- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1582
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- UID
- 2091
- يازما
- 1582
- تېما
- 53
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 50537
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-6
- توردا
- 84 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار بىز مۇنبەر يۈزىدە ‹ ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ باقايلى› دېگەن 40 بەتتىن ئاشقان ئىنكاسلىق تېمىنى ئوقۇپ دىققىتىمىزنى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇپ ئۆتتۇق ، نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كۆز قاراشلارنى چۈشەندۇق ، خوش ...ئۇنداقتا جەمئىيەتتىكى كەڭ ۋە كۆپ ساھەدىن تەشكىل تاپقان ئاتا-ئانىلار توغرىسىدىمۇ مۇنازىرە قىلىپ باقمامدۇق ..
مەنمۇ بىر ئانا ، يېقىندىلا ئۈرۈمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم ، چوڭ زالدىكى مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىرى ۋە ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرىنىڭ سېستىمىلىق كەڭ مەزمونلۇق نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدىم كەينىدىنلا سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سىنىپلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ پارتىسىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ، بۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىدىن يىغىلغان بولۇپ بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىغا يېقىن ئەتىراپتىكىلەر چاقىرتىلىپتۇ ،مەكتەپ شارائىتى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى نىسبەتەن يۇقىرراق شۇڭا رىقابەتمۇ كۈچلۈك ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ بىز ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تىگىشلىك پىكىرلىرىمىزنى بېرىپ ئۆتتۇق ھەم سىنىپ مۇدىرىنىڭ بىزدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى چوقۇم ئورۇنلاشقا ۋەدە بېرىپ قايتىشتۇق .
قايتىپ كېلىپ بالامنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان كۈندىلىك پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەھلىللەرنى ئېلىپ باردىم ۋە يولدىشىمغا ئۇنىڭ ئىلمى نەتىجىسىنىڭ سىنىپتا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىمۇ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى دەپ بەردىم . شۇنداق بولسىمۇ بالامنىڭ بۇندىن كېيىنكى شانلىق مۇساپىسى توغرىسىدا پىلان تۈزۈشىمنىڭ زۆرۆرلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن ..
مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ ئاتا -ئانىلارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلىرىگە يۈرىكىدىن كۆيۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
يېقىندىلا مەكتىپىمىز ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ داڭلىق مۇتەخخەسسىسى تۇرسۇنجان ھەسەننى ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ئايرىم ھالدا لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىدۇق . لىكسىيە ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى بولغان مىجەز خارەكتىرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، چوڭ زالدا مىڭدىن ئارتۇق ئاتا-ئانا پۈتۈن دىققىتى بىلەن لىكسىيە ئاڭلىدى ،كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى جەھەتلەردە كەتكۈزۈپ قويىۋاتقانلىقلىرىنى ھېس قىلىپ ئەپسوسلانغان بولسىمۇ ئازساندىكى بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار قولىدىكى تېلفونلىرىغا قاراپ ياكى يېنىدىكى بىرسىلىرى بىلەن باشقا موزمونلاردىكى سۆزلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشتى ...
تۇرسۇنجان مۇئەللىم قولىغا مېكرااوننى ئېلىپ مۇنبەردىن چۈشۈپ كەڭ ئامما ئارىسىدا يۈرۈپ ھېچقانداق ماتىريالغىمۇ قارىماي شۇنداق راۋان ، مەزمونلۇق سۆزلىدى ،ھەر بىر نوقتا ئۈستىدە توختالغاندا ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى بىلەن شۇنداق تەسىرلىك ھەم پايدىلىق مەزمونلارنى سۆزلىدى ، بەزى ئاتا-ئانىلار تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالسا يەنە بەزىلىرى : نەچچە يۈز يۈئەن پۇل خەجلەپمۇ بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىيالمايمىز .دىيىشتى .
ئۇنداقتا مەنمۇ سىزدىن شۇنى سوراپ باي قېرىندىشىم :
1- سىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكىچۇ؟
2- لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك ؟
3-ئانىلارنىڭ پەرزەنتنى ئۆزى يەڭگىگەن بالا بىلەن دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئوپىراتسىيە قىلىپ يەڭگىگەن بالىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە پەرقى بارمۇ ؟
4- ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان پەرزەنت بىلەن ئانا سۈتىدە چوڭ بولمىغان پەرزەنتنىڭ ئەقىل ئىدراكىدا پەرىق بارمۇ ؟
5- پەرزەنتىڭىز مەكتەپتە 8-10سائەتكىچە ئوقۇغان بولسا قېپ قالغان 14 سائەتتەك ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
6- پەرزەنتىڭىز ئۆگۈنىش قىلغاندا سىز نەدە ئىدىڭىز ؟ نېمە ئىش قىلىۋاتقان ؟
7- پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى موجبوريەتلىرى نېمە ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى موجبوريىتىچۇ؟
سىز بىر ئاتا ياكى ئانا بولسىڭىز ۋەياكى بولۇش ئالدىدا ، قېنى يۈرىكىڭىزدىكى سۆزىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ . بەلكىم بۇ جەھەتتە مۇنبىرىمىزدە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولىشى مۇمكىن ، ياخشى تەكلىپلىرى بولسا پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشتە ياردىمى بولىدۇ ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ تۇرغان ئاتا-ئانىلار بولسا ئۇلارغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس . ياراتقان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىللىرىغا مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاتا قىلسۇن ! |
|