تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4123|ئىنكاس: 18

ئادەمنىڭ تۆت خوتۇنى بولىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
36563
يازما
12
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 13:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادەمنىڭ تۆت خوتۇنى بولىدۇ

بىر باينىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن. ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭغا ئېسىل كىيىم – كېچەك، ئەڭ ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن. ئۇنى بەك ئاسرايدىكەن، ھەمىشە ئەڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭغا بېرىدىكەن.
ئۇ ئۈچىنچى خوتۇنىنىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى دوست – يارانلىرىنىڭ ئالدىدا كۆز – كۆز قىلىدىكەن. بىراق ئۇ بۇ خوتۇنىنىڭ باشقا ئەر بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئىككىنچى خوتۇنى شۇنداق كۆيۈمچان، سەۋىرچان بولۇپ، ئۇنىڭ سىردىشى ئىكەن. بۇ باي قانداقلا ۋاقىتتا بىرەر ئىشقا يولۇقسۇن، ھەمىشە ئىككىنچى خوتۇنىنى ئىزدەيدىكەن، بۇ خوتۇنى ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىشىگە ياردەم قىلىدىكەن.
باينىڭ بىرىنچى خوتۇنى ئۇنىڭ ئىنتايىن سادىق ھەمراھى ئىكەن، باينىڭ مال – مۈلكى ۋە سودىسىغا قاراش، ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا زور تۆھپە قوشقان ئىكەن، بىراق بۇ خوتۇنى باينى شۇنداق ياخشى كۆرسىمۇ، باي ئۇنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن.
بىر كۈنى باي ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي باي ئۆزىنىڭ ئۇ ئالەمگە كېتىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ راغەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى ئويلاپ، ئۆز – ئۆزىگە: ھازىرغۇ يېنىمدا تۆت خوتۇنۇم بار، بىراق ئۆلسەم يالغۇز كېتىمەن، مەن نېمە دېگەن بىچارە ! – دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن باي تۆتىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن سېنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، ساڭا ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم، ساڭا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلدىم، مەن ھازىر ئۆلەي دەپ قالدىم، سەن مەن بىلەن بىللە كېتىشنى خالامسەن؟ «مۇمكىن ئەمەس!» تۆتىنچى خوتۇنى شۇنداق دىگىنىچە، ئارقسىغىمۇ قارىماي چىقىپ كېتىپتۇ.
ئۇنىڭ جاۋابىدىن باينىڭ يۈرىگى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كېتىپتۇ. ئازاپلانغان باي ئۈچىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن بۇ ئۆمرىمدە سېنى شۇنداق قەدىرلىدىم، ھازىر ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن، مەن بىلەن بىللە كېتىپ، ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالامسەن؟ «ياق!، بۇ يەر تۇرمۇش شۇنداق گۈزەل تۇرسا، سەن ئۆلگەندىن كېيىن مەن يەنە قايتا توي قىلىمەن!» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۈچىنچى خوتۇنى. بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ باينىڭ يۈرىگى مۇزلاپ كېتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن ھەمىشە سېنىڭدىن ياردەم سوراپ تۇردۇم، سەنمۇ ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ھازىر يەنە ساڭا ئېھتىياجىم چۈشتى، مەن ئۆلگەندىن كېيىن سەن مەن بىلەن بىللە كېتىپ، ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالامسەن؟ «كەچۇرۇڭ، بۇ قېتىم سىزگە ياردەم قىلالمايدىغان بولدۇم، مەن پەقەت سىزنى قەۋىرىستانلىققىچە ئۇزىتىپ قولايمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىككىنچى خوتۇنى. بۇ جاۋاپ ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك بايغا قاتتىق زەربە بوپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا « مەن ساڭا ھەمراھ بولىمەن، مەيلى سەن نەگە بار، مەن ساڭا ئەگىشىپ بارىمەن» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. باي بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، بىرىنچى ئايالى ئىكەن. ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئۇزاققىچە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندەك كۆرىنەتتى. باي قاتتىق ئازاپلالنغان ھالدا: مەن ئەسلىدە ساڭا ياخشىراق قارىشىم كېرەك ئىدى – دەپتۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ تۆت خوتۇن بار:
A.        تۆتىنچى خوتۇن – بىزنىڭ بەدىنىمىز. مەيلى قانچىلىق ۋاقىت ۋە زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلىساقمۇ، بىز ئۆلگەندە ئۇ بىزدىن ئايرىلىدۇ.
B.        ئۈچىنچى خوتۇن – بىزنىڭ ئورنىمىز ۋە بايلىقىمىز. بىز ئۆلسەك، ئۇلار باشقىلارغا تەۋە بولىدۇ.
C.        ئىككىنچى خوتۇن – بىزنىڭ ئائىلىدىكىلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز. بىز ھايات چاغدا ئۇلار بىلەن قانداق يېقىن ئۆتكەن بولايلى، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بىزگە ئەگىشىپ قەۋىرىستانلىققىچە بارالايدۇ.
D.        بىرىنچى خوتۇن – ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ روھىمىز. بىز ماددى نەرسىلەرنى قوغلاشقاندا، بايلىق ۋە بەدەندىن ھوزۇرلانغاندا، ھەمىشە ئۇنىڭغا سەل قارايمىز.
  سىز بۇنى ئويلاپ باققانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بىز نەگىلا بارايلى، بىزگە بىردىنبىر ھەمراھ بولىدىغىنى بىزنىڭ روھىمىز. شۇڭا بىز روھىمىزنى كۆپرەك يېتىلدۈرىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۆلۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىپ، ئاھ ئۇرماسلىقىمىز كېرەك.
«تەرمىلەر» نىڭ 2004 – يىللىق سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
48973
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى خارەكتىرى كۈچلىك تېمىكەن..........كىشىلىك پەزىلەتنى روھىمىزغا سىڭدۈرگەندە، ئىلىم بىلەن روھىمىزنى تولۇقلىغاندا ئاندىن مىللەتنىڭ روھىنى تىرىلدۈرەلەيمىز.....

UID
38665
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆت خوتون دېگەن گەپ سەللەللاھۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىگە چېتىلىدىغان گەپ. قالايمىقان بى يومور قىماڭ!

باھا سۆز

koygandengiz  نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ؟! تېما نەدە سىز نەدە ؟!  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
49108
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى قىممىتى بار تېمىكەن .

UID
47591
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-1
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن، بىلىۋالدىم ، ئاپتورنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر !

UID
49752
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرگىزمۇ ئۆلۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىپ، ئاھ ئۇرماسلىقىمىز كېرەك.
كەچۈرۈڭ! تىمىڭىز بەك ياخشى ئىكەن .لىكىن بۇ جۇملىڭىز ئەسەرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.
سىز ئۆلۈپ باققانمۇ؟
ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغىنىڭىزنى بىر كۈن ئاۋۋال بىلسىڭىز؟ئازاپلانمامسىز؟
ھەرقانداق ئادەم ئازاپلىنىپ ئاھ ئۇرۇدۇ.چۈنكى بۇ ئالەمدە ئۇنۇڭ ئەسلىمىللرى ۋە زامانداش-قىرىنداشلىرى بار.
ماددىي ۋە مەنىۋىي مەئىشەتكە تويۇنغان كىشىمۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئازاپلىنىدۇ.
مەسىلەن سىز بىر تىلفۇننى 2يىل ئىشلىتىپ ،تىلفۇن بۇزۇلغاندىن كىيىن ئىچىڭىز ئىچىشىپ نەچچە يىل ئىشلەتكەن تىلفۇنىڭىزغا كۆزىڭىز قىيماسلىقى مومكىن.چۈنكى سىز ئۇنى نەچچە يىل ئىشلەتتىڭىزدە.
بۇنۇڭغا نىسبەتەن ئادەم بىر ئۆمۈر ئىشلىتىدىغان تىنىگەمىھرى باردە.تۇغۇلۇپ ياشاپ ئەمدى ئۆلىسەن دىگەن چاغدا كىم ئازاپلانماي تۇرالايدۇ.لوقمان ھىكىممۇ خىلى ئۇزۇن ياشاپ تويماي ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن يۈزنى ياساپ ئەزرائىلنى ئالدىماقچى بوپتىكەن.بىزدىگەن ئىنساندە.

باھا سۆز

koygandengiz  بۇ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەركەن ........  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
yvsvpjan  ‹‹ئۆلۈمدىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق!››.... ___ نەۋائى  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
859
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34816
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياقتۇردۇم. ئىپادىلەنگەن مەزمۇنى تەسىر قىلدى ماڭا.

UID
49137
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ھەققەتەن ياخشكەن . رەھمەت...

UID
50114
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ ئەسەرنى دىنسىز بىرسى يازغان.

UID
8922
يازما
101
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2231
تىزىملاتقان
2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرتلەرگە داۋابارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش