيىن  كېلىدىغان بۇ كۈننى «قىيامەتكەن» دېگەن نوقتىنەزەردە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى دەككە-دۈككىگە سالماقتا.

ئىتىقادى يوق ئادەملەرغۇ بۇ كۈنگە ئىشەنسۇن،ئارىمىزدا ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنە ئالتاي، ئاقسۇ تەرەپلەردىكى كاللىسى ئىنتايىن ئاجىز،تەپەككۇر ئىقتىدارى يوق بىر قىسىم كىشىلەر 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىيامەت بولىدىكەن،پۈتۈن ئىنسانىيەت قاراڭغۇلۇققا چۆكىدىكەن دېيىشپ قاتتىق ئالدىراشچىلىقتا دۇكانلاردىن بەس-بەستە شام سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ھەتتا بىر قىسىم جايلاردا بۇلتۇر ياپونىيەدە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلىتىمىزدە تۇز قەھەتچىلىكى بولغانغا ئوخشاش شام قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەن.دۆلىتىمىزدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى كىشىلەرنى ئۆسەك سۆزلەر بىلەن قورقۇتقان،دەككە دۈككىگە سالغان بىر قىسىم تورداشلارنى قولغا ئالغانلىقىنى ھەم خەۋەردار بولدۇق. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئاددىي ئىدىيەلىك،ئەخمەق كىشىلەرنى بىر قىسىم تاراتقۇلار كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر ۋە ئۈندىدار سۆزلىشىش دىتالى قاتارلىق ئەخمىقانىلەرچە تارقىتىلغان ئۆسەك سۆزلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇشۇنداق ئۆسەك سۆزگە ئىشىنىپ كەتكەن.ئۇيغۇر تور بەت – مۇنبەرلىرى ئابونتلارغا بۇ ھەقتە قانچىلىك چۈشەنچە بېرەلىدى؟ ئەجەبا، 2012- يىلى راستىنلا قىيامەت قايىم بولامدۇ؟....

بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بېرىدىغان دۇنيا ئاخىرەت كۈنى ئالدىن بىشارىتى بولسا مايالىقلار كالىندارىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، ئۇنىڭدا بىر پىلانىتلار ئارا ھەرىكەتلىنىدىغان سەييارىنىڭ يەرشارىغا قاراپ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا 2012-يىلى 21-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسى بولغان يەرشارىغا سوقۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاستورونوملار ۋە پىلانىتلار تەتقىقاتچىلىرى مايا كالىندارىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاتالمىش "سىرلار"غا ئىپادە بىلدۈردى شۇنداقلا قۇياشنىڭ ئاتموسفىرا قەۋىتىگە نۇر چۈشۈرىشى ، ياكى ناتونۇش پىلانىتلارنىڭ يەرشارىغا سوقۇلۇپ يەرشارى ئاخىرەتلىكىنىڭ كىلىپ چىقىشى قاتارلىق بىرقىسىم سۆزلەرگە رەددىيە بىلدۈردى. گەرچە ھىچقانداق كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى شىركىتىنى خاتالاشتى دەپ ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىدارىدىكى ئالىملار يەرشارىدىكى ھاياتلىقنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىغا بولغان قاراشلىرىغا گۇمان قىلماي تۇرالمىدى ، تۆۋەندىكى ئەسلىدە 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىش پىلانلانغان فىلىم بۇ ئاينىڭ 12-كۈنىلا كىشلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. "ئەگەر سىز بۇ فىلىمنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز ، بۇ شۇنى بىلدۈرىدىكى ، يەنى تۈنۈگۈن دۇنيا ئاخىرەتلىكى يۈز بەرمىدى"، بۇ ئالدىن ئېلان قىلىنغان بۇ فىلىمنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى سۆز.

ئاخىرەت كۈنىدىن ئالدىن بىشارەت بولسا مايالىقلار كالىندارىدىن كىلىپ چىققان ، ئۇ دۇنيانى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاياغلىشىدۇ دەپ قارىغان. كالىنداردىكى "ھەل قىلغۇچ كۈن"نىڭ يېتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ ، ئوخشىمىغان نەزەرىيەدىكى دۇنيانىڭ ئاخىرەتلىكى ھەققىدىكى ھەرخىل قىياسلار مەيدانغا كەلدى ، ئەمما ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى شىركىتىنىڭ بۇ قىسقا فىلىمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق نەزەرىيەلەرگە رەددىيە بەرگەن. بىر نەزەرىيىدە دىيىلىشىچە ، قەدىمىي سېمىت ئادەملىرى بىر نىبىرۇ (Nibiru) ناملىق لۈكچەك پىلانىتىنى بايقىغان بولۇپ 21-ئاينىڭ 21-كۈنى يەرشارىغا سوقۇلۇپ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، دىيىلگەن. ئەمما ئالىملارنىڭ بىلدۈرىشىچە ، رىئاللىقتا بۇنداق پىلانىت مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ قىسقا فىلىمىدا دىيىلىشىچە ، بارلىق دۇنيا ئاخىرەتلىكى نەزەرىيىلىرى ئۇقۇشماسلىقلار تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان.

ئاستورونوم ئارخىلوگ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جون كارىلسون(John Carlsson)نىڭ دىيىشىچە ، ئەمەلىيەتتە مايالىقلار كالىندارى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلاشمايدۇ. ئۇ 35 يىللار ئىلگىرىلا 2012 ئاخىرەتلىكىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ ، ئۇ : "مايالىقلارنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىكى ئالدىن بىشارىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئاستىرىنومىيە ئىلمىنى سىلىشتۇرغاندا ، مايالىقلار قوللانغان ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىنىقلا بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىلىم پەن ئارقىلىق ھىسابلاب چىققان قىياسىمىزچە ، ئالەمنىڭ پارتىلىشى 13مىليارد 700مىلىيون يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ، ئەمما مايا خارابىلىرىدىن بۇ ئالەم ھادىسىسىنىڭ ۋاقتى بايقالغان ، بىزنىڭ پەرەز قىلغان ۋاقتىمىزدىن قانچە ھەسسە يېراقلىقىنى پەرەز قىلماق قىيىن. مايالىقلارنىڭ ئۇزۇن ساناق كالىندارى (Mayan Long count calender)نىڭ لايىھەنىشىنىڭ مەقسىدى مۇشۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋاقىت ئارىلىقىنى چۈشۈنۈش ، ئۇ بۈگۈنگە قەدەر شەكىللەنگەن ئەڭ مۇرەككەپ كالىندار سىستىمىسى ھىسابلىنىدۇ" ، دېىدى.

مايا كالىندارى خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ مۇساپە سائىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ، كارىلسون فىلىمدە چۈشەندۈرۈپ ، كالىندار كۆرسىتىلگەن ۋاقىت چېكىگە يىتىپ بارغاندا ، ئۇ پەقەت ئاددىي "دومىلىغۇچ"قا ئوخشايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختىماي تەكرارلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇنداق تەكرارلىنىش 2012-يىلى ھادىسىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. مايالىقلارنىڭ ئىلاھىيەت ئىلمىدا ، دۇنيا 5125 يىل ئىلگىرى بەرپا بولۇنغان ، بىر كۈن ئىلگىرى ئۇ بىزنىڭ ئاتالمىش مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3114-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى. مايا كالىندارىنىڭ 13 باكتۇن دەۋرىيلىكى(Baktuns) ئاشۇ كۈندە يوقۇلىدۇ ، چۈنكى ئۇ كۈنگە كەلگەندە ، ھازىر نۆلگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ ، ئەمما بۇ ۋاقىت بىلەن ماس كىلىدىغان ھىچقانداق ئاپەتسىمان ئالدىن بىشارەتنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. "

يەنە بىر نەزەرىيە بولسا ، يەرشارىنىڭ ماگىنىت مەيدانىدا تەتۈر ئايلىنىش يۈز بېرىپ ، دەھشەتلىك قارا بوران كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بارلىق ئىلىكترونلۇق ئالاقە سىستىمىسى كۈچىنى يوقۇتۇشتەك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشى. بىرقىسىم كىشلەرنىڭ قارىشىچە ، يەرشارى تۇيۇقسىز شىددەتلىك سۈرئەتتە سامان يولى مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دون يومونىس(Don Yeomans) دوكتور كارىلسوننىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغان بولۇپ ، ئۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يەرشارىغا يېقىن ئاسمان جىسىملىرى پىلانىنىڭ مەسئۇلى ، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، ھىچقانداق كىچىك پىلانىتىلار ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار يەرشارىغا سوقۇلىدىغان لىنىيەدە ئەمەس.ھىچقانداق نامەلۇم لۈكچەك پىلانىتىلارمۇ بىزنى ۋەيران قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئەگەر ھەرقانداق پىلانىتا ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار كىلەر ھەپتىدە بىزنى ۋەيران قىلىدىغان بولسا ، كىشلەر ئۆز كۆزى بىلەن كېچە ئاسمىنىدا شۇ جىسىملارنىڭ شەكىللەنگەن ئىپادىلىرىنى كۆرەلىگەن بولاتتى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر مۇتەخەسسىس ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ "پىلانىتلار ئورتاق تۇرۇش" پىلانىنىڭ مەسئۇلى لىخا گۇھاكاتۇركا(Lika Guhathakurta)مۇ قۇياشنىڭ چوڭ تەھدىتى توغرىسىدىكى قاراشلارغا ئىنكار بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە : "نۆۋەتتە قۇياش 11 يىللىق مۇددەتتىكى ئاكتىپ دەۋرىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتىدە تۇرماقتا ، ئەمما بۇ ئۆتكەن 150 يىلدىكى قۇياش ئاكتىپلىقىنىڭ ئەڭ ئاجىز بولۇشى ھىسابلىنىدۇ. " گەرچە مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ قىسقا فىلىمى بولسىمۇ ، ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن بىرقىسىم تەبئىي ئاپەتلەر ، مەسلەن ياپۇنىيەدىكى چوڭ يەر تەۋرەش ، شۇنداقلا كىشلەرنىڭ پۈتۈن دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئىقتىسادىي ئەندىشىلىرى پۈتۈن دۇنياغا قورقۇنچ ئىلىپ كەلدى ، بىرقىسىم كىشلەر شۇ سەۋەبتىن دۇنيا ئاخىرەتلىكىنىڭ يېتىپ كىلىشىنى قىياس قىلدى.
ئەمدى ئۆزىڭىزدىن بۇ ھەقتە قانداق چۈشەنچە ھاسىل بولغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ!

ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىيامەتنىڭ شەكسىز ۋە بەرھەقلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىكىتىدىغىنى ۋەھىمە، قىزىقىش تۈرىتكىسىدە زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بىشارەتلەر ئەمەس، بەلكى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يىگانە ئاللادۇر!

مېنىڭ بۇ يەردە تەۋىسىيە قىلىدىغىنىم، قىيامەت يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بەندىچىلىكتىن ئىبارەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 23:00  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46473
يازما
22
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-21
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 19:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بۇ سەپسەتە توغرىسىدا گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ قالغىلى تۇردى ، ئالدىنقى ھەپتە شاڭخەيدىكى خەنزۇ تونۇشۇمنىڭ يېنىغا ئازراق ئىشلار بىلەن بارغانىدىم ئۇنىڭ ئوغلى دادىسىغا ‹دادا ، 20-چىسلا كەچتە مەكتەپتىن 末日晚会 (ئاخىرەت كۈنى كېچىلىكى) ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن› دەيدۇ ، ئۇ تونۇشۇمنىڭ بالىسى ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىغا چىققان كىچىك بالا... ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى بۇ ئېتىقادسىز ، ئىمانسىز كىشلەر ئارىسىدا بۇ توغرىسىدا گەپ سۆز ناھايىتى كۆپ ، بۇلارنىڭ بۇ «كۈن»گە قارىتا قىلىۋاتقان تەييارلىقلىرىنى كۆرگىنىمدە يا كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەيلا قالىمەن . ئەمما دىيارىمىز شىىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇنداق خاتا «تەييارلىق»لارنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى بۇ تېمىدىن بىلىپتىمەن ،،،، خەۋەرلەردىن كۆرسەم چەتئەللەردىمۇ بۇ توغرىدا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما تېمىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەرنى نەقىل قىلىپ ئىنكاسىمنى ئاخىرلاشتۇراي:
  1. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىيامەتنىڭ شەكسىز ۋە بەرھەقلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىكىتىدىغىنى ۋەھىمە، قىزىقىش تۈرىتكىسىدە زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بىشارەتلەر ئەمەس، بەلكى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يىگانە ئاللادۇر!
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
تەييارلىقنى ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ، پەرىزلىرىنى ئورۇنداشتىن ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئورۇنداشتىن باشلايلى!!

مايالار كالىندارى ۋە ئۇشبۇ كالىندارنىڭ قانداق تېپىلىپ قانداق بولۇپ بۇ يالغان ‹‹قىيامەت كۈنى›› سەپسەتىسىنىڭ كىلىپ چىققانلىقى توغرىدىسىدا ئالدىنقى كۈنى دۇنيا ھەپتىلىكى پروگراممىسى مەخسۇس فىلىمىنى كۆرۈپ بېقىڭلار:


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   news تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 09:06  


UID
20333
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-23
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 20:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيامەتنىڭ  قاچان بۇلۇدىغانلىقىنى بىر يىگانە ئاللاھ بىلىدۇ.ئىنسانلار بۇنىڭغا قادىر ئەمەس .ئاللاھ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلغاي ئامىن.

UID
6643
يازما
80
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1671
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 21:10:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان بىقىش ئۈچۈن.قۇشقاچنى قار ياققاندا تۇت دېگەن گەپ با ئەمەسما .

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
350
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10123
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-18
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 21:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى ھازىر تېلىۋۇزۇردا «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگىراممىسىدا قىيامەت توغرۇلۇق زىيارەتنى كۆرگەنتىم .نىمانچە غۇلغۇلا بوپ كەتتى ھەي ،بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق بىرسى قىيامەتنىڭ قاچان بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ بۇ مايالىق بىر نېمىلەر ئاغىزىغا كەلگەننى جۆيلەۋېردىغان بىر ئۇچۇم ساراڭلار ئوخشايدۇ .ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلايدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان قەتئى ئىشەنمەسلىك كېرەك بۇنداق پىتنە پاساتلارغا ،توۋا قىلدىم تېخى شام قەھەتچىلىكى بوپ كېتىپتۇ دەڭ قىپقىزىل ساراڭلىقدە دە ،تازا بېيىپتۇ شام ساتىدىغان دۇكاندارلار .ئۇنداق بولسا بۇ پىتنىنىڭ پايدىسى شۇ دۇكان خوجايىنلىرغا بولغان ئوخشايدۇ .

مېنىڭمۇ بىر مىسال سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى بۇ توغرۇلۇق ،بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم ئۆيگە كىلىپتىكەن ،ئولتۇرۇپلام«- كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم دەيدۇ .نېمە بولدىڭىز دېسەم بۈگۈن تويغا بارسام تويدىكىلەرنىڭ ھەممىسى 21-چىسلا قىيامەت قايىم بولدىكە دەيدۇ ،مەن مىڭ بىر تەستە ئىشچىلىق ئىمتاھاندىن ئۆتكەن تۇرسام ئويلاپ بېقىڭ مەن قانچىلىك جاپا چەكتىم رەسمى شىتاتلىق خىزمەتچى بولۇش ئۇچۇن يىغلىغۇملا كىلىپ تۇردۇ قاراڭ .»ئاڭلاپلا كۈلۋېتىپتىمە «ۋاي ئۇنداق بىچارە گەپ قىلمىڭە كىم دەيدۇ دېسەم ھەممىسى دېگەنتى ئىمانىڭىزدىن ئاجراپ كەتمەڭ خېنىم ،بىر ئاللاھدىن باشقا كىم بىلدىكە ئاخىر زامان بولۇشنى .بۇنداق گەپلەرگە قەتئى ئىشەنمەيسىز ،ھە دەپ قويسىڭىزلا بولدى ،خەخلەرگە قۇشۇلۇپ بۇنداق شۇئارلارنى توۋلىماڭ يامان بولدۇ جۇما......... »دەپ بىر مۇنچە چۈشەندۇرۇشلەرنى قىلسام ھە بىكادىن بىكا قايغۇرۇپ يۇپتىمەن دە
دەپ خاتىرجەم بوپ قالدى .قىسقىسى ئادەملەرنىڭ قانداق چۈشنىشىگە باغلىق .

UID
37711
يازما
29
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-28
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 21:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  ،،بىز مۇنازىرە قىلمىساق ،،ئۆلۈمدىن قورقىدىغان كۇپپارلار ئەلۋەتتە مۇنازىرە قىلىدۇ -دە ،،،ھىلىمۇ خەنزۇلار ئارىسىدىن   زامان ئاخىرى بولىدىكەن دەپ  بىرلىرىنى چانىغانلار چىقتى ،،،ئەمدى   بىز مۆمىن بولغاندىكىن ،،،ئۆزىمىز نىمە ئىشقىلىشنى بىلىمىز ...!

UID
45398
يازما
113
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 02:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايا  يۇزمىڭ تۇۋا، ئاخىر زامان قىيامەت قايىم ھامنى بۇلىدۇ ،ئەمما بۇنى بىزبەندىلەر بىلەلەمدۇق؟ بۇنى ئاللادىن باشقا ھىچكىشى بىلمەيدۇ، ئۇنداق كۇپۇر سۇزلەرگە ئىشەنمەڭلار!
ئىماندىن ئاجراپ كىتىمز بىز ئاللانىڭ بىرلىكىگە بەرھەق ئىشنىشىمىز كىرەك
ئاللا تائالا مالىئىكە پەيغەمبەرلەردىن سىر تۇتقان ئىشنى .باشقىلا نىم بىلىدىكەن؟ تۇۋا قىلدىم!
قۇرئاندا دىيىلىشىچە ،قىيامەت قايىم بۇلۇشتىن 40 يىل بۇرۇن ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن يەريۇزىگە چۇشىدىكەن ،
مەنمۇ جىق سۇزلىمەي ،بىلگۇچى بىر ئاللا، بۇ ئىشنى خالىساڭلار ئىسلام مۇنبىرىدە مۇنازىرە قىلساق بۇلىدۇ،

UID
30558
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 02:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇبىخاللاھى  ۋەبى ھەمدىھى .

UID
12073
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2011-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 02:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر كىنوسى مايالىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆپتۈرۈپ شۇنداقلا داۋراڭ سېپ قويسا ما خەقنىڭ قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىنى!  توۋا، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا «بىدئەت» دەپ بىزگە قوقاق سالىدىغان ھۆكۈمەتلىنىڭ ئاۋۇلارغا كەلگەندە گېلىغا كۆتەن چىقىپ قالدىمۇ- نىمە؟...
ئەمما مەن مۇخبىر بوپ قالغان بولسام چوقۇم يېڭىدىن تەختكە چىققان تاش سېكرىتاردىن «بۇ ھەقتە قانداق قارايسىز؟» دەپ سوراپ باقاتتىم

UID
49489
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-30
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 09:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرۋاھ  قىزنىڭ  دىگىنىدەك قىيامەت قايىم  بولۇشتىن بۇرۇن 40يىل مۆمىنچىلىك  بولىدۇ  دەپ  قەيت  قىلىنىدۇ مۇقەددەس  كىتاپتا!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش