داڭلىق ئۇسۇلچى كۆرەش رەجەپ قىزى زۇلخۇمار كۆرەشنىڭ توي مەرىكىسىنىڭ تۆۋەندىكى سىنلىق كۆرۈنۈشتىكىدەك ئۆتكۈزۈلۈپتۇ،خەنزۇچە مىكرو بلوگ ۋە سىنلىق بەتلەرگە بۇ ئائىلىنىڭ تويىدىن بەزىلەر پەخىرلىنىپ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئالاھىدە كىرىشتۈرۈپ تورغا چىقىرىپتۇ،مىكرو بلوگلاردا بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولغان ئىكەن،بىر قىسىم داڭلىق رىياسەتچىلىرىمىز ئۇنداق بولسا ئۇيغۇرچە توي دىگەن قانداق بۇلىدۇ،سەن ئۇيغۇرچە توي قىلىپ كامىرادا تارتىپ تورغا چىقىرىپ قويغىن كۆرۈپ باقايلى،زۇلخۇمار بەك گۈزەللىشىپ كىتىپسىز،كۆز تەگمىسۇن...ئىشقىلىپ خېلى مەن مەن دىگەن ئۇيغۇر داڭلىق كىشىلىرىمىز بۇ توي كۆرۈنۈشلىرىنى قوللاش پۇزىستىيەسىدە بۇلىۋېتىپتۇ،ئۇيغۇرلار خەنزۇچە تور بېكەتلەردە بىر خىل يۈزدە،ئۆزلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە بىرخىل يۈزدە ئالدىمىزدا نامايەندە بۇلىۋاتىدۇ،خەنزۇچە تور بېكەتلەردىكى مىكرو بلوگلاردىكى بىزنىڭ داڭلىق كىشىلىرىمىز يوللاۋاتقان رەسىملەر،سۆزلەر مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان كۆرۈنۈشلىرىنى پەخىرلىنىپ تورلارغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تويىمۇ تېلىۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەردىن قېلىشمايدۇ دەپ سۆزلەپ كىتىشلىرىنى نىمە دەيمىز،ئەجىبا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلار بولمىغان ، ئۇيغۇرلارغا ھەقىقى تەۋە بولمىغان جايدا ‹يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس›دىگەن ئۆلچەم بۇيىچە ياشاپ، خەقكە بىزمۇ ‹مەدەنىيەتلىك›،‹ئېچىۋېتىلگەن ›مىللەت دەپ ئۆزىمىزنى خەلقىمىز ئالدىدا شۇنداق مىللەت سۈيەر،ئەنئەنە سۈيەر باشقا مىللەتلەر ئالدىدا بىزمۇ دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئېچىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىمىزدە قىلىشقا تىگىشلىك مىللەت دەپ قارىتامدۇق؟مۇشۇ توي سۈرەتلىرىنىڭ پەخىرلىنىپ سۆزلىگۈدەك قانچىلىك ياخشى ئىش بار،نىمىشقا ئاشۇ داڭلىق كىشىلىرىمىز بۇ ئىشقا قوللاش پۇزىستىيەسىدە بۇلىدۇ.بىز مۇشۇنداق ئىچىمىزدىن تۈگۈشۈپ كىتىدىغانلارمۇ؟
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق،مىنىڭچە بولغاندا بۇ توي مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈلگەنمۇ بولسۇن ئەمما نىمىشقا بۇلار بۇ ئىشنى دۇنيا ئەھلىگە تارقايدىغان ئېنتېرنېتقا جار سېلىپ ۋېيبولىرىدا تارقىتىشىپ يۈرۈيدۇ،ئاۋۇ شەيتاندەك ياسىنىۋالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قىزلىرى،دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ داڭلىق ئادەملىرىمىزدىن قىزلىرىنى ئەڭ چاكىنا ئىشلارنى قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەشنى،مۇھاببەتلىشىشنى كۆز - كۆز قىلىشنى كۈتەمدۇ ياكى خەلق ئارزۇلىغان كىىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئارزۇلۇق ئادەملەردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلامدۇ ؟