كۆرۈش: 1640|ئىنكاس: 9

قىسقا تەرجىمە ھىكايىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
419
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
16049
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 19:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك

( 1)
تىلەمچى قىز

 


بىر كۈنى كىچىك بىر قىز كوچىنىڭ بىربۇلىڭىدا ئولتۇراتتى،يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەك ھەممە نەرسە ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر ئىدى.
ئۇچىسىدا يىرتىق،كونا كۆينەك بار ئىدى،يۈز- ۋە كۆزلىرى شۇنچە پەرىشان ئىدى.
شۇ ئەسنادا يول تەرەپتىن ياش ۋە تىتىك بىر ئەر كەلدى،قىزنى كۆردىيۇ ئەمما كۆرمەسكە سېلىپ يوغان -يوغان چامداپ مېڭىپ كەتتى. چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئكيىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۆيدە ئۇنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ئېسىل داستىخان راستلاپ كۈتۈپ تۇرىشىۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خىيالىغا تىلەمچى قىز كىلىۋالدى،ئىچ- ئىچىدىن بىئارام بولدى،بىر نەرسە ئۇنى ئەيىپلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەينىگە ياندى.ئەمما ئىچىدە شۇنداق دەپ غودورىدى :" ئاللاھىم مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە نىمىشقا يول قويىسەن،ئۇ قىزغا ياردەم قىلىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟"
شۇ ھامان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن شۇنداق بىر سادانى ئاڭلىدى:
" مەن قىلدىم، يەنە سېنى ياراتتىم !".


(2)
نان

ئۇزۇن يىل بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن ياشانغان بىر جۈپ توي قىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى ،بىر كۈنى ناشتىدا ئايال ئۆز- ئۆزىگە:
"ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېرىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم ،ناننىڭ يۇمشاق چۆرىسىنى ئۇنىڭغا بېرىپ كەلدىم،بۈگۈن بولسىمۇ بۇنى ئۆزۈم يەي"دەپ يولدىشىغا ناننىڭ ئوتتۇرىسىنى بېرىپتۇيۇ ئىچىدە شۇنداق قورقۇپتۇ.
ئىرى ئۇنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە ئايالىنىڭ قولىغا سۆيۈپ شۇنداق دەپتۇكى :
-سۆيۈملۈكۈن بۈگۈن مېنى ئەڭ خوشال قىلدىڭ،50 يىلدىن بۇيان ناننىڭ ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوتتۇرىسىنى يىيەلمەي كەلگەن ئىدىم،چۈنكى سەن دائىم ئوتتۇرسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرگەچكە ئامالسىز ساڭا ئۆتۈنۈپ كەلگەنىدىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 15:15  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 50 بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
1934
يازما
386
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 19:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلەك سىڭلىم، تەرجىمە تېمىلىرىڭىزغا شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي تېمىلىرىڭىزغا بىز دائىم تەشنا جۇما... ئۇنتۇپ قالماي يوللاپ تۇرارسىز.

باھا سۆز

yultuz0903  راس دەيسىز نادېرلاشقا تىگىشلىك يازمىكەن بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:41:49
ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

مىڭ بېشى

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
517
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
17627
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 21:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئاز ھەم ساز ھېكايىلەركەن، خۇددى شېئىردەكلا، ھېكايىلەر قىسقا بولغىنى بىلەن ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەمنى خېلى چوڭقۇر ئويلارغا سالىدىكەن، مۇشۇنداق تېمىلارنى نېمىشقا نادىرلىمايمىز؟
مەزمۇن شەكىلدىن مۇھىم- دە ئەلۋەتتە!

http://bidar.blogbus.com

UID
1931
يازما
723
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
27928
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 22:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(مەلەك)دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپلا‹‹بۇ جىن چوقۇم ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك بىرنەرسىلەرنى يوللىدى››دەپ ئويلىۋىدىم....رەھمەت گۈلۈم!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
601
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19809
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-8 22:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ھەپتە بولدى،ما ئەلكۈيى ئېچىلماي...بىر ئېچىلدى،مەلەكنىڭ تېتىملىقىنى تېتىدۇق مانا! [s:2]

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

UID
2091
يازما
1566
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50520
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 01:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ..... گۈلۈم ..

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
332
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
11003
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-13
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 01:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلەك سېڭلىم يىقىملىق ھىكايىلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندۇرغىنىڭزغا رەھمەت . يەنىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ .

UID
1381
يازما
499
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 11:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنىچى ھىكايىدىكى ئىشلارغا ئادەم داۋاملىق يولۇقۇپ تۇرىدۇ-ھە ، ئادەم يا كۈلۈشىنى يا يىغلىشىنى ئۇقالماي قالىدۇ بۇنداق ئەھۋالدا.

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

كۆيۈمچان ئەزا

قاسىمجان

UID
3013
يازما
83
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3090
تىزىملاتقان
2010-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-9 19:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز جۇما ياشاڭ گۈلۈم ياشاڭ قۇلىڭزغا دەرت كەلمىسۇن

UID
52309
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 04:11:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلەك قىز مىرانىمدىكى مەلەكمۇ شۇمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش