- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 110
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3432
- تىزىملاتقان
- 2010-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-23
- UID
- 4845
- يازما
- 110
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3432
- تىزىملاتقان
- 2010-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-23
- توردا
- 27 سائەت
|
" سېنى ياخشى كۆرەتتىم " ناملىق بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ، بۇ ھىكايىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز ئېنكاس قالدۇرماي چىقىپ كېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ئەسەرنىڭ تىلى شۇنداق يەڭگىل، ئەركىن، شۇنداق تەبئى چىققان بولۇپ ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل رېتىمدا ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇنى ئەسلىتىدۇ. تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى مۇشۇ بەش، ئون يىل مابەينىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرىلا . تۇرمۇشقا شۇنداق يېقىن ، چىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قىز يىگىت مۇناسىۋىتى.
مەيلى يىگىتنى ئېيتايلى ياكى قىزنى ئېيتايلى ، ئۆزىگە ، جەمىيەتكە ، كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىر خىل روھنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەت، ھازىر ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ پۈتتۈرۈپلا مانا خىزمىتىڭىز دەيدىغان ۋاقىتلار كەلمەسكە كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ھەم بىر يۇرتقا قايتالمايدىغانلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشماي، يېقىن دوستلارچە مۇناسىۋەتتە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆز غېمىدە بولىشىدۇ. كېيىن تەساددىبى پۇرسەتتە چ چ دا ئۇچراشقاندا ئاندىن ئەينى ۋاقىتتا پىنھان تۇتقان مۇھاببىتىنى ئاشكارلايدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ بۇرۇنلا كۆڭلى تۇيۇقلۇق. پەقەت يىگىتنىڭ قىزغا مۇھەببەت ئىزھار قىلمىغان ئاشۇ مۇھىم سۆزىلا كەم. ھازىرقى بەش يىلنى توشقۇزغىچە زېرىكىشلىك ئۆتكەندىن ، كۆڭۈل خوشى ئۆتسەكلا بولمىدمۇ دەيدىغانلاردىن كۆپ ياخشى. قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئەخلاق پەزىلەت. ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى سەل قوبۇل قىلىش تەس بولسىمۇ ، بۇمۇ ھازىرقى تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن. ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك، كۈتكىنىمىزدەك بولىۋەرمەيدۇ ئەلۋەتتە .
مەن تۇمار قېرىندىشىمىزنىڭ " سېنى ياخشى كۆرەتتىم" گە ئوخشاش ياخشى ئەسەرلىرىنى، داۋاملىق تۈردە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن. ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن! قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!!!... |
|