كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 5

سېنىڭسىزمۇ گۈزەلكەن دۇنيا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50230
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-26
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:43:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
ئەي يىگىت،ئايرىلىشنىڭ دەھشەتلىك ئازابىنى يۈرىكىم ئېتىزلىرىغا رەھىمسىزلەرچە تېرىپ،مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆستۈرگەن ۋاپا-ئەقىدە گۈللىرىمنى خازان ئېتىپ كېتىپ قالغانىدىڭ،كائىنات  دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ،ئۆزۈمنى گويا تاشقىن-قىيانلار ئىچىدە ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك سەزگەنىدىم،مەن ئۈچۈن داۋاملىق ياشاش ھارام بولغاندەك،كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلگەننى،قورسىقىم ئاچقاننى ئۇقمايتتىم،كۆز ياشلىرىم تاشقا ئايلانغاندەك،كۆز چاناقلىرىمنى تىلغاپ،يىرتقان پېتى ئېتىلىپ چىقىپ،باغرۇ-تېنمنى زېدە قىلاتتى،ھىجران ئازابىنىڭ ئۆلگەندىن بەتتەر ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئەنە شۇ چاغلاردا ھەقىقى ھېس قىلىپ يەتتىم،ھۆل تېنىمنى،سوقىۋاتقان يۈرەكنى،ئىسسىق تىنىقلىرىمنى يۈدۈپ يۈرۈپ بۇنچىلىك دەرتنى تارتقاندىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆردۈم،بىراق يەيدىغان رىزىق تۈگىمىگۈچە ئۆلۈممۇ چاڭگىلىنى ئۇدۇل كەلگەن بىرلىرىگە سالمايدىكەن….مەن يەنە ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرسىدا بىچارىلەرچە بوغۇلۇپ ياشىماقتا ئىدىم.ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۆزەمنىڭ دۆت،يارىماس ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىپ يەتتىم،بارا-بارا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى،ھاياتلىق ئەسلىدە گۈزەل ئىكەن،ئۇ-ھاياتلار قولىدا گۈزەل ئىكەن،ھايات كىشىدە بولىدىغان مۇھەببەت –قەدرىنى بىلگەنلەر قوينىدا گۈزەل ئىكەن.شۇ چاغلاردا سارغايغان چىرايىمنى،ئورۇقلاپ كەتكەنلىكتىن، ئولتۇرلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى،ماغدۇرىنى يوقاتقان تېنىمنى كۆرۈپ يۈرىكى ئۆرتەنگەن ئاتا-ئانام،دىل ئازابىمنى ئۇقمىغاچقا،مېنى كېسەل بولغان چېغى دەپ،ئالدىمدا پايپېتەك بولۇپ،ماڭا قلمىغىنى قالمىدى،دوختۇرخانىغا يۈدۈپ دېگۈدەك ئېلىپ بارغۇسى كەلدى،شۇندىلا مەن مېنىڭدەك بىر قىزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان ،ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى بولغان ئاتا-ئانامنىڭ يىللار سوۋغا قىلغان تال-تال قورۇق ۋە داغلار باسقان چىرايىغا زەن سېلىپ قارىدىم،جاپالارغا شاھىد شۇ مۇبارەك چىرايلار –يۈرىكىمنى سەندىن ئايرىلغان چاغدىكىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق مۇجىدى،شۇ چاغدىلا دۇنيادا مەن ئۇلۇغلاشقا،قەدرىنى قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلىرىمنىڭ يىراقتا ئەمەس كۆز ئالدىمدا ئىكەنلىكىنى،دۇنيادا سەندىنمۇ ئۆتە ئەزىزلىرىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم…..                                             
كۈنلەر ئۆتتى،تەبىئەت سېھرلىرىنى كۆردۈم، باشلىرىم ئۈستىگە لەپىلدەپ قونىۋاتقان ئاپئاق قارلارنى چۈشۈرىۋېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،تەبىئەت ئانىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاقلىق،پاكلىق مەندەك بىر قىزنىڭمۇ باشلىرىغا چېچىلماقتا ئىدى،بۇلاردىن مۇزلىغان  يۈرۈكۈمگە ئىللىقلىق يامرىدى، شىرىلداپ ياغقان يامغۇر دەل-دەرەخلەر بىلەن بىللە روھىمنىمۇ يۇيۇپ پاكىزلەۋاتقاندەك ،پۈتۈن بەدىنىم يىپيىنىك بولۇپ قالدى،قار-يامغۇرلاردا غال-غال تىترەپ سېنى ساقلاشتىن ئۆزگە ھېچنىمنى ھېس قىلماي ياشاپ كەلگى  نىمدىن ئېچىندىم،بۇلار ماڭادۇنيادا سېنىڭسىزمۇ يەنە ھوزورلىنىشقا بولىدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن تەبىئىي ئۇلۇغلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى…..                     
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىغ-مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا دەلدەڭشىپ يۈرگەنىدىم،روھىم گويا تەندىن چىىقىپ كەتكەندەك ،كۆزلىرىم نە تونۇشلارنى،نە ناتونۇشلارنى ئىلغا قىلالمايتتى،شۇ تەرىزدە مېڭىپ يولنى توغرىسىغا كەسمەكچى بولدۇم،توختىماي ئۆتىشىۋاتقان ماشىنىلار گويا ماڭا ھاياتلىق سىگنالى بەرمەكچى بولغاندەك، چىقىرىشىپ ماڭاتتى،قۇيۇندەك كەلگەن بىر ماشىنا مېنى سۈپۈرۈپ ئۆتۈشكە دەقىق قالغان شۇ پەيتتە ناتونۇش بىر كىشى ئەزىز جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ،مېنى تارتقىنىچە يول چېتىگە دومىلىدى،ئۇ گەرچە يارىلىنىپ،ئاغرىق دەستىدىن ئۆڭى ئۆچكەن بولسىمۇ،شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ بىر جاننى قۇتۇلدۇرۇپ قالالىغىنىدىن يەنىلا پەخىرلىك ئىدى،كۆپ قېتىم ئۆلۈمنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ،ئۆلۈم پۇرىقى ماڭا يېقىنلاپ كىەلگەن شۇ پەيىتتە مەن قورىققىنىمدىن دەھشەتلىك ۋارقىرىۋېتىپتىمەن…..مېنى قۇتقۇزغۇچى ھېلىقى ناتونۇش كىشىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ۋە قولى بىلەن مۈرەمنى بىر نەچچىنى يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالغىنىدىن ،كۆز چاناقلىرىم لىققىدە ياشقا تولغان ھالدا ،ئالەمچە تەسەللىگە ئېرىشكەندەك بولدۇم،ئۆلۈم ماڭا تېخىمۇ قورقۇنچلىق،ھاياتلىق بولسا قايتىدىن گۈزەل بىلىنىشكە باشلىدى.بۇلاردىن بىلدىمكى دۇنيادا ياخشىلار يەنىلا كۆپكەن ،شۇنداق ياخشىلار ياشىغاچقا ،دۇنيا گۈزەل،ھاياتلىق شېرىن تۈس ئالىدىكەن،ۋە يەنە شۇلارنى ھېس قىلدىمكى،سېنىڭسىزمۇ ،ئەتراپىمدا ساناقسىز كىشىلەر ماڭا ياشاشنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلۈك ئىكەنلىكىنى تونىتالايدىكەن……                     
دۇنيا ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن ،مۇشۇنداق گۈزەل دۇنيا قوينىدا بىر قىسىم كۆڭىلسىزلىكلەر،بەخىتسىزلىكلەر يۈز بېرىشكە ھەقلىق ئىكەن،چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئىنسان ھاياتلىقنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەن،ھاياتلىققا تويماي ئۆتىدىكەن…            
سەندىن ئايرىلىپ ،بارچە مەۋجۇدات مۆھتاج بولغان شۇ مۇھەببەتنىڭ تاتلىقى ھەم ئاچچىقىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يەتتىم،مۇھەببەتنىڭ ئاچچىقىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ئاسانلىقچە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان سۆيۈملۈك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم،ھاياتلىقنىڭ قەدرىگە ھەقىقىي يېتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.گەرچە تۇرمۇش قايناملىرىدا ئەمدىكى يولىمىز ئىككى قىرغاقتا بولسىمۇ ،ساڭا ھەم بەخت تىلەيمەن ،چۈنكى ھاياتلىق ھەم سەمىمىي تىلەكلەر،كەڭرى كۆڭۈللەر بىلەن گۈزەلدۇر،شۇنداقلا ئۆزەمگە ھەم بەخت ئىزدىمەكچىمەن،سېنىڭسىزمۇ گۈزەل بۇ دۇنيادا مەن ئەمدى ھەقىقىي ئادەمدەك ياشايمەن!!!                              


    مەنبە-ئۆز قەلىمىم.2012-يىلى 1-ئايدا يېزىلدى.



ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50117
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-24
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 10:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم غەيرەتلىك بۇلۇڭ ،ھىسىياتىڭىزنى چۇشىنىمەن.چۇنكى ئەينى چاغدا مەنمۇ  سىزدەك قىسمەتكە يۇلۇققان.دۇنيا ھەقىقەتەن گۇزەل .ئۇنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى تېخى ئالدىڭىزدا كۇرۇپ قالىسىز.سىز دۇنياغا كۇلۇپ بېقىڭ.دۇنيامۇ سىزگە ئۇنچىلىك رەيىمسىزمۇ كۇرۇنمەيدۇ.ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بىرىشنى،ئۇمۇتۋار بۇلۇشنى ،كەڭ قورساق بۇلۇشنى ئۇگۇنۇڭ.شەپقەتچىمىز ھەرگىزمۇ بىز كۇتۇرەلمىگۇدەك ئازابنى سالمايدۇ .

UID
37509
يازما
226
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
226
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 14:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئوخشايدۇ دەپ كىرىپ، بېشىنى ئوقۇپلا ئايىغىنى ئوقۇمىدىم. بەكلا ھەسرەتلىك، ئاخىرى دەبدەبىلىك چېغى... بىر ئادەمگە ئۇنچىۋالا قىلىپ كېتىش ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاھ ئەمەس! ئەرزىمىگەچكە مانا ئاخىر ‹‹سېنىڭسىزمۇ گۈزەلكەن دۇنيا›› دەپسىزغۇ ئەنە.  سىزنى ئازابلىغان ئادەمگە ئاھ ئۇرۇش ئەرزىمدۇ؟؟ قېرىپ ياش بىر يەرگە بارغاندا، مۇشۇ كۈنلەرنى ئويلاپ ‹‹ئارتۇقچە ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈپتىمەن›› دەپ قالىسىز. دۇنيادا ئۇنىڭدىنىمۇ مۇھىم ئادەم بار، بۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم لەززەتلىك ئىش بار...

باھا سۆز

bargiya  ياشلىق رومانتىكلىق ھە!  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 18:57:26

UID
49187
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 17:55:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا. قېرىندىشىم توماندىن قۇتۇلغان بولسېڭىز ياخشى بوپتۇ.غەيرەت قىلىڭ بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ.

UID
17664
يازما
203
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
773
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 02:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر بىر كۈنى،

UID
46747
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن دۇنياغا كۈلۈپ باقساڭ ، دۇنيامۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ. ‹‹ ئىلىخو خاتىرىسىدىن ››

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش