تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 5

پارىخور [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 22:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىخور

قاراخان

ھوقۇق ساڭا ئەل بەرگەن تون  ئامانەت،
قىلما ئاڭا خۇپىيانە  خىيانەت.
ھالال- ھارام ئېڭى بولسۇن يولۇڭدا،
سەندە يوقمۇ ئىنساپ،شۈكۈر قانائەت.

تۇغۇلغاندا كەنجى ئوغلۇم ئەزىمەت،
نوپۇس ئۈچۈن قىپتۇ شۇنچە خوشامەت.
چوڭ بولغاندا ئەسكەر بولاي دىسە ھەم،
سەكسەن مىڭ سوم پارا يەپتۇ بەدنىيەت.

مەمۇر بولۇش ئۈچۈن قىزىم ھۆرىيەت،
سىناق بەرسە كۈتۈپ ئۇزۇن ئۆچۈرەت.
نەزىريەدىن ئۆتسە،ئوچۇق ئۆتكەلدە،
پارا بەرمەي ،ئۆزگىرىپتۇ  ‹‹ۋەزىيەت››.

ئوقۇش تاشلاپ قاچتى كېلىن خاسىيەت،
ئۆي تۇتقانغا داد دىدىغۇ نەچچە رەت.
شىركەت ،زاۋۇت،كاندا ئىشلەي دىسە ئۇ،
دەپتۇ باشلىق قويدىن بىرنى سويىۋەت.

كۈيوغلىمىز  تاپسا تەستە بىر خىزمەت،
دەپتۇ باشلىق ماشىنامنى سۈرتىۋەت.
قىرغاۋۇل ھەم بۆكەن بولسا بىر يەردە،
ئاخشاملىققا قوتانغىلا سولىۋەت.

يىغلاپ كەلدى بىر كۈن نەۋرەم ئادالەت،
دىدى بىزنىڭ باشلىق ئىكەن قاباھەت .
ماڭا كاتىپ ،ھەمرا بولساڭ دەيدۇ-ئۇ،
قىلاي سېنى چەتتە ھەقسىز ساياھەت.

قاقشاپ كەلدى كەنجى نەۋرەم  ھىدايەت،
خىزمەت قىلماي قىلاي بولدى تىجارەت.
ھېيت-بايرام يوقلىمىغاچ باشلىقنى،
دىدى مېنى يىغىندىلا ھاماقەت.

نىمە بولدى قانۇن- تۈزۈم، سىياسەت،
پارا ئېلىش-بېرىش تۇرسا جىنايەت.
ھەتتا پارا تونۇشتۇرغان دەللىمۇ،
گۇناھكاردۇر  دىگەن تۇرسا شەرئىەت.

پارىخورنى قىلىپ قۇرۇق نازارەت،
ئېغىز-بۇرۇن يالاشقانلار نىجاسەت.
نەپسى ئۈچۈن قۇچقاچ بېرىپ غاز ئالساق،
بولۇر ئەلدە ،بوسۇغاڭدا  قىيامەت.

كىشى ھەققى قىلار دىلنى مالامەت،
ھالال ئىشلەپ يىمىگەن نان ئاھانەت.
ئادەمسىياق چوشقىمۇ سەن پارىخور،
يەمخورلۇقۈڭ بوغار سېنى  ئاقىۋەت!

2012-يىلى 29-نويابىر



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-1 23:35):
مەنبەسى:ئىجادىم...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2326
يازما
32
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
1252
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 20:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شىئېركەن رەخمەت سىزگە بولسا پارىخورلار تۈگۈسە بۇلاتتى

UID
50359
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ قاراشتا!

UID
50117
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گال بۇلىدىكەن پارانىڭ يوقىشى تەس گەپ جۇمۇ،،،،،،،،،،،

UID
17664
يازما
194
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
764
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 14 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، بۇ شىئىر؟

UID
50366
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ قاراشتا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش