تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 6

كۆڭۈل لۇغىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل لۇغىتى




(خەلق ناخشىچىسى ئابدۇۋېلى داۋۇتقا بېغىشلاپ)




قاراخان



   قىزلىرىم ...
   قاراخان


       ئەل ئىچىدە تۇغۇلغان قوشماق مېغىز قىزلىرىم ،
      شىرىن-سۇخەن ،سۈلكەتلىك قايماق ئېغىز قىزلىرىم،
      تىرىشچان،بەك تەلەپچان،چىچەن چاقماق قىزلىرىم،
      ئىپپەتلىك ،پاك نومۇسچان ئېسىل ئەخلاق قىزلىرىم،
      خىسلىتىدىن دىلنى يورۇق قىلغان چىراق قىزلىرىم.

      ئۆزگە يۇرتقا ئاياغ بېسىپ ئۇنۇتمىغان ئەسلىنى ،
     قوش تىل بىلەن تونۇشتۇرغان ئۆزگىلەرگە نەسلىنى،
     ئۆز قولىدا يازغان ھەتتا شەجەرىمنى ،ۋەسلىنى،
     سۆيۈندۈرگەن،ئەسكە سالغان ،ياشلىغىمنىڭ پەسلىنى،
     بېشىمنى كۆك سۆيدۈرگەن ئىپتىخارىم  قىزلىرىم.

     ‹‹قىز ئوقۇتقان-ئەخمەق››-دىسە، بولدى يۈرەك مىڭ تىلىم،
     مىللەت،جىنىس،ئىرق،ئايرىپ ئولتۇرامدۇ پەن-بىلىم؟
     قىز-ئايالنى ئۆيگە قۇل دەپ ئېيىتمىغانغۇ يا  پىرىم؟
     قىزنى كەمسىتكەن پېقىرنىڭ بېغىدا يوق بىر جىرىم،
    قىز ئۈچۈن تارتقان ،مۇشەققەت ئىختىيارىم قىزلىرىم.

   ۋاپا-ۋىجدان بىلەن ياشا ،تاپقىن ئەلدە ئىناۋەت،
   قىلما ھەرگىز خۇپىيانە دوستقا،يۇرتقا خىيانەت،
  چاڭ-توزاندا بۇلغانمىسۇن دىلىڭدىكى دىيانەت،
   ئۈلپىتىڭ كىم؟! قاغا،قۇزغۇن،قېقىنۇسمۇ ،بىل ئەبەد؟
   ئائىلەمنىڭ يىلتىز، تۇغى،تىلتۇمارىم قىزلىرىم.

   ماختانمىغىن رۇخسارىڭدىن بولسۇن ھايا زىننىتىڭ،
   تومارست بول!نۇزۇك بول!ئاشسۇن قەدىر-قىممىتىڭ،
   دىل يورۇقى ئاڭدا ئايان ئۆكسىمىسۇن قۇۋۋىتىڭ،
   ئەلگە قىلغان مېھنىتىڭنى ‹يەر› قىلمىسۇن مىننىتڭ،
   كەلگۈسىمنىڭ ئۈمۈد نۇرى دىلخۇمارىم قىزلىرىم.

  يامان كۆزدىن ،ئۆسەك سۆزدىن ئىززىتىڭنى ساقلىغىن،
  تومۇرىڭدا ۋەتەن قېنى شۆھرىتىنى ئاقلىغىن...،
  ساداقەتنىڭ ئاسمىنىدا ئاي ،چولپاندەك چاقنىغىن،
   ھەقىقەتنىڭ قىزى بولغىن ئادالەتنى ياقلىغىن،
   مېنى غەمدىن يىراق قىلغان ئەتىۋارىم قىزلىرىم!

        2011.5

  مەنبە:   ئىجادىيەت



ئايلىناي دەپ قىلدىڭ تەسەددۇق،

يۈرىگىڭنى كۈندۈز –كېچىگە.

ئايدىڭ ئاخشام تەنھا  ئەمەستۇق،

‹‹ھاپىز››نى كىم ئالدى  ئېسىگە.

ئەلمىساقتىن غەزەلپەرەستۇق،

ئاق سالدى كىم؟ كىمنىڭ چېچىگە.





كىم كىمنى دەپ كەچتى جاھاننى،

بىۋاپادىن تويغانلىرىڭ ھەق.

كۈيلەپ ئۆتسەڭ ئۇيغۇر- تارننى،

دىدى ئەلمۇ ‹‹كاززاپ››ئىكەن نەق.

ساقايسۇن دەپ ھېسام ياراڭنى ،

چاخچىقىنى قىلىپ قويدى تەق.





نىمە خىسلەت مۇقام كۈيۈڭدە،

ئابلىز شاكىر قايىل بولغۇدەك.

نىمە ھېكمەت ئىچكەن سۈيۈڭدە،

دۇتتىرىڭغا مۇسا كۆيگۈدەك.

دەسمى ئىكەن دۇتتار ئۆيۈڭدە،

دىسەم ئاڭا غۇلجا كۈلگىدەك.





بوستانلىقنىڭ باغۋېنىمۇسەن،

گۈل شارابى چۈشمەس قولۇڭدىن...

تىلسىملارنىڭ داۋرىڭىمۇسەن،

نۇرى سەيدۇل كەتمەس بويۇڭدىن.

سۇنۇق دىلنىڭ تەسۋىرىمۇ سەن،

لۇغەت تۈزەي ئېسىل خۇيۇڭدىن .





تەلكە ياكى ئېلى دولقۇنى،

سەنسىز خىيال سۈرەلمەيدۇ ھېچ.

يۈرىگىڭدە سادىر يالقۇنى،

قويماس سېنى نازىممۇ تېنچ.

سەن ئۇيغۇرنىڭ كۈيلەر سۇلتىنى،

ياكى غېنى كۆتەرگەن قىلىچ!





نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلدىم،

دەرت دەرتمەنگە يېپىشار  شەكسىز.

پەدەڭ بىلەن بىللە سېرىلدىم،

باش پەدىدە ھېسلىرىڭ چەكسىز.

دۇتتار بىلەن تەڭلا يېرىلدىم،

دۈتتار ياكى‹‹ مەن››مۇ كېرەكسىز؟!



2012-يىلى5-دېكابىر


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-6 12:10):
ئۈمۈدۋار ئەپەندىم بۇ ئىككى پارچە شېئىرنىڭ ماۋزۇسنى
ئايرىپ قويسىڭىز؟!

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50482
يازما
182
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
182
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما  ئىكەن  ،

UID
50608
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-12-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ‹ئەل ئىچىدە تۇغۇلغان قوشماق مېغىز قىزلىرىم ،
      شىرىن-سۇخەن ،سۈلكەتلىك قايماق ئېغىز قىزلىرىم، ›
      كۆڭلى - كۆكسى گوياكى دەريا - دېڭىز قىزلىرىم ،
      پەزىلەتكە باي قەلبى ئالتۇن ئېڭىز قىزلىرىم ،
      بەختلىكمەن شادلىنىپ بىر كۈلسىڭىز قىزلىرىم .


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-8 22:50):
بەرىكەتلىك بولغايسىز .

UID
17664
يازما
194
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
764
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 13 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ،

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aprin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-8 22:50
‹ئەل ئىچىدە تۇغۇلغان قوشماق مېغىز قىزلىرىم ،
      شى ...

خۇرسەن بولدۇم شېئىرىڭىزدىن،
خىيالچان ئۇز چېھرىڭىزدىن،
ئويلىرىمغا ئوپي قوشۇپسىز،
قىزغا ئاتاپ مېھرىڭىزدىن....رەھمەت!

UID
50775
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-12-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى   ياخشى   يېزىلىپتۇ  !

باھا سۆز

a1976681521  بۇ شىئىر ھەقىقەتەن ياخشى يىزلىپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 1 مىنۇت ئالدىدا

UID
50383
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 1 مىنۇت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش