چىن ھەقىقىي مۇھەببەت يوق
( بۇ شېئىرىمنى جەمئىيىتىمىزدىكى مۇھەببەتنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان، چىن ھەقىقىي نىيەت بولمىغان، ئىمان-ئىنساپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقان بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا بېغىشلايمەن.)
نەزەر سالساڭ ئەتراپىڭدا چىن ھەقىقىي مۇھەببەت يوق،
ئۆز يارىغا ۋاپادارلىق، پاك ئەقىدە، ساداقەت يوق.
بەزىلەر بەك ئەقىلسىزكەن ئويۇن قىلدى مۇھەببەتنى،
كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ يۈرەر دىلدا ئىنساپ-دىيانەت يوق.
كۆيدۈم دەيدۇ سۆيدۈم دەيدۇ قىلىپ ئېغىزنى قەنت-ناۋات،
ئەمما دىلدا نىيەت باشقا زەررىچىلىك ھىدايەت يوق.
قولتۇقلىشىپ باغچىلاردا يۈرۈپ كېتەر بەك رومانتىك،
قايرىۋەتتى پەدىشەپنى قىلچە ئەخلاق-پەزىلەت يوق.
زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ كېتەر :«يۈردۈم ھەپتە»«يۈردۈم تۆت ئاي»،
مەنمەنچىلىك قىلغان بىلەن مۇھەببەتتە بەرىكەت يوق.
سۇسلاپ كەتتى شەرمى-ھايا، بازار تاپتى مېھمانخانا،
ئازدۇرغاندا شەيتان راسا، قوغلايدىغان بىر جۈرئەت يوق.
مەۋجۇت ئەمەس ئۆز قەلبىدە چىن ئەقىدە چىن ساداقەت،
«ئۆمۈر بويى سۆيۈپ ئۆتەي» دەيدىغان بىر خىيالەت يوق.
زېرىكىدۇ تۆت كۈندىلا، تاشلاپ كېتەر بىر ياققىلا،
شۇمۇ مۇھەببەت بولامدۇ، بۇندىن ئېغىر ھاقارەت يوق.
ئويۇن قىلما مۇھەببەتنى، ئەقىدەڭگە قىلغىن ۋاپا،
ۋىجدانى يوق ۋاپاسىزدا ئىتتىن بۆلەك قىياپەت يوق.
كىرمە شەيتاننىڭ كەينىگە، باردۇر ئاللاھنىڭ سورىقى،
گەدىنىڭگە پاتسا گۇناھ ئۇندىن قاتتىق نادامەت يوق.
ئىمان ھەمراھ مۇسۇلمان بىز، ئەمەس كاپىر يا غەربلىك،
يوقاتقاندا ئەسلىڭنى سەن، بۇندىن ئارتۇق ھالاكەت يوق
.