- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 200
- تىزىملاتقان
- 2010-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-8
- UID
- 2972
- يازما
- 17
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 200
- تىزىملاتقان
- 2010-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-8
- توردا
- 0 سائەت
|
سىزنى قانچىلىك سۆيىدىغىنىمنى سىزدىن ئايرىلغاندىن كىينلا ئاندىن بىلدىم، بۇنى ھەرگىز بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققاندىن كىيىنكى ھېسيات دەپ ئويلىماڭ ، بۇنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى مەن ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان سەزگۈلىرىم ئارقىلىق ، سىز ھەر قېتىم ماڭا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىرىڭىزدا ئۇۋۋالچىلىق تارتقان يۈرۈكىمنىڭ ئۈنسىز ياش تۆككەنلىرىدىن ، سىزنىڭ باشقا قىزلاربىلەن ئېچىلىپ -يىيىلىپ پاراڭلاشقانلىرىڭىزنى كۆرگەنلىرىمدە ئىچ باغرىمغاقانداقتۇر بىر ئاچچىق سېزىم تارقالغانلىرىدىن سىزگە بولغان ھېسياتىمنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ، ئەتراپىمدا شۇنچە يېقىن ئادەملىرىم تۇرۇقلۇق كۆزلىرىم ، يۈرىكىمنىڭ يەنىلا سىزگە تەلپۈنۈشلىرىدىن سىزنى ياخشى كۆرۈش قالغانلىقىمنى بىلدىم . لىكىن بىلىمەن مەن بەكلا كىچىكتىم . سىزنىڭ مەندىن يىراقلاپ كىتۋاتىقىنىڭىزنى كۆرۈپ تۇردۇميۇ ، ئاۋازىمنى چىقىرىپ سىزنى چاقىرىشقا ، يېنىمغا قايتىپ كىلىڭ دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم . ياخشى كۆرۈش ھەم ياخشى كۆرۈلۈشنىڭمۇ ئۇسۇلى بار شۇنداققۇ ؟ ھالبۇكى مەن بۇلارنى زادىلا بىلمەيتىم ، چۈنكى مەن كىچىك ئىدىم . بالىلىق شوخلۇقلۇرۈم، جاھىللىقلىرىم بىلەن سىزگە ئەركىلەشكە ، سىزنى تېرىكتۇرۈشكە ئامراق ئىدىم . سىزدىن قەستەن ئۆزۈمنى قاچۈرۇپ گەپ قىلشقا ، سۆز ئېچىشقا پۈرسەت بەرمىگەنلىرىمدە سىزنىڭ جىلە بولغان ، تېرىككەن ھالدا كۆزلىرىمگە سەۋدايىلارچە تىكىلىشلىرىڭىزنى تاماشا قىلشقا ئامراق ئىدىم . چۈنكى مەن شۇ ھەركەتلىرىڭىزدىن ماڭا بولغان ھېسياتىڭىزنى چۈشىنەلەيتىم . لىكىن يەنە دەل شۇ ھەرىكەتلىرىم مىنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولدى .
تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۇرۇپ گەرچە تولۇق ئوتتۇرىدا شۇنداق ئوقۇغۇم بولسىمۇ ، لىكىن ئىمكانىيەت بولماي ۋىلايەتتىكى ئوتتۇرا تېخىنىكومغا ئوقۇشقا كىردىم،
تولۇقسىزدىكى چاغلىرىمدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ " مۇھاببەت " توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلسام كۈلگۈم كىلەتتى ، چۈنكى ئۇ چاغلار بىزنىڭ تېخى مۇھاببەتنى چۈشىنىدىغان چاغلىرىمىز ئەمەس ئىدى ، دەرۋەقە شۇنداق ئەمەسمۇ ؟
چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا ماڭغان بولغاچقىمۇ قەلبىمدە ھاياجانمۇ ، ئەندىشىمۇ ، قورقۇشمۇ بار ئىدى ، لىكىن يېڭى مەكتەپ ھاياتىغا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تېزلا كۆنۈپ قالدىم . ياتاقداشلىرىم بەكمۇ شوخ ، ئويۇنخۇمار قىزلاردىن ئىدى ، كىچىكىمدىن مىجەزىم ئېغىر -بېسىق ، كەمسۆز بولغاچقا بۇنداق شوخ مىجەزلىك قىزلار بىلەن بەكمۇ ئارلىشىپ كەتمەيتىم ، لىكىن ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار ماڭا بەكلا ئامراق بولۇپ كىتىشىتى . بۇرۇندىن كىتاپ كۆرۈشكە ئامراق بولغانلىقىمدىن بولسا كېرەك بەزى تۇرمۇش ،ھايات توغرىسىدىكى بايانلىرىم ئۇلارنى بەكمۇ ھەيران قالدۇراتتى ، گەرچە ياتاق بويىچە يېشىم ئەڭ كىچىك بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ماڭا ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارىشاتتى ، بۇ مەكتەپنىڭ تۇرمۇشى ماڭا پەرەز قىلغىنىمدىنمۇ مەنىلىك تۇيۇلاتتى .،
تولۇقسىزدىكى چاغلىرىمدىمۇ دەرس نەتىنجەم خېلى ياخشى بولغاچقا دەرسلەردە ئانچە قىينىلىپ كەتمىدىم . پەقەت بىرلا دەرستە « چېرتىيۇژ » دەرسىدە نەتىنجەم كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس ئىدى ، قېرىشقاندەك مۇشۇ دەرسنى دەل ئاشۇ مىجەزى ئوسال سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆتمەسمۇ ؟ بىر سائەت توشقىچە مۇئەللىمنىڭ ئاغىزغا قاراپ ئولتۇرۇپمۇ دەرسلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۇرەلمەيتىم .پەقەت مەنلا ئەمەس سىنىپتىكى 80 % بالىلار بۇ دەرستىن قاقشىشاتتى . پەقەت بىرلا ئادەم .....بىرلا ئادەم ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ ھەتتا مۇئەللىم سۆزلەپ ئۈلگۈرمىگەن يەرلەرنىمۇ ئۆگىنىپ بولاتتى . ھەر قتىم مۇئەللىم سىناق ئىنتىھاندىن كىيىن :
- ھەر قايسىڭلارمۇ مەردانغۇ ئوخشاش ئادەمغۇ كاللاڭلار نىمىگە ئىشلەيدۇ زادى ؟ دەپ ئەيىپلىگەنلىرىدە ئۇنىڭ كۆرەڭلىك بىلەن ئولتۇرغانلىرىنى كۆرسەم جېنىم چىقاتتى .
مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر« مەردان » دىگەن ئىسىمندىن بىزار ئىدىم ، ئۇنى غايىۋانە ئۆچ كۆرەتتىم.لىكىن دەل مۇشۇ ئىسىمنىڭ قەلبىمگە مۇشۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن تۆككەن تۈگىمەس كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق ئورناپ كىتىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم . بىر سىنىپتا ئوقۇپ بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز گەپ قىلغىنىممۇ ئېسىمدە يوق . سىنىپ ئىچىدە ھەممە قىزلار دىگۈدەك ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى ، كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا دەرس سوراشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغانلارنى كۆرسەم كۈلگۈم كىلەتتى ، لىكىن ئېتراپ قىلماي تۇرالمايتىم ئۇنىڭ دەرس نەتىنجسى ياخشى بولۇپلا قالماي ، ئۆزىمۇ قاملاشقان يەنە كىلىپ بەكمۇ شۇخ ، گەپچى ئىدى . ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغىنىم ھەم سىنىپتىكى ئورنىمىزمۇ يىراقلىقىدىن پاراڭلىشىشمىزغا پۇرسەت بولمايتى ھەم ئۆزۈممۇ خالاپ كەتمەيتىم . شۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭ ماڭا پات –پات سىرلىق قاراپ قويۇشلىرىغا، بىزنىڭ گورۇپقا كىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەرس ئۆگىتىپ كىتىلشىرىگە سەۋەب تاپالمايتىم .
شۇ كۈنى چوڭ تازلىقتا سىنىپ تازلىقىغا بىللە ئورۇنلىشىپ قالدۇق. سىنىپ ئىچىدە پەقەت ئىككىمىزلا قالغان ، نىمىشقىكىن ئۇ باشقىچە بولۇپ قالغان ، ئادەتتىكى چاغلاردىكى شوخلۇق ، گەپدانلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، ھەر ئىككىلىمىز ھىچنىمە دىمەستىن ئىشىمىزنى قىلشقا باشلىدۇق ، دوسكا ئالدىغا قويۇلغان ئوقۇتقۇچى ئۈستىلىنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ سىنىپ سۈرتىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ قالدىم ، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنچىلىك ئەپچىل ھەر بىر ئورۇندۇقىنى باشقىدىن يۆتكەپ تۇرۇپ شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرتىۋاتاتتى ،ئۇنىڭغا قانداقلارچە بۇنداق قاراپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆتىرىپ كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان چاغدىلا خۇددى چوغ تۇتۋالغان بالىدەك چۆچۈپقىنە سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم . شۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىمىزدا ھېس قىلىپ بولالمايدىغان ھاياجانلىق ۋە ئەندىشلىك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالدى .دەرس ۋاقىتلىرى ، مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ بېشىنى جوزىغا قويغىنىچە ماڭا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى سېزەتتىم، ئۆزۈمنى خۇددى نازارەت ئاستىدا تۇرۋاتقاندەك ھەر بىر سۆز –ھەرىكەتلىرىمگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەك دىققەت قىلدىغان بولدۇم .
بارغانسىرى ئۇ خۇددى باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك دائىملا يالغۇز خىيال سۇرۇپ يۇرۇيدىغان ، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق شوخلۇقلىرى ، گەپدانلىقلىرى يوقلا بولۇپ قالغان ئىدى . ئېسىمنى بىلىپ كۆڭۈل ، ھېسيات ، ئىشقى –مۇھاببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخى ھېس قىلىپ باقىمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ سىنىپ ئىچىدە ماڭا تۇيدۇرماي ياردەم قىلشلىرىنىڭ ، بىلگىنىمچە ئىشلەپ قويغان چېرتىيوژ تاپشۇرۇق نەتىنجىللىرىمنىڭ شۇنچە يۇقىرى چىقىپ قېلىشىلىرىنىڭ (ئۇ چېرتىيوژ دەرسىدە ياخشى بولغاچقا مۇئەللىم تاپشۇرۇقلىرىمىزنى ئۇنىڭغا تەكشۇرتەتتى ) ، يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقانلىرىدا قەستەندىن ئۇدۇلىمغا كەلگەندە چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويۇشلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ئىدىم .
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ مەۋسۇملۈك ئىنتىھان ئاخىرلىشىپ تەتىل قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى ، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ كۈنلەرنى ساناپ دىگۈدەك ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدىم ، ئاتا-ئانام ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشكە شۇنچە ئالدىرايتىميۇ ، يەنە نىمىشقىكىن كۆڭلۈم قانداقتۇر بىرسىگە تارتىقشقاندەك قىلاتتى . شۇنداق قىلىپ تەتىلمۇ قويۇپ بەردى ، ئۆيگە كىلىپ بىرقانچە كۈنگىچە قانداقتۇر بىر نەرسەمنى يۇتۇرۇپ قويغاندەك بىئارام بولۇپ يۇردۇم . لىكىن كىلىپلا كەلگەن ھېيىتنىڭ خۇشاللىقى ، كىچىكمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم بىئاراملىقلىرىم تېزلا ئاخىرلاشتۇردى . بۇ تەتىلنى ئۇنىڭ قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمەيمەن . تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق ، سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مىجەزى بولمىغاچقا تەتىل يىغقان تۇنجى كۈنىدىكى سىنىپ يىغىنى ئەمەلدىن قالدى ، بۇ بىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش ئىدى ، بىر ئايلىق تەتىلدە دىيىشىدىغان گەپلىرىمىز خېلىلا يىغىلىپ قالغان ئىدى ، ھەممىمىز تۆت –بەشتىن بولۇپ بىر يەرگە كىلىپ پاراڭشلىپ ئولتۇراتتۇق. مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان بىلەن خىيالىم ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان «ساۋاقدىشىم» دا ئىدى . تەتىل جەريانىدا ئۇ خېلىلا ئۇرۇقلاپ قالغاندەك ، بويىمۇ خېلىلا ئۆسۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ياتاقدىكى قىزلار بولسا ئۆزىنىڭ شوخ ، ئوچۇق مىجەزى بىلەن مەكتەپكە كىلىپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئۆزىنى مەكتەپنىڭ ئالدى دەپ ھېسابلاپ خېلى قىزلارغىمۇ قارىماي يۈرگەن پوچى يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت سېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى ، ياتاقتا بولسۇن ، سىنىپتا بولسۇن بىكار بولسىلا يەنە شۇلارنىڭ گەپلىرى بولىشاتتى ، مەن پەقەت دوسىتلۇق سۈپىتىدە خۇشياقمىسىمۇ مۇنداقلا ئاڭلاپ قوياتتىم .
كىچىك چېغىمدىن ئاتا-ئانام سىز دىيىشكىمۇچىدىماستىن سىلى دەپ سىلىق مۇئامىلىگە كۆندۇرۇپ قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك باشقىلارغا پەقەتلا ئىگىلگۈم كەلمەيتى ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە گەپ كەلتۇردىغان ئىشنى قىلمايتىم ، شۇنداق بولغاچقىمۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىممۇ ، ھەتتا ئاشۇ زەھەردەك« تاتلىق »گەپ قىلىدىغان تەرى سۆرۈن سىنىپ مەسئۇلىمىزمۇ ماڭا باشقىلارغا قارىغاندا پەرقلىق مۇئامىلە قىلاتتى . شۇنداق ئۇنىمۇ ھەم ئۆزۈمنىمۇ قىيناپ يۇرگەن كۈنلىرىمىدە (ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەتتا ياتاقدىكى ئەڭ سىرداش دوستۇمغىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى چاندۇرمايتىم ) بىزنى ئەتىيازلىق كۆكەرتىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇردى . سىنىپ مەسئۇلىمىز بۇ قېتىمقى ئەمگەككە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بويىچە ھەمراھ تاللىشىنى ، بىر قىز –بىز ئوغۇل بولۇپ ئەمگەك قىلدىغانلىقىمىزنى ئوقتۇردى ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ سىنىپتا قىزغىن تالاش –تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى ، ھەر كىم كۆڭلى يېقىن ئادەملىرىنى تاللىشاتتى . شۇ ئارىدا كۈلكىلىك بىر ئىش يۈز بەردى .
-مەردان مىنى ئېلىڭە ، مەن سىز بىلەن بىللە ئەمگەك قىلاي . بۇ مەردان بىلەن بىر يەرلىك قىز ئايگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى ، ئۇ ئىككىسى باشلانغۇچتىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان بىلەن سىنىپتا ئانچە يېقىن ئۆتمەيتى .
- ھە مەن ئويلىنىپ باقاي ھە ، ئۇ سۇس كۈلۈمسىرگىنىچە شۇنداق دېدى ، قارىماققا قەستەن ئايگۈلنى ئوسال قىلۋاتقاندەك قىلاتتى .
ۋاي –ۋۇي ئۇنىڭ ئويلانغىدەك نىمىسى بار ، ماقۇل دەڭە مىنى ئېلىڭ......
نىمە قىلاي دەيسىز ، مۇئەللىم ئىختىيارى دەپتىغۇ ؟.................
ئۇنىڭ خېلىدىن بېرى يوقالغان شوخلۇقى بۈگۈن تۇتۇپ قالغاندەك قىلاتتى .
باياتىن بېرى ئىككىسىنىڭ گېپىگە دىققەت قىلىپ سىنىپ ئىچى جىمىپلا قالغان ئىدى ، بۇگەپ بىلەن سىنىپ ئىچىدە چاقچاق باشلىنىپ كەتتى .
- بولدى مەردان ئايگۈلنى تولا يالۋۇرغۇزماي «ئالاي » لا دەۋەتكىنە .
- شۇ ئەمەسمۇ قارا يىغلاي دەپ قالدى .
- ئايگۈل ئاڭلىمىغانمۇ سىز جوڭگۇ قانۇنىدا نىكاھ ئەركىنلىك جۇمۇ ؟ مەردان ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلمىسۇن يەنە .
سىنىپ ئىچىدە تورۇسنى كۆتىرۋەتكىدەك كۈلكە كۆتىرىلدى . مىنىڭمۇ ئۇنداق ئېچىلىپ كۈلمىگىنىمگە ئۇزۇن بوپتىكەن . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرىدىن بەكرەك مەرداننىڭ بېشىنى جوزىغا قويغىنىچە خىجىللقتىن قىزىپ يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ ئولتۇرىشى بەكرەك كۈلگۈمنى كەلتۇردى (ئۇنىڭ شۇ ھالىتىنى ھازىر ئويلىساممۇ كۈلگۈم كىلىدۇ ) .
كۈلكىلەرمۇ خېلى بېسىقىپ قالغاندەك سىنىپ باشلىقىمىز دەپتەر كۆتىرىپ كىمنىڭ بىر گورۇپ بولغانلىقىنى خاتىرلەۋاتاتتى .
- ئاينۇر ئىككىمىز بىر گورۇپ بولساق قانداق ؟ بۇ ئادىلنىڭ ئاۋازى ئىدى .
ئادىل سىنىپىمىزدىكى ئەڭ شوخ ، خۇددى مەدداھلاردەك قىززىق گەپ قىلدىغان بالا ئىدى ھەم مەرداننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى .
-مەيلى . ھېچ ئىپادىسزلا شۇنداق دېدىم .
-خاتىرجەم بولۇڭ ، ئەتە سىز پەقەت ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپلا بەرسىڭىز قالغان ئىشنى ئۆزۈملا قىلۋىتىمەن. ئۇ شۇنداق دەپ شوخلۇق بىلەن كۈلدى .
شۇنداق قىلىپ مەن ئادىل بىلەن ، مەردان ئايگۈل بىلەن بىر گورۇپ بولدى .
ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى ھەممىمىزنى خېلى قاقشاتقان بولسىمۇ كوللىكتىپ ئەمگەك بولغاچقا تېزلا ئاخىرلاشتى .
كۈنلەر شۇنداق سىنىپ بىلەن ياتاقنىڭ ئارىسىدا بىر خىلدىلا ئۆتۈپ يازلىق تەتىل ۋاقتىمۇ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۆزۈمدە قانداقتۇر باشقىچە ھېسياتلارنىڭ بولۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . مەيلى سىنىپتا بولسۇن ،ياكى مەيداندا بولسۇن قەلبىم قانداقتۇر بىر نەرسىگە تەلپۈنىۋاتقاندەك كۆزلىرىم كىمدۇر بىرىنى ئىزدەيتى ، دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا كىرەتتىميۇ يەنە سىرتقا چىققۇم ، كۆزلىرىم كۆرۈشنى ئىزدىگەن ئادەمنى تاپقۇم كىلەتتى . ماڭا ئايانكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم
. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھايىتى ئوسال ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويدۇم . كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتى ئىدى ، كەچلىك مۇزاكىرە دەپ سىنىپقا يىغىلغان بىلەن نەدە مۇزاكىرە بولسۇن ؟ ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلشىپ ئولتۇراتتۇق . جوزىغا بېشىمنى قويغىنىمچە پارتىدىشىم ھەم ئەڭ يېقىن دوستۇم رائىلە بىلەن ئۇنىڭ «مۇھەببەت» سەزگۇرەشتىللىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم ، ئۇ دىققەت قىلمىغاندا ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئورنىغا «ئوغىرلىقچە» قارىدىم . لىكىن ئۇ يوق ، بايىلا بار ئىدى ، نەدە ئولتۇرغاندۇ ؟ ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىنىپنىڭ ھەممە يىرىگە قاراپ كىتىپتىمەن ، بەك جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىنمۇ يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ، كۆزلىرىم چەتتىكى گورۇپنىڭ دەرىزە تۈۋىدىكى ئورۇنغا كەلگەندە مەن ھەرقاچان ئىزدىگەن ، كۆرۈشنى سېغىنغان لىكىن قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئاشۇ كۆزلەر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى ، خىجىللىقتىن يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يانغان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىغان شۇ بىر نەچچە دەقىقىدە ئۇ ئاشۇ كۆزلىرى ئارقىلىق ماڭا خۇددى :«مەن كۆيگەن شۇ ئوتتا سىزمۇ كۆيۈپ بېقىڭ ، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭكىگىمۇ كىلىدۇ » دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن ئامال بار ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان ، ئۇ بار يەردىن ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم . بۇ ھەرىكەتلىرىم بىر يىلدىن بېرى ئۆز-ئاچا سىڭىللاردەك ئىچەكىشىپ كەتكەن ياتىقىمىزدىكى بەش پەرىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال يېقىن مۇڭدىشىم رائىلەنىڭ كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇ بار يەرگە بېرىشتىن ئۆزۈمنى تارتىشلىرىم ، تاساددىپى ئۇچىرشىپ قالغان چاغلىرىمىزدا نىمە قىلشىمنى بىلمەي قىزىرىپ كىتىشلىرىم ، ئۇ بار يەردە گەپ –سۆزلىرىمنىڭ قولاشماي قېلىشلىرىم ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ دىققىتىنى تاتقان ئىدى ، بىر جۈمە كۈنى كەچ ھەر جۈمە كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنكى ئىككى كۈن دەم ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا بۇ كۈنى كەچ ۋاقتىلىقى مەكتەپ ئىچى سىردىشىدىغان مۇڭدىشىدىغانلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا يالغۇز مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلىنىمەن دىيىش خام –خيال ئىدى ، شۇنى ئېنىق بىلگەچكە يەنىلا مىنىڭ مەنىۋى جەننىتىم بولغان مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا بېرىشنى لايىق تاپتىم ، كۈتۈپخانىدا ئادەم جىق ئىدى ، بىر ھىكايىنىڭ بېشىنى ئەمدى ئوقۇشۇمغا يېنىمدا رائىلە پەيدا بولدى . ئۇ بايىلا ماڭا يېڭىلا تونۇشقان بىر بالا بىلەن تاماق يىگىلى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى ، 3-قەۋەت ئاشخانا بولغاچقا ھەيرانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ دېدىم:
-ھەي ئېزىپ قالمىغانسەن ، بۇ 2-قەۋەت جۇمۇ . باشقىلارنىڭ دىققىنى چېچۋەتمەي دەپ بوش ئاۋازداگەپ قىلۋاتاتتىم .
- بىلىمەن ، بولدى ماڭە كىيىن ئوقوۋال قالغىنىنى
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولۇمدىن تۇتۇپ سۆرىگەندەك ئېلىپ ماڭدى ، ئوقۇغان كىتابىمنى جايىغا ئاپىرىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم .
سىرت بەكمۇ سالقىن ئىدى ، سىرغىن شامال يۈزلىرىمىزگە چۈشكەن ماڭلاي چاچلىرىمىزنىڭ ھەر تەرەپكە ئۇچراتتى . رائىلە كۈندىكىدەكلا شوخ ئىدى .
- ئاھ نىمىدىگەن سالقىن .
ئۇنىڭ خۇددى بۇنداق سالقىن ھاۋادىن تۇنجى قېتىم نەپەس ئېلۋاتقاندەك گەپ قىلغاندىكى چىراي ئىپادىللىرىگە مەسلىكىم كىلىپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم .
ئاۋۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرايلىچۇ ؟ ياتاققا كىرسەكمۇ بىكار ئولتۇردىغان گەپ شۇ .
ياتاق ئالدىدىكى تاش كۆۋرۈككە كىلىپ ئولتۇردۇق .
قارشى تەرىپىمىزدە مەيداننڭ ئۇ چېتىدىكى ئوغۇللار ياتاق بىناسىدىكى ياتاقلارنىڭ بەزىرلىرىدە چىراق يېقىلغان ، بەزىلىرىدە يېقىلمىغان بولۇپ خۇددى شۇنداق لاھيىلەپ قويغاندەك بەش يۈلتۇز شەكىلدە يۇرۇپ تۇراتتى .
-نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن ؟ خىيالغا چۆكۈپلا كەتتىڭغۇ ؟
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بىلىكىمنى يىنىك چىمداپ قويدى .
ھىچنىمە ، ھىچنىمە ئويلىمىدىم .
-ۋاي قويە سىنى گەپ قىلمىسام قاچانغىچە يۇشۇرىسەن ، بىلەيدۇ دىمە مەردانغا كۆڭلۈك چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق – ھە ؟خاتا دىمىگەندىمەن .
يۈزۈپ ئوت كەتكەندەك قىزىپ كەتتى ، جاۋاپ بەرمەستىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قويدۇم .
شۇنىڭدىن كىيىن ئەسلىدىنمۇ ئايرىلماي نەگە بارساق بىللە يۇرۇيدىغان ئىككىمىز ئاخشىمى ئۇخلىساقمۇ كىچىككىنە كارۋاتتا قىستلىپ يېتۋالىدىغان ، ياتاقدىكىلەرنىڭ بىز ئۇخلىيالمىدۇق كۇسۇرلاشماڭلارچۇ ؟ دىگىنىگە ئۇنماي يېرىم كېچىگە مۇڭدىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق .
يەنە بىر تەتىل ئۆتۈپ مەكتەپكە يىغىلىپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتۇق ، ھەر بىر سىنىپ ئۆز ئالدىغا پاراتتىن ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى ، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا شۇنداق ،« كالىنى چىمدىپ ئۆلتۇرۇش » دىگەندەك بۇ خىل بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدىكى ھېسيات ھەر ئىككىمىزنى خېلىلا چارچاتقان بولسىمۇ ھىچقايسىمىز ئاۋۋال ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۋاتاتتۇق (مىنىڭ بۇ مىجەزىمدە ھەرگىز ئاۋۋال ئېغىز ئاچمايتىم ) .
بۇ قېتىمقى پاراتتىن ئۆتۈشكە مەشىق قىلدۇرۇشقا سىىنىپتىكى تەنتەربىيە دەرسىدىكى ئەلاچى ئادىل مەسئۇل بولدى .مەشىق ۋاقتى ئۈچ كۈن ئىدى . ئۇنىڭ شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ كوماندا بېرىشلىرى ھارغىنلىقلىرىمىزنى چاندۇرمايتى ، ئوقۇغۇچىلار بوي ئىگىزلىكلىرى بويىچە تىزىلغان بولۇپ رائىلە ئىككىمىز بىر قۇردا مەردان بىلەن ئارلىقىمىزدا ئۈچ قۇر بار ئىدى . مەشىقنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كىيىن مەشىق ئارلىقدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا مەردان رائىلە بىلەن پاراڭلاشقان بولۇپ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ،ئارىمىزدا يەنە بىر ئادەم پاتقىقدەك ئارلىق بولسىمۇ يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كىتۋاتاتتى ، ئۇنىڭمۇ رائىلەگە گەپ قىلغاچ ياغاچ بىلەن يەرنى سىزىپ ئولتۇرغان قوللىرى سۇس تىترەيتى ، تۇنۇشقان 1يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يېقىن ئارلىقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتۇق .
- ۋاي- ۋۇي ئىككىڭلار بىر يەردە ئولتۇرساڭلار ئەجەپ يارىشىدىكىنا . بۇ بىزنىڭ ياتاقدىكى دىلنۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى ، دىلنۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنڭ مۇاۋىن رەئىسى ھەم تازلىق گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئىدى . ئۇنى بۇ ئورۇنغا ئاساسلىقى مىجەزىنىڭ ئوچۇقلۇقى ھەم شوخلۇقى بىلەن ئېرىشكەن دىيىشكىمۇ بولاتتى . ياتاق ئىچىدىمۇ دائىم : نىمە بولدۇڭ ؟ كىچىك، خيال سۇرۇپ قاپسەنغۇ ؟ دىگەندەك گەپلەر بىلەن ماڭا ئامراقلىق قىلاتتى .
ئۇنىڭ بۇ گىپى ھەر ئىككىلىمىزنى ئوسال قىلىپ قويدى .
-ئەلۋەتتە يارىشىدۇ –دە ،ئەسلىدىنمۇ يارىشىدىغانلار ئىدى بۇلار .
ئۇلار خۇددى مۇشۇنداق بىر پۈرسەتنى تاپالماي ئاران تۇرغانلاردەك بىرسى توختىسا بىرسى باشلاپ مىنى خىجىللىقتىن يەرگە كىرگۈزىۋىتەيلا دەپ قالدى . يەنە ئولتۇرىۋەرسەم تېخىمۇ ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىمنى بىلىپ كەتمەكچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرشىمغا رائىلە مىنى ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن پېشىمنى تارتىشى بىلەن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز تۇرغاچقىمۇ بېشىم قايغاندەك بولۇپ ئۆزۈمنى تۇتۋېلىشقا ئۈلگۈرمەستىن يىقىپ چۈشتۈم . قاتتىق چۈشمىگەن بولساممۇ ئۇششاق تاش يېيتىلغان يەرگە قاتتىق تاينىۋالغىنىىم ئۈچۈن ئالقانلىرىمغا تاشلار پېتىپ كەتكەن ، بىر نەچچە تال تاش تېرە ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى . ئاچچىق ئاغرىق ئالقانلىرىمدىن كىرىپ مىڭەمگە چىقىپ كەتتى ، ئاستىنقى لېۋىمنى چىشلىگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنىمۇ قاقماستىن ياتاق تەرەپكە يۇگۈردۈم ،ياتاققا كىردىمدە ئۆزۈمنى كارۋىتىمغا ئېتىپ قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىدە يېتىۋالدىم ، كەينىمدىن ئالدىراپ كىرگەن رائىلە مىنى يىغلاۋاتىدۇ دەپ قالغان چېغى ، ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .
-قانداقراق ؟ مۇنداق قىلە بەك ئاغرىپ كىتۋاتامدۇ ؟ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا چىقامدۇق ؟
ئۇنى تېخىمۇ خىجىل قىلىپ قويماي دەپ زورىغا كۈلۈمسىرىدىم : ياق ئۇنچە ئېغىر ئەمەس
-ئەكىلە كۆرۈپ باقاي ، ئۇ قولۇمنى ئالقىنىغا ئالدى –دە ئاۋايلاپ پۈۋلىدى . ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى كۆزلىرىمدىكى يالغان كۈلكىكىنىڭ كەينىگە ئاران يۇشۇرغان كۆز ياشلىرىمنى تاشقۇزۋەتتى .
- سۇ تەڭشەپ بەرسەڭ قولۇمنى چايقىۋالساممۇ بوپتىكەن – ھە
-......................
مەكتەپ دوختۇرى خېلى قىينىلىپ يۈرۈپ تېرە ئىچىگە پېتىپ كەتكەن ئۇششاق تاشلارنى چىقىرۋەتكەن بولسىمۇ ئالقانلىرىمنىڭ ھەممىلا يېرىگە قان ئۇيۇپ كەتكەن ئىدى .
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن مەشىققە چىقمىدىم . ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئاشخانىدا ئۇنى ئۇچىرتىپ قالدىم ، ئۇ مىنى كۆرۈپ مەن تەرەپكە ماڭدىيۇ ئىككى قەدەمچە مېڭىپ توختاپ قالدى . بەلكىم يېنىمغا كەلسە ياتاقداشلىرىمنىڭ بىزنى يەنە ئوسال قىلشىدىن ، مىنىڭ يەنە قاچىمەن دەپ يارلىنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرگەن بولسا كېرەك .
ئاشخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئاشخانا ئىشكىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ، قارىماققا ئۇ ئاتايىتەن بىزنىڭ چىقشىمىزنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، رائىلە بۇنى مەندىن بۇرۇن ھېس قىلغان بولسا كېرەك مىنىڭ يېنىككىنە دىقمىرلاپ قويدى ، لىكىن مەن خۇددى ھىچنىمىنى كۆرمىگەندەك بىلمىگەن قىياپەتتە ياتاق تەرەپكە ماڭدىم، مۇھەببەت شۇنداق بولسا كېرەك قارشى تەرەپ سىزنى قوغلىغاندا قاچقىڭىز ، ئۇ قاچقانداق قوغلىغۇڭىز كىلىپ قالىدىكەن .
|
|