كۆرۈش: 9684|ئىنكاس: 25

بىزنىڭ ئۆيدىكى يۇمۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1381
يازما
483
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15899
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 17:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ ئۆيدىكى يۇمۇرلار


ئادەتتىكى ئادەم بولىمەن


بىر كۈنى ئوغلۇم مەندىن سورىدى
ـ ئاپا مەن چوڭ بولغاندا نىمە بولسام بولار؟
ـ ئۆزەڭ دەپ باققىنا قوزام،نىمە بولغىڭ بار؟
ـ ئالىم بولايمۇ، ساقچى بولايمۇ؟ـ دەپ بىردەم غودۇراپ بېقىپ يەنە مەندىن سورىدى:
ـ ئاتام قانداق ئادەم بولدى؟ـ مۇنداقلا جاۋاپ بېرىپتىمەن:
ـ ئادەتتىكى ئادەم بولدى.
ـ مەنمۇ ئادەتتىكى ئادەم بولىمەن. (ئۇ بەلكىم ئادەتتىكى ئادەم دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسە كېرەك،بۇنىڭدىن ئاتىلارنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى ئۈلگىلىك رولىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگىلى بولىدۇ)

قايتىدىن باشلاش


بىركۈنى ئوغلۇمغا يولدۇشىم ئۈستىدىن قاخشاپ ساپتىمەن:
ـ مۇشۇ ئاتاڭنى قانداق قىلسام بولار؟
ـ ئاجرىشىپ كەتمەمسەن!
ـ ھە ؟ ئاجرىشىپ كەتسەم ئاتاڭ يوق بولۇپ قالمامدۇ؟
ـ يەنە توي قىلمامسەن.
ـ توي قىلسام باشقىلارنى ئاتا دەمسەن؟
ـ ياق ئاتام بىلەن توي قىلمامسەن.
ـ ئەسكى دەپ ئاجرىشىپ كېتىپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامدىم؟
ـ قايتىدىن باشلىساق ياخشى بولۇپ كېتەمدىكىن دەپچۇ.

يانچۇق ۋە پۇل


- ئاپا، مەن بۇنداق يانچۇغى جىق ئىشتاننى كەيمەنمەن!
- نىمە ئۈچۈن؟
- پۇلۇم ئازا بولۇپ قالىدىكەن.
- قانداق بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟
ـ راستقۇ، چوڭ ئادەملەرنىڭ يانچۇغى ئاز پۇلى جىق،كىچىك بالىلارنىڭ يانچۇغى جىق پۇلى ئاز بولىدىكەن!

كۆڭۈلگە كېلىش


ئوغلۇمغا مەلۇم بىر سۈت پاراشۇكىدا چاي قىلىپ بەرسەم،بىرنەچچە كۈن ئىچىپ بېقىپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى.
-ئاپا مەن بۇ چاينى ئىچمەيمەن.
- نىمىشقا ئىچمەيسەن قوزام؟
- كۆڭلۈمگە كېلىدىكەن. ( ئۇ كۆڭلۈمگە تېگىدىكەن دىمەكچى،شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ ئۆيدە كۆڭۈلگە تەككەننى كۆڭۈلگە كېلىش دەيدىغان بولدۇق.)

ئەزان چوڭ داداش


بىر كۈنى ھەدەمنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرسام،ئوغلۇم ھاسىراپ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ:
-ئاپا ئاپا، ئەزان دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟
-بىر نەرسىنى جىق پۇلغا ئالساڭ قىممەت، ئاز پۇلغا ئالساڭ ئەرزان بولىدۇ.
-بۇنى بىلىمەن.لېكىن دۇنيادا ئەزان چوڭ داداش،قىممەت چوڭ داداش دەپ چوڭ داداش بارما؟-مەنمۇ گاڭگىراپ قالدىم:
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟
- مۇشۇ ئاكام،ـ ئۇ ھەدەمنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى –پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقاندا، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماڭلار بۇ يەردە ئەزان چوڭ داداش بار،دەيدۇ.- ھەدەمنىڭ ئوغلىدىن نىمە ئىشلىغىنى سورىدىم:
- ۋاي ئاھۇ ئاپا، سىز كۈندە مەچىتتە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ توۋلايدىغان ئەزان چوڭ داداشنىمۇ بىلمەمسىز؟ (ۋاي خۇدايىم ئۇ مەزىن چوڭ داداش ئەمەسمۇ)

ئېگىز پاشنىلىق ئاياق


بىر كۈنى تويغا بارىمەن دەپ،تازا ئون سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋاپتىمەن،ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئوغلۇم:
- ئاپا، ساڭا گېپىم بار
- قېنى دېگىنە نىمە گەپ؟-ئۇ ماڭا قاراپ بېقىپ كۆزى يەتمىدى بولغاي:
- سەن ئاۋال چۈشە،ئاندىن دەيمەن.
(مەن ئۇنىڭغا ئېگىز بىر يەرگە چىقىۋالغاندەك كۆرۈنگەن بولسام كېرەك.شۇنىڭدىن كىيىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كەيسەم،ئايىقىمغا چىقىۋالاي دەيدىغان بولدۇم)

چىرايلىق


ئوغلۇم زۇكامداپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ئوكۇل ئۇرغۇزدۇم،بىر كۈنى كۆرۈمسىزراق بىر سېستىرانى كۆرۈپ:
-بۇ سېستىراغا ئوخشىمايدىكەن،-دەيدۇ.نىمە ئۈچۈنلىگىنى سورىسام -سېستىرا دىگەن چىرايلىق بولىدۇ
-نىمە ئۈچۈن؟
- چىرايلىق بولسا ئەقىللىق بولغان بىلەن ئوخشاش،سەت بولسا دۆت بولغان بىلەن ئوخشاش. (قارىمامدىغان بۇ كىچىك ئەركەكنى)

مۈشۈك تۇغۇش


-ئاپا دوستۇمنىڭ ئاپىسى كىچىك ئۇكا تۇغۇپ بېرىپتۇ،سەن قاچان ماڭا ئۇكا تۇغۇپ بېرىسەن؟
- سەن سەل چوڭ بولغاندا.
-ئۇنداق بولسا ھازىر ماڭا بىر مۈشۈك تۇغۇپ بېرە.
(ۋاي خۇدايىم بۇ نىمە گەپ،تېزراق چۈشەندۈرەي،بولمىسا كەينىدىن ئىت،توشقان،چۆجە دىگەندەك ھايۋانلارنىڭ ئىسمى چىقىپ قالمىسۇن)


مەنبە:ئوغلۇمنىڭ چۈچۈك تىللىرى
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
sarkarda + 50 ئىجادىي تېما
gvzal3.8 + 50 ئىجادىي تېمى ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
2091
يازما
1584
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50544
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-31
توردا
83 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 22:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ....
ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

مەن بەك بەخىتلىك !

UID
2683
يازما
288
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
9740
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 22:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    

يېڭى يۇلتۇز

بەشكەنت

UID
2025
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 00:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ! ئەجەپ ئەقىللىقكىنا بۇ ئوغلىڭىز؟
كۆز تەگمىسۇن، ياخشى تەربىيلەپ، شۇ ئەقلى بىلەن قاتارغا قوشقايسىز.
ئادەم قانچە كۆپ قىزىقسا شۇنچە كۆپ ئوقۇيدۇ، قانچە كۆپ ئوقۇسا شۇنچە كۆپ بىلىدۇ، قانچە كۆپ بىلسە، ياشىمىقى شۇنچە قىيىن بولىدۇ.

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
900
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30142
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 09:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندە ئوغلىڭىزنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىدىن ھوزۇرلاندىم ، بەك يۇمۇرغا باي بالا ئىكەن
  
ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

UID
2980
يازما
87
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1040
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 09:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقچى بولامدۇ نىمە چوڭ بولغاندا ئوغلىڭىز ...
پاشا + سپايە = ساراڭ

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
334
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
11005
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-7
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 12:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ ، ياخشىمۇسىز؟ يۇمۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئۇماق ئوغلىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۇم . ئۇماق قوللىلىرىنى ئوينىتىپ ، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەن قىياپىتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلىۋاتىدۇ . مەن ئۈچۈن پىشانىسىغا سۈيۈپ قۇيۇڭ . بۇنداق يۇمۇرلار تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۇپ بىزگە دايىم خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
159
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
5752
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 14:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانابىلەن ئۇغۇل ئۇتتۇرسىدىكى يۇمۇرلاركەن! بەك تاتتلىق يۇمۇر بۇپتۇ، ئۇغلىىڭىز چوڭ بولسا مۇللا زەيدىن بۇلامىكىن؟

UID
1934
يازما
383
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 15:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاھۇنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ يۇمۇرلىرىنى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ 5 ياشلىق ئوغلىنىڭمۇ بىر نەچچە ئىشى ئېسىمگە كەپقالدى، ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قوياي ھە...

   4 ياش ۋاقىتلىرىدا بىللە كېتىۋىتىپ، ئۇنىڭغا:
_ كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ، ھېلىلا يىقىلىسەن._دېسەم، ئۇ شۇ ھامانلا كۆزىنى بىر قىسما قىلىپ بېقىپ، ماڭا:
_ ئاپا، ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئۆزى قارىغىلى بولمايدىكەنغۇ؟_ دەپ تويغۇزۇپ قويغانتى، شۇنىڭ بۇ تەرىپىدە شۇ گەپنى ئىشلەتمەيمەن
  

يېقىندا بىر سۈننەت تويغا ئاپاردىم، قارىساق سۈننەت تويدىكى بالىنىڭ ئاپىسى قاتتىق ياسىنىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېتىپتۇ، ئوغلۇم قېشىمدا تۇرۇپ:
   _ ئاپا! نېمىشقا ئوغلىنىڭ تويىنى قىلسا، ئاپىسى بۇنداق ياسىنىدۇ؟ _ دەپ سورىغانتى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. سىلەر بولساڭلار قانداق جاۋاب بېرەرسىلەر؟


    يەسلىدە ئىككى يىل تۇرغاچقىمۇ، تولا گەپلەرگە يات تىلنى قوشۇپ قىلىدۇ(مەنغۇ ئۆزۈم ئانا تىلدا سۆزلىگەچ، بالىنىمۇ شۇ تىلدا سۆزلەشكە يېتەكلەيمەن). بىر كۈنى ئوغلۇمغا بىر ئىشنى قىلىشنى بۇيرۇسام، ئوڭدا يېتىۋېلىپ:
    _ 老师说了,自己的事自己干 — دەپ قويۇپ ياتىدۇ. بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈپ شۇنداق تەستە قايىل قىلدىم.
   ئەتىسىلا تالادا ئولتۇرساق، قازاق خوشنىمىز ئوغلۇمغا :
   _ يەسلىگە بېرىۋاتامسىز؟ خەت يېزىشنى ئۆگەندىڭىزمۇ؟ بىر، ئىككى، ئۈچ...نى يازالامسىز؟_ دېسە،
   _ ياق، مەن بىر، ئىككى، ئۈچ...نى يازالمايمەن، مەن پەقەت 一 二 三نى يازالايمەن... _ دېگەنىدى، خوشنىمىز ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتى.
  

   ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكىدىكى ھېلىقى «قېرىنداش» دېگەن ئىتوتتا « ...ھايۋان دېگەن سەن، سېڭكۇ!» دەپ تىللايدىغان يېرى بارغۇ، بۇ بالام شۇنى ئېسىدە ساقلىۋاپتىكەن، ئۆتكەندە بىر ئىشقا ئاچچىقىم كېلىپ:
   _ دۆت! _ دېسەم، شۇ زامانلا قايتۇرۇپ:
   _ دۆت دېگەن سەن! سېڭكۇ! _ دېمەسمۇ، تاس قالدىم ھۇشۇمدىن كەتكىلى ئاچچىقچىلىقتا...
   ئۆتكەندە يەنە بىر خاپا بولسام:
   _ ھېلى بىكار، ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك دەۋېتىمەن جۇمۇ! _ دەپ «قورقۇتتى» راستلا
.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
sarkarda + 50 جانلىق ئىنكا ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

يېڭى يۇلتۇز

ئـــــارمـــــا

UID
2591
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-10 17:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ باللانى ..
كىچىك باللا بىزدىن گەپتان بوپ كېتىپ باردۇ ھازىر ...
مۇھەببەت بۇنداق بولسا ، مەن ئەمدى مۇھەببەتلەش مەي !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش