ئىگىسى: akida

ئەڭ لاياقەتلىك ئوغۇل دوستنىڭ ئۆلچەملىك تەلىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4424
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2195
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 02:44:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش باللارنىڭ ئىش تولىكەن

UID
10333
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 16:52:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىرىم بۇرۇن  شۇنداقتى  .  ھازىر   بەك ئەمەس .  بەزىدە ئۇنى  تۇنۇيالماي  قالىمەن.  يەنە   بەرزىدە   ئۇنىڭدىن  سۇيۇنۇپ  كىتىمەن .   تۇرمۇش  قۇرۇش بىلەن مۇھەببەتلىشىش   پەقەت ۋە پەقەت  ئوخشىمايدۇ .     ئايالمۇ   ئەر مۇ   ئۆز گىرەيدۇ .   بەلكىم  تۇرمۇش  بىسىمىدىن  بۇلۇشى مۇمكىن .

ئۇلۇغ ئاللاغا بىھىساپ  شۇكۇرلەر بولسۇن .

UID
10753
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1797
تىزىملاتقان
2011-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 16:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ ئوغۇل دوسىت، قىز دوسىت دىگەن نەرسىلەردىن بەكلا زىرىكىمەن دېسە!!!( مىنىڭلا كۆز قارشىم ئۆزىڭىزنى بىسۋىلىڭ)

UID
5178
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2010-8-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 18:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلدىكىدەك مۇسۇلمان ئەرنىڭ سۈپەتلىرى
تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ياخشى مۇسۇلمان يىگىتنى ئۇچرىتالايمەن؟ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب:
سىزنىڭ تۇرمۇشتا دىندار ھەمراھىڭىزنىڭ بولىشى ۋە يىگىتىڭىزنى تاللاشتىكى ئىسلامىي ئۆلچەملەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. تۆۋەندە بىز سىز تاللىماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشقا تىگىشلىك مۇھىم سۈپەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىمىز:
*دىيانىتى: بۇ سىز توي قىلماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم تەرەپتۇر. سىز تاللىغان يىگىت كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە ماڭىدىغان مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تىرىشىشى، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى لازىم. يىگىتتىن سورىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى ئۇنىڭ  نامىزىدۇر. ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىمايدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشمايدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئايالىغا بېسىم قىلمايدۇ ۋە خارلىمايدۇ. ئەگەر ئايالىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى قەدىرلەيدۇ، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسە خارلىمايدۇ ۋە ھاقارەت قىلمايدۇ. ئېتىقادسىز كىشىلەردە بۇ سۈپەتلەرنىڭ تېپىلىشى تەس. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان ھالەتتىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 221-ئايەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسى].
يەنە بىر ئايەتتە: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدائەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» [سۈرەھۇجۇرات 13-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].
يەنە بىر ئايەتتە: «ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە  لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.» [سۈرە نۇر 26 -ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە دىنى ۋە خۇلقى يارايدىغان بىرى ئىگىدارچىلىقىڭلاردىكى نىكاھلىنىدىغان ئايالنى سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار ئۇ ئايال زېمىندا پىتنە-پاسات بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].
*يىگىتنىڭ دىنى ئېتىقادى ياخشى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ جەمەتى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ھەم ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەگەر بىر ئايالغا ئىككى ئەردىن تەڭ توي تەكلىپى قويۇلسا، ئېتىقاد جەھەتتە پەرقلىنىپ كەتمىسە، ئۇلارنىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئېتىبار قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە تەقۋادارلىقتىن باشقا بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەسەبى ۋە قېنى، ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئېسىل سۈپەتلەر، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىكى ياخشى پەزىلەت ۋە ئەخلاقلار ئۇنى ناچار، پەس قىلىقلاردىن توسۇپ قالىدۇ. پەزىلەتلىك دادا ۋە بوۋىنىڭ ئائىلىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى پەرزەنت ۋە نەۋرىلەرنىڭ ئېسىل پەرزەنتلەردىن بولىشىغا پايدىلىق. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر.» [سۈرە كەھف 82-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھنىڭ ئىككى پەرزەنتكە ئاتىسىدىن قالغان بايلىقنى قانداق ساقلىغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتىسى تەقۋادار ۋە ساغلام ئەقىدىدە بولغانلىقى ئۈچۈن،  ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىپ، مال دۇنياسى ئۆز پەرزەنتلىرى قولىغا تەگدى. شۇنىڭدەك سىز تاللىماقچى بولغان ئەر سالىھ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ ئۇنى ئاسراپ تۇرىدۇ.
*ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋە  ئائىلىسىنى قامدىيالىغۇدەك ئىقتىسادى بولغىنى ياخشىدۇر. فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۆزىگە ئۈچ ئەركىشىنىڭ نىكاھلىنىش تەكلىپى قويغانلىقىنى ۋە كىمنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئاۋىيە بولسا نامرات بىر كىشى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى يوق.» [مۇسلىم رىۋايىتى1480-ھەدىس]. ئۇنىڭ چوقۇم سودىگەر ياكى باي كىشى بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيناپ قويمىغۇدەك، باشقىلاردىن سورىمىغۇدەك ئىقتىسادى كىرىمى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېتىقادى ياخشى كەمبەغەل مۇسۇلمان بىلەن ئېتىقادى ياخشى بولمىغان باي مۇسۇلمان كەلسە، چوقۇم ئېتىقادى ياخشى بولغىنىنى ئىختىيار قىلىش لازىم.
*ئاياللارغا كۆيۈمچان، سىپايە بولغىنى ياخشىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك: «..ئەبۇ جەھمىگە كەلسەك، ئۇنىڭ قامچىسى مۈرىسىدىن چۈشمەيدۇ...» دەپ ئۇنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان.
*سالامەتلىكى ياخشى، بەدىنىدە باشقا بىرەر ئەيىبى يوق، ئاجىزلىق ۋە تۇغماسلىقتىن خالى بولغىنى ياخشى.
*قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بىلىمى بولۇشى، ئەگەر شۇنداق بىرىگە ئۇچرىسىڭىز بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى بولغىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا باشقا تەرەپلىرىنى ئويلىشىشىڭىز ۋە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك.
*ئايال كىشىنىڭ يېنىدا مەھرىمى (يەنى دادىسى ياكى ئاكىسىغا ئوخشاش) بولغان ئەھۋال ئاستىدا، توي تەكلىپى قويغىلى كەلگەن ئەرنى كۆرۈپ بېقىشى ۋە ئەرنىڭ ئايالنى كۆرۈپ بېقىشىغا بولىدۇ، ئەمما يالغۇز كۆرۈشۈشكە، سىرتلاردا يالغۇز ئۇچرىشىشقا، سەۋەبسىز قايتا-قايتا كۆرۈشۈشكە  بولمايدۇ.
*توي قىلماقچى بولغان ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۆز ھامىسىدىكى ئايالغا توي تەكلىپى قويغۇچىنى ئۇنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئامانەتدار، دىندار كىشىلەردىن ئۇ توغرىسىدا توغرا كۆز قاراش ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
*يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىز ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئاللاھتىن بۇ ئىشنى خەيرلىك قىلىپ بېرىشى ۋە نىكاھ ئىشلىرىڭىزدا كۆڭلىڭىزدىكىدەك يىگىتنى رىزق قىلىپ بېرىشىنى تىلەڭ، شۇنداقلا قەلبىڭىزنىڭ مۇئەييەن بىر شەخسكە توختىشى ۋە ئىشتا ئاخىرقى قارارنى ئىلىشىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ ئىستىخارە نامىزى (يەنى ئاللاھتىن مەزكۇر ئىشتا ياخشىلىق تىلەپ ناماز ئوقۇش) ئوقۇشىڭىز لازىم بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر.

ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزگە ئاسانلىق، تۇرمۇشىڭىزغا سالىھ ھەمراھ، ئىنساپلىق پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.
مەنبە : http://www.islamhouse.com/s/10604

باھا سۆز

altuntarim09  ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 22:28:36

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
257
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7708
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 19:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ پىلتىسى كۆزدە.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
474
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-21 20:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەزىلەرگە بەك ھەيران قالىمەن.
  نىمىشقا  ئۆمۇرلۇك ھەمراھ تاللىغاندا ، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ياكى ماددىيىتىگىلا قارايدىغاندۇ ؟
  نىمىشقا ئۇنىڭ ئىمانى ، ھايا ۋە بۇرچىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمايدىغاندۇ ؟
   
  مەن بۇ تىما توغۇرلۇق ھىچقانداق ئىپادە بىلدۇرمەيمەن .
  ئەمما مىنىڭ ئۆمۇرلۇك جۇپتىم بولغۇچى چوقۇم : ئىمان ئىتىقاتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىشى كىرەك .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
11327
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 23:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئىشلاريادىمغا كەپ قالدى دىسە .....پەچەتكەن !!!

ئاكاڭ شۇ

كۆيۈمچان ئەزا

تارازىغا ئەڭ ئېغ

UID
8321
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2010-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 00:30:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئازراق پايدىلانسام بولغۇدەك..
رەھمەت

UID
11282
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
929
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 00:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بىر سىر، ھىيلە، ئامال چارىلەرنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيلغىلى تۇرۇپتىغۇ ماۋۇ يەردە...........  ئادەملەر شوڭا ھازىر بىربىرىدىن ئۆتەر قاقباش، قۇۋ بۇپ كەتتى ................
مەنغۇ ياشىنىپ قالدىم، ئۇنداق ئىشلار ماڭا بەربىرى شۇنداقتىمۇ

تىرىشچان ئەزا

ئاقىل ئۆزىنى ئاي

UID
11156
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
651
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 18:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، كىنو-تېلىۋىزىيىلەردە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنچە رومانتىكمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بىز چۈشىنەلمىگۈدەك ئۇنچە مۇرەككەپ نەرسىمۇ ئەمەس.
  قايسىدۇر بىر چاغدا بىر دوستۇم ماڭا :<< ئۆزەڭ سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، ئۆزەڭنى سۆيگەننىڭ گۈلى بولغىن >> دىگەن گەپ توغرىمىدۇ  ،  دەپ سوئال قويغانتى.
   مەن شۇ چاغلاردىكى رومانتىك ھېسسىياتىم بويىچە << چوقۇم ئۆزى سۆيگەن ھەم ئۆزىنى سۆيىدىغان بىرى بولۇشى كېرەك، بولمىسا تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ>> دىگەن ئىدىم.
   مانا تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ.ھېلىھەم شۇ گېپىمدىن يانغىنىم يوق، ئەمما بىر نەرسىنى چۈشەندىمكى: <<ئۆزەڭ سۆيگەن ھەم ئۆزەڭنى سۆيگەن>> نىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى مۈمكىن ئەمەسكەن ھەم ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى بەكمۇ تەس ئىش ئىكەن.
  ئۆزىمىزنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئوغۇل دوست ياكى قىز دوست ئىزدىسەك يۇقىرىدىكى تورداش ئېيتقاندەك لاي ئېتىپ قېلىپتا قويۇۋالساق بولىدىكەن.
  تۇرمۇشتا قىز-يىگىتلەر، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىكەن: يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق. مانا مۇشۇ بولسىلا تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدىن چىقالايدىكەن، مانا مۇشۇ بولسىلا بىر ئائىلە مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە بولالايدىكەن. بىزدە دەل مۇشۇ نەرسە كەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلە قۇرغانلاردىن بۇزىدىغانلار كۆپ!

ئۆزىنى سۆيگەن باشقىلارنى سۆيەلەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش