تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 2

ناۋايى تىلىدا سۆزلەيمەن مەغرۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49098
يازما
27
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-27 23:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋايى تىلىدا سۆزلەيمەن مەغرۇر

قاراخان

ئوتتۇز ئىككى ھەرپ گويا ئوتتۇز ئىككى چىشىمدۇر،
ئۇنىڭ بىلەن يېشىپ كەلدىم  تالاي چىگىچ ،تۈگۈننى.
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ گويا تومۇز، ئاياز- قىشىمدۇر،
گاھى يىغلاپ،گاھى كۈلۈپ كۆرۇۋالدىم ئۆزۈمنى.

ئەل كۆزى ياق كۆڭلىگە ياقتى‹‹ پىر››نىڭ  ‹‹خەمسە››سى،
روھى شۇڭا كۆكتە قانات  قاقتى شۇڭقار قۇش بولۇپ.
سۈندى بەلكى قانچە تىلنىڭ پارىس تىلدەك ھەيۋىسى،
ئۆز تىلىدا‹‹ لەيلى- مەجنۇن›› پىچىرلىدى خۇش بولۇپ.

كالىندارمۇ  ‹‹ناۋايىنىڭ يىلى ›› بۇ دەپ توۋلىدى،
چاغاتايغا پۈتۈك پۈتتى تەكلىماكان روھلۇنۇپ.
تاڭدا چىققان ئەزان بىلەن كۆكبۆرە تەڭ ھۇۋلىدى،
مۇقام،مەشرەپ ،ھېيت-بايرام چىقتى قايتا رۇسلۇنۇپ.

نەشىر ئەپكار،ئۇچۇر ھېكمەت تاپتى ئۆلمەس تىلىنى،
يايراپ كەتتى ئانا تىلدىن گۆردە ياتقان ‹‹قەلەندەر››.
تاپالمىدى بۇ تىلىمنىڭ ‹‹نېمىس››لارمۇ خىلىنى،
دېھقان ‹‹روزى سايىت›› دىدى  ئانا تىلىم گۆھەر-زەر.

ئۆز تىلىمدا جېنىم چىقسۇن  ئەجەل سۆرەپ كەتسىمۇ،
چۈنكى ئۇنىڭ دىل ھوزۇرى،مۇڭ غورۇرى باشقىچە.
ئۆزگە تىلدا بېشىم كۆپكە ،ھەتتا كۆككە يەتسىمۇ،
ئۆز تىلىمغا پاسىبانمەن غايەم ئىشقا ئاشقىچە.



ئانا تىلدا ئوڭغا تارتتى ئۇلۇغ تۇرك كەچمىشى ،

يوللىرىغا چىراق يېقىپ ،ئىككى مەۋلان، ئاتايى.

ئانا تىل دەپ ئىسيان قىلغان ناۋايىنىڭ قىلمىشى،

بەش يۈز يەتمىش يىلدىن كېيىن قىلىندىغۇ‹‹سازايى››.





ھىندى ،ئەرەپ ،پارىس،تۇرك ئەزەربەيجان داڭلىغان ،

ئوتتۇز ئىككى تاۋۇشۇم بار  كۆكتە يانغان يۇلتۇزدەك.

ۋەھى ،سەھى ھەدىسلەرنى ئۆرۈپ بەرسە  ئاڭلىغان،

يېقىملىق شۇ ئۇز تىلىمنىڭ  ھارارىتى  تومۇزدەك.





بۇ دۈنيادا تىلسىز ئۆتمەك چارىپايغا پۈتۈلگەن،

بۇرنىغا سىم چۈلۈك سېلىپ قويسىمۇ يا مۆرىمەس.

ئانا تىلنىڭ تارىخىدا ئازمۇ  قىسمەت ئۆتۈلگەن،

ئەندى يەنە بۇ قىيامەت  بېشىمىزدا كۆرۈلمەس.





مەيلى تاپقا چۈشەي ياكى چىقاي تاپتىن  تىلىمدا،

ئانا تىلنىڭ چىرىغىنى پەرلىگىنىم پەرلىگەن.

مەيلى تىلىم قىسقا ياكى ئۈزۈن بولسۇن يولۇمدا،

ناۋايىغا كەتمەن چېپىپ تەرلىگىنىم تەرلىگەن.





2012-يىلى 12-نويابىر





تولۇقلىما مەزمۇن (2012-11-28 15:31):
بۇ تىل بىلەن ئۆتكۈر،لوتۇن ،ئېركى،ئۇيغۇر يايرىغان،
بىرى خەنجەر،بىرى ئوقيا ،بىرى بۇلبۇلناز  بولۇپ.
بۇ تىل بىلەن سادىر،نۇزۇك ،ئاماننىسا سايرىغان ،
بىرى زاۋال ،بىرى تاڭنىڭ قوينىدا پەرۋاز قۇچۇپ

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-1 23:36):
مەنبەسى:ئىجادىم...

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50085
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-11-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-6
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەب ياخشى چىقىپتۇ  ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى   !!!!!!!!!!

UID
17664
يازما
194
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
764
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 13 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،    قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش