تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 11

دېھقانلار قاچان بايرام قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2793
يازما
29
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
370
تىزىملاتقان
2010-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2010-10-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-13 20:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى ئۆيدىكىلەر بايراملىق دەم ئېلىش پىلانى تۈزۈۋاتاتتۇق. دادام تۇيۇقسىزلا: «مۇشۇ دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوقكەن - ھە!» دېدى. بۇ گەپتىن يۈرىكىم «چىممىدە» قىلدى ...
ھازىر كالېندار بايرام، خاتىرە كۈن، تەشۋىقات كۈنى دېگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. بىر يىلنىڭ بىرەر ئىش خاتىرىلەنمەيدىغان كۈنى ئاساسەن قالماپتۇ. ئاياللار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بالىلار
 بايرىمى دېگەندەك چوڭ - چوڭ بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن باشقا ھەربىر ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس بايرام، خاتىرە كۈنلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. ئاشىق - مەشۇقلارنىڭمۇ، ئالدامچىلارنىڭمۇ، سېمىزلەرنىڭمۇ بايرىمى بار ئىكەن. دەل - دەرەخ، ھايۋاناتلارنىڭمۇ قوغدىلىدىغان تەشۋىقات كۈنلىرى بولىدىكەن. ئەمما ھالال تەر - ئەمگىكى بىلەن دۇنيانى گۈللەندۈرۈۋاتقان، بىزلەرگە ئاش - ئوزۇق بېرىۋاتقان، بىزلەر ئۈچۈن يول ياساۋاتقان، سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان، بىزنى كەلكۈندىن  مۇداپىئە قىلىۋاتقان، بوز يەر ئېچىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر بايرام، خاتىرە كۈن ياكى تەشۋىقات كۈنى يوق ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلار، سېسترالار، ئەسكەرلەر، ئالدامچىلار، دەل - دەرەخلەر، ھايۋانلارنىڭ قەدىر -قىممىتى مەلۇم كۈندىكى پائالىيەت ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇلىدىكەن. 4 - نۆۋەتلىك ئاخباراتچىلار بايرىمى ئۈرۈمچىدە تەبرىكلەندى. داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس بۇ بايرامنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. قىزىقى شۇكى، كەتمەن چاپىدىغان دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوق، چاپقان كەتمەننىڭ ھوسۇلىنىلا خەۋەر قىلىدىغانلار بايرام قىلىدىكەن؛ ئالدامچىلارنىڭمۇ بايرىمى بار ئىكەنغۇ، ھەقىقىي ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمى يوق ئىكەن. دېھقانلار ھېچقاچان بايرام قىلمايدىكەن. ئەجەبا، دېھقانلار بايرام قىلىشقا لايىق ئەمەسمىكەن!؟
ھازىر ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بىر ھەپتە، دۆلەت بايرىمىدا بىر ھەپتە ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش ئارقىلىق بايرام پەيزىنى سۈرۈش دۆلەت ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، ئامما خۇشال بولىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە دۆلەت، كوللېكتىپ خىراجىتىگە ساياھەت قىلىش ئەۋجىگە چىقىدۇ. شەخسىي پۇلغا ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرى ئەلا مۇلازىمەتتە تەق بولۇپ تۇرىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دەم ئېلىش، ساياھەت ئەھۋالى بەس - بەستە تەشۋىق قىلىنىدۇ. تېلېۋىزورغا قارىساق، چوڭ شەھەرلەردە، مەنزىرىلىك رايونلاردا سەيلە - ساياھەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىرايىدىن نۇر ياغىدىغان دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى. چىرايى ئاپتاپتا قارايغان، گەۋدىسى تارشىدەك قاتقان دېھقانلار كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان »ئالتۇن تاۋاقلىقلار بايرىمى«غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئاشۇ بايرام كۈنلىرىدە دېھقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟
مەرھۇم شائىر روزى سايىت مىسرالىرىدا ئېيتىلغاندەك، «دېھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ۋە پۇتاش» بولۇپ، ئۇلار ئېتىز - قىرلاردا، تاغ - يايلاقلاردا، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھاشاردا يەنىلا ئۈن - تىنسىز ئەمگەك بىلەن مەشغۇل. ئۇلار ئەمگەكچى، لېكىن ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئۇلار ھاشاردا؛ ئۇلار دۆلەت پۇقراسى، لېكىن دۆلەت بايرىمىدا ئۇلار يەنىلا ھاشاردا. ھېچكىم ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، دۆلەت بايرىمىدا ئۇلارنى ئەمگەكتىن ئازاد قىلىپ، بايراملىق ئۈچۈن دەم ئېلىش بەرمەيدۇ. ئۇلار بايرام بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز سېزىمى بىلەن ئەمەس، تېلېۋىزوردىن ھېس قىلىدۇ. ئۇلار بايرام قىلىۋاتقانلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالىدۇ .
دېھقان ھەقىقىي ئەمگەكچى، شۇنداقلا دېھقانلار يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش ئۈچۈن قان ئاققۇزغان. دېھقان بۇ بايراملاردىن بەھرىمەن بولالمىسا، بۇنى قانداقمۇ ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى دېگىلى بولسۇن؟!
ھەممىمىزگە مەلۇم، سۈن جۇڭسەن قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابى پەقەت ئىشچى، زىيالىي، ئەسكەرلەرنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەھەردە ئىنقىلاب قىلغانىدى، دېھقانلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالماي مەغلۇب بولدى. ماۋ زېدۇڭ يېزىلاردا ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇپ، دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، »يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش« ئىستراتېگىيىسىنى قۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئارمىيىسىمۇ ئاساسەن دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەنىدى. قىسقىسى، دېھقانلار بولمىغىنىدا سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولمايتتى، ھازىرقىدەك زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات بولمايتتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇلاردا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئەڭ ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار: ئۇلار بايراملاردا ئەمگەككە سېلىنىپ، بايرام قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالسا، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ماددىي، مەنىۋى، سىياسىي مەنپەئەتى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغانلىق بولىدۇ. «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» قۇرۇق شوئار بولۇپ قالىدۇ.
دېھقانلارمۇ دۆلەت بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن باراۋەر ئاساستا بەھرىمەن بولۇشى، بايرام مەزگىلىدە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماسلىقى، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى، دۆلەت دېھقانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق كۈننى بېكىتىپ، يىلدا بىر قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زۆرۈر. شۇ بايرام كۈنىدە گېزىت، تېلېۋىزور، رادىئولار زوق - شوخ بىلەن دېھقانلار بايرىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى دېھقانلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتسا؛ شۇ كۈندە قويۇق دېھقانلار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلسا، قالتىس مەنىلىك ئىش بولغان بولاتتى.
«دېھقانلار بايرىمى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ نېمىدېگەن چىرايلىق. ناۋادا ئارزۇلار ئەمەلگە ئېشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمى تەبرىكلىنىپ، دېھقانلار ئۆزىنىڭ بايرىمىدىن شاد - خۇراملىق ھېس قىلسا تېخىمۇ چىرايلىق ئىش بولىدۇ. بىز دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولىمىز (مەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دېھقانلار بايرىمى كۈنى بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم).
دېھقانلار بايرىمى »بايرام قانۇنى«غا كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدالسا، دېھقانلار شادلىققا تولسا، بۇ يالغۇز دېھقانلارنىڭلا ئەمەس، دېھقان تېرىغان ئاشلىقنى يەۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق بايرىمى بولىدۇ.
ئارزۇ نېمىدېگەن گۈزەل ! دېھقانلار قاچان بايرام قىلار؟ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمىنى قاچان تەبرىكلەرمىز؟ ! ...



مەنبە ؛ سەلتەنەت تورى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

غەيرەتتىن قالما

UID
2687
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1530
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-13 22:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تەكلىپ بوپتۇ،دىمىسىمۇ كەتمەننى دولىسىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەشۇ جاپاكەش دىھقانلىرىمىز ئەڭ يۇقۇرى شان-شەرەپلەرگە لايىقتۇر  !

UID
2956
يازما
171
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
5934
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-13 22:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقاننىڭ بايرىمى قاچانمۇ بولار ھە ؟
   ئەگەر دىھقاننىڭ بايرىمى دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ،  كالىندارلارغا كىرگۈزۈلۈپ ، جەمىئەتكە تەنتەنىلىك ھالدا خەۋەر قىلىنسا ئۇ چاغدا قانداق بولار ؟...
   مېنىڭچە ، ياشلار بۇ بايرامنى مۇبارەكلىشىپ تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا بەزمە قۇرىشىپ ، ئۇتتۇرا ياشلىق باي سۈپەت كىشىلەر ئەل - ئاغىنە ، دوست يار بۇرادەرلىرى بىلەن   رىستۇرانلارنىڭ ئايرىم خانىلىرىدا بۇ بايرامنى مۇبارەكلىشىپ ، شۇ جاپاكەش دېھقان بولسا  بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت پائاليىتىنى تىلۋۇزۇردىن كۆرگەچ ، بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەمگەكنىڭ زەربىسىدىن قاتقان پۇت قوللىرىنى قالايمىقان تاشلاپ  ، ئھچچىق ئەسنىشىپ ئولتۇرىشىدۇ......
    دېمەكچىمەنكى دېھقان بايرىمىدا يەنىلا ئىشلەيدۇ ! چۈنكى ئۆيدىكى نەچچە جان ، مال - چارۋا  شۇ دېقاننىڭ قولىغا ، ئەمگىكىگە قاراشلىق.... ئەگەر ئۇ ئارام ئالسا ، بايرام ئوينىسا ، ئېتىزدىكى ئىشنى كىم قىلىدۇ ؟...   سىزما ؟   ياكى  مەنمۇ ؟...
    دېھقان بىر ئۇلۇغ ئېنسان ! ئۇ باشقىلاردىن ماختاشنى ، كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇچۇرۇشنى تەمە قىلمايدۇ ....  مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بايرامنىڭ ئۆز ئېگىسىنى تىپىۋىلىشى ناھايىتى مۈشكۈل .
   دوستلار ، چىن يۈرىكىمىزدىن شۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزگە سالام يوللايلى !!! ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن ئۇلارنى ھۆرمەتلەيلى !!!

ھېكمەت

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1429
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43163
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-13 23:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار كۈندە بايرام قېلىشقا  لايىق ئىنسانلار،  گەرچە يىل بۇيى ئۆشنىسىدىن كەتمەن چۇشمەي جاپالىق ئىشلىسىمۇ يىل ئاخىرىدىكى ھۆسۇل شاتلىغى ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ ،،،مان ئۇلارنىڭ بايرام كۈنى

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ بىر ياخشى ئىش!

UID
2449
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2230
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 00:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايرىمىچۇ؟
ئىسسىقنى ئىسسىق ،سوغۇقنى سوغۇق دىمەي  يوغان جىلتىنى دۈمبىسىگە ئىسىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايرىمىنى كىم ئويلىشىپ باققان؟

UID
2101
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
850
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 11:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام تېخى ئىچىم ئاچچىق بولغان بۈگۈن ماۋۇ تېمىنى كۈرۈپ ...
ئالدىنىقى كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتاشىمدا ئۆيگە ئازىراق بىرنەرسە ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىردېھقاننىڭ توۋلاپ سېتىۋاتقان تاۋۇزىغا كۈزۈم چۈشۈپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا باردىم . تاۋۇزلار ئۈچ چاقلىق مۇتسىكلىتقا بېسىغان بۇلۇپ  كەينى تەرىپىنى ئېچىپ تىڭىنى يەرگە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ سېتىۋاتقان ئىكەن . ئەمدى تېخى بىر تاۋۇرزنى جىڭلاپ بولغۇچە نەدىن پەيدا بولدى بىر ماشىنىدىن بىر نەچچە قاسقان شەپكىلەر چۈشۈپ  __ كىم سىنى بۇ يەردە بىر نەرسە سات دىدى ، كىم ساڭا بۇنداق ھۇقۇق بەردى ، كىم ساڭا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى بازارغا ھەيدەپ كىرىشىڭگە يول قويدى ---- قايسى سەھرادىن كەلگەن نىمە سەن مۇشۇنچىلىك ئاددى قائىدىنىمۇ بىلمەمسەن ..... ئۇلار ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي چالۋاقاپلا كەتتى .
نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە بىر سى كىلىپلا موتسىكلىتنى ھەيدەپ ماڭغىلى ۋاتىدۇ
ئاچچىغىم غۇژژىدە كەلدى . بۇيەردە بىر نەرسە ساتسا نىمە بوپتۇ ، بۇ يەر ياكى بىر ئاۋات بازار ياكى بىر چوڭ يول بولمىسا __ دىيىشىمگە چىرايى قارىداپ قۇرۇلۇپ قالغان قاقتەك  بۇلۇپ كەتكەن بىرسى چىرايلىرىنى پۈرلەشتۈرۈپ __ تولا ئىشىمىزغا ئارلاشماي يۇلىڭىزغا مېڭە ھېلى بىكا ... دەيدۇ  ، ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىمگە ھېلىقى دېھقان ئاكاش يېنىمغا كىلىپ (35 ياشلارئەتراپىدا بولسا كېرەك ) بولدى سىڭلىم بۇلار بىلەن داۋلىلىشىپ بىر ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دىگىنىچە موتسىكلىتىنى ھەيدەم ماڭغان ھېلىقى رەڭگى سەتنىڭ يېنىغا بېرىپ يىلىنغان قىياپەتتە __ خاپا بولمىسىلا بىزنى شۇ دادۈيدىىن قۇغۇن - تاۋۇز تېرىيسەن دەپ مەجبۇرى تېرىتقان ئەسلىغۇ  كېۋەز تېىغان بولساق بۇنداق ئاۋارە قىلىپمۇ يۈرمەيتۇق ، ئەمدى شۇ تېرىغاندىكىن ئۆزىمىز يەپلا ئولتاغىلى بولمايدىكەن ئازىراق بولغان بولسىغۇ مەيلىتى ....
بولدى بۇنۇڭدىن كىيىن ساتماي ھازىرلا ياندۇرۇپ ئەپچىقىپ كىتەي دەپ خېلى بەكلا يالۋۇردى .
ئۇنۇڭغىچە ئەتراپقا يىغىلىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ بىر ئىككى ئېغىزدىن سۆزلەشكە باشلىدى . ئۆزلىرىنىڭ يەنە جاھىللىق قىلىپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورۇقتىمۇ گەپنى شاققىدىلا بۇراپ _ ھە بۇنۇڭغىمۇ ماقۇل دەيلى ئەمىسە ماۋۇ موتۇرۇڭنىڭ كېنىشكىسىنى چىقىرە بىر كۈرۈپ باقاي ، ئەگەر بولسا ھازىرلا كەتسەڭ بۇلىدۇ ، ئەگەر بولمىسا بىز بىلەن قالغان گەپنى ئىدارىگە بېرىپ دىيىشكىن قانداق دىگىنىچە سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى .
شۇ بۇنى تاۋۇز سېتىشقا ئەپلىك بۇلامدىكىن دەپ  بىر ھەپتە بۇرۇن سېتىۋالغان تېخى كېنىشكە بېجىرىپ بۇلالمىغان دىيىشىگىلا  -- ئاۋال كېنىشكە بېجىرىپ كەل ئاندىن موتسىكلىتىڭنى قايتۇرۇپ بېرىمىز دەپلا دەيدەپ ماڭدى . ئاكاش بېرىپ موتسىكلىتىنىڭ ئالدىنى تۇسىۋېلىۋىدى نېرىراقتا قاراپ تۇرغا ن ئىككىسى كىلىپ  بىزنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماقچىمۇ سەن دەپ تارتۇشتۇرۇپ ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى . يەردىكى تاۋۇزلارمۇ شۇ پېتىچە قېلىپ قالدى . ئەتراپتىكى كىشىلەر نىڭ ھەممىسىلا ياققىسىنى تۇتقىنىچە قېلىپ قالدى .
توۋا خۇدايىم ! بۇلار قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارمۇ ياكى بۇلاڭچىلارمۇ ؟
يېزا باشلىقلىرى جايىدا ئولتۇرۇپلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەپلا___ يەرلەرگە بىردەك قۇغۇن - تاۋۇز ، سەي - كۆكتات تېرىيسەن دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسە ، كەنىت كاىرلىرى دېھقانلارنىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىپ يۈرۈپ تېرىتسا ،  بىچارە دېھقانلار ئەمدى بىر ساتاي دەپ بازارغا ئەپكىرسە مۇشۇنداق ساتقىلى قويمىسا ، ھارۋىلاردا ئەپكىرىپ ساتسا ئىشەك كالىلىرىڭ سىيىپ چىچىپ يەرلەرنى مەينەت قىلىۋەتتى ئاممىۋى تازلىققا رىئايە قىلمىدىڭ دىسە ، باشقا قاتنىاش قورالىدا ئەكىرسە كېنىشكەڭ يوقكەن دىسە ، ئۇلار تېرىغان نەرسىلىرىنى قوي كالىلىرىغا بىرىپ تۈگىتەمدا ؟  يېزىلىق بولغانلىق ، دېھقان بولغانلىق گۇناھما ؟
مۇشۇنداق تۇرسا ئۇلارغا نەدىكى بايرامكەن ئۇ ، يۇقۇردىكى توردىشىمىز دىگەندەك مول - ھوسۇل ئالغان كۈنى ئۇلارنىڭ بايرام كۈنى . ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ---- ئەمدى بىر قۇلۇم پۇل كۈرىدىغان ئوخشايدۇ دىگەندە تەتۈر قۇيۇن چىقىپ مۇشۇ كىچىككىنە خۇشاللىق مۇ يوق بولسا ،
بايرام بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ كۈڭۈل شۇنداق غەش تۇرسا ، يانچۇقتا تۆت تەڭگىنڭ سۇنۇقى بولمىسا ، بايرام ئۆتكۈزۈشكە كىمنىڭ رايى .... ئاۋال ئۇلارنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە خۇشاللىقتىن يۈزلىرىگە ئازىراق بولسىمۇ كۈلكە يۈگرىشىگە كاپالەتلىك قىلايلى ئاندى ...........

ماۋۇ تېمىنى كۈرۈپ ئىچىمنىڭ ئاچچىقى تېشىغا تەپتىمۇ ئۆزۈمچە قايناپ جېقلا سۆزلەپ كىتىپتىمەن
ئەپۇ قىلارسىلە . تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

UID
3323
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1455
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 12:37:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھقانلار  بايرىمى  كۇزپەسلىدە كىلىدۇ

UID
2247
يازما
723
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 23:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي،پاختا تېرىغۇچى دېھقان نامرات،بۇغداي،پاختا سودىگىرى باي.بۇ تەتۈر تاناسىپ ئوڭ تاناسىپقا ئالماشقاندا دېھقاننىڭ چېھرىدە ئۆزلىگىدىنلا كۈلكە پەيدا بۇلىدۇ.بولمىسا جاپاكەش دېھقاننىڭ ئېتى مەتبۇئاتلاردا،گەپ-سۆز،شۇئارلاردا ئولۇغ.ئەمىليىتى كانىكول-تەتىلى يوق دولىسىدىن كەتمەننى چۈشۇرمەي،يەرنىڭ قۇلىغا ئايلىندۇ ،خالاس!

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
2419
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-15 11:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ توغۇرلۇق سۆزلىسە ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدۇ،
سىلەر كۈز پەسلى دىھقاننىڭ بايرىمى دەپسىلەر ، ئويلاپ باقتىڭلارمۇ بەزى دىھقانلىرمىزنىڭ بانكىغا پاتتاڭغىچە قەزى بار ،ئۇلار نىڭ قەرىزلىرى يىلدىن يىلغا ئىشىپلا تۇردۇ،
ئاشۇ چەت يىراق ،يىزىلاردىكى دىھقانلىرمىزنىڭ نەدىمۇ بايرىمى بولسۇن.

قايتا كۈتۈرۈلگەن قۇياش

UID
2866
يازما
99
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2921
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-15 12:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يىزا  باشلىقلىرىنىڭ  ئىشى  ئەمەس    سەنەمجۇنننننننننننننننننن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش