كۆرۈش: 20451|ئىنكاس: 15

ئۈرۈمچى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى30 يىللىق مەرىكىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
43
تېما
40
نادىر
1
جۇغلانما
958
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-21
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 04:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى


ئەلكۈيى تورى كۆنەك 1-كۈنى خەۋىرى:تاراتقۇلار ساھەسىدە رادىيو تارقىلىش تېزلىكى ،بىۋاستە ئاڭلىتىش ئىقتىدارى،قاپلاس دائىرەسى ..قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقىرى بولۇش رولى بىلەن ھەرقايسى تاراتقۇلار ئىچىدە بارلىققا كىلىش تارىخى ئوزۇن،ئاڭلارمەنلىرى بىلەن بولغان بىۋاستە ئالاقىسى يېقىن بولغان خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر تاراتقۇ ھېسابلىنىدۇ.خەلقىمىز ئوزۇندىن بۇيان رادىيونى ئۆزىگە سىرداش دوست،بىلىم تەشنالىقىنى،ئۇچۇر ھېرىسمەنلىكىنى قاندۇرىدىغان بىر مۇھىم ۋاستە قىلىپ كەلگەن.مەيلى چوڭلار بولسۇن ۋە ياكى كىچىكلەر بولسۇن ئۇيغۇرلاردا رادىيو ئاڭلاشقا قىززىقمايدىغانلار يوق دىيەرلىك.دىيارىمىزدا ئۆتكەن ھەربىر يىللاردا بارلىقىنى ئاڭلىتىش،تارقىتىش،رادىيو-تېلىۋىزىيە ۋە ئاخبارات خىزمىتىغا بېغىشلىغان نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈزلىكسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن.بۈگۈن بىز تورداشلارغا ئەنە شۇنداق نەتىجىلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنىڭ 30يىللىق تويى ھەققىدە ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا كەڭ-كۇشادە مەلۇمات بەرمەكچىمىز.

ھەرقايسى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىيارىمىزنىڭ يەرلىك رادىيو ئىستانسىسىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا

ئوغلاق ئېيىنىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بورۇن ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىنتايىن مول مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەن ئەمەت، ئۈرۈمچى رادىيو -كىنو تېلىۋىزىيە جەمئىيتى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رەھبەرلىرى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى دىلشات خەمىت غاپپار،ئۈرۈمچى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىش چاستوتىسىنىڭ مۇدىرى ئەسەت ئابلىز،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار،تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر قەييۇم ،دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئاخبارات كەسپىنىڭ پروفىسسۇرلىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى،مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تورى ،تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى،شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى،شىنجاڭ رادىيو تورى قاتارلىق دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ  رەھبەرلىرى قاتناشتى.يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى مۇختەرئابدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى مۇختەر ئابدۇللا ئەپەندىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسىنىڭ نازارەتچىسى قاھار مۇھەممەد شىنجاڭ سەنئەت رادىيوسى ھەققىدە سۆزلىگەچ بۇ جەھەتتە پىكىر بايان قىلماقتا

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال چاستوتىسىنىڭ نازارەتچىسى ئەركىن تۇران شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال چاستوتىسى ھەققىدە سۆز قىلماقتا

مەركىىزي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە ئۇيغۇرچە تاراتقۇلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى سۆزلىمەكتە

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇدىرى ، نازارەتچىسى ئەسەت ئېزىز ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 30يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى نىشانلىرى يولغا قويماقچى بولغان يېڭى رادىيو چاستوتىسى ھەققىدە سۆز قىلماقتا

يىغىندا ھەر قايسى رادىيو ئىستانسىسىدىكى رەھبەرلەر، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رادىيو خىزمەتلىرىگە بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆز ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە توپلىغان تەجرىبىلىرى توغرىسىدا ئەركىن-ئازادە پىكىر بايان قىلدى. رادىيونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان پىلانلىرىنى، ئۈمىد-تېلەكلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدىن ئەركىن مۇھەممەت تۇران،قاھار مۇھەممەت،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىدىن ئەسەت ئەزىز ۋە باشقا رادىيولارنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ،رادىيو ئاڭلىتىشىدىكى كەمچىلىكلەرنى سۆزلەپ ھەرقايسى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ دوستلۇق بىرىنچى،رىقابەت ئىككىنجى شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى.مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش چاستوتىسىدىن يېقىندا مەخسۇس قاتناش سەنئەت چاستوتىسى بارلىققا كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەردار قىلىندى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىتوتىنىڭ دوسنېتى دولقۇن ئابدۇللا  مۇئەللىم دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە تور،مىكرو بلوگ قاتارلىق يېڭىچە تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم رولى ھەققىدە سۆز قىلماقتا


شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسىنتلىرىدىن دولقۇن ئابدۇللا،ئىلھام كىۋىر،ئىلھام ئابدۇكېرىم قاتارلىق كەسىپ ئەھلىرى  دىيارىمىزدىكى جۈملىدىن ئۇيغۇرچە تاراتقۇ ساھەسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،تېلىۋىزىيە،رادىيو،گېزىتتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ توختاپ قالمىغان تارقىتىش ساھاسىدە ھازىر رىقابەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى،ئۇيغۇرچە تور تاراتقۇلىرى،مىكرو بلوگلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ھازىر دىيارىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى جانلىق مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ھەرقايسى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش خىزمىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىگىشلىك ھەمكارلىق روھى ھەققىدە ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن بۇ جەھەتتە تاراتقۇلارغا بولغان قوللاش سىياسىتى ھەققىدىكى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ھەرقايسى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭك بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپ ئۆتتى.مۇھاكىمە يىغىنى ئىنتايىن قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە  ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەن ئەمەت،ئۈرۈمچى خەلق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى دىلشات خەمىت غاپپار قاتارلىقلار

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار ،مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن گۈلبەھرەم مۇختەر،پەزىلەت ئارسلان

   

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت مۇھىم سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مۇھاكىمە يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردىن بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن، رادىيو خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەھبەرلەر،ھەرقايسى تاراتقۇ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان خادىملار ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇردى، نۆۋەتتىكى رادىيو خىزمىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر قايسى رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئادەم كۈچى بايلىقى، ئۈسكۈنە- ئاپپارات، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە نادىر پروگراممىلار مەيدانغا كەلدى. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پروگرامما مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ پروگرامما باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەر قايسى جايلاردىكى رادىيو ئىستانسىلىرى يۇقىرىدىكى خىزمەتلەرنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە تاراتقۇلار(تور بېكەت،مىكرو بلوگلار كۆزدە تۇتۇلدى) ۋە ھەر قايسى رادىيو ئىستانسىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ،قوللاش شۇنداقلا بۇلار ئارىسىدىكى كەسكىن رىقابەتكە پۇختا تەييارلىق كۆرىشىمىز لازىم دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھاكىمە يىغىن زالىدىن بىر كۆرۈنۈش

شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىوتىنىڭ دوستنلىرىدىن ئىلھام كىۋىر،دولقۇن ئابدۇللا،ئىلھام ئابدۇكېرىم  ۋە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر قەييۇم.. قاتارلىقلار


ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇدىرى ئەسەت ئېزىز

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋار

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇخبىرى گۈلبەھرەم مۇختەر


ھەرقايسى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 30يىللىق تويىدا مۇشۇنداق بىر كاتتا يىغىننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ ھەمكارلىق روھى،تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،خەلق ئاممىسى ۋە ئۆز-ئارا كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا شارائىت يارىتىش بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق تاراتقۇ ساھەسىدىكى بۇ كاتتا يىغىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.ھەتتا مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلىشىپ چۈشلۈك تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىمۇ ھەرقايسى كەسىپداشلار،ئۇستازلار ئۆزلىرىنىڭ تاراتقۇ ساھسىدىكى تەجرىبە -ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ،ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نۇرغۇن ئوبدان تەكلىپ -پىكىرلەر مەيدانغا كەلدى.چۈشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.بۇقېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى يالغۇز ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىن سۈپىتىدە قالماي ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئورۇنلار بىۋاستە قاتناشقان،نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە تاراتقۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز -ئارا ھەمكارلىق ئورناتقان مۇھىم بىر يىغىن سۈپىتىدە مەيدانغا كىلىپ ئۇيغۇرچە تارقىتىش خىزمىتىگە بىر مۇھىن يول ئاچتى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.


ئۈرۈمچى رادىيو تېلىۋىزىيە جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تۆھپىكار ئۇستازى مۇختەر ئابدۇللا ئەپەندىم

مۇھاكىمە يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش




ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش

ئوغۇز ئېيىنىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيتى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. تەبرىكلەش يىغىن پائالىيتىگە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى،شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە  ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.تەبرىكلەش پائالىيتى بىر قانچە بۆلەك  ۋە باسقۇچلارغا ئايرىپ ئېلىپ بېرىلدى.ئالدى يىغىن پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ 30يىللىق تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە دوكلات بىرىلدى.

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ ، شۇ يىلىلىرى كۈنىگە 5 سائەتلىك ئاڭلىتىش ئېلىپ باراتتى. ھازىر بولسا 18 سائەت 35 مىنۇت ئاڭلىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ ، جەمئىي 25 يېقىن پروگرامما ئۈرۈمچىدىكى ھەرمىللەت  ئاڭلىغۇچىلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئاڭلىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ھەربىر ئەجىركارلارنى تىرىشىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قۇتلۇق 30يىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.
ئەنە شۇنداق نەتىجىلەرنى تەبرىكلەش ۋە ھەرقايسى ئەجىركارلارغا چىن دىلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئاساس سېلىش مەقسىتىدە ئوغلاق ئېيىنىڭ 29-كۈنى كەچتە  ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش <ئۈزۈلمەس دولقۇن 30يىل>تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكى  ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئويۇن قويۇش زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.يېقىندا ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلى ئارقىلىق كېچىلىك تولۇق تەپسىلاتى خەلقىمىزگە سۇنۇلىدۇ.


<ئۈزۈلمەس دولقۇن 30يىل> سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر رىياسەتچىلىرى

كېچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە تاراتقۇ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار،رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىدىن كۆرۈنۈش

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور -رىياسەتچىلىرى نومۇر ئورۇنلىماقتا


سەنئەت كېچىلىكىگە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى خادىملىرى، پېنسىيەگە چىققان پىشقەدەملەر،رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ۋە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئەلكۈيى تورى قاتارلىق ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كېچىلىكنىڭ خۇشاللىقىغا تەڭ جۆر بولدى ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.

كېچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ھەرقايسى رەھبەرلەر ۋە تاراتقۇ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار،رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىدىن كۆرۈنۈش


شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتىيورلىرىدىن ئامىنە ئابدۇللا ۋە قۇندۇزئاي تاشلار رادىيودىكى مۇھاببەت ناملىق ئىتوتنى ئورۇنلىماقتا

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇختار ئابدۇللا ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى پىشقەدەم تۆھپىكارلىرى

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش <ئۈزۈلمەس دولقۇن 30يىل>سەنئەت كېچىلىكى نومۇرلارنىڭ سەرخىللىقى،دىيارىمىزدىكى ئاتاقلىق ئارتىسلارنىڭ رادىيونىڭ 30يىللىق تويىغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى،ئىتوتلىرى بىلەن تاماششىبىنلارنى خۇشال قىلسا،30يىللىق شانلىق نەتىجىنى يارىتىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەينى چاغدىكى ھەربىر پىشقەدەمگە بولغان ھۆرمەت ۋە ھازىر ئىشلەۋاتقان ھەرقايسى خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ كېچىلىكتە سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە كەڭ تاماششىبىنلار ۋە كەسىپداشلار ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىنى كۆرگەندەك بولدى.

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىشقەدەم تۆھپىكارلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىندى


ئەينى يىللىرى ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى كىچىك مۇخبىر رىياسەتچىنىڭ بىرى سانالغان ، ھازىر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم كۆڭۈل سۆزى قىلماقتا

ئەلكۈيى تورى تەبرىكلەش پائالىيتىدىن ئېگەللىگەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1990-يىللاردا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆسمۈر مۇخبىرلار ئاڭلىتىشى يولغا قويغان بولۇپ،بۇ ئىش مەملىكىتىمىزدە شۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىلىشىدا باشلانغان بولۇپ،كىيىن مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئۈگىنىشكە باشلىغان.شۇ چاغدا تۇنجى ئۆسمۈر مۇخبىرلار سېپىدە ئىشلىگەن مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان كىچىك مۇخبىرلىرى ھازىر ئوخشاش بولمىغان رادىيو - تېلىۋىزىيە،يېڭىچە تاراتقۇلاردا خىزمەت قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئېگىلىرىگە ئايلانغان.ئەنە شۇ نەتىجىلەر سۈپىتىدە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى  ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ كۆزگەن كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى،خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن تالانتلىق دىكتور -رىياسەتچى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش كېچىلىكىدە پەيدا بولىشى كېچىلىكنى يەنە بىر قېتىم خۇشاللىق مىنۇتلارغا چۆمدۈردى،پىشقەدەملەر ئەينى چاغلاردىكى مىنۇتلارنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئەگىشىپ ئەسلىسە،مېھنەتكەشلەر ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن يىتىشىپ چىققان تالانت ئېگىلىرىدىن سۆيۈنۈپ پەخىرلىنىشتى.




كىچىك دوستلار تەييارلىغان بىز كىچىك مۇخبىرلار ناملىق نومۇر ئۇرۇندالماقتا



تاماششىبىنلار سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

تالانتلىق ناخشىچى ،تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى ئارزۇگۈل خەندان گۈزەل ئالەم ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تويىنى مۇبارەكلىمەكتە


ئۈرۈمچى خەلق رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى30 يىللىق مەرىكىسى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا





پىشقەدەم مېھنەتكەشلەر ۋە ئىزباسارلاردىن بىر كۆرۈنۈش

ئاخىرىدا رەھبەرلەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار سەھنىگە چىقىپ كۆپچىلىككە سالام بەرمەكتە

ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش چاستوتىسىنىڭ مۇدىرى، باش نازارەتچىسى ئەسئەت ئېزىز ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار


ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنىڭ30يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتىگە باشتىن-ئاخىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو -تېلىۋىزىيە جەمئىيتى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەشكىللىگەن بۇ كاتتا پائالىيەتنى كەڭ تورداشلارغا خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە تاراتقۇ ساھەسىدە تىنىمسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى تورداشلارغا چىن دىلىدىن سالام يوللاش مەقسىتىدە يىغىن ئەھۋالى ۋە تەبرىكلەش كېچىلىكى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بىرىش بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنىڭ 30يىللىق قۇتلۇق تويىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدۇ شۇنداقلا ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىگە، تاراتقۇلار سېپىدىكى ئىلغار رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ئورتاق ھەمكارلىق ئاستىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە چىن دىلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى تور بېكىتى

2012-يىلى كۆنەك ئېيىنىڭ 1-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46475
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
85
تىزىملاتقان
2012-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-22
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 08:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،  مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ۋاقتىمدا بەك قىزىقىپ ئاڭلايتىم ،ئادەمنى بەك سۈيۈندۈرىدۇ بەزى پىروگراممىللىرى

ئۈمىدلىك ئەزا

اللەىم &nbs

UID
5946
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
292
تىزىملاتقان
2010-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-18
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۈرۈمچى خەلىق  رادىئو  ئىستاسىنىڭ  بارلىق كۆرۈرمەن ئاڭلارمەنلەر ئۈچۈن 30  يىل مابەينىدە سۇنۇپ كېلىۋاتقان  ئەجىر مېھنەتلىرىگە كۆپ رەخمەت  ..   ئۇلارنىڭ مىنەتسىز خەلىق ئۈچۈن  تۆككەن قان تەرلىرى بەدىلىگە  خەلقىمىز  شۇ  پىداكارلارنى  ئەزىزلەيدۇ  .ھەم ھەربىر ئەجرى ئۈچۈن  ئالەمچە سالام يوللايدۇ .

UID
48437
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-17
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى رادىئو خەلق ئىستانسىنىڭ ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
خەلق ئاممىسىغا 30 يىلدىن بېرى ئەڭ يېڭى نومۇرلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بەدىئىي زوق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ پىشقەدەم ئىشچى خىزمەتچىلىرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!!!
ئۈرۈمچى رادىئو خەلق ئىستانسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!!!  

UID
6054
يازما
289
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7403
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى خەۋەرلەرنى يەتكۇزىۋاتقان ئەلكۇيى تورىغىمۇ تەشەككۇر!

UID
30608
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسىدىكى بارلىق  ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ  نەتىجىسىدە مانا 30يىللىق  مەرىكىسنى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈپ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ. ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسنىڭ  بۇنىڭدىن كېينمۇ پىروگىراممىلىرىنىڭ سەرخىل  خەلق ئاممىسغا يېقىن  بولۇشنى چىن -دىلىمدىن ئۈمىد- قىلمەن . ھەم 30يىللىق مەرىكىسنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .ئىستانسىدىكى بارلىق مېھنەتكەشلەر سىلەرگە سالامەت ياربولسۇن .خىزمىتىڭلارغا ئوتۇق تىلەيمەن.

UID
10805
يازما
38
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
188
تىزىملاتقان
2011-4-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-22
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 12:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېچىلىكنىڭ نەق مەيدان ۋىدىيو(سىن) نۇسقىسىنى قاچان چىقىرىسىلەر؟

UID
37509
يازما
194
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-20
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 16:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى ‹‹كۆنەك ئېيى، ئوغلاق ئېيى، ئوغۇز ئېيى›› دېگەندەك ساپ ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنى ئىشلىتىشتە  ئۈلگە يارىتىپتۇ. قارىغاندا بۇنى ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك!
‹‹شادلىق مىنۇتلىرى›› پروگراممىسىنى ياقتۇرىمەن، ئەمما ھازىر ئاڭلىغۇدەك پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ...

UID
45855
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
       
ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى رادىئو خەلق ئىستانسىنىڭ ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
خەلق ئاممىسىغا 30 يىلدىن بېرى ئەڭ يېڭى نومۇرلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا بەدىئىي زوق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ پىشقەدەم ئىشچى خىزمەتچىلىرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!!!
ئۈرۈمچى رادىئو خەلق ئىستانسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەردىن ھاردۇق سورايمەن

كۆيۈمچان ئەزا

. ئىشەنچ+ئۈمۈتۋا

UID
6545
يازما
115
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3629
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 12:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1982يىلى قۇرۇلغان ئۇخشايدۇ....
مىنىڭ بىر تەكلىپىم با ر :
بىزنىڭ يېزىلاردا ئىشلىتۋاتقان رادىئو قۇبۇللىغۇچ نىمىشقا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە قاناللىرىمىزى ئىنىق ئۇچۇق سۆرىيەلمەيدۇ،،،بىرقانچلا قانالنىلا ئاڭلىيالايمىز ،،،رادىئو قۇبۇللىغۇچتىكى گەپ ئۇخشايدۇ دەپ 200 يۈەنلىك رادىئۇ قۇبۇللىغۇچنى سىتۋالساقمۇ يەنە ئۇخشاش پۈتۈن ئۇيغۇرچە قاناللارنى ئاڭلىيالمايمىز .بۇ قانداق بولغىنى ..
107.1   107.4  دىگەندەك قاناللارغا سىتىرىلكىنى ئەكەلسەكمۇ چىقمايدۇ،،،،بۇلسا قانداق رادىئو ستۋالساق پۈتۈن ئۇيغۇرچە قاناللارنى ئىنىق ئاڭلىيالايمىز.
بولسا مۇشۇنى بىر ھەل قىلپ باققان بولساق .؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش