ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى قانداق خەجلەشنى بىلىدۇ

1-قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇ سىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىلمىگەن سۆيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى،سىز ئۇنىڭ سۆيگۈگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۆزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛
-2قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇ ئادەتتىكىچە بولغان بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىپ سىزگە سوۋغا قىلدى ،بۇ چاغدا سىز ئىنتايىن ھاياجانلاندىڭىز ۋە رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۇن ئۇنى يىنىككە سۈيۈپ قويدىڭىز.بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك سوۋغا بولدى؛
-3قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇ سىزگە بىر تال ئۈزۈك سوۋغا قىلىپ توي قىلىش تەكلىپى قويدى.
ئىككىڭلار توي قىلدىڭلار. توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇ سىزگە بىر دەستە ئەتىر گۈل سوۋغا قىلدى.بۇ چاغدا سىز:<< پۇلنى ئىسراپ قىلىپ نىمىشقا بۇنداق نەرسىلەرگە پۇل خەجلەپ يۈردىڭىز>> دەپ كايىدىڭىز.ئەسلىدە سىزنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشنى ئويلىغان ئېرىڭىز ئىنتايىن ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا گۈلنى لوڭقىغا سېلىپ قويدى.
4-قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇ سىزگە تېلفۇن بىرىپ سىرتتا تاماق يەپ سەيلە قىلىپ كىلىشنى ئېيتتى،لېكىن سىز<< تاماق دىگەن ئۆيدە تۇرسا تالادا نىمە گەپ بار ؟>> دەپ تېلفۇننى قۇيۇۋەتتىڭىز. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر زەربە بولدى.
5-قېتىملىق ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى كىلىشكە ئاز قالدى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆسۈپ مەلۇم بۈلۈمنىڭ باشلىقى بولدى ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى ئۇ سىزگە تېلفۇن بىرىپ <<ئۆتكەندە ماگزىنداسېتىلىۋاتقان بىر قۇر كىيىمنى ياخشى كۈرۈپ قالغانىدىڭىز،بۈگۈنشۇنى سىزگە ئېلىپ بىرەي >> دىدى.سىز:<<ۋاي - ۋۇي مەن ئۇ بىر قۇر كىيىمنىڭ پۇلىغا مەن ئون نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋالالايمەن >> دەپ رەت قىلدىڭىز.
ئېرىڭىز بارا- بارا ئۆزگەردى،شۇنىڭدىن كىيىنكى ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا سىزگە سوۋغا ئېلىپ بىرىش،سەيلە قىلدۇرۇپ كىلىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچمايدىغان بولدى.ئۆزگەرمىگىنى شۇكى ئۇ يەنىلا گۈل ،كىيىم قاتارلىق سوۋغا - سالاملارنى داۋاملىق سېتىۋالدى،لېكىن ئۇ نەرسىلەرنى بىرىدىغان ئۇبىكت ئۆزگەردى.
ئايال بولغان ئىكەنسىز،ئېرىڭىزنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىللە ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانداق قۇبۇل قىلىشنى ئۈگۈنىشىڭىز كىرەك .ئەرلەرگە ئورتاق بولغان پىسخىكا شۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سۆيگەن ئادىمىگەپۇل خەجلەشنى ياقتۇرىدۇ،ئەقىللىق ئايال بولسىڭىز،ئېرىڭىزنىڭ شۇ تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ .
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى2008-يىلى 4- سىنتەبىر2436-سان |